شور لېممېر


Carl SchorlemmerCarl Schorlemmer
شور لېممېر گېرمانىيىنىڭ مەشھۇر خىمىكى. ئۇ دورىخانىدا شاگىرت ۋە تەجرىبىخانىدا تۆۋەن دەرىجىلىك ياردەمچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئىلمىي تەتقىقاتتا قېتىرقىنىپ ئىشلىگەنلىكى، دادىل ئىزلەنگەنلىكى ئارقىسىدا، ئاخىرى ئالدىنقىلار چىقىپ باقمىغان چوققىغا چىققان. شور لېممېر 1834-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ھېسسېن ئوبلاستىدىكى دارمىستاد شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى نامرات ياغاچچى، ئانىسى ئاددى ئائىلە ئايالى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئون نەچچە جاننى يالغۇز مۇشۇ ياغاچچى بوۋاي جاپالىق ئەمگىكى بىلەن باقاتتى، شور لېممېر باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاران بىر كەسىپىي مەكتەپكە كىرگەن. ئۇ مەكتەپتە ھەر قايسى دەرسلەر بويىچە ئەلا ئوقۇغاندىن تاشقىرى خىمىيە تەجرىبىسى بويىچىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ماھارەت كۆرسەتكەن. شور لېممېر كەسپىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئارقىسىدا، دورىخانىغا شاگىرتلىققا كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن دورىلار دورىخانىنىڭ ئۆزىدە ياسىلاتتى. دورا ياساشتا جەزمەن خىمىيىۋى ئۇسۇل ۋە خىمىيىۋى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى، بۇ ھال دەل ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى.
شور لېممېر شاگىرتلىققا كىرگەن دورىخانا دارمىستاد شەھىرىدە ئىدى. بۇ تاغلىرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپ-سۈزۈك، مەنزىرسى ئىنتايىن گۈزەل شەھەر بولۇپ، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بۇ يەردە نۇرغۇن قېتىم تاغلارغا چىقىپ ئوينىغان ئىدى. بۇ گۈزەل مەنزىرلىك يەرگە قايتىپ كېلىش ئۇنى قانداقمۇ خوشال قىلمىسۇن؟ ئۇ بوش ۋاقتى بولسىلا تاغقا چىقىپ، گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلاتتى، شۇنداقلا ئۆسۈملۈكلەردىن نۇرغۇن ئەۋرىشكە تېرىپ كېلەتتى. ئىككى يېرىم يىللىق شاگىرتلىق تۇرمۇش ئارقىسىدا، شور لېممېرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەلا بولۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دورىگەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ. 1856-يىلى شور لېممېر ھېيدېلبېرگقا بېرىپ، بىر دورىخانىدا ياردەمچى دورا تەڭشىگۈچى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ دائىم ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىگە بېرىپ خىمىيىدىن دەرس ئاڭلاپ تۇرىدۇ. 1859-يىلى ئەتىيازدا، شور لېممېر دورىخانىدىن چىقىپ لىبىشى دەرس بېرىۋاتقان ھېسسېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ. لېكىن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ كېتەلمىگەنلىكتىن، يېرىم يىللا ئوقۇپ ئوقۇشتىن قالىدۇ. بەختكە يارىشا بۇ چاغدا ساۋاغداشلىرى خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا بىر چىقىش يولى تېپىپ بېرىدۇ. 1859-يىلى كۈزدە، بۇ 25 ياشلىق ياش يىگىت ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ئەنگلىيىگە بېرىپ يېڭى ھاياتنى باشلايدۇ.
شور لېممېر ئاۋال روسكو خىمىيە تەجرىبىخانىسىدا، قايناش نۇقتىسى تۇراقلىق سۇيۇقلۇق كىسلاتا ئېرىتمىسىنىڭ تەركىبىنى ئۆلچەش ئۈستىدىكى مەخسۇس تەتقىقات بىلەن بولغان، ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئوۋېنىس ئىنىستىتۇتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا رەسمىي ياردەمچى بولغان، بۇ چاغدا ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا تەجرىبە دەرس بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى رەسمىي باشلىغان. شور لېممىېر خىمىيە ئانالىزىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇ خىمىيە تەجرىبىسى ۋە خىمىيە تەتقىقاتى بويىچە ئاساسىي ماھارەتكە ئىگە بولۇپ، تەجرىبە جەريانىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك ئۇششاق ھادىسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ كۈزەتكەن ھەمدە خاتىرلەپ ماڭغان، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولمىغان خىمىيىۋى نەرسىلەرنىمۇ دائىم چوڭ خەۋپ-خەتەرگە قارىماي تەھلىل قىلىپ تۇرغان، خىمىيە تەجرىبىسى جەھەتتە ئۇ باتۇر ھەم قەيسەر بولغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ، نۇرغۇن دەۋىر بۆلگۈچ كەشپىياتلارنى ياراتقان.
شور لېممېر 1871-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ سايلانغان. 1874-يىلى ئوۋېنىس ئىنىستىتۇتىدا ئورگانىك خىمىيە پروفېسسورى بولغان. 1878-يىلى ئامېرىكا پەلسەپە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. شور لېممېر پروفېسسور بولغاندىن تارتىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە، تەجرىبە ئۆتكۈزۈش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ۋە تەتقىقاتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سىستېملىق ھالدا يەكۈنلەپ، ۋەكىل خاراكتېرلىك 4 مەخسۇس ئەسەر، 60 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن: شور لېممېر دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن تارتىپ يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيتتى. ئۇ ھەمىشە كۈتۈپخانىغا بېرىپ ماتېرىيال كۆرەتتى، كۈتۈپخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇ ئارىيەت ئېلىپ كېتەتتى. شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ئۇنىڭدىن «قورقىدىغان» بولۇپ قالغان ئىدى. شور لېممېر ئۆز ئەسىرىدە بىرىنچى بولۇپ ئورگانىك ماددىلارنى ئىلمىي ئاساستا تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېملىق ھالدا تەتقىق قىلغان. ئۇ ئورگانىك ماددىلارنى ياغلار ۋە ئاروماتلار دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىغان. ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئورگانىك خىمىيىگە «كاربون ھىدرىت بىرىكمىلىرى ۋە ئۇنىڭ ھاسىلى ماددىسىنىڭ خىمىيىسى» دەپ تەبىر بەرگەن ئادەم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە «ئورگانىك خىمىيە دەرسلىگى» ۋە «خىمىيە دەرسلىگى قامۇسى» دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ كىتابلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا كەڭ تارقالغان كاتتا خىمىيە ئەسەرلىرى بولۇپ قالغان. شور لېممېرنىڭ ئاخىرقى ئەسىرى «خىمىيىنىڭ ئومۇمى تارىخى» دېگەن كىتاب بولىدۇ. ئۇ بۇ كىتابنى كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا يېزىپ چىققان.
ئىنسانىيەت ئۇنىڭغا تېخىمۇ موھتاج بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا ئۆپكە راكى ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئۇ 1892-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، 58 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، 1894-يىلى ئۇ ئىشلىگەن مەكتەپتە «شور لېممېر تەجرىبىخانىسى» قۇرۇلغان.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 476 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-24