تىمىريازېۋ

تىمىريازېۋ روسىيە بىئولوگى. ئۇ 1843-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى پېتېربۇرگدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئاقسۆڭەك بولسىمۇ، لېكىن چارىزىمغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. ئانىسى تەربىيە كۆرگەن ئايال بولۇپ، بالىنىڭ باشلانغۇچ تەربىيىسى ئانىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن. ئاكىسى بولسا ئۇنىڭ خىمىيە ۋە بوتانىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1861-يىلى تىمىريازېۋ ماتېماتىكا-فىزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاسارى-ئەتىقە فاكۇلتىتىغا كىرىپ 6 يىل بېرىلىپ ئۆگىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ماگىستىر دېگەن ئۇنۋانغا ۋە ئالتۇن مېدالغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە بولغاچقا، ئىنستىتۇت ئۇنى ئىككى يىللىق چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن، ئۇ چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ بوتانىكا لېكتورى بولغان. بىر يىلدىن كېيىن بوتانىكا پروفېسسورلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. كېيىن يەنە روسىيە ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئاناتومىيىسى جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلانغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى بار ئىدى. تىمىريازېۋ چار پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى دەۋىرىدە 20 يىل پروفېسسور بولغان. مۇشۇ ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە، ئۇ جانلىق مەۋجۇداتلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى پەقەت توختاتمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە چارپادىشاھغا: «تىمىريازېۋ ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاشىنى ئېلىپ تۇرۇپ خۇدانى تەبىئەت دۇنياسىدىن قوغلاپ چىقاردى» دەپ دەۋا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پروفېسسورلۇق خىزمىتىدىن بوشىتىلىپ، مائارىپ ساھەسىدىن قوغلانغان.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابى تىمىريازېۋنىڭ ئىلىم-پەن ھاياتىنى قۇتقۇزغان. پارتىيە ئۇنى ئىلىمىي تەتقىقات ئورنىغا ئەۋەتىپ مەخسۇس جانلىق مەۋجۇداتلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قويغان. تىمىريازېۋ دارۋىن تەلىماتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى. دارۋىننىڭ جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش توغرىسىدىكى تەلىماتى روسىيگە ئەمدىلا يېتىپ كەلگەندە، تۈرلۈك بوھتانغا ۋە قارشىلىققا ئۇچرىغان. تىمىريازېۋ بۇنىڭغا دەلمۇ-دەل قارشى ھالدا، 1865-يىلى «دارۋىن تەلىماتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» دېگەن كىتاپنى يېزىپ، دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى تەلىماتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ دارۋىن تەلىماتىنى تەشۋىق قىلىش بىلەنلا قالماي، نەچچە ئون يىللىق ئەمىلىيەت ئارقىلىق دارۋىن تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇ جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى مۇپەسسەل تەھلىل قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تۈر ئۆزگىرىشى جانلىق مەۋجۇداتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئەمەس، بەلكى پەرقىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى»، تىمىريازېۋ كائىنات ئۆزگەرمەيدۇ، خۇدا ھەممىنى ياراتقان دەيدىغان ئەكسىيەتچىل كۆز قاراشنى دارۋىن تەلىماتى ئارقىلىق بۇزۇپ تاشلىغان. شۇ چاغدا بەزىلەر ئىغۋا تېرىپ، ھەممىنى شالغۇتلاشتۇرىۋېتىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئادەم دېسە ئادەم ئەمەس، جىن دېسە جىن ئەمەس بىر نېمە بولۇپ چىقىدۇ، دېيىشكەن. تىمىريازېۋ ئۇلارغا رەدىيە بېرىپ: «تۈرلەر نىسبىي ھالدا ئۆزگەرمەيدۇ، ئات ھامان تايچاق تۇغىدۇ، كالا ھامان موزاي تۇغىدۇ، بۇغداي ئۇرۇقىدىن جەزمەن بۇغداي مايسىسى ئۈنۈپ چىقىدۇ» دېگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، تىمىريازېۋ يەنە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېزلىق رولىنى، يەنى يېشىللىق ماددىسىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى قانداق ئالىدىغانلىقى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينەك قاچىدىكى يېشىل يوپۇرماقنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ كېلىۋاتقىنىمغا توپتوغرا 35 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى، قۇياش نۇرىنى يىغىپ ساقلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈن بويى قاتتىق باش قاتۇرۇپ كەلدىم». ئاخىرىدا ئۇ: «كۆمۈر ماددىسىنى ئېلىش جەريانى ئەينى ۋاقىتتا قۇياش نۇرىنى ئېلىش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. تىمىريازېۋنىڭ بىئولوگىيە ئۈستىدە ئۆمۈرۋايەت ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇكى، يېڭى تۈرلەرنى يارىتىش تامامەن مۇمكىن، لېكىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىشىنى ۋە تەرەققىياتىنى چۈشىنىش كېرەك، يەنى ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش لازىم.
تىمىريازېۋ 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋاپات بولغان. شۇ يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ «پەن ۋە دېموكراتىيە» دېگەن ئاخىرقى ئەسىرىنى نەشىردىن چىقارغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 496 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26