ھارۋېي


William HarveyWilliam Harvey
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 350 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەنگلىيە ئاناتومىگى ھارۋېي «يۈرەك بىلەن قاننىڭ ھەرىكىتى» دېگەن كىتاپنى ئېلان قىلغان. بۇ كىتاپتا ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسى بىرىنچى قېتىم توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن. 
ھارۋېي 1578-يىلى 4-ئاينىڭ 1- كۈنى ئەنگلىيىدىكى فوكسىدوندا تۇغۇلغان. ھارۋېي كىچىكىدە ناھايىتى زېرەك ھەم تىرىشچان ئىدى. شۇڭا 16 يېشىدىلا كامېرىد ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 19 يېشىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئوقۇشقا نەقەدەر بېرىلدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ھارۋېي كېيىن ئىتالىيىدىكى پادوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىگە بېرىپ تىببىي ئىلمىنى ئۆگەنگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تىببىي پەنلەر دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 24 يېشىدا ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىپ، كامېرىد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەۋقۇلادە مەكتەپدىشى بولۇپ قالغان.
1609-يىلى يازدا، ھارۋېي سېن-باسۇلۇم دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەندە، دائىم «كۆك تومۇر قېنى» ئۈستىدە باش قاتۇرغان. «كۆك تۆمۈر قېنى» توغرىسىدا بەزىلەر ئۆز كىتاپىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىتاپتىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن گۇمان قىلاتتى. ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئۈچۈن ئۆز ئەمىلىيتىدە دەلىللىمەي بولمايتتى. ئۇ چاغدا دىنى ھۆكۈمرانلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بولغاچقا، جەسەتنىڭ ئىچ-باغرىنى يېرىشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى. ھارۋېي شۇ چاغدا ئاناتومىيە لېكتورى ئىدى، ئۇ دەرس ئۆتكەندە ئېھتىيات بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئىچ-باغرىنى يېرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە كۈزەتكەن ۋە تەتقىق قىلغان، ئۇ ھەر قېتىمقى ئوپراتسىيىدە تەپسىلىي تەجرىبە خاتىرىسى يېزىپ تۇرغان. ھەر كۈنى كەچتە يېرىم كېچىگىچە تەتقىق قىلغان. 1628-يىلى، ئۇ «يۈرەك بىلەن قاننىڭ ھەرىكىتى» دېگەن كىتاپنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاپ ئۇنىڭ قان ئايلىنىش جەريانىنى بىرىنچى بولۇپ ئېنىق ئېيتىپ بەرگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە ئايلىنىدىغان قان تومۇرغا ئۆتىدۇ، ئاندىن كېيىن قىزىل تومۇردىن كۆك تومۇرغا ئۆتۈپ، يۈرەككە قايتىدۇ، دېگەن. شۈبھىسىزكى، بۇ شۇ چاغدىكى تىببى ئىلىم ئۈچۈن پەۋقۇلادە تۆھپە ئىدى.
يۈرەك بىلەن قاننىڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ھەممە ئادەم بىلەتتى، لېكىن يۈرەك بىلەن قاننىڭ زادى قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بولسا ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىببى ساھەدە، ئادەمنىڭ قېنى جىگەردىن ھاسىل بولۇپ، كۆك تومۇرنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئۇ ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىغا كىرگەندىن كېيىن سول يۈرەك قېرىنچىسىغا سىڭىپ كىرىپ، كۆك تومۇر ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە تارقالغاندىن كېيىن بەدەندە پۈتۈنلەي خوراپ تۈگەيدۇ، دەيدىغان خاتا قاراش تارقالغان ئىدى. بۇ مىلادى -ئەسىردە ئۆتكەن رىم تىببى ئالىمى گرىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سۆزى بولۇپ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق نوپۇزغا ئىگە بولۇپ كەلگەن. بۇرۇن ئۆتكەن ۋىسالىوس دېگەن تىببى ئالىم ئىزلىنىپ تېخى بۇ دەرىجىگە يەتمەستىلا قوغلىۋېتىلگەن. سېرۋىناس بۇ دەرىجىدە سۆزلىمەي تۇرۇپلا، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. بالاسېر بۇنداق گەپلەرنى ئاشكارا قىلماي تۇرۇپمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. ھارۋېي بولسا يۈرەك بىلەن قاننى دادىل تەتقىق قىلغان، بەلكى بۇرۇنقىلاردىن كۆپ ئىلگىرلىگەن، تەلىيىگە پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە قالمىغان، لېكىن تۈرلۈك زەربىلەردىن خالىي بولالمىغان، «يۈرەك بىلەن قاننىڭ ھەرىكىتى» دېگەن كىتاپنىڭ سۆز بېشىدىن بۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇق بىلەن ماڭا ئازار بېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن. شۇنداقلا جاھاندىكى بارلىق ئادەملەرنىڭمۇ مەن بىلەن قارشىلىششىدىن ئەنسىرەيمەن. بىراق مەن دادىللىق بىلەن ھەممىنى ھەقىقەتنى سۆيۈش قىزغىنلىقىمغا ھاۋالە قىلدىم». بۇ ھال ھەر قانداق بىر شەيئى مەيدانغا كەلگەندە ھامان تۈرلۈك زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ھارۋېي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن زېھنى ۋە پۇلىنى ئۆزىنىڭ گۈلباغچىسىغا سەرپ قىلغان. ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل-گىياھلارغا ئىشتىياق باغلىغان، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە ھاياتلىققا مۇھەببەت باغلىغان. بۇنداق قىلىشتا ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۆزىگە راھەت ئىزلەشنى ئەمەس، بەلكى باشقا بىر ئىلىمنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. مۇنداق بىر ئىش بولغان، شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر دوستى تۆرەلمىنىڭ ئاستا-ئاستا چۈجىگە ئايلىنىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيىدە بىر توخۇغا تۇخۇم باستۇرۇپ بەرگەن. ھارۋېي بۇ ماتېرىيالنىمۇ توپلاپ تەتقىق قىلغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىككىنچى ئەسىرى-«ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشى» نى يېزىپ قالدۇرغان، ئۇ توخۇ توخۇمىنى ئاساس قىلىپ، ھايۋاناتلار ھاياتىنىڭ مەنبەسى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، ھارۋېينىڭ كەشپىياتى ھايۋاناتلار فىزىئولوگىيىسى ئۈچۈن ئاساس قۇرۇپ بەرگەن. ھارۋېينىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ دائىم مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئۆزىگە ئىلھام بېرىپ تۇرغان.
ھېچكىم كامالەتكە يەتكەن ئەمەس.
بىلىمەن دېگەننىڭ تولىسىنى ئەمەلدە تېخى بىلگەن ئەمەس.
زامان، ماكان ۋە تەجرىبە ئۇنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ.
يا خاتالىقىنى تۈزىتىدۇ، يا ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ.
يا ئۇنى ئىلگىرى چوڭقۇر ئىشەنگەن نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەيدۇ.
ھارۋېي 1657-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 79-يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتىدىغان چاغدا، ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن ئىككى ئۆي سالدۇرغان. بىرى كۈتۈپخانا، بىرى مەجلىسخانا. ئۇ بۇ ئىككى ئۆينى تىببى ئىنىستىتۇتقا تەقدىم قىلغان، تىببى ئىنستىتۇت بولسا، ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى ئاتىغان بۇ ئۇلۇغ ئادەمگە بېغىشلاپ مەكتەپ قوراسىدا بىر مىس ھەيكەل ياسىتىپ، ئۇنى مەڭگۈ خاتىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 387 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-27