سەلمان فارسىي

سەلمان فارسىي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ساداقەتمەن ساھابىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى ئىسلامنى قوبۇل قىلغان پارسلىق ئىدى. كېيىن پارس شەھەرلىرىدىن نۇرغۇن مۆمىنلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئىمان، ئىلىم-مەرىپەت، دىن-دىيانەت ۋە دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ. ئىسلام ئاللاھنىڭ شەھەرلىرىدىن قانداق بىر شەھەرگە كىرسە تەڭداشسىز مۆجىزىلىكى ۋە كۈچ قۇدرىتى بىلەن شەھەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى قوزغىتىپ، خەلق ئىچىدىكى تالانت ئىگىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، ھەرقايسى شەھەر ۋە يۇرتلاردىكى پەيلاسوپلار، دوختۇرلار، ئالىملار، ئاسترونوملار، كەشپىياتچىلار ۋە ماتېماتىكلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش بىلەن ئىسلامنىڭ تۇنجى دەۋىرلىرىنى ئەقىل-پاراسەت، ئىرادە، غايە، قەلب ساھەلىرىدىكى ۋەتەنلىرى ئوخشىمايدىغان، ئەمما دىنى ئوخشاش بولغان تالانت ئىگىلىرى بىلەن تولدۇرۇش، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئاجايىپلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىنىڭ دەلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىننىڭ مۇشۇنداق كاتتا كېڭىيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. ياق، ئۆزى خەۋەر تاپقان ئەمەس، بەلكى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، بۈيۈك پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ۋەدە بەرگەن ئىدى. يەنى بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامان قىسقارتىلىپ ماكان تارايتىلىپ ئىسلام بايرىقىنى يەر يۈزىدىكى بارلىق شەھەر ۋە ئۇنىڭ كاتتۋاشلىرىنىڭ قەسىرلىرىدە لەپىلدەۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى. سەلمانۇل فارسىي بۇ مۆجىزىگە ھازىرلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بولغان ئىشلار بىلەن مۇستەھكەم ئالاقىسى بار.
بۇ مۆجىزىنىڭ ھىجرىيىنىڭ 5-يىلى يەھۇدىي كاتتىۋاشلىرىدىن بىر توپ ئادەم مەككىگە بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارنى يوقىتىپ بۇ يېڭى دىننىڭ شانى-شەۋكىتىنى قومۇرۇپ تاشلايدىغان كەسكىن ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن بارلىق مۇشرىكلارنى ۋە قوشۇنلارنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ ئۇرۇشتا ئۆز-ئارا زىچ ماسلىشىشقا ئەھدە قىلىشىپ ئاتلانغان چاغدا خەندەك كولىغان كۈنىسى يۈز بەرگەن. قۇرەيش قوشۇنى بىلەن مەدىنىدىكى «غەتەفان» قوشۇنى سىرتىدىن ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا «بەنى قۇرەيز» جەمەتى ئىچىدىن يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى گويا ئىككى تۈگمەن تېشى ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھالغا كەلتۈرۈپ ئېزىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىپ خەلقى ئالەمگە ئىبرەت قىلىشتەك ھىيلە-نەيرەڭلىك ئۇرۇش پىلانى تۈزۈلگەن ئىدى. بىر كۈنى تاسادىپىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار تولۇق قوراللانغان نەچچە مىڭلىغان قوشۇننىڭ مەدىنىدىن ئۆزلىرىگە قاراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدى. مۇسۇلمانلار بۇ تاسادىپىيلىقتىن خېلى بەك چۆچۈدى. قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالى تەسۋىرلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرۈكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار». ئەبۇسوفيان بىلەن ئۇيەينە ئىبنى ھېسىن باشچىلىقىدىكى 24 مىڭ ئەسكەر كىشىلەرنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ دىنى، ساھابىلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن قورشاپ چاڭگىلىغا تەلتۆكۈس كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەدىنىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. بۇ قوشۇن قۇرەيشكىلا ۋەكىللىك قىلمايتتى، بەلكى ئۇنىڭدا باشقا قەبىلىلەرمۇ ۋە ئىسلامنى خەتەرلىك دەپ قارىغان نۇرغۇن مەنپەئەتلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ ھۇجۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرى شەخىسلەر بويىچە، گۇرۇھلار بويىچە، قەبىلىلەر بويىچە ۋە مەنپەئەتلەر بويىچە قوزغىغان ھۇجۇملار ئىچىدىكى ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ ئاخىرقى تىرىشىش بولۇپ ھېسابلىناتتى. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى ھېس قىلىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى بۇ ئىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەملىدى. ئۇلار ئەلۋەتتە مۇداپىئە قىلىش ۋە جەڭ قىلىشقا بىرلىككە كېلىشتى. لېكىن قانداق مۇداپىئەلىنىش لازىم؟ دەل شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ۋە بەك ھۆرمەتلەيدىغان، بويى ئېگىز، چاچلىرى قويۇق بىر ئەر ئالدىغا چىقتى.
