پوكىن


William Henry PerkinWilliam Henry Perkin
پوكىن ئەنگلىيىدىكى بىر بىناكارلىق ئۇستىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1838-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى لوندوندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەمىشە ئوغلىنىمۇ بىناكارلىق ئۇستىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى ئويلايدۇ، ئەمما پوكىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىمىيىنى ئۆگىنىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ خىمىيىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. 
دەسلەپ پوكىن لوندوندىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىدا، ئۇنى تەبئىي پەن ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھول ياخشى كۆرىدۇ، پوكىن ھەمىشە تەجرىبىخانىغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلغان تەجرىبىلىرىنى كۆرىدۇ. بەزىدە تاماقنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. ھول ئۆز شاگىرتىنىڭ مۇنداق تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ بالىنىڭ جەزمەن ئىستىقبالى بار دەپ ئويلايدۇ، شۇڭا ئۇنى لوندوندىكى پادىشاھلىق مەخسۇس خىمىيە مەكتىپىدە ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. 1853-يىلى، 15 ياشلىق پوكىن راستلا پادىشاھلىق مەخسۇس مەكتىپىگە كىرىدۇ. شۇ چاغدا مەخسۇس مەكتەپتىكى ئاساسلىق ئوقۇتقۇچى بولغان ھوفمان ئاتاقلىق خىمىك بولۇپ، دەرسنى تەپسىلىي، جانلىق ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماھىرلىق بىلەن پىكىر قىلىشقا قوزغىغان. پوكىن ھوفماننىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ناھايىتى تېز ئىلگىرلەيدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن، 17 ياشلىق پوكىن ئاسسىسېنت بولىدۇ. ئاسسىسېنت بولغاندىن كېيىن، خىزمەت ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، خىمىيە ساھەسىدە تەجرىبە قىلىشنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. ئۇ ئۆز ئۆيىدە بىر تەجرىبىخانا قۇرۇپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىنى پۈتۈنلەي خىمىيە ساھەسىدە قىلىنىدىغان تەجرىبىگە سەرپ قىلىدۇ.
1856-يىلى، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا سۈنئىي يول بىلەن خىنىننى ياساشنى تاپشۇرىدۇ. ئۇ ئەستايىدىل تەجرىبە قىلىپ، تۈرلۈك خام ئەشيالارنى ئارىلاشتۇرۇپ خىنىننى ئىشلەيدۇ. لېكىن نۇرغۇن قېتىم مەغلۇب بولىدۇ. كېيىن ئۇ كۆمۈر سىمولىسىنى ئېلىۋاتقاندا، خىيالىدىمۇ يوق ئانىلىن دېگەن بىر خىل بىنەپشە رەڭلىك بوياقنى بايقايدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئومۇمىي يۈزلۈكلا كۆمۈر سىمولىسىنى بىر خىل كېرەكسىز نەرسە دەپ ھېسابلايتتى. پوكىن مۇشۇنداق كېرەكسىز نەرسىلەردىن ئىنتايىن قىممەتلىك سۈنئىي بوياق ماتېرىيالى ئىشلەپ چىقىدۇ. شۇ چاغدىكى ئالىملار بۇنىڭدىن قاتتىق ھاڭ-تاڭ بولۇشىدۇ.
كېيىن، پوكىن بىر بوياق زاۋۇتى ئېچىپ، 17 يىل تىجارەت قىلىدۇ. كېيىن ئۇنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى يەنە خىمىيە تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ سۇسىز سىركە كىسلاتاسى ۋە ئالدېگىدلارنىڭ رولى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم كەشپىياتى 1868-يىلىدىكى سۈنئىي مۇئەتتەر بولدى. بۇ كەشپىيات ئېلان قىلىنىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆمۈر سىمولىسىدىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇشپۇراقلىق ماتېرىيالىنى ئېلىش ھەۋىسىنى قوزغايدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سىمولىسى سانائىتى پەيدىن-پەي مەيدانغا كېلىدۇ.
1881-يىلىدىن كېيىن، ئۇ فىزىكىدىكى ماگنېت ئىلمى ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا ئۆتۈپ، ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى زور تۆھپە يارىتىدۇ. 1906-يىلى دۇنيا ئالىملىرى لوندوندا تاش كۆمۈر سىمولىسى سانائىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. يىغىندا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ خىمىيە ئالىملىرى پوكىنغا ئېتىرام بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە تەشەككۇر ئېيتىدۇ. پوكىن 1907-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولغان.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 6601 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-24