مېندېل


Gregor MendelGregor Mendel
مېندېل ئاۋسترىيىنىڭ بۈيۈك بىئولوگى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بۈيۈك بىئولوگلارنىڭ بىرى. ئۇ پۇرچاقنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جانلىق مەۋجۇداتلار ئېرسىيىتىنىڭ 3 قانۇنىنى-ئايان بولۇش قانۇنى، ئايرىلىش قانۇنى ۋە مۇستەقىللىق قانۇنىنى تېپىپ چىققان. مېندېل 1822-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاۋستىرىيىنىڭ سېلزا شتاتىدا (بۈگۈنكى چېخوسلوۋاكىيىدە) تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئانىسى باغۋەن بولۇپ، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئوبدان تەتقىق قىلغان. بۇ ھال مېندېلغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ 1853-يىلى، ۋېينا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بورۇنغا قايتىپ كېلىپ بىر يەرلىك مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئوقۇتقۇچىلىق مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ، سىرتلارغا چىقىپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نۇسخىلىرىنى توپلىغان. ئۇ مەكتەپ باغچىسىدا نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەن، شۇنداقلا ھەرخىل تىپتىكى ئۆي قۇشلىرىنى باققان. بۇنىڭغا جانلىق مەۋجۇداتلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى مەقسەت قىلغان. مېندېلنىڭ تەتقىق قىلغىنى جانلىق مەۋجۇداتلار ئېرسىيەت ئىلمى ئىدى. ئىنچىكە ئىش قىلىدىغان مېندېل ھەر قانداق بىر زىرائەتنىڭ ئېرسىيەت ھالىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇششاق ھاشارەتلەر كىرىپ بۇزىۋەتمىسۇن دەپ، ئۆسۈملۈكلەرنى كىچىك خالىتىغا كىرگۈزۈپ، ئاستىنى يىپ بىلەن باغلاپ قويىدۇ. چۈنكى بۇ ھاشارەتلەر كىرىۋالسا، ھامان ئۇنىڭ تەتقىقاتىنى بۇزىدىغان نۇقسانلارنى پەيدا قىلاتتى.كېيىن، مېندېل پۈتۈن زېھنىي كۈچىنى كۆك پۇرچاق ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا قارىتىدۇ. كۆك پۇرچاق تەبئىي ھالەتتە، پۈتۈنلەي ئۆز گۈلى بىلەن چاڭلىشىدۇ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئايرىش ناھايىتى ئاسان، تەتقىق قىلىشقىمۇ ناھايىتى ئەپلىك، مېندېل ئۇرۇقنىڭ رەڭگى، پۇرچاق دېنىنىڭ رەڭگى ۋە غولىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئوخشىماسلىقى بويىچە، پۇرچاقلارنى چاڭلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، قىزىل ئۇرۇقلۇق پۇرچاق بىلەن ئاق ئۇرۇقلۇق پۇرچاقنى چاڭلاشتۇرغاندىن كېيىنكى شالغۇت ئۇرۇق بىلەن شالغۇت ئۇرۇقنى چاڭلاشتۇرىدۇ، بۇنداق شالغۇت ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇغى بېغىررەڭ بولۇپ چىقىدۇ.مېندېل ئېرسىيەت ئىلمى ئاستىدا 8 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۆسۈملۈكلەردىكى ئېرسىيەتلىكنىڭ 3 قانۇنىنى تېپىپ چىقىدۇ. بۇ 3 قانۇنىيەت بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 1865-يىلى ئۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى «ئاسارى-ئەتتىقىشۇناسلىق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ. 16 يىلدىن كېيىنكى 1900-يىل باھاردا، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، 3 كىشى مېندېل تاپقان ئېرسىيەت قانۇنىنى تەجرىبىگە ئاساسەن يېڭىۋاشتىن تاپقاندىن كېيىنلا، مېندېل تەلىماتىنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.مېندېل 1884-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 61 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپات بولۇپ 26 يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىماتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى دۇنياغا مەلۇم بولغان، شۇڭا ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن، بورۇندا ئۇنىڭ تاش ھەيكىلى ئورنىتىلغان.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 522 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26