يەنى «سەلمانۇل فارسىي» ئالدىغا چىقىپ بىر ئېگىزلىك ئۈستىگە چىقىپ پۈتۈن مەدىنە شەھىرىگە نەزەر تاشلاپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن دەرۋەقە ئۆزى ئىلگىرى بىلىدىغاندەك، ئۇنىڭ تاغلار ۋە چۆرىسىدىكى تاشلار بىلەن قورشالغانلىقىنى، لېكىن بىر يەردە كەڭ كەتكەن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ھاڭنىڭ بارلىقىنى، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇ يەردىن قورشاۋغا ئوڭايلا بۆسۈپ كىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدى. سەلمان ئىلگىرى ئۆز دۆلىتىدە كۆپلىگەن ئۇرۇش تېخنىكىلىرى ۋە ھۇجۇم تاكتىكىلىرىدىن خەۋەردار بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى ھېلىقى ئوچۇق رايوننىڭ ھەممىسىگە چۆرىدەپ ئاكوپ كولاشتەك ئەرەبلەر ئۇرۇشلىرىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يېڭى تاكتىكىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بەردى. ناۋادا ئۇلار قۇرەيش ئىلگىرى كۆرۈپمۇ باقمىغان، بىر كېچىسى ئاللاھ كۈچلۈك بوران چىقىرىپ چېدىرلىرىنى يۇلۇپ تاشلاپ قوشۇنلىرىنى تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتكەنگە قەدەر، قوشۇنلىرى مەدىنىگە بۆسۈپ كىرىشتىن ئاجىزلىق كېلىپ بىر ئاي چېدىرلىرىدا قاپسىلىپ قېلىشقا سەۋەپ بولغان ئاشۇ ئاكوپنى كولىمىغان بولسا، مۇسۇلمانلارنى نېمە ئاقىۋەت كۈتىۋاتقانلىقىنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلەتتى. ئاخىرى ئەبۇ سۇفيان قوشۇنلىرىغا، كەلگەن يەرلەرگە ئۈمىدسىزلەرچە، مەغلۇبلارچە چېكىنىپ كېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئاكوپ كولاشتا سەلمانمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق كولاۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ جوتۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلىگەن ئىدى. سەلمان ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەۋاتقان ئورۇندا ئۇلارنىڭ جوتۇلىرى غايەت زور قورام تاشقا ئۇرۇلدى. سەلمان ئىنتايىن بەستلىك، كۈچلۈك بولۇپ بازغاندەك بىلەكلىرى بىلەن ھەر قانداق تاشنىمۇ بىر ئۇرۇپلا ئوت چاقنىتىپ پارچىلىۋېتەلەيتتى. ئەمما بۇ قېتىم بۇ تاش ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قالدى ۋە ئەتراپتىكىلەرنى ياردەمگە چاقىرىۋېدى ئۇلارمۇ ئاجىز كېلىپ قېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن سەلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بۇ قاتتىق قورام تاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئاكوپنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىزنى سوراش ئۈچۈن باردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەرنى ئاڭلاپ تاشنى ۋە تاشنىڭ ئورنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن سەلمان بىلەن بىللە كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشنى كۆرگەندىن كېيىن جوتۇ (مىتىن) نى كەلتۈرۈپ ساھابىلىرىنى تاشنىڭ ئۇچقۇنلىرىدىن ئازراق يىراق تۇرۇشقا بۇيرىدى ۋە «بىسمىللاھ» دەپ جوتۇنى مۇبارەك قوللىرى بىلەن كۈچەپ تۇتقان ھالدا ئاسمانغا كۆتۈرۈپ تاشقا قاتتىق ئۇرىۋىدى، تاش يېرىلىپ يېرىق ئارىسىدىن كۈچلۈك نۇر چىقىپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. سەلماننىڭ ئېيتىشىچە ئۇ نۇرنىڭ مەدىنىنىڭ ئەتراپلىرىنى يورۇتىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەكبىر ئېيتقان ھالدا: «ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ، پارس ئېلىنىڭ ئاچقۇچلىرى بېرىلدى، مەن تاشنىڭ نۇرىدا ھىيرەنىڭ سارايلىرىنى، كىسرانىڭ شەھەرلىرىنى كۆردۈم، ئۈممىتىم چوقۇم ئۇلارنى ئازاد قىلىدۇ» دېدى. ئۈچىنچى قېتىم ئۇرغاندا تاش يەنە يېرىلىپ تولۇق تەسلىم بولدى ۋە كۈچلۈك نۇر چىقاردى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ «پەقەت ئاللاھلا كۈچ قۇۋەت بەرگۈچىدۇر» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ھازىر ئۆزىنىڭ سۈرىيە، سەنئا ۋە ئۇلاردىن باشقا زېمىن يۈزىدىكى كۈنلەردە بىر كۈنى ئاللاھنىڭ بايرىقى ئۈستىدە لەپىلدەيدىغان شەھەرلىرىنى كۆرگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. بۇنى ئاڭلاپ مۇسۇلمانلار چوڭقۇر ئىمانلىرى بىلەن: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى شۇنداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىزگە ۋەدە بەرگەن. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتىدۇ» دەپ چۇقان سېلىشتى.
سەلمان ئاكوپ كولاش مەسلىھىتىنىڭ ئىگىسى ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم سورىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن بىر قىسىم غايىبانە سىرلار ۋە كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سىرلار پارتلاپ چىققان ھېلىقى تاشنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ نۇرنى كۆرگەن، خۇشخەۋەرنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئىدى. ھەتتا بۇ خۇش خەۋەرنى بېشىدىن ئەمىلىي ئۆتكۈزدى ۋە پارس، رىم شەھەرلىرىنى كۆردى. سەنئا، سۈرىيە، مىسىر، ئىراقلارنىڭ شەھەرلىرىنى ھەر قايسى جايلاردىكى ئېگىز ئەزانخانىلەردىن ياڭرىغان ئۇلۇغ ئەزان ساداسىنىڭ ھىدايەت ۋە ياخشىلىقىنىڭ نۇرلىرىنى تارىتىپ، مۇبارەك ساداسى بىلەن يەر-زېمىننى تەۋرىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مانا ئۇ «مەدائىن» دىكى ھويلىسى ئالدىدىكى بۈك-باراقسان دەرەخنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ سۆھبەتداشلىرىغا ئۆزىنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق تەۋەككۈلچىلىك قىلغانلىقى، ئۇ قەۋمى پارس خەلقىنىڭ دىننى قانداق تاشلاپ خىرىستىئان دىنىغا، ئاندىن ئىسلام دىنىغا قانداق كىرگەنلىكى، ھاكاۋۇر دادىسىنىڭ ھېسابسىز بايلىقىدىن قانداق ۋاز كېچىپ ئەقلىنى ۋە روھىيىتىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئىزدەپ ئۆزىنى يوقسۇللۇق قوينىغا قانداق ئاتقانلىقى، ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدا قۇل بازارلىرىدا قانداق سېتىۋېتىلگەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقانلىقى، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ، كېلىڭلار، ئۇنىڭ مۇبارەك سورۇنىغا بىزمۇ يېقىنلىشىپ ئۇ بايان قىلىپ بېرىۋاتقان ھەيران قالدۇرارلىق خەۋەرگە بىزمۇ قۇلاق سالايلى.
«مەن ئىسپاھاننىڭ جى كەنتىدىن ئىدىم، دادام دېھقان بولۇپ، ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى. ئوتپەرەسلىك دىنىغا كۆپ ئىجتىھات قىلغان ئىدىم. ھەتتا مەن بىز داۋاملىق يېقىپ قويۇپ ئۆچۈرمەيدىغان ئوتنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتتىم. دادامنىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرى بار بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى، مەن ئېتىزلىققا كېتىۋېتىپ يولدا خىرىستىئانلارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدىم-دە، ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىردىم، مەن ئۇلارنىڭ ئوقۇۋاتقان نامىزىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم-دە، ئىچىمدە: ئۇلارنىڭ بۇ دىنى بىزنىڭ دىنىمىزدىن كۆپ ياخشىكەن دېدىم، مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا تاكى كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر شۇ يەردە بولۇپ قالدىم، دادامنىڭ دېھقانچىلىق يېرىگىمۇ بارمىدىم، ئاخىرى دادام ئارقامدىن ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئۇلارنىڭ دىنى ۋە نامىزى مېنى قىزىقتۇرغاندىن كېيىن مەن ئۇلارنىڭ دىننىڭ قەيەردە بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا سورىۋىدىم ئۇلار: شامدا بارلىققا كەلگەن دەپ جاۋاب بېرىشتى، مەن ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن دادامغا ئۆزۈمنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكىمنى، ئۇلارنىڭ نامىزىغا قىزىقىپ قالغانلىقىمنى، ئۇلارنىڭ دىنىنى بىزنىڭ دىنىمىزدىن ياخشى دەپ قارايدىغانلىقىمنى، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم، دادام بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەنلىكىدىن پۇتلىرىمغا ئىشكەل سېلىپ ئۆيگە سولاپ قويدى. مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ، خىرىستىئانلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرگەنلىكىم ھەققىدە بىر پارچە مەكتۇپ ئەۋەتتىم ۋە خېتىمدە ئۇلاردىن ئەگەر شامدىن كارۋان كېلىپ قالسا ئۇلار قايتىپ كېتىشتىن بۇرۇن ماڭا خەۋەر قىلىشىنى ۋە مېنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە شامغا ئېلىپ كېتىشىنى ئۆتۈندۈم، ئۇلار دەرۋەقە شۇنداق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن پۇتۇمدىكى ئىشكەلنى بۇزۇپ قېچىپ چىقىپ ئۇلار بىلەن شامغا كەتتىم.
مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئۆلىماسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىسام، ئىبادەتخانىنىڭ ئىگىسى يەنە بىر روھانىي ئىكەنلىكى دېيىلدى، مەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئۆزۈم توغرىسىدا ئەھۋال تونۇشتۇردۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇپ قالدىم، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتىم، ناماز ئوقۇيتتىم، دىنىي تەلىم ئالاتتىم. بۇ ئادەم دىنى جەھەتتىن ناچار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سەدىقىلىرىنى باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى. كېيىن بۇ ئادەم ئالەمدىن كەتتى. بۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنى سايلاشتى، بۇ ئادەم ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، دىنى جەھەتتە ئەڭ ياخشى ئىدى، ئاخىرەتكە كۆپ ئىشتىياق باغلىغان ئىدى، دۇنيادا بەكمۇ تەقۋادارلىق بىلەن ياشايتتى، ئىبادەتتە بەكمۇ ئىجتىھات قىلاتتى. «مەن ھېچ كىشىنى ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمىگەن ئىكەنمەن. ئۇنىڭغا قازا ۋە قەدەر يەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: سىلىگە ئاللاھنىڭ ئىشى يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، ماڭا قانداق ۋەسىيەت قالدۇرىلا؟ مېنى كىمگە تاپشۇرىلا؟ دېدىم، ئۇ ماڭا: ئى ئوغلۇم، «مۇسەل» دىكى بىر ئادەمدىن باشقا ماڭا ئوخشاش دىيانىتى بار ھېچكىمنى بىلمەيمەن، دېدى. بۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن مەن مۇسەلدىكى ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا باردىم ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بەردىم ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا ئاللاھ خالىغان مەزگىلگىچە بىللە ھايات كەچۈردۈم، ئۇنىڭغا ۋاپات يېقىنلاپ كەلگەندە مېنى باشقا بىرسىگە تاپشۇرۇپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىۋىدىم، «نەسسيىبن» دىكى بىر ئابىتقا تونۇشتۇرۇپ قويدى. مەن ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بەردىم ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا ئاللاھ خالىغان مەزگىلگىچە بىللە تۇردۇم. ئۇنىڭغىمۇ ۋاپات يېقىنلاپ كەلگەن چاغدا مېنى باشقا بىرەرسىگە تاپشۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىۋىدىم، رىم شەھەرلىرىدىن بولغان «ئەمۇرىيە» شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشۈمنى ئېيتتى، مەن يەنە ئۇنىڭ يېنىغا سەپەر قىلىپ بېرىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ كىشى بىلەنمۇ بىر مەزگىل تۇردۇم. بۇ جەرياندا تۇرمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن بىر قانچە كالا بىلەن بىر قانچە پاقلان سېتىۋېلىپ باقتىم. ئۇنىڭغىمۇ ۋاپات يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن: مېنى ئەمدى كىمگە تاپشۇرىلا؟ دەپ سورىسام ئۇ ماڭا: «ئى ئوغلۇم، مەن ماڭا ئوخشاش دىيانىتى بار يەنە بىر ئادەمنى تونۇمايمەن، لېكىن پات ئارىدا بىر پەيغەمبەر ئىبراھىمنىڭ ھەق دىنى بىلەن ئەۋەتىلىدۇ، ئۇ ئىككى تاشلىق يەر ئوتتۇرىسىدىكى خورمىلىق زېمىنغا ھىجرەت قىلىپ بارىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئىخلاس قىلالىساڭ شۇنداق قىلغىن، ئۇنىڭ ھەممىگە داڭقى كەتكەن ئالامەتلىرى بار بولۇپ، سەدىقىنى يېمەيدۇ، ھەدىيە قوبۇل قىلىدۇ. ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيغەمبەرلىك مۆھۈرى بولۇپ كۆرسەڭ تونۇيسەن دېدى.
