جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ

جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ 595-يىلى (تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق دېيىلمىگەن، لېكىن پىل يىلىدىن 25 يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلىقى مەلۇم، پىل يىلى 570-يىلى بولۇپ مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان يىلى دەپ قارىلىدۇ) مەككە ھىجازدا تۇغۇلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى. جەئفەرنىڭ دادىسى نامرات ھەم باقىدىغان بالا-چاقىلىرى كۆپ بولغاچقا، جەئفەرنى ئۇنىڭ تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى. ئۇ 613-يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىپ كۆپلىگەن غازاتلارغا قاتناشقان بولۇپ، تاكى 629-يىلى «مۇئتە» ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ كەتكەنگە قەدەر ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە ساداقەتمەنلىكى بىلەن ئىسلام ئۈچۈن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ ياشلىق جۇلاسىغا قاراڭلار، ئۇنىڭ قاملاشقانلىقىغا، ئېغىر-بېسىقلىقىغا، ياۋاشلىقىغا، مېھرىبانلىقىغا، ۋاپادارلىقىغا، ئاددىي-ساددىلىقىغا، تەقۋادارلىقىغا قاراڭلار، ئۇنىڭ قورقۇشنى بىلمەيدىغان باتۇرلىقىغا، كەمبەغەل بولۇشتىن ئەنسىرىمەيدىغان سېخىيلىقىغا، پاكلىقىغا، پاك دىيانەتلىكىگە، راستچىللىقىغا، ئىخلاسمەنلىكىگە قاراڭلار. ئۇنىڭدىكى بارلىق گۈزەللىكلەر پەزىلەتلەر ۋە بۈيۈكلۈكلەرگە قاراڭلار. ئەمما ھەيران قالماڭلار، چۈنكى سىلەر ئادەتتىكى بىر كىشىنىڭ ئالدىدا ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ئەڭ ئوخشايدىغان ئادەمنىڭ ئالدىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مىسكىنلەرنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىگەن،«قاناتلىق قۇش» دەپ ئاتىغان بىر كىشىنىڭ ئالدىدا ھاياتلىقنىڭ يۈرىكىنى قۇرۇپ چىقىشتا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان، ئالدىدا ماڭغانلارنىڭ ئىچىدىكى كاتتىلارنىڭ بىرى بولغان، «جەننەتنىڭ خۇشناۋا قۇشى» جەئفەر ئىبنى ئەبۇتالىپنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. ئۇ تېزلا مۇسۇلمان بولۇپ، بالدۇر ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قاتارىدىن يۇقىرى ئورۇن ئالدى، ئايالى «ئۇمەيىن»نىڭ قىزى «ئەسما» مۇ شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسۇلمان بولدى. ئۇلار تۈرلۈك ئەزىيەتلەر ۋە ئېزىلىشلەردىن ئۆزلىرىگە تېگىشلىك نېسىۋىلىرىنى باتۇرلۇق ۋە خۇشاللىق ئىچىدە قوبۇل قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا تاللىغاندا ئۇمۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلىپ ئۇ يەردە كۆپ يىللار تۇرۇپ قالدى، بۇ جەرياندا ئۇلار مۇھەممەد، ئابدۇللاھ ۋە ئەۋفدىن ئىبارەت ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇپ قېلىشتى. ئۇ يەردە جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئىسلام ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇتۇق قازانغان ماھىر ۋائىز بولۇپ قالدى. چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان باشقا ئارتۇقچىلىقلارغا قوشۇپ ھوشيار قەلب، كۈچلۈك ئەقىل، سەزگۈر روھ ۋە پاساھەتلىك تىلمۇ بەرگەن ئىدى.
ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا تاكى شەھىد بولغان مىنۇتلارغا قەدەر توختىماي جىھاد قىلىدىغان «مۇئتە» غازىتى كۈنى گەرچە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاجايىپ، ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ ئۇنتۇلماس كۈنلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەبەشىستاندا نەجاشى بىلەن بولغان كۈنى ئۆزگىچىلىك، نادىرلىق، شانى-شەۋكەتلىك جەھەتتە ئىلگىرىكى ھېلىقى كۈنىدىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ. بۇ كۈنى يىگانە، ئاجايىپ دەبدەبىلىك كۈن بولغان ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، قۇرەيشلەر مۇسۇلمانلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇرلاپمۇ قارشىلىقنى پەسەيتەلمەي، غەزىپىنى باسالماي، ئاداۋىتىنى يۇيالماي، بەلكى ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەردە خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ كۈچىيىپ قېلىشى، سانىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنتىقام ئېلىشلىرى ۋە جازالاشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولغۇدەك، ئىسلامغا كىرگەنلەر خۇشاللانغاندەك دەرىجىدە ئۈمىدۋار تۇرمۇشقا ئېرىشىپ قېلىشلىرىغا چىدىماي، ئاخىر ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى ھەبەشىستانغا پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن بۇ مۇسۇلمانلارنى ھەيدەپ چىقىرىش ئۈمىدىنى پادىشاھ نەجاشىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىككى نەپەر ئەلچىنى قۇرەيىشنىڭ قىممەتلىك سوۋغا-سالاملىرى بىلەن ئەۋەتتى. بۇ ئىككى ئەلچى تېخى مۇسۇلمان بولمىغان «ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ رەيبىيئە» بىلەن «ئەمىر ئىبنى ئاس» ئىدى.
شۇ چاغدا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان نەجاشى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ساپدىل، ئاڭلىق، قەلبى دۇرۇس، ئىمانى ھەقىقىي، گۇرۇھۋازلىق ۋە بېكىنمىلىكتىن خالىي ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئادىل، ھەققانىي ئىش-ئىزلىرى ھەر جايغا كەڭ تارقالغان ئىدى، شۇ ۋەجىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۆلىتىنى ھىجرەت يۇرتى قىلىپ تاللىغان ئىدى. نەجاشى ئەنە شۇنداق ئاق كۆڭۈل ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرەيشلەر ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەسلىكلىرىدىن ئەنسىرەپ چېركاۋدىكى دىنى ئۆلىمالارنىڭ نەجاشىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرى تەرەپتە تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش غەرىزىدە، ئىككى ئەلچىدىن ئۇلارغا ئايرىم سوۋغات ئەۋەتتى. قۇرەيش كاتتىباشلىرى بۇ ئىككى نەپەر ئەلچىسىگە نەجاشى بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ دىنى ئۆلىمالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سوۋغا-سالاملارنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى ئېيتىپ قويۇشنى تاپىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلەر ھەبەشىستانغا بارغاندىن كېيىن كاتتىباشلىرىنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە ئاۋۋال چېركاۋنىڭ بارلىق روھانىيلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا سوۋغاتلارنى ھەدىيە قىلىپ سالاملارنى يەتكۈزدى. ئاندىن كېيىن نەجاشىغا ئاتالغان سوۋغاتلارنى سالاملار بىلەن بىرلىكتە ئەۋەتىپ بەردى ھەمدە چېركاۋ ئىگىلىرىنى مۇھاجىر مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇشقا، نەجاشىنىڭ ئۇلارنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۈندەشكە كۈشكۈرتۈشكە باشلىدى. بۇ ئىككى ئەلچىنىڭ نەجاشى بىلەن كۆرۈشىدىغان، ئۇنىڭ ئالدىدا قۇرەيشنىڭ ئىز قوغلاپ سۇيقەست پىلانلاۋاتقان، ئازار بېرىۋاتقان «دۈشمەنلىرى» بىلەن روبىرو تاقابىل تۇرۇشىدىغان كۈنى ئاخىرى بەلگىلەندى. نەجاشى سۈرلۈك ھەشەم، جەلپ قىلارلىق مۇلايىملىق ئىچىدە ئېگىز تەختىدە ئولتۇردى، ئەتراپىنى چېركاۋ ئالىملىرى ۋە خىزمەتكارلار قورشاپ تۇراتتى. ئالدىدىكى كەڭ زالدا، مۇھاجىر مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئۇنىڭ رەھمەت سايىسىغا پۈركەنگەن ھالدا ئولتۇرۇشىۋاتاتتى، قۇرەيشنىڭ ئىككى ئەلچىسى ھازىرقى چوڭ يىغىلىشنىڭ ئالدىدا پادىشاھ ئايرىم قوبۇل قىلغاندا دېگەن تۆھمەتلىرىنى يەنە تەكرارلىدى: «ئى پادىشاھ، دۆلەتلىرىگە قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىغان، سىلىنىڭ دىنلىرىنى قوبۇل قىلمىغان، بەلكى سىلىمۇ، بىزمۇ ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر دىننى ئىجاد قىلىپ ئېلىپ كەپتۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى، تاغا-ھاممىلىرى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىبارەت قەۋم-قېرىنداشلىرى سىلىنىڭ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشلىرى ئۈچۈن بىزنى سىلىنىڭ يانلىرىغا ئەۋەتتى». نەجاشى ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا قاراپ: «قەۋمىڭلارنى تاشلاشقا، بىزنىڭ دىنىمىزنىمۇ قوبۇل قىلماسلىققا سەۋەب بولغان بۇ دىن قانداق دىن؟» دەپ سورىدى. بۇ چاغدا جەئفەر مۇھاجىر مۇسۇلمانلار بۇ سورۇنغا كېلىشتىن ئىلگىرى مەسلىھەت قىلىشقان چاغلىرىدا ئۇنى ئۆتەشكە بەلگىلىگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، ئۇ ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سالماقلىق بىلەن تۇرۇپ ئۆزلىرىگە ياخشى پاناھچى بولغان بۇ پادىشاھقا سۆيۈنۈش نەزىرى بىلەن قارىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
«ئى پادىشاھ، ئىلگىرى بىز بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدىغان، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى يەيدىغان، زىنا-پاھىشە قىلىدىغان، سىيلە-رەھىمنى ئۈزىدىغان، كىشىلەرنى بوزەك قىلىدىغان، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بۇلاپ-تالايدىغان نادان خەلق ئىدۇق، ئاللاھ ئاخىرى بىزلەرگە ئىچىمىزدىن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىدىغان، راستچىللىقى، ئامانەتكارلىقى ۋە پاك-دىيانەتلىكلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، ئۇ بىزلەرنى ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشقا، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشقا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان ھېلىقى تاشلار ۋە ھەيكەللەردىن ۋاز كېچىشكە بۇيرىدى. بىزلەرگە راست سۆزلەش، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، سىيلە-رەھىم قىلىش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، كىشىلەرنى بوزەك ئەتمەسلىك ۋە ناھەق قان تۆكمەسلىك توغرىسىدا تەلىم بەردى، بىزلەرنى زىنا-پاھىشە، يالغان سۆزلەش، يېتىم-يېسىرلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلىۋېلىش، پاك ئاياللارغا تۆھمەت قىلىش قاتارلىق يامان ئىشلاردىن توستى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىقرار قىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ئۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئەگىشىپ ئاللاھقىلا يالغۇز ئىبادەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىدۇق، ئۇ ھارام قىلغاننى ھارام دەپ بىلدۇق، ھالال قىلغاننى ھالال دەپ بىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن قەۋمىمىز بىزنى بۇتلارغا ئىبادەت قىلشقا ۋە ئىلگىرىكى گۇناھ-مەسئىيەتلەرگە قايتۇرۇش ئۈچۈن بىزلەرنى دۈشمەن تۇتتى. بىزلەرنى ئازابلىدى، دىنىمىزدىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولدى، ئۇلار بىزنى بوزەك ئېتىپ زۇلۇم قىلىۋىدى، بىزلەرنى قىستاپ بىز بىلەن دىنىمىز ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ بولىۋىدى، سىلىنىڭ ھىمايىلىرىدە بوزەك ئېتىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالارمىز دەپ سىلىنىڭ دۆلەتلىرىگە پاناھلىق ئىزدەپ كەلدۇق» دېدى. جەئفەرنىڭ تاڭ نۇرىدەك روشەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نەجاشى ھەيران قالدى ۋە جەئفەرگە قاراپ: «سېنىڭ يېنىڭدا پەيغەمبىرىڭلارغا ۋەھىي قىلىنغان ھېلىقى تەلىماتتىن بارمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، جەئفەر «بار» دەپ جاۋاب بەردى، بۇ چاغدا نەجاشى: «ئەمىسە ئۇنى ماڭا ئوقۇپ بەرگىن» دېدى. جەئفەر سۈرە مەريەمدىن بىر قانچە ئايەتنى مۇڭلۇق قىلىپ خۇشۇ-خۇزۇ بىلەن ئوقۇپ بەردى، نەجاشى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى، ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلىرىمۇ ھەممىسى يىغىلىشىپ كەتتى. نەجاشىنىڭ تاراملاپ ئاققان ياشلىرى توختىغاندىن كېيىن قۇرەيشنىڭ ئىككى ئەلچىسىگە قاراپ: «ھازىر ماڭا ئوقۇپ بەرگىنى بىلەن ئەيسا ئېلىپ كەلگىنى بىر قېلىپتىن چىققان ئىكەن، قايتىپ كېتىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇ مۇھاجىرلارنى سىلەرگە ھەرگىز تاپشۇرۇپ بەرمەيمەن» دېدى. ھەممەيلەن كەينىلىرىگە ياندى، ئاللاھ بەندىلىرىگە ياردەم بەردى. قۇرەيشنىڭ ئىككى ۋەكىلى بولسا شەرمەندىلەرچە قايتىپ كەتتى.
لېكىن ئەمىر ئىبنى ئاس مەغلۇبىيەتنى ئىچىگە سىغدۇرالمايدىغان، ئۈمىدسىزلىككە باش ئەگمەيدىغان ھىيلىگەر ئادەم بولۇپ، ھەمراھى بىلەن مەنزىلگە قايتىپ بېرىپلا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ يېڭى ھىيلە تېپىپ چىقتى-دە ھەمراھىغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئەتە نەجاشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قىرىپ تاشلايدىغان گەپلەرنى قىلىمەن» دېدى. ئەمىر ئىبنى ئاس: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن ئۇلارنى پادىشاھقا، ئۇلار مەريەمنىڭ ئوغلى ئەيسانى باشقا بەندىلەرگە ئوخشاشلا ئادەتتىكى بىر بەندە دەپ قارايدىكەن دەيمەن» دېدى. مانا بۇ قۇرەيشنىڭ ئەلچىلىرى مۇسۇلمانلارنى خەتەرلىك بۇرجەككە قىستاپ بېرىپ ئىككى تاشنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئېزىۋېتىش ئۈچۈن ئويلاپ چىققان يېڭى ھىيلە-مىكرىسى ئىدى. ئەگەر ئۇلار: ئەيسا ئاللاھنىڭ بەندىلىرى قاتارىدىكى بىر بەندە دېسە پادىشاھ ۋە چېركاۋ ئۆلىمالىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئاداۋەتلىرىنى قوزغاپ قوياتتى. ناۋادا ئۇلار ئەيسادىن ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يوق قىلسا دىندىن چىققان بولاتتى. ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇلار پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ماڭدى. پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندىن كېيىن ئەمىر ئۇنىڭغا: «ئى پادىشاھ، ئۇلار ئەيسا توغرىسىدا چوڭ گەپ قىلىدىكەن» دېدى. پادىشاھ ۋە چېركاۋ ئالىملىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشتى، ئۇلارنىڭ ئەيساغا بولغان كۆز قارىشىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى يەنە بىر قېتىم يىغىلىشقا بۇيرىدى. مۇسۇلمانلار يېڭى سۇيقەستنىڭ پىلانلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلەشتى، ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى ئۆز ئەينى دېيىشنى، نېمە بولسا بولسۇنكى، ئۇنىڭدىن قىلچىلىك تانماسلىقنى بىرلىكتە قارار قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ يېڭى بىر مەجلىس ئۇيۇشتۇرۇلدى، نەجاشى جەئفەردىن: «سىلەرنىڭ ئەيسا توغرىسىدىكى ئېتىقادىڭلار قانداق؟» دەپ سورىغان ھالدا گەپ باشلىدى، جەئفەر يەنە بىر قېتىم نۇرلۇق چىراغدەك ئورنىدىن تۇردى-دە: بىزنىڭ ئېتىقادىمىز پەيغەمبىرىمىز بىزگە ئېلىپ كەلگەن تەلىماتنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش، يەنى بىز: ئەيسا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھنىڭ مەريەمگە ئىلقا قىلغان كەلىمىسى ۋە بىر روھ دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېدى. بۇ چاغدا نەجاشى ئورنىدىن تۇرۇپ جەئفەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگەن ۋە ئۇنى تەستىقلىغان ھالدا «بۇ ئېتىقاد ئەيسانىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەن» دەپ خىتاب قىلدى، لېكىن چېركاۋ ئۆلىمالىرى ئىنكار قىلغان مەنادا چۇقان سېلىشىپ كەتتى. ئەقلى يورۇق، ئىمانلىق نەجاشى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇسۇلمانلارغا قاراپ: «بېرىڭلار، سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ دۆلىتىمدە داۋاملىق خاتىرجەم ياشايسىلەر، كىم سىلەرنىڭ يامان گېپىڭلارنى قىلسا ياكى ئازار يەتكۈزسە مەن ئۇنى جازالايمەن» دېدى. ئاندىن كېيىن خىزمەتكارلىرى تەرەپكە قاراپ قولىنى قۇرەيشنىڭ ئەلچىلىرىگە قارىتىپ تۇرۇپ: «ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىرىنى ئۆز قوللىرىغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ماڭا ئۇ سوۋغاتلارنىڭ لازىمى يوق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئاللاھ بۇ پادىشاھلىق ئورنىنى ماڭا بەرگەن ۋاقتىدا مەندىن پارا ئالمىغان ئىدى، مەنمۇ ئۇلاردىن پارا ئالمايمەن» دېدى. شۇنداق قىلىپ قۇرەيشلەر ئەلچىلىرى ياردەمسىز ھالدا دەرھال مەككىگە قايتىپ كېتىشتى.
مۇسۇلمانلار جەئفەرنىڭ رەھبەرلىكىدە «ياخشى يۇرت، ياخشى قەۋم» دەپ ماختاشقان ھەبەشىستاندىكى يېڭى تۇرمۇشنى ئاللاھ ئۆز يۇرتلىرىدىكى پەيغەمبىرى ۋە قەۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلغانغا قەدەر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار تېخىچە ھەبەشىستاندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھاجىرلار بىلەن بىرلىكتە «خەيبەر» نى ئازاد قىلىپ كەلگەن جەئفەرنى كۆرۈپ كۆپ خۇشال بولدى، بەخت-سائادەتكە چۆمدى ۋە ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «قايسىسى بىلەن خۇشال بولاي، خەيبەرنىڭ ئازاد قىلىنىشى بىلەنمۇ ياكى جەئفەرنىڭ كېلىشى بىلەنمۇ؟» دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەككىگە بېرىپ قازا ئۆمرە قىلىشتى، مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جەئفەر مۆمىن قېرىنداشلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە «بەدىر»، «ئۇھۇد» غازاتلىرىنى ۋە باشقا غازاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆپ خۇرسەن بولدى ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ئەمەل قىلىپ ھاياتىنى شېھىتلىك بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان بۇ قېرىنداشلاردىن سۆيۈنۈپ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى. جەئفەرنىڭ يۈرىكى جەننەتكە تەلپۈنۈپ خۇشاللىقتىن ئۇچۇپ كېتەي دەپ قالدى، ئۇ شەھىد بولۇشنىڭ پۇرسىتىنى، يەنى ئاشۇ ئۇلۇغ مىنۇتلارنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى. بىز ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكەن «مۇئىتە» غازىتىنىڭ بايراقلىرى ئۇپۇقتا لەپىلدەپ پارلاشقا تەييار بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. جەئفەر بۇ غازىتىنى ئۆمۈرىدىكى بىر قېتىملىق پۇرسەت، بۇ غازاتقا قاتنىشىپ ياكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ بۈيۈك غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىمەن ياكى ئاللاھ يولىدا شەھىد بولىمەن» دەپ ئويلىدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزىنى بۇ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. جەئفەر بۇ ئۇرۇشنىڭ بىر تاماشا ئەمەسلىكىنى، ھەتتا بىر كىچىك دائىرىدىكى ئۇرۇشمۇ ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىسلام ئەسكەرلىرى ئىلگىرى پەقەت ئېلىپ بېرىپ باقمىغان ئەڭ چوڭ ئۇرۇش يەنى قۇدرەتلىك بىر ئىمپىرىيەنىڭ سان، سۈپەت، تېخنىكا، مالىيە كۈچى جەھەتلەردە يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن بىر قابىل ئەسكەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ قىيىن ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا بولغان قىزغىنلىقتىن ئۇنىڭ يۈرىكى كۆكرەك قەپىزىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەيىنلىگەن ئۈچ نەپەر ئۇرۇش قوماندانلىرى ۋە ئەمىرلىرىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ قالدى.
شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمان قوشۇنى ئۇرۇشقا ماڭدى، جەئفەرمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ماڭدى. ئىككى قوشۇن ئۆز-ئارا تۇتۇشتى. جەئفەر رىم قوشۇنىنىڭ 200 مىڭ ئەتراپىدىكى ئەسكەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، قورقۇشنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنىڭ غالىپ مۆمىننىڭ غۇرۇرى، قابىل قەھرىماننىڭ تەييارلىقى بىلەن ئۇلارغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھاياجانغا چۆمدى. بايراق زەيىد ئىبنى ھارىسەنىڭ قولىدىن يەرگە چۈشمەي تۇرۇپلا جەئفەر ئېتىلىپ بېرىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى ئالدى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى جۈرئەت بىلەن يەنى غەلبە قىلىشنى ئەمەس بەلكى شەھىد بولۇشنى كۆزلەيدىغان بىر ئەرنىڭ جۈرئىتى بىلەن جىھاد قىلىشقا باشلىدى. رىم ئەسكەرلىرى ئۇنى قورشىۋېلىشتى، ئۇ ئات بىلەن ئۇرۇش قىلسا، ئاتنىڭ ئۇرۇشنىڭ ھەرىكەت ۋەزىيىتىگە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ دۈشمەنلىرىنى نىشانلاپ تۇرۇپ قىلىچ بىلەن نىشانلىق زەربە بەرگىلى تۇردى، ئۇ دۈشمەنلەردىن بىرسىنىڭ ئاتنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە، ئۇ نىجىسنىڭ ئېتىنىڭ ئۈستىگە چىقىشىغا ۋىجدانى چىدىماي قىلىچىنى سوزغان ھالدا بىر قىلىچ ئۇرۇش بىلەن ئېتىنى بوغۇزلىۋەتتى ۋە شىردەك ھۆركىرەپ دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. رىم ئەسكەرلىرى خۇددى پۈتۈن بىر قوشۇن ئەسكەردەك جەڭ قىلىۋاتقان بۇ ئەرنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى تونۇپ يەتتى-دە، ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىش نىيىتىدە قاتتىق مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى ۋە قىلىچ ئۇرۇپ قولىنى ئۈزۈپ تاشلىۋېتىشتى. بايراق قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇ سول قولىغا دەرھال ئالماشتۇردى، ئۇلار يەنە سول قولىغا قىلىچ ئۇرۇپ سول قولىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلاشتى، ئاخىرى ئۇ يارىلانغان بىلەكلىرى بىلەن بايراقنى قۇچاقلىۋالدى!! ئاشۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭ پۈتۈن دىققىتى ئۆزى ھاياتلا بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقىنى يەرگە چۈشۈرمەسلىككە مەركەزلەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ پاك تېنى يىقىلغان چاغدا ئۈزۈلگەن بىلەكلىرى بىلەن بايراقنىڭ دەستىسىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان ئىدى، ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەنى چاقىردى-دە، ئۇ جەئفەر تەرەپكە ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ بايراقنى كۈچەپ ئېلىپ ئۇرۇش قاينىمىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئەنە شۇنداق قىلىپ جەئفەر ئىنسانىيەت ئۆلۈملىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولغان بىر ئۆلۈم پۇرسىتىنى ياراتتى. بۈيۈك، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا پىداكارلىققا پۈركەنگەن، قەھرىمانلىقى بىلەن ئورالغان ھالدا كەتتى.
ھەممىدىن خەۋەردار ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ئۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە جەئفەرنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنى ئاللاھقا تاپشۇردى ۋە كۆز يېشى قىلدى. ئاندىن كېيىن بۇ نەۋرە تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بالىلىرىنى چاقىرىتىپ ئۇلارغا يۈزلىرىنى يېقىپ مەڭزىلىرىگە سۆيۈپ قويدى ۋە ئىچ ئاغرىتقىنىدىن كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى. جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىسكىنلەرنىڭ «ئاتىسى» بولغاچقا، ھەممە مىسكىنلەر يىغىلىپ «دادىسى» نىڭ ۋاپاتىغا كۆز يېشى قىلىشتى. ئەبۇ ھۈرەيرە مۇنداق دەيدۇ: «مىسكىنلەرگە ئەڭ كۆپ ياخشىلىق قىلغان كىشى جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئىدى.» توغرا، ئۇ ھايات ۋاقتىدا مال-مۈلكى بىلەن كىشىلەر ئىچىدە ئەڭ سېخىي ھېسابلانغىنىدەك، ئەجىلى كېلىپ شەھىد بولغاندىن كېيىنمۇ روھىيىتى ۋە ھاياتىنى ئەڭ سېخىيلىق بىلەن تەقدىم ئەتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن جەئفەر بىلەن بىللە «مۇئتە» غازىتىغا قاتناشقان ئىدىم، ئۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بەدىنىدىن قىلىچ ۋە نەيزە ئۇرۇلغان ئىزلار بولۇپ جەمئىي 90 نەچچە يەردە تىغ ئىزىنى بايقىغان ئىدۇق. شۇنداق تىغ ئۇرۇپ ئۇلار ئۇنىڭ روھىيىتىنى ئۆلتۈرەلەيتتىمۇ؟ مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى ۋە نەيزىلىرى بۇ ئۇلۇغ شەھىدنىڭ رەھىمدىل، بۈيۈك ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆتۈپ ئۇ يەردىكى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولىدىغان بىر كۆۋرۈكتىن ئىبارەت خالاس. ئۇ مەڭگۈلۈك جەننەتتە بەدىنىدىكى ئۇرۇش ئىزنالىرىنى ئېلىپ خۇشال ئايلىنىپ يۈرمەكتە! ئەگەر خالىساڭلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن ئۇنى جەننەتتە قاناتلىرى ۋە پۇتلىرى قان بىلەن بويالغان ھالدا كۆردۈم» دېگەن سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار.

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 624 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-27