كولۇمبۇ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


Christopher ColumbusChristopher Columbus
كولۇمبۇ 1451-يىلى ئىتالىيىدىكى بىر توقۇمچىلىق ئىشچىسىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋىرىدە دېڭىزچىلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقى، ئەنگلىيە، ئافرىقىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى گۋىنىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇ يەر شارىنىڭ دۈگىلەكلىكىگە ئىشەنگەن. شۇڭا ياۋروپادىن يولغا چىقىپ غەرپكە قاراپ مېڭىپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىندىستانغا بارىدىغان يېڭى دېڭىز يولىنى ئېچىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنداق تەشەببۇس شۇ چاغدىكى ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرىنىڭ چەتكە كېڭىيىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان.
كولۇمبۇ قىسقا ۋاقىت تەييارلىق كۆرگەندىن كېيىن، 1492-يىلى 8-ئايدا، 90 نەپەر دېڭىزچىنى باشلاپ، 3 كونا يەلكەنلىك كېمە بىلەن ئىسپانىيىدىن يولغا چىققان. بۇ 3 كونا ياغاچ كېمە پايانسىز چوڭ ئوكيانغا كىرىش بىلەنلا، دەھشەتلىك بوران چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلگەن. كولۇمبۇ دېڭىزچىلارنى باشلاپ باتۇرلۇق بىلەن بوران-دولقۇنغا قارشى كۈرەش قىلغان. كىچىك ياغاچ كېمە دەھشەتلىك بوران-دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر كېمە چۆكۈپ كەتكەن، لېكىن ئۇلار يەنىلا داۋاملىق ئىلگىرلىگەن. بىر ئاي يۈرگەن بولسىمۇ، بىپايان دېڭىزنىڭ چېتىگە يېتىپ بارالمىغان. بۇ چاغدا كېمىگە سۇ كىرىپ كەتكەن. ئاچارچىلىق، ھارغىنلىق، سوغاق ۋە كېسەللىك بىرلىكتە ئۇلارغا تەھدىت سالغان. كولۇمبۇ كېمىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئۈزلۈكسىز ھالدا: «پەقەت بىز ئۈمىد قىلىۋاتقان چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئەستە چىڭ تۇتقانلا بولساق، بوران-دولقۇن ئۈستىدىن جەزمەن غەلبە قىلالايمىز» دەپ ۋارقىراپ تۇرغان.
1492-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇلار كىشىنى چۆچىتىدىغان دېڭىز ساياھىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان. ئۇلار كۈزىتىش پەشتىقىدىكى دېڭىزچىنىڭ «قۇرۇقلۇق» دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغان چاغدا، نەقەدەر ھاياجانلانغان-ھە! ئۇلار شۇ چاغدا، بۇ كىچىك ئارالنى ھىندىستان دەپ ئويلىغان، شۇڭا بۇ يەردىكى كىشىلەرنى «ھىندىلار» دەپ ئاتىغان. ئۇلار بۇ كىچىك ئارالنىڭ ھازىرقى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى باخاما تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى سېن-سالۋادور ئارىلى ئىكەنلىكىنى، ھىندىستان بىلەن جۇڭگوغا بېرىش ئۈچۈن يەنە ئون مىڭ لىلاپ يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئويلاپ باقمىغان. ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ تېپىلىشى دۇنيا دېڭىزچىلىق تارىخىدىكى مىسلىسىز ئىجادىيەت. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دېڭىزچىلىق ئىشلىرى، سودا ۋە سانائەتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ راۋاجلاندۇرغان. كولۇمبۇنىڭ نامىمۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تارىخ سەھىپىسىگە كىرگەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 476 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-28