بىر كۈنى مەن بىر توپ كارۋان بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇلاردىن قايسى شەھەردىن كەلگەنلىكلىرىنى سوراپ ئەرەب ئارىلىدىن كەلگەن ئىكەنلىكىنى بىلدىم-دە، ئۇلارغا: سىلەرگە مۇنۇ كالىلىرىمنى، قويلىرىمنى بېرەي، مېنى ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە يۇرتۇڭلارغا ئېلىپ كېتەلەمسىلەر؟ دېسەم ئۇلار: بولىدۇ دەپ قوشۇلۇشتى. ئۇلار مېنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ «ۋادىل قۇرا» دېگەن يەرگە بارغاندىن كېيىن مېنى بوزەك ئېتىشتى ۋە يەھۇدىيلاردىن بولغان بىر ئادەمگە سېتىۋېتىشتى. مەن بۇ يەردە كۆپ خورمىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ماڭا تەرىپلەپ بەرگەن، كەلگۈسى پەيغەمبەر ھىجرەت قىلىدىغان يۇرت مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، لېكىن ئۇ ئەمەسكەن. مەن مېنى سېتىۋالغان بۇ ئادەمنىڭ يېنىدا قېلىپ قالدىم، بىر كۈنى «بەنى قۇرەيزە» قەبىلىسىدىكى يەھۇدىيلاردىن بولغان بىر ئادەم كېلىپ مېنى سېتىۋالدى ۋە مەدىنىگە ئېلىپ باردى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ شەھەرنى كۆرگەن ھامان ماڭا تەرىپلەپ بېرىلگەن شەھەرنىڭ دەل شۇ ئىكەنلىكىگە جەزم قىلدىم ۋە ئۇنىڭ «بەنى قۇرەيزە» قەبىلىسىگە تەۋە خورمىزارلىقىدا ئىشلىگەن ھالەتتە ئاللاھ پەيغەمبىرىنى ئەۋەتىپ مەدىنىگە كېلىپ «ئەر ئىبنى ئەۋ» نىڭ تەۋەلىكىگە چۈشكەنگە قەدەر ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم. مەن بىر كۈنى خورمىنىڭ ئۈستىدە، خوجايىنىم خورمىنىڭ ئاستىدا ئولتۇراتتى. تاغىسىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان بىر يەھۇدىي تۇيۇقسىز كەلدى،-دە، خوجايىنىغا قاراپ: ئاللاھ «بەنى قىيلە» جەمەتىنى ھالاك قىلىۋەتسۇنكى، ئۇلار «قۇبادىكى مەككىدىن كەلگەن پەيغەمبەر دەپ قارىلىدىغان بىر ئادەمگە قارشى تۇرماقچى بولۇشىۋاتىدۇ» دېدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ ئادەمنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان بەدىنىمگە تىتىرەك ئولىشىپ كەتتى،-دە، خورمىنى تەۋرىتىپ خوجايىنىمنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشەي دەپ قالدىم!! خورما دەرىخىنىڭ ئۈستىدىن ئالدىراپ چۈشتۈم-دە، نېمە دەۋاتىسىز؟ نېمە ئىش بوپتۇ؟ دەپ قايتىلاپ سورىدىم، بۇ چاغدا خوجايىن قولىنى كۆتۈرۈپ مېنى بىر كاچات ئۇردى-دە، سېنىڭ نېمە چاتىقىڭ؟ ئىشىڭنى قىل! دېدى. مەن ئىشىمنى قىلدىم، كەچ بولغاندا يېنىمدىكى خورمىلارنى يىغىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قۇباغا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم، قارىسام ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر مۇنچە ساھابىلەر بار ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا: سىلەر بۇ يەرگە مۇساپىر، سىلەرگە ھەر قاچان بىر نەرسىلەر كېرەك، مەندە سەدىقىگە ئاتاپ قويغان ئازىراق يېمەكلىك بار ئىدى، مەن سىلەرنىڭ تۇرالغۇڭلارنى بىلگەندىن كېيىن سىلەرگە بەرسەم ئەڭ ھەقلىق بولىدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنى سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىدىم دېگىنىمچە ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا: «بىسمىللاھ دەپ يەڭلار دېدى، ئۆزى بولسا تېتىمىدى ۋە قول ئۇزاتمىدى، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بىرى مۇشۇ ئىكەن، يەنى ئۇ سەدىقىنى يېمەيدىكەن، دېدىم. ئاندىن كېيىن مەن قايتىپ كېتىپ ئەتىسى سەھەردە تاماق ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: مەن سىلىنىڭ سەدىقىنى يېمەيدىغانلىقلىرىنى كۆردۈم. مەندە ئازىراق بىر نەرسە بار ئىدى، مەن ئۇنى سىلىگە ھەدىيە قىلاي دەپ ئېلىپ كەلگەن ئىدىم دېدىم ۋە ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويدۇم. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «بىسمىللاھ دەپ يەڭلار، دېدى ۋە ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە يېدى، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئىككىنچىسى مۇشۇ ئىكەن، يەنى ئۇ ھەدىيەنى يەيدىكەن دېدىم.
