بەرا ئىبنى مالىك

بەرا ئىبنى مالىك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەنسارلارنىڭ ئىچىدىكى بەنۇ خەزرەج قەبىلىسىدىن ئىدى. بەرا ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ قېرىندىشى ئىدى. ئۇ 640-يىلىدىكى مۇستەبىت پارس ئىمپېرىيىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلغان ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇستار ئۇرۇشىدا شېھىت بولغانغا قەدەر ناھايىتى باتۇر، قەيسەرلىكى بىلەن بارلىق غازاتلارغا قاتناشتى. ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن ياشىغان، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە دىننى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەھدە بەرگەن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئىككىنچىسىدۇر. بىرىنچىسى بولسا ئەنەس ئىبنى مالىك بولۇپ، 10 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئانىسى «ئۇممى سۇلەيم» ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئەنەس سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر، سىلىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسىلا» دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ ئۇزۇن ئۆمرىنى ياخشىلىق ۋە بەرىكەتكە توشقۇزغان دۇئا قىلىپ «ئى ئاللاھ ئۇنىڭ مال-مۈلۈكىنى، بالىلىرىنى كۆپەيتىپ بەرگىن، ئۇنىڭغا راۋاج ئاتا قىلغىن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن....ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن» دەپ ئىلتىجا قىلغىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇ 99 يىل ياشىغان ۋە نۇرغۇن پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى بولغان، يەنە ئاللاھ ئۇنىڭغا يىلدا ئىككى قېتىم مېۋە بېرىدىغان چوڭ باغ ئاتا قىلغان!! بۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ ئىككىنچىسى بولسا بەرا ئىبنى مالىكتىن ئىبارەت. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا «ئاللاھ ۋە جەننەت» دېگەن ئىككى كەلىمە سۆزنى شوئار قىلىپ ياشىغان. ئۇنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم تەئەججۈپلىنىپ قالمايدۇ، ئۇ ئۇرۇش قىلغاندا گەرچە غەلبە قىلىش شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ غايە بولسىمۇ لېكىن ئۇ پەقەت شەھىد بولۇشنى ئىزدەيتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئارزۇسى شەھىد بولۇش، ھاياتنى ئىسلام ۋە ھەقىقەت ئۇرۇشلىرىدىن بىرەرسىنىڭ قاينىمىدا ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇ بىرەر ئۇرۇش ۋە غازاتتىن قېلىپ قالمىغان ئىدى.
بىر كۈنى قېرىنداشلىرى ئۇنى يوقلاپ بارغاندا ئۇ ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىگە قاراپ: «سىلەر مېنى كۆرپە ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتەرمىكىن دەپ قورقۇۋاتقان بولساڭلار كېرەك. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەرۋاردىگارىم مېنى ھەرگىز شېھىت بولۇشتىن مەھرۇم قىلمايدۇ» دېگەن..!! دەرۋەقە ئاللاھ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەن يەنى ئۇ كۆرپە ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئىسلام جىھاد مەيدانىدا ۋاپات بولغان...!! «يەمامە» غازىتىدا ئۇ ھەقىقىي قەھرىمانغا، يەنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوماندان قىلماسلىقىنى، بولمىسا باتۇرلۇقى، جۈرئەتلىكلىكى ۋە ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىشى بىلەن مۇجاھىدلارغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلغان قەھرىمانغا لايىق باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. ئۇ مۇھاجىرلار تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قوماندان خالىدنىڭ يۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى كۈتۈپ بولغۇچە جىھادقا ئاتلىنىشقا ئىنتىزار بولۇپ، ئاشۇ مىنۇتلار خۇددى بىر يىلدەك بىلىنىپ تاقەتسىزلەنگەن كۆزلىرىنى ئۇرۇش مەيدانىدا ئوينىتىپ قەھرىماننىڭ ئۆلۈشىگە ئەڭ مۇۋاپىق جاينى ئىزدىگەن. توغرا، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ئاشۇ غايىدىن باشقا ھېچقانداق ئارزۇسى يوق ئىدى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئارزۇ-ئارمانى بولسا ياۋۇز قىلىچنىڭ بىسى بىلەن زۇلمەت ۋە گۇمراھلىق جاكارچىلىرى بولغان مۇشرىكلارنى قىرىپ تاشلاش، ئاندىن كېيىن ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا ئەزىز تېنىگە مۇشرىكنىڭ قولىدىن زەربە تېگىپ تېنى يەرگە