دارۋىن


Charles DarwinCharles Darwin
19-ئەسىردە ئەنگلىيىدىن چىققان مەشھۇر تەبئىي پەن ئالىمى، بىرىنچى بولۇپ جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىنى تاپقان. «تەدرىجىي تەرەققىيات قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئادەم. ئۇ «پۈتۈن كائىناتنى خۇدا ياراتقان» ۋە «تۈرلەر ئۆزگەرمەيدۇ» دەيدىغان مېتافىزىكىلىق ئەكسىيەتچىل تەلىماتقا رەت قىلىپ بولمايدىغان ئەمىلىي پاكىتلار بىلەن زەربە بەرگەن. دارۋىن 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ، «ئۆسۈملۈكەر بېغى» دېگەن كىتاپنى يازغان. دارۋىن بالىلىق دەۋىرىدە ھېچقانداق تالانتى بولمىغان بالا بولۇپ، ئۇنى ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق دەپ قارايتتى. دادىسىمۇ ئۇنىڭغا: «سەن ئوۋچىلىق قىلىش، ئىت بېقىش، چاشقان تۇتۇشتىن باشقا ھېچ ئىشقا كۆڭۈل قويمايسەن. كەلگۈسىدە سەن ئۆزۈڭنى بۇلغايسەن، پۈتۈن ئائىلەڭنىمۇ بۇلغايسەن» دېگەن ئىدى. دارۋىن شوخ، كەپسىز بالا بولۇپ، ئادەتتە يولدا كېتىۋېتىپ، قۇلۇلە قېپى بولامدۇ، پۇل بولامدۇ، ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى يانچۇقىغا سالاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ كىيىم-كېچىكى ھەمىشە ناھايىتى پاسكىنا بولۇپ كېتەتتى، ئۇ دائىم ئانىسىدىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نامىنى سورايتتى، ئانىسى جاۋاب بېرەلمىسە، جېدەل قىلىپ تۇرىۋالاتتى. ئۇ تەبئىي پەنگە دائىر ئوقۇش كىتاپلىرىغا ناھايىتى قىزىققان بولۇپ، كېيىن ئۇ ئۆزىچىلا ئۆسۈملۈكلەرگە ئىسىم قويىدىغان بولغان.
دارۋىننىڭ ئاكىسى مىجەزى ئىنتايىن ئېغىر ئادەم بولۇپ، بىراق خىمىيە تەتقىقاتىغا ناھايىتى قىزىقىدىكەن. ئۇنىڭ ئاكىسى باغچىدا بىر تەجرىبىخانا قۇرغاندا، دارۋىن ئاكىسىدىن ياردەمچى بولۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن دارۋىن خىمىيىگە قىزىقىپ قالغان. ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ھەمىشە تەجرىبىخانىدا يېرىم كېچىگىچە ئىشلىگەن، بۇنى كېيىن ساۋاغداشلىرى بىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا «گاز» دەپ لەقەم قويۇۋالغان. بۇنى ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئاڭلاپ، ئۇنى ۋاقىتنى زايا قىلىۋېتىپسەن دەپ تەنقىد قىلغان. 1825-يىلى، دارۋىن 16 ياشقا كىرگەندە، ئاكىسى بىلەن بىللە ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ. ئۇ باشتا تىببىي بىلىمنى ئۆگەنمەكچى بولىدۇ. كېيىن بۇ نىيىتىدىن يېنىپ، كامېرىد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەخسۇس خىرىستىئان مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. ئۇ يەردە بەزى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىسىدا، مۇزىكىغا قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇ ھەممىلا نېمىگە قىزىققاندەك قىلغان بىلەن، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا بىئولوگىيىنى قىزغىن سۆيىدۇ.