مەن قايتىپ كېتىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم، بۇ چاغدا ئۇ «بەقى» دا جىنازىغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان ئىكەن. ئەتراپىدا ساھابىلىرى بار ئىكەن، ئۈستىدە ئىككى دانە يېپىنچا بار بولۇپ، بىرنى ئۆشنىسىگە ئارتىۋالغان، يەنە بىرىنى ئىشتان قىلىپ ئورىۋالغان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا سالام قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇچىسىنىڭ ئۈستى تەرەپكە قاراشقا تىرىشتىم، ئۇ بۇنى بىلىپ ئۆشنىسىدىكى يېپىنچىنى چۈشۈرۋېتىۋىدى، مەن ئۇنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددى ھەمراھىم تەسۋىرلەپ بەرگەندەك پەيغەمبەرلىك مۆھۈرىنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۇنى بۇسە قىلغىنىمچە يىغلاپ كەتتىم، ئارقىدىن ئۇ مېنى چاقىردى. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا خۇددى سىلەرگە سۆزلەپ بەرگەندەك سۆزلەپ بەردىم ۋە مۇسۇلمان بولدۇم، لېكىن قۇللۇق مېنىڭ بەدرى غازىتى بىلەن ئۇھۇد غازىتىغا قاتنىشىشىمغا توسالغۇ بولدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «خوجايىنىڭغا سېنى ئازاد قىلىش ھەققىدە خەت يازغىن» دېدى ۋە ساھابىلەرنى ماڭا ياردەم قىلىشقا بۇيرىدى. مەن خەت يازدىم. نەتىجىدە، ئاللاھ مېنى ئازاد قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ ئازاد ياشىدىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە خەندەك غازىتى ۋە باشقا بارلىق ئىشلارغا قاتناشتىم».
سەلمان مانا شۇنداق جاراڭلىق، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئاللاھقا يەتكۈزىدىغان، ھاياتلىقتىكى رولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدا ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇلۇغ، ئېسىل، پاك تەۋەككۇلچىلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. نېمە دېگەن كاتتا ئىنسان بۇ؟ ئۇنىڭ ئالغا ئىنتىلىشچان روھى قولغا كەلتۈرگەن، ئىرادىسى قىيىنچىلىقلارغا بۆسۈپ كىرىپ بويسۇندۇرغان، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارغا ئايلاندۇرغان نېمە دېگەن ئالىي ئۈستۈنلۈك بۇ؟ ئۇنىڭ ئۆز دادىسى ۋە تۈگىمەس بايلىق، باياشات تۇرمۇشلاردىن ۋاز كېچىپ جاپالىق نامەلۇم ھاياتقا قەدەم قويۇپ ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا كۆچمەن بولۇشىغا، سەزگۈر دىلى بىلەن ھاياتلىقنى، كىشىلەرنى ۋە تۇرمۇش يوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جاپا چېكىپ شەھەرمۇ شەھەر سەرگەردان بولۇشىغا، شۇنداق بولسىمۇ يەنە بەل قويۇۋەتمەي ھەقىقەتنى غالىبلارچە ئىزدىشى ۋە ھەتتاكى قۇل بولۇپ سېتىلغانغا قەدەر ھىدايەت ئۈچۈن ئاشۇنداق قۇربانلارنى بېرىشكە، ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئەڭ تولۇق ساۋاب بېرىشىگە، ھەقىقەت بىلەن جەملەپ پەيغەمبىرى بىلەن مۇلاقات قىلىشىغا، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ بايراقلىرىنىڭ ھەممە جايدا لەپىلدەۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمان بەندىلىرىنىڭ ھەممە جاينى ھىدايەت، ئاۋاتلىق ۋە ئادالەت بىلەن تولدۇرغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈدەك ئۇزاق ئۆمۈر ئاتا قىلىشىغا سەۋەب بولغان نېمە دېگەن چوڭ ھەقىقەتچىلىك بۇ، نېمە دېگەن ئۇلۇغ روھ بۇ؟ بىزنىڭ ئويلىشىمىزچە مۇشۇنداق ھىممەتلىك، مۇشۇنداق ئىخلاسمەن بىر ئادەمنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقى قانچىلىكتۇ؟ كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئۇنىڭدا تەقۋادار، ياخشى بەندىلەرگە خاس تەقۋادارلىق، سەزگۈرلۈك، ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ئەڭ ئوخشايدىغان پەرھىزكارلىق بار.
ئۇ ئەبۇدەردا بىلەن مەلۇم ۋاقىت بىر ھويلىدا تۇرغان ئىدى. ئەبۇدەردا بولسا كېچە قوپۇپ ناماز ئوقۇپ ئىبادەت قىلسا كۈندۈزى روزا تۇتاتتى. سەلمان ئۇنىڭ ئىبادەتتە بۇنداق تېنەپ كېتىۋاتقانلىقىنى توغرا تاپالمىدى-دە، بىر كۈنى ئۇنىڭ نەفلى روزا تۇتۇش ئىرادىسىنى بوشاتماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئەبۇدەردا ئۇنىڭغا كايىپ: «سىلى مېنى پەرۋەردىگارىم ئۈچۈن روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇشۇمدىن توسماقچى بولۇۋاتاملا»؟ دېۋىدى، سەلمان: «كۆزلىرىنىڭمۇ سىلىدە ھەققى بار، ئائىلىلىرىنىڭمۇ سىلىدە ھەققى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتسىلا، ئېغىزلىرى ئوچۇقمۇ يۈرسلە، نامازمۇ ئوقۇسلا، ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلىسلا» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن: «سەلمان ئىلىمدە كامالەتكە يەتكۈزۈلۈپتۇ» دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇددى ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە دىنى-دىيانىتىنى ماختىغاندەك، زېرەكلىكى ۋە بىلىمىگىمۇ يۇقىرى باھا بېرەتتى. ئاكوپ كولىغان كۈنىسى ئەنسارلار: «سەلمان بىزنىڭ» دېسە مۇھاجىرلار: «سەلمان بىزنىڭ» دەپ ئۇنى تالىشىپ قالغان ئىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خىتاپ قىلىپ: «سەلمان ھەممىمىزنىڭ» دېگەن ئىدى. ئۇ بۇ شەرەپكە ھەقىقەتەن لايىق. ئەلى ئەبى تالىپ (ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلسۇن) ئۇنى «لوقمان ھەكىم» دەپ ئاتايتتى. سەلمان ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۇ توغرىسىدا سورالغاندا «ئۇ ئارىمىزدىن چىققان ئۇلۇغ ئىنسان، ئاراڭلاردا (بۇ لوقمان ھەكىم) دەك يەنە كىم بار؟ ئىلگىرىكىلەر بىلەن كېيىنكىلەرنىڭ ئىلمى ئاتا قىلىنغان، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇغان بولۇپ قۇرىماس دېڭىز ئىدى» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىمى ساھابىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەيتتى.
ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكى دەۋىرىدە، ئۇ مەدىنىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن چېغىدا، ئۆمەر ھېچكىمگە قىلمىغان ھەشەمەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ئىكرام قىلغان ئىدى ۋە ھەمراھلىرىنى يىغىپ: «كېلىڭلار، سەلماننى كۈتىۋېلىشقا ئالدىغا چىقايلى» دېگىنىچە مەدىنىنىڭ سىرتىغا ئۇنى كۈتىۋالغىلى چىققان ئىدى. سەلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەندىن باشلاپ ئىمان ئېيتقان، جىھاد قىلغان، ئىبادەت قىلغان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىللە ياشىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىلىرى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان قاتارلىقلار بىلەنمۇ تاكى ئۇلار ۋاپات بولغۇچە بىرگە ياشىدى. ئۇ ياشاپ ئۆتكەن شۇ يىللارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىسلام بايراقلىرى ئۇپۇقنى تولدۇرۇپ ئولجا ۋە يەر باجلىرىدىن كەلگەن بايلىق ۋە مال-مۈلۈكلەر مەدىنىگە ئېلىپ كېلىنىپ ئىزچىك، قەرەللىك تۈردە مۇسۇلمانلارغا سوۋغا قىلىپ تارقىتىپ بېرىلەتتى، جەمئىيەتتە ئىسلامنىڭ تەسىرى كېڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك خىزمەت ۋە ئەمەللەرمۇ كۆپەيگەن ئىدى. ئۇنداقتا ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان بۇنداق بايلىق دېڭىزى ئىچىدە سەلمان قانداق قىلدى؟ئۇ قەيەردە؟
كۆزۈڭلارنى ئوبدان ئېچىپ قاراڭلار. بۇ سۈرلۈك سۈرلۈك بوۋاينىڭ ئاۋۇ يەردە سايىدا ئولتۇرۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن، بېرىلىپ خورما يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈپ، ئۇنىڭدىن زەمبىل قاتارلىق سايمانلارنى توقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئوبدان قاراڭلار، ئەنە شۇ سەلمان!! ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ زىيادە قىسقىلىقىدىن تىزىغا چىقىپ كەتكەنلىكىگە ئوبدان قاراڭلار، گەرچە ئۇنىڭ قېرىلىق سۈرى بولسىمۇ، يەنە نېمە دېگەن يېقىملىق، نېمە دېگەن ئېسىل! ئۇنىڭ كىرىمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ تۆت مىڭ دىرھەمدىن ئالتە مىڭ دىرھەمگىچە تاپاتتى، ئەمما ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى نامراتلارغا تارقىتىپ بېرەتتى، ئۆزى بولسا بىر دىرھەممۇ ئېلىپ قالمايتتى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: «بىر دىرھەمگە خورما يوپۇرمىقى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭدىن سايمان توقۇپ ئۈچ دىرھەمگىچە ساتىمەن، بىرىنچى دىرھەمگە يەنە خورما يوپۇرمىقى سېتىۋېلىپ ئىككىنچى دىرھەمنى ئائىلە، بالا-چاقىلىرىمغا خىراجەت قىلىپ بېرىمەن، ئۈچىنچى دىرھەمنى بولسا ئاجىزلارغا سەدىقە قىلىمەن. ئەگەر ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مېنى بۇنداق قىلىشتىن توسسىمۇ ھەرگىز يانمايمەن»! ئى مۇھەممەدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، ئى ئىنسانىيەتنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلىرى ۋە ماكانلىرىدا ئۇلارغا چەكسىز شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگۈچىلەر!! مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئىنساندىن باشقا سىلەرگە يەنە قانداقراق ئادەم كېرەك؟ بەزىلىرىمىز ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئەبۇزەر ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بىر قىسىم ساھابىلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ۋە دۇنيا ھالاۋىتىگە بېرىلمىگەنلىكىنى ئاڭلىغان چېغىدا بۇ ئەرەبلەرنىڭ ئاددىي ياشاشنى ياخشى كۆرۈشىدىن بولغان، چۈنكى ئەرەب ئارىلىدىكى تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى شۇنداق ئىدى دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئالدىمىزدىكى كەمبەغەللەردىن ئەمەس بەلكى زەردارلاردىن بولغان، باي، باياشاتلىق، مەدىنىيەتلىك پارس دۆلىتىدىن كەلگەن بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مال-مۈلۈك، بايلىق، ھوزۇر-ھالاۋەتنى رەت قىلىپ كۈنىگە ئۆزى ئىشلەپ تاپقان بىر دىرھەم بىلەن قانائەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇ نېمە ئۈچۈن ھوقۇق تۇتۇشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «ئىككى ئادەمگە باشلىق بولماي توپا يەپ تۇرمۇش كەچۈرەلىسەڭ شۇنداق قىلغىن» دەيدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئۇ جىھاد ئۈچۈن يولغا چىققان قوشۇنغا قوماندان بولۇش، ئۆزىدىن باشقا ياراملىق ئادەم تېپىلمىغان شارائىتتا باشلىق بولۇشقا مەجبۇرلانغان چېغىدا كۆز يېشى قىلغان، ئېھتىياتچان بولغان ھالدا ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا ھەر قانداق ھوقۇق-مەنسەپنى رەت قىلىدۇ؟! يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە مەجبۇرىي بېرىلگەن شۇ قوماندانلىق مەزگىلىدىكى ھالال بايلىقنى ئېلىشقا ئۇنىمايدۇ؟ ھىشام ئىبنى ھەسساننىڭ ھەسەندىن رىۋايەت قىلىشىچە «شۇ چاغدا سەلمانغا بېرىلمەكچى بولغان بايلىق بەش مىڭ ئىكەن، ئۈچ مىڭ ئادەم ئالدىدا توننىڭ يېرىمنى ئۈستىگە كىيىپ يېرىمنى ئاستىغا سېلىپ ئولتۇرۇپ خۇتبە ئوقۇپ ۋەز-تەبلىغ قىلىدىكەن. ئۆزىگە تەقسىم بولغان بايلىقنى رەت قىلىپ ئۆزى ئىشلەپ جان باقىدىكەن». ئۇ بىر ھوزۇر-ھالاۋەت قوينىدا ئىغاڭلاپ، مەدىنىيەت بېغىدا يايراپ چوڭ بولغان بىر پارسلىق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا تەقۋادارلىق قىلىدۇ؟! نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇلۇغ روھى رەھىمدىل، بۈيۈك پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقات بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان چېغىدا ئۆلۈم كۆرپىسىدە ياتقان ھالدا بەرگەن جاۋابىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى.
سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئۇنى يوقلاپ يېنىغا كىرگەندە سەلمان كۆز يېشى قىلىپ يىغلىغان، بۇنى كۆرۈپ سەئىد : نېمىگە يىغلايلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلىدىن رازى بولغان ھالەتتە ۋاپات بولدىغۇ؟ دېۋىدى، سەلمان جاۋاب بېرىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆلۈمدىن قورقۇپ ياكى دۇنيادىن ئايرىلالماي يىغلىغىنىم يوق، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە: «سىلەر دۇنيادىن بىر يولۇچىغا لايىق ئوزۇق-تۈلۈككە ئېرشسەڭلار شۇ كۇپايە» دەپ ئەھدە قىلغان ئىدى، ئەمدى قارىسام ئەتراپىمدا يەنە بىر مۇنچە نەرسىلەر تۇرىدۇ دېدى. سەئىد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا قارىسام بىر چۆگۈن ۋە لېگەندىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا: ئىجرا قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە بىر ئىشنى ئەھدە قىلغىن دېۋىدىم مۇنداق دېدى: «ئى سەئىد، بىرەر ئىشقا كىرىشكەن چېغىڭدا ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ھۆكۈم چىقارغان ۋاقتىڭدىمۇ ئاللاھنى ياد ئەتكىن، بىرەر نەرسىنى تەقسىملىگەن ۋاقتىڭدىمۇ ئاللاھنى ياد ئەتكىن» دېدى. ئۇنداقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ساھابىلىرىغا دۇنيانىڭ ئۇلارنى ئالدىغا سېلىۋالماسلىق، دۇنيادىن پەقەت يولۇچىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىچىلىك مىقداردا ئېلىش توغرىسىدىكى قىلغان ئەھدىسى ئۇنىڭ قەلبىنى دۇنيانىڭ مال-دۇنيالىرى ۋە مەئىشەتلىرىدىن قول ئۈزدۈرگەنسېرى ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىدىيىسى ئۇنىڭ دىلىنى بايلىققا تولدۇرغان ئىكەن. سەلمان بۇلارنى ئېسىدە چىڭ تۇتقان بولسىمۇ يەنە ئۆزىنىڭ روھىنىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرەپ كۆز يېشى قىلدى. يېنىدا تاماق يەيدىغان بىر دانە لېگەن بىلەن سۇ ئىچىدىغان ۋە تاھارەت ئالىدىغان بىر دانە چۆگۈندىن باشقا ھېچنەرسە بولمىسىمۇ يەنە ئۆزىنى ھۇزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن دەپ ئويلاۋاتىدۇ. مەن سىلەرگە ئۇ ئۆمەرگە ئەڭ ئوخشايدۇ دېمىگەنمىدىم.