يىقىلغان بولسىمۇ روھىنىڭ شەھىدلەر زىياپىتى ۋە تەبرىكچىلەرنىڭ سالاملىرى ئىلكىدە ئەرشكە ئۆرلەپ چىقىپ كېتىشىدىن ئىبارەت ئىدى. خالىدنىڭ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈشى بىلەن تەڭ رەتلىك سەپ بولۇپ تىزىلغان مۇجاھىدلار تەقدىرلىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۆلۈمنىڭ ئاشىقى بەرا ئىبنى مالىكمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ماڭدى. ئۇ قىلىچى بىلەن كاززاپ مۇسەيلىمەنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى يىقىتىشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنىڭ زەربە چاقمىقى ئاستىدا خۇددى كۈز پەسلىدە سارغايغان غازاڭدەك تۆكۈلۈپ چۈشكىلى تۇردى. مۇسەيلىمەنىڭ قوشۇنى ئاجىز ياكى ئاز ئەمەس ئىدى، بەلكى پۈتۈن مۇرتەدلىك ئەسكەرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن بولۇپ ھېساپلىناتتى. ئۇلار سانىنىڭ كۆپلۈكى، تەييارلىقىنىڭ پۇختىلىقى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ رەھىمسىزلىكى بىلەن ئەڭ چوڭ خەتەر شەكىللەندۈرەتتى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ۋەھشىيلىكتە چېكىگە يەتكەن تاقابىل تۇرۇش بىلەن جاۋاب قايتۇردى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىدە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قوماندان خاتىبلىرى ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇلارغا روھى مەدەت بەردى، ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى مۇجاھىدلارغا ئەسلەتتى. بەرا ئىبنى مالىكنىڭ ئاۋازى يېقىملىق ھەم يۇقىرى بولغاچقا قوماندان خالىد ئۇنى سۆزلەشكە بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەنىلىك، تەسىرلىك قىلىپ: «ئى، مەدىنە خەلقى، ھازىر سىلەرگە مەدىنە يوق، پەقەت ئاللاھ بىلەن جەننەت بار» دەپ نىدا قىلدى. بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ بۈيۈك روھى ۋە گۈزەل خىسلەتلىرىدىن بېشارەت بېرىدىغان سۆزلەر ئىدى. توغرا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ۋە جەننەت ئۈچۈن بولىشى كېرەك!! مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە باشقا ھېچنەرسىنى ئويلىماسلىق لازىم، ھەتتا ئىسلام پايتەختى مەدىنە يەنى ئۇلار بالا-چاقىلىرى ۋە ئاياللىرىنى تاشلاپ كەلگەن ئاشۇ يۇرتنىمۇ ئويلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى، ئەگەر ئۇلار بۈگۈن مەغلۇب بولسا ئۇنداقتا مەدىنە مەۋجۈت بولمايدۇ.
بەرانىڭ بۇ سۆزلىرى خۇددى .. دەك تەسىر قىلدى. نېمىدەك تەسىر قىلدى؟ ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق ئوخشىتىش ئارقىلىقمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان ئاجايىپ تەسىرىنى تەسۋىرلەپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداقتا پەقەت «بەرانىڭ سۆزلىرى ئۇلارغا تەسىر قىلدى» دەپلا توختاپ قالايلى. ئەنە شۇ سۆزلەرنى قىلىپ ئۇزاق ئۆت مەيلا غازات ئەسلىدىكى غالىب ئورنىغا ئۆتۈپ مۇسۇلمانلار غەلبىسېرى ئالغا ئىلگىرلەشكە باشلىدى، نەتىجىدە مۇشرىكلار مەغلۇبىيەت ئازگىلىغا شەرمەندىلەرچە دومىلاپ چۈشۈپ كېتىشتى. بەرا بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقى ئاستىدا قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تېخىچە ۋەزىپە ئادا قىلماقتا. مۇشرىكلار قېچىپ چوڭ بىر باغقا كىرىپ يوشۇرنۇۋېلىشتى. ئېھتىمال مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە ئۇرۇش تىنجىغاندىن كېيىن، مۇسەيلىمەنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى ئېھتىمال ئەنە شۇنداق ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولار دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىن. ئەنە شۇ چاغدا بەرا ئېگىز دۆۋىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ: «ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى، مېنى كۆتۈرۈپ باغنىڭ ئىچىگە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تاشلاڭلار» دەپ توۋلىدى. مەن سىلەرگە: ئۇ غەلبە قىلىشنى ئەمەس، بەلكى شەھىد بولۇشنى ئىزدەيدۇ دېمىگەنمىدىم؟ ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ ئاشۇ پىلانى ئارقىلىق ھاياتىمنى ئەڭ ياخشى يول بىلەن ئاياغلاشتۇرىمەن دەپ ئويلاۋاتاتتى!! چۈنكى، ئەگەر ئۇ باغىنىڭ ئىچىگە تاشلانسا مۇشرىكلار تاقىۋالغان باغنىڭ ئىشىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ كىرىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا ئېچىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشرