لىننېي كارل


Carl LinnaeusCarl Linnaeus
شىۋېتسىيىنىڭ كاتتا ئۆسۈملۈكشۇناسى لىننېي كارل 1707-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ ئارزۇسى ئۇنى بىر پوپ قىلىپ چىقىش بولسىمۇ، لېكىن كىچىك كارل ئۆسۈملۈكلەرگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان. لىننېي كارلنىڭ ئۆسۈملۈكلەرگە قىزىقىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى باغۋەنچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى. كارل كىچىكىدىن تارتىپلا گۈللەرنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغان. ئۇ باغدا 4-5 يېشىدىن تارتىپلا، دادىسىدىن تۈرلۈك گۈللەرنىڭ ئىسمىنى سوراپ تۇراتتى، بەزىدە بەك ئىنچىكلەپ سوراپ كېتىپ، دادىسىمۇ جاۋاپ بېرەلمەي قالاتتى. ئۇ 8 ياش ۋاقتىدا، ئۆزىىڭ كىچىك گۈللىگى قىلىش ئۈچۈن دادىسىدىن يەر ئايرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. دادىسى ئۇنىڭغا ماقۇل بولغان. كىچىك كارل گۈللۈكنىڭ ئەتراپىدا 4 تال قوزۇقنى قېقىپ، چېگرا قىلىۋالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىچىك گۈللۈكىنى بولسا كارل گۈللىگى دەپ ئاتىۋالغان.
كىچىك كارل بېقىلىۋاتقان بال ھەرىسىنى كۆرۈپمۇ، ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزىققان. بىر كۈنى، ئۇ ھەرە كۆنىكىدىكى بال ھەرىسىنى كۆپەيسۇن دەپ، بەزى ياۋا ھەرىلەرنى تۇتۇپ، بال ھەرىسىنىڭ ئۇۋىسىغا سېلىپ قويغان. نەدىن بىلسۇن، ياۋا ھەرە بىلەن بال ھەرىسى بىر-بىرىگە دۈشمەن بولۇپ، قاتتىق ئېلىشىش ئارقىسىدا، بال ھەرىسى كۆپ چىقىم بولۇپ كەتكەن.
كارل مەكتەپتە ئوقۇغاندا، بوتانىكىغا ناھايىتى قىزىققان. ئۇ دائىم دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دالىغا بېرىپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نۇسخىلىرىنى يىغقان. كېيىن، دادىسى ئۇنى باشقا مەكتەپنىڭ يۇقىرى سىنىپىغا يۆتكىگەن. بۇ چاغدا كارل ئۆزىنى تېخىمۇ ئەركىن ھېس قىلىپ، كۆپ ۋاقتىنى بوتانىكا تەتقىقاتىغا قاراتقان. 17 ياشقا كىرگەندە، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇنى كىچىك ئۆسۈملۈكشۇناس دەپ ئاتاشقان. بۇ چاغدا دادىسى ئۇنى شاگىرتلىققا بەرمەكچى بولغان. بەختكە يارىشا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى روسمېن ئەپەندى ئۇنىڭ ئۈچۈن گەپ قىلىپ، ئاران مەكتەپتە قالدۇرۇپ قالغان. كارل ئوقۇتقۇچىسى روسمېننىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بوتانىكىنى تەتقىق قىلغان. بۇ چاغدا ئۇ «بوتانىكا پروگراممىسى» دېگەن كىتابنى كۆرگەن ۋە سىستېما بويىچە ئۆسۈملۈكلەرنى توپلىغان. ئۇ 1727-يىلى لوند ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرگەن. ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بوتانىكا ۋە قوشۇمچە تىببىي پەنلەر پروفېسسورى دوكتۇر ستوبنىڭ ئۆيىدە تۇرغان. بۇ ئۇنىڭ بوتانىكا ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان. شۇ يىلى يازدا، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى روسمېن ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى شىۋېتسىيىنىڭ ئۇپپىسالا شەھىرىگە بېرىپ بوتانىكىنى تەتقىق قىلىش لازىملىقىنى ئېيتقان. چۈنكى ئۇ يەردە ناھايىتى چوڭ بوتانىكا كۈتۈپخانىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ 1728-يىلى كۈزدە، لۇنددىن چىقىپ ئۇپپىسالاغا بارغان.