«مەدائىن» غا ئەمىر بولغان شۇ مەزگىللەردىمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، خۇددى بىز يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئەمىرلىك مۇكاپاتىدىن بىر دىرھەممۇ ئېلىشقا ئۇنىماي داۋاملىق ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ، جان باققان، كىيىدىغان كىيىمى بىر ئاددى يەكتەك بولۇپ، ئاددى-ساددىلىقتا بىر كونا كىيىمدىن قېلىشمايتتى. بىر كۈنى يولدا كېتىۋاتقاندا، شام تەرەپتىن كەلگەن ئەنجۈر بىلەن خورما يۈدىۋالغان بىر ئادەم ئۇچراپ قالدى، بۇ شاملىق ئادەم ھېرىپ كەتكەنلىكتىن يۈكنى كۆتۈرەلمەيۋاتاتتى، ئۇ ئالدىدا ئادەتتىكى كەمبەغەل كىشىلەردەك كۆرۈنىدىغان بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يۈكنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن ئەجرىنى بېرىشنى ئويلىدى-دە، ئۇ ئادەمگە كەل دەپ ئىشارەت قىلىۋىدى كەلدى، بۇ چاغدا شاملىق ئۇنىڭغا بۇ يۈكنى كۆتۈرشۈپ بەرگىن دېدى ۋە ئىككەيلەن بىرلىكتە مېڭىشتى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا بىر جامائە كىشىلەرگە ئۇچراپ قېلىشتى–دە، ئۇلارغا سالام قىلىشتى، بۇ كىشىلەر ئۇلارغا سالام قايتۇردى ۋە «ئەمىرگىمۇ سالام» دېيىشكىنىچە كېتىپ قېلىشتى. بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى شاملىق ھەيران قالدى ۋە ئۆز-ئۆزىگە: ئەمىرگىمۇ سالام..؟ قايسى ئەمىرنى دەۋاتىدۇ..؟! دېدى. بەزىلەرنىڭ سەلمان تەرەپكە ئالدىراپ كېلىپ: ئى ئەمىر، ئەكەلسىلە، يۈكنى مەن كۆتۈرىۋالاي دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئاشتى. ئەنە شۇ چاغدا بۇ شاملىق، ئۇ كىشىنىڭ مەدائىن شەھىرىنىڭ ئەمىرى «سەلمان فارسىي» ئىكەنلىكىنى پەملىدى،-دە، قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ قىلغانلىرىدىن كۆپ ئۆزرە ئېيتتى ۋە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يۈكنى تارتىپ ئېلىپ كۆتۈرمەكچى بولدى، لېكىن سەلمان بېشىنى چايقاپ رەت قىلىپ: «ياق، بارىدىغان يېرىڭىزگىچە ئۆزۈم كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بېرەي» دېدى.
بىر كۈنى ھەمراھى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قارىسا خېمىر يۇغۇرىۋاتقان ئىكەن، بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: خىزمەتچى نەگە كەتتى؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇنى بىر ئىشقا ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى تاپشۇرۇشنى خالىمىدۇق دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. بىز «ئۆي» دېگەن ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ قانداق ئۆي ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلىپ باقايلى. سەلمان ھازىر بىز ئۆي دەپ ھېسابلاۋاتقان بۇ ئۆينى سالماقچى بولغاندا قۇرۇلۇشچىدىن: ئۆينى قانداقراق سېلىپ بېرىسىز؟ دەپ سورىغان، قۇرۇلۇشچى ناھايىتى زېرەك ئادەم بولۇپ سەلماننىڭ تەقۋادارلىقى ۋە پەرھىزكارلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا چاقچاق قىلىپ: «ئەنسىرىمىسلە، ئىسسىقتا سايىدىغىلى، سوغۇقتىن ساقلانغىلى بولغىدەك، ئۆرە تۇرسلا باشلىرى تورۇسقا تاقىشىپ قالىدىغان، ياتسىلا پۇتلىرى تامغا تاقىشىپ قالىدىغان بىر ئۆي سېلىپ بەرسەم بولار؟ دەپ جاۋاب بەرگەندە سەلمان ئۇنىڭغا: «بولىدۇ، شۇنداق سېلىپ بېرىڭ» دېگەن. بۇ ئۆيدە سەلمان ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئايالىغا ئىشەنچلىك يەرگە يوشۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئامانەت بەرگەن بىر نەرسىدىن باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىچىدە ئۇنى قىزىقتۇرغىدەك ھېچنەرسە يوق ئىدى. ئۆلۈم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قەبزى روھ بولغان كۈننىڭ ئەتتىگىنىدە ئايالىنى چاقىرىپ: «مەن سىزگە يوشۇرۇپ قويۇشقا بەرگەن نەرسىنى ئېلىپ كېلىڭ» دېدى. ئايالى ئۇنى تېپىپ ئېلىپ كەلدى، ئەسلىدە ئۇ «جەلۋىللا» دېگەن يەرنى ئازاد قىلغان كۈنىسى ئېرىشكەن، خالتىغا قاچىلانغان ئىپار بولۇپ، ۋاپات بولغان كۈنىسى ئۆزىنى خۇشپۇراقلاشتۇرۇشقا ساقلاپ قويغان ئىكەن. ئۇ بىر پىيالىنى ئەكەلدۈرۈپ سۇ قۇيۇپ ئىپارنى ئۇنىڭغا تاشلىدى ۋە قولى بىلەن بىر ئارىلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئايالىغا سۇنۇپ: «بۇنى ئەتراپىمغا سېپىپ قويۇڭ، چۈنكى ھازىر مېنىڭ يېنىمغا ئاللاھنىڭ خەلقىدىن تائام يېمەيدىغان، پەقەت خۇشپۇراق نەرسىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر تۈركۈم خەلق ھازىر بولۇۋاتىدۇ» دېدى، ئايالى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «ئەمدى ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ چىقىپ كېتىڭ» دېدى. ئايالى دېگىنىنى قىلدى. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ مۇبارەك روھىنىڭ تېنىدىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ بۇ دۇنيادىن كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇنىڭ روھى ئىشتىياق قاناتلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرلۈپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى ئۇ يەردە مۇھەممەد پەيغەمبەر، ئۇنىڭ ئىككى ساھابىسى ئەبۇبەكرى، ئۆمەرلەر بىلەن يەنە شەھىتلەر ۋە ياخشى بەندىلەردىن تەركىب تاپقان ئۇلۇغ جامائە بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى. ئەنە شۇ كۆرۈشۈشكە بولغان تەشنالىق سەلماننى ئۇزاقتىن بۇيان قىيناپ كېلىۋاتاتتى. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ بۇ تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى.

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 8878 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-24