گرىن


GalenGalen
گرىن (216ياكى200-129) مەشھۇر تىببى ئالىم، ئۇ ئۆز ئۆمرىدە 78 پارچە كىتاپ، 14 پارچە ئىلمىي ماقالە يازغان. بۇ كىتاپلارنىڭ 9 پارچىسى ئاناتومىيە ھەققىدە، 17 پارچىسى فىزىئولوگىيە ھەققىدە، 6 پارچىسى پاتالوگىيە ھەققىدە، 16پارچىسى داۋالاش ئىلمى ھەققىدە، 30 پارچىسى دورىگەرلىك ھەققىدە يېزىلغان. 
گرىن يۇناندىكى پېرگامون (ئەسلىدىكى كىچىك ئاسىيانىڭ بىر كىچىك شەھىرىدە) دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ناھايىتى ئۇقۇمۇشلۇق بىر گرىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىناكارلىق ئۇستىسى ئىدى. كىچىك گرىننىڭ مىجەزى دادىسىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان، ئۇنىڭ بىلىمنىڭ ھەممىسىنى دادىسى ئۆگەتكەن. بەختكە قارشى، گرىن 12 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ تەرەپ-تەرەپكە ساياھەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ سىمىرناغا بارغان، ئىسكەندىرىيىدە تىببى ئىلىمنى ۋە ئاناتومىيىنى ئۆگەنگەن. گرىن ئوقۇشتا ئىنتايىن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەچكە ئۇنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى زور بولغان. 28 يېشىدا يۇرتىغا قايتىپ، تىبابەتچىلىك ئىشىنى باشلىغان. ئۇنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، شۇ چاغدا ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەن. ئۇ نۇرغۇن نەزىرىيىۋى بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، مول ئەمەلىي تەجرىبىگىمۇ ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۇ رىمغا كۆچۈپ بارغان.
شۇ چاغدا رىمدا ئودېم دېگەن بىر ئادەم بىر خىل ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان، ئەمما گرىن ئۇنى داۋالاپ ساقايتقان. يەنە بىر قېتىم، بىر ئاغىچا خېنىم قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، ئەتراپتىكى دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى داۋالاشقا ئىلاج قىلالمىغان ئەھۋالدا، گرىن ئۇنى داۋالاپ ساقايتقان. ھېلىقى ئاغىچا خېنىم ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئىككى مىڭ سەر ئالتۇن تەقدىم قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن گرىننىڭ داڭقى چىقىپ كەتكەن. رىم خان ئوردىسىمۇ تىبابەتچىلىك ساھەسىدىن بۇنداق كارامەت بىر ئادەمنىڭ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. دەل شۇ چاغدا، پادىشاھ مائېو ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، گرىننى چاقىرتىپتۇ، گرىن پادىشاھنىڭ كېسىلىنى ساقايتىپ، ناھايىتى زور ئىشەنچكە ئىگە بوپتۇ، بىر قېتىم، مائېو يىراق بىر يەرگە سەپەرگە چىققاندا، ئوغلىنى گرىننىڭ قاراپ بېرىشىگە تاپشۇرۇپتۇ.
گرىننىڭ داڭقى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بەزى دوختۇرلار ئىچى تارلىق قىلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، تىبابەتچىلىكنى توختىماي تەتقىق قىلىۋەرگەن. شۇ چاغدا، ئۇ ئۆلۈكنىڭ ئىچ-باغرىنى يېرىپ، ئادەمنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى بىلىپ باقماقچى بولغان، لېكىن ئۇ چاغدىكى قانۇن جەسەتنى يېرىشقا رۇخسەت قىلمايتتى. كېيىن، ئۇ ئادەمنىڭ مايمۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، مايمۇننى تۇتۇپ ئىچ باغرىنى يېرىپ كۆرگەن. مايمۇننىڭ ئىچ-باغرىنى يېرىپ كۆرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سۆڭەكلەرنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشى ۋە تۈزۈلۈشىنى تەپسىلى بىلگەن. بۇلجۇڭ گۆش بىلەن نېرۋا توغرىسىدىمۇ ئېنىق بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۇ: «سەزگۈ نېرۋىلىرى چوڭ مېڭىدىن باشلىنىدۇ. ھەرىكەت نېرۋىلىرى بولسا يۇلۇندىن باشلىنىدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. ئۇ نەپەس ئېلىشنىڭ ۋە تومۇر سوقۇشنىڭ مېخانىك رولىنى چوڭ مىڭە، يۇلۇن، بۆرەكنىڭ ۋە كۆكرەكتىكى، قوساقتىكى ئەزالارنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنىمۇ بىر قەدەر چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. لېكىن گرىن ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كېتىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قارىتا تەنقىد بېرىشىگە يول قويمىغان، نەتىجىدە ئۇنىڭ بەزى خاتا پەرەزلىرى تولۇق ئاساسى بولمىغان نەزىرىيىلىرى ۋاقتىدا تۈزىتىلمىگەن. مەسىلەن، ئۇ، قانداق «خاسىيەتلىك يەل» بولىدۇ، 27 خىل تومۇر سوقۇش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە دولقۇنسىمان تۆمۈر، چۈمۈلىسىمان تۆمۈر ۋەھاكازىلار بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە قان جىگەردىن پەيدا بولۇپ، كۆك تومۇردا ساقلىنىدۇ، ئايلىنىپ ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىغا كىرگەندىن كېيىن، قېرىنچىغا سىڭىپ سول يۈرەك قېرىنچىسىغا كىرىدۇ، پۈتۈن بەدەننى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، بەدەندە پۈتۈنلەي سەرپ بولۇپ تۈگەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. بۇ خاتا قاراشلار بىر مىڭ 400 يىل داۋام قىلغان. ئۇنىڭدا مۇشۇنچىۋالا خاتا چۈشەنچىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاناتومىيە ۋە فىزىئولوگىيىگە يەنىلا ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىدا يازغان تىببى ئىلىمگە ئائىت ئەسەرلىرى 125 تومدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگىنى 30 تومغا يېتىدۇ. ئۇنى راستىنلا قەدىمقى ياۋروپا بويىچە تىببى ئىلىم ساھەسىدىكى بىر ئۇلۇغ ئەرباپ دېيىشكە بولىدۇ.
گرىن 80 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن، 200-يىلى سىسلىيە ئارىلىدا ۋاپات بولغان.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 397 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-28