1729-يىلى 8-ئاينىڭ بىر كۈنى كارل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نۇسخىلىرىنى يىغىپ يۈرگەندە، سېرىش دېگەن بىر دوكتۇر كېلىپ، ئۇنىڭدىن بوتانىكىغا ئائىت بەزى بىلىملەرنى سورىغان. كارل ئۇنىڭغا تەپسىلىي ۋە مۇكەممەل جاۋاب بەرگەن، دوكتۇر ئۇنىڭدىن بەك رازى بولغان. دوكتۇر سېرىش تەۋراتقا كىرگۈزۈلگەن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى كىتاپ قىلىپ تۈزمەكچى بولۇپ، كارلنى ئۆزىگە ياردەمچىلىككە تەكلىپ قىلىش قارارىغا كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كارل بوتانىكا كۈتۈپخانىسىغا ئەركىن كىرىپ ماتېرىيال كۆرەلەيدىغان بولغان. فرانسىيە ئۆسۈملۈكشۇناسى ۋېلانتو يازغان «گۈل-گىياھلارنىڭ تۈزۈلۈشى» دېگەن كىتاپتا گۈللەردىكى ئاتىلىق، ئانىلىق تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ كارلنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆسۈملۈكلەر شەكلى ۋە خۇسۇسىيىتىگە قاراپ تۈرگە ئايرىلىپ كەلگەن. ئەمدى كارىل ئاتىلىق، ئانىلىق سانىغا قاراپ تۈرگە ئايرىش نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مۇشۇ نەزىرىيىگە ئاساسەن، بىر ماقالە يازىدۇ. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنىش بىلەنلا ئۆسۈملۈكلەر ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆسۈملۈكلەر ساھەسىدىكىلەرنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىدۇ. بۇ چاغدا پەنلەر ئاكادىمىيىسى رابلامغا بېرىپ ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئادەم يۆتكىمەكچى بولىدۇ. ئۇ يەر ئادىمىزات ئاز، قاقاس جاي بولۇپ، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن جەزمەن جاپا چېكىشكە توغرا كېلەتتى، لېكىن كارل بۇنى خوشاللىق ئىش دەپ بىلىپ، رابلامغا بېرىشقا رازى بولىدۇ.
كارل 1732-يىلى 5-ئايدا يولغا چىقىپ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ. كارل بۇ تەكشۈرۈشتە توپلىغان ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، «رابلام ئۆسۈملۈكلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتاپنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، بەك ئالقىشقا ئىگە بولىدۇ. 1736-يىلى، ئۇ «بوتانىكا ئىلمىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى» دېگەن كىتاپنى پۈتتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە «بوتانىكا كىتاپلىرى»، «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرى» ۋە «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى» دېگەن 3 كىتاپنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى» دېگەن كىتاپ يېقىنقى زاماندىكى تۇنجى سىستېمىلىق بوتانىكا ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن ئۆسۈملۈكلەر 80 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. 1761-يىلى ئۇنىڭ «ئۆسۈملۈكلەر پەلسەپىسى» بېسىپ تارقىتىلىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرى» دېگەن كىتاپى نەشىر قىلىنىدۇ. بۇ كارلنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تەتقىقاتىنىڭ جەۋھىرى ئىدى. ئۇنىڭ قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن، شىۋېتسىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى دېگەن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇنۋاننى ئىنئام قىلغان. 1757-يىلى، ئۇ «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، پېتىربۇرگ ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.
1778-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 70 يېشىدا باھاردا، ھەممە گۈللەر ئېچىلىۋاتقان، پۈتۈن ھاياتلىق ياشناۋاتقان بىر پەيتتە كارل ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ۋىدالاشتى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 534 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26