رامۇج


William RamsayWilliam Ramsay
ئەنگلىيىلىك خىمىك رامۇج 1852-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى گلاسگودا تۇغۇلغان. رامۇج بالىلىق دەۋىرىدىن تارتىپلا تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولۇپ، 13،14 ياش ۋاقتىدىلا فرانسۇزچە، ئىتالىيانچە، نېمىسچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان بولغان. بىر قېتىم، ئۇ توپ تېپىمەن دەپ پۇتىنى جاراھەتلەندۈرۋېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، تاسادىپىي خىمىيە توغرىسىدىكى بىر كىتابنى كۆرۈپ قالىدۇ، بۇ كىتاب قانداقتۇ بىر سېھرىي كۈچ بىلەن ئۇنى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رامۇج خىمىيىنى تەتقىق قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. بىر ئېغىز ئۆينى تەجرىبىخانا قىلىپ سەرەمجانلاشتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئەتىدىن-كەچكىچە تەجرىبىخانىغا كىرىۋېلىپ، تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر پات-پات ئىشىكتىن ماراپ ئۇنىڭ بوتۇلكىنى توختىماي ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئولتۇرغان ئۆيى بىرخىل كۈچلۈك پۇراقنىڭ دەستىدىن ئادەم تۇرغۇسىز بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز ئالدىغا 4 يىل تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. 1869-يىلى رامۇج گلاسگو ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتىدۇ.
ئۇنىۋېرسىتېتتا خىمىيىنى ئۆگەنگەندىن تاشقىرى، فىزىكىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر يىل ئوقۇپ بۇ مەكتەپنىڭ بەرگەن بىلىمىنىڭ ئۆز تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ ۋەتىنىدىن چىقىپ، ئاۋال گېرمانىيىدىكى ھېيدېلبېرگقا بارىدۇ. كېيىن توبنىن ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكىلىدۇ. ئۇ پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھارماي-تالماي ئۆگىنىدۇ. ئۇ دائىم دادىسىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: مەن بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 5 يېرىمدا ئورنۇمدىن تۇردۇم، سائەت 6 دىن 7 گىچە بىر سائەت دەرس تەكرارلىدىم ۋە ئەتتىگەنلىك تاماقنى يەۋالدىم. سائەت 7 دىن 8 گىچە بىر سائەت دەرس ئوقۇدۇم، 8 دىن 9 غىچە يەنە بىر سائەت دەرس ئوقۇدۇم. سائەت 9 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 كىچە خىمىيە تەجرىبىخانىسىدا تەجرىبە قىلىش بىلەن بولدۇم (ئىش ۋاقتىنى تېجەپ قىلىش ئۈچۈن، چۈشتە ئازراق بىر نېمە يەۋالدىم، سائەت 6 بولمىغىچە كەچلىك تاماق بېرىلمەيدۇ) سائەت 3 تىن 5 كىچە دەرس تەكرارلىدىم، 5 تىن 6 گىچە بىر سائەت دەرس ئۆتۈلدى. ئاندىن كېيىن كەچلىك تاماق بولدى، ھازىر سائەت 8، مەن يەنە دەرس تەكرارلايمەن». ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي، «تولۇئول كىسلاتاسى ۋە نىترولا تولۇئول كىسلاتاسى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدۇ.
رامۇج ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ گلاسگو ئۇنىۋېرسىتېتىدە ۋە برىسىس ئۇنىۋېرسىتېتىدە پروفېسسور بولىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنى تەتقىق قىلىشقا بەل باغلايدۇ ھەمدە سۇيۇقلۇقلارنىڭ قايناش نۇقتىسىغا يەتكەن ۋاقتىدىكى ھەجمى ۋە گازلارنىڭ سۇيۇقلۇقلارغا بولغان بېسىمىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. 1887-يىلى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، سۇيۇقلۇقلارنى ئۆلچەش قانۇنىيىتىنى ۋە فورمۇلاسىنى تاپىدۇ.
رامۇجنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى ئارگون ۋە گېلىي قاتارلىق ئىنېرت گازلارنى كەشپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت. 1895-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئايالىغا يازغان خېتىدە ئۇ مۇنداق دېگەن: «ساڭا ھاياتىمدىكى ئەڭ زور، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر خەۋەرنى يەتكۈزەي. مەن بىر خىل يېڭى گازنى ۋە كوم لامپىنىڭ ئىچىگە قويۇپ، يورۇقلۇق يولى ئەينىگى بىلەن كۈزىتىپ، بىر خىل ئىنتايىن يورۇق سېرىق سىزىقچىلارنى كۆردۈم ۋە بۇنىڭ بىر خىل يېڭى ماددا ئىكەنلىكىنى بىلدىم». يېڭى گاز ماگنىي، ئوكسىگېن ياكى باشقا ماددىلار بىلەن قوشۇلۇپ، خىمىيىۋى بىرىكمە ھاسىل قىلمىغانلىقتىن، رامۇج بۇنداق گازغا «ئارگون» دەپ نام بەرگەن. بۇ ھورۇن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. كېيىن ئۇ ئارگون گازىنى داۋاملىق تەھلىل قىلىدۇ. دەسلەپ، ئۇ ئارگون گازىنى ئېغىر، يېنىك دېگەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈش مۇمكىنلىكىنى سېزىپ، سانسىز قېتىم تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئارگوندىن يېنىك بولغىنى نېون (يېڭى دېگەن مەنىدە) دەپ، ئارگوندىن ئېغىر بولغىنى كرىپتون (يوشۇرۇن دېگەن مەنىدە) دەپ، ئايرىپ چىقىدۇ. كېيىن، ئۇ يەنە كىسېون (ئاز ئۇچرايدىغان دېگەن مەنىدە) نى تاپىدۇ.
رامۇج ئۆزىنىڭ زور كەشپىياتلىرى بىلەن، 1904-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا كىرىشكەن. 1912-يىلى يازلىق تەتىلدىن كېيىن، ئۇ 25 يىل دەرس بەرگەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلىپ پېنسىيىگە چىققان. ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئىلمىي تەتقىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1916-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 467 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-24