1831-يىلى، ئۇ بىر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، بېگىر ناملىق پاراخوتتا بىللە يۈرگۈچى بىئولوگ بولىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇ ئامېرىكا قىتئەسىنى ئايلىنىپ چىقىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى، دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغىن سۆيىدىغان ئورمانلار ۋە بارلىق ئۆسۈملۈكلەر بىر-بىرلەپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتىدۇ. بۇ بېگىر ناملىق پاراخوت ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ ئۆلچەش ئىشىنى ئېلىپ باراتتى. پاراخوت باشلىقى ئىش بېجىرىشتە قىزغىن، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا مۇلايىم ئادەم ئىدى. دارۋىن پاراخوتتىكى ئۈسكۈنلەردىن بەك مەمنۇن بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئۆلچەشكە كېرەكلىك ئەسۋاپلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. بۇ ھالدا دارۋىننىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش ئىشىنى ئېلىپ بېرىشىغا ناھايىتى قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. 1831-يىل 10-ئايدا، بېگىر ناملىق پاراخوت دوۋىردىن يولغا چىقىپ، ياندۇرقى يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى فلورىدا تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ بارىدۇ. دارۋىن ئۇ يەردە يانار تاغلارنى تەكشۈرىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن سائو-پائۇلو ئارىلىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ھاشارەتلەرنى تەكشۈرىدۇ. 2-ئاينىڭ 29-كۈنى بايسىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە برازىلىيە ئورمانلىرىنى تەكشۈرىدۇ. ئۇ يەردە دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان، ئوت چۆپلەر پۈتۈن زېمىننى قاپلىغان، رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن، ھاشارەتلەرمۇ سان-ساناقسىز ئىدى. دارۋىن تۆتىنچى ئاينىڭ باشلىرىدا ئېنارو ۋادىسىغا يېتىپ بارىدۇ، يولدا تۇرمۇش مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ كەيپىياتى ئىزچىل كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكلەر ۋە جان-جانىۋارلارنىڭ نۇسخىلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن توپلايدۇ. ئۇ پاتېنرىتايدا تاشقا ئايلانغان نەرسىلەرنى تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە قەدىمكى زاماندىكى غايەت زور 9 يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ئۇستىخىنىنى قېزىپ چىقىدۇ، ئۇ يەنە نۇرغۇن يۇمشاق تەنلىكلەرنىڭ قېپىنى تاپىدۇ. كېيىن جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئات ئۇستىخىنى، مارجان خادا تاشلىرى ۋە ئۆمۈلگۈچىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى تاپىدۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى بەش يىل داۋام قىلدۇرۇپ، مول ئەمىلىي بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گېئولوگىيىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ دائىم ئەل-ئاغىينىلىرىگە يازغان خېتىدە: «ئىلگىرى مەن گېئولوگىيىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىدىم، ئۇنى تاشلىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم» دەيدۇ.
1836-يىلى 10-ئايدا، دارۋىن توپلىغان بارلىق ماتېرىياللارنى رەتلەپ، كىتاپ يېزىشقا كىرىشىدۇ. 1839-يىلى قىشتا ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى-«پاراخوت باشلىقى فرالۇ باشلاپ ماڭغان بېگىر ناملىق پاراخوتنىڭ دۇنيانى ئايلىنىش جەريانىدا تەكشۈرۈپ ئىگە بولغان تەبئىي بايلىقلار ۋە گېئولوگىيىگە ئائىت خاتىرىلەر» نەشىردىن چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەر دارۋىنغا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. دارۋىن كىچىكىدە دىنىي تەربىيە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېلىقى ئۇزۇن سەپەر داۋامىدىكى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بۇ ياش «تۈرلەرنىڭ ئۆزگەرمەسلىگى نەزىرىيىسى» گە پەقەت ئىشەنمەيدۇ. ئۇ تۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى قايتا-قايتا تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن سەپەر داۋامىدىكى تەكشۈرۈشتە يازغان خاتىرىلىرىنى ئاختۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇچراتقان ئەھۋاللار يېڭىۋاشتىن بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتىدۇ. بىر قېتىم، ئۇ ئىتالىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى پومپېي شەھىرى (بۇ شەھەر مىلادىدىن ئىلگىرى ۋولقان پارتلاش ئارقىسىدا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن) نىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن قاتلىمىدا كۆيۈپ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ھايۋاننى تاپقان. بۇنداق كۆيۈپ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ھايۋان ھازىر مەۋجۈت بولغان چۇيۇي (بىر خىل سۈت ئەمگۈچى، بېشىدا، قۇيرۇقىدا ۋە كۆكرىكىدە قاسرىغى بار. قورسىقىدا تۈك بار) دىن پەرق قىلىدۇ. بىر قېتىم گارابا تاقىم ئاراللىرىدىكى مەھسۇلاتلار بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ خاراكتېرلىرىنىڭمۇ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ. مۇشۇ سان-ساناقسىز پاكىتلار تۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. دارۋىن تەبىئەت دۇنياسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بارىدىغان قانۇنىيەت ۋە جەريان بارلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۇ ئۆزى توپلىغان ھەر بىر مەزگىللەردىكى تاشقا ئايلانغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى تەپسىلىي ھېسابلاپ، ھەر بىر مەزگىلدىكى سۆڭەك ئۆزگىرىشىنىڭ قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا، تۈرلەر ئۆزگىرىدۇ، دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىنەزەرگە ئاساسەن، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسى توغرىسىدىكى كىتاپ-«تۈرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى» نى يازىدۇ، بۇ كىتاپ 1859-يىلى 8-ئايدا دۇنياغا كېلىدۇ.
دارۋىن بىرىنچى بولۇپ بىئولوگىيە ئىلىمىنى پۈتۈنلەي ئىلىمىي ئاساس ئۈستىگە ئورناتقان. دارۋىندىن ئىلگىرى، نۇرغۇن ئاسارى-ئەتىقىشۇناسلار جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئەجدادى بار، دەپ قارىغان ئىدى. لېكىن دارۋىن دۇنيادىكى جىمى نەرسىلەر بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان دەپ ھېسابلىدى (ئەجدادى بىر دەپ قارىدى). جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى بىر بولغان، كېيىن ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئۆتۈش ئارقىسىدا، جانلىق مەۋجۇداتلار تەدرىجىي ھالدا ئاددى ھالەتتىن مۇرەككەپ ھالەتكە ئۆتكەن، ئۇششاق مەۋجۇداتلار تەدرىجىي ئۆزگىرىپ خىلمۇ-خىل نەرسىلەرگە ئايلانغان. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئۇنى بىر نەچچە ئون يىلدا بايقىۋالغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەۋلادتمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلىش ئارقىسىدا، ھامان بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان. مەسلەن ئەجدادىمىز بىر بولغان ئادەمنى ئالساق، ئۇنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى ئوخشاش، لېكىن مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭدىمۇ بىر مۇنچە روشەن پەرقلەر كېلىپ چىققان. ھەر خىل تۈرلەر ياشاش داۋامىدا، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۆپەيگەن. لېكىن ياشايدىغان يەر-زېمىن چەكلىك بولغانلىقتىن، ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن رىقابەتلىشىدىكەن، بۇ «تۈرلەرنىڭ رىقابىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. رىقابىتى بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ھەممىسىنىڭ پۈتۈنلەي مەۋجۇت تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، رىقابەت ئاخىرقى نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مۇھىت ئەھۋالىغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ.، ئەگەر شارائىت لايىق بولسا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ ياشىشىنى تەمىن ئېتەلىسە، ئۇ باشقا تۈرلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىپ كۆپىيىدۇ. ئەكسىچە مۇھىتقا لايىقلىشالمايدىغان جانلىق مەۋجۇداتلار كۈندىن-كۈنگە ئازىيىدۇ، ھەتتا يوقىلىدۇ. مانا بۇ «تەبئىي تاللىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ. «تەبئىي تاللىنىش» نەتىجىسىدە، لايىقلىشالىغانلار ياشاپ تۇرالايدۇ. دارۋىن «تۈرلەرنىڭ مەنبەسى» نى ئېلان قىلغاندا، 50 ياشتىن ئاشقان ئىدى. لېكىن ئۇ تۈرلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى 30 يېشىدىلا بايقىغان. ئۇ دىنىي جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئاسانلىقچە بايان قىلالمىغان. شۇڭا ئۈن-تىنسىز يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 20 يىل جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئاخىرى پاكىت بىلەن دەللىلەپ چىققان.
1871-يىلى 2-ئايدا، دارۋىننىڭ «ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن كىتابى نەشىردىن چىقتى. ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋاندىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ چىققانلىقى نۇرغۇنلىغان پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن. بۇ تەلىمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال غۇلغۇلا قوزغايدۇ. چۈنكى ئۇ «ئادەمنى خۇدا ياراتقان» دېگەن تەلىماتنى، تۈرلەرنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى توغرىسىدىكى سەپسەتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى. بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنىش بىلەنلا، دىنىي جەمئىيەت قاتارلىق ئەكسىيەتچى كونىلىقنى ساقلىغۇچى كۈچلەر دەرھال ھۇجۇم قىلىپ، بۇنى غەيرىي سەپسەتە دەپ بىلجىرلىشىدۇ. ھەتتا بىر يىغىلىشتا، ئۇلار دارۋىننى مەسخىرە قىلىپ، ئۇنى مايمۇننى ئاتا-بوۋام دەپ ئېتىراپ قىلسۇن دەپ ۋارقىرىشىدۇ. لېكىن دارۋىن ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا پىسەنت قىلماي، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ.
دارۋىن ئىلىم-پەنگە بولغان ساداقىتى ۋە قىزغىن مۇھەببىتى ئارقىسىدا، قەيسەرلىك بىلەن مۇشۇنداق ئىجادىيەتكە مۇيەسسەر بولالىغان. خۇددى ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك: «بىر ئالىم بولۇشۇمنى، مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنى، ئۇنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى مېنىڭدىكى ئوخشاش بولمىغان خىلمۇ-خىل روھىي ئىقتىدار ۋە روھىي ھالەتلەر بەلگىلەنگەن. مېنىڭ ئەقلىي قۇۋىتىم ئەڭ ئاساسلىقى، ئىلىم-پەنگە بولغان مۇھەببىتىمدىن كەلگەن. 1882-يىلى باھاردا، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى پەيدىن-پەي ئېغىرلىشىدۇ، ئەمما ئۇ سەللا ياخشى بولۇپ قالسا، جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. باھاردا تۈرلۈك گۈللەر راسا ئېچىلىۋاتقان چاغدا، 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇ 73 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 623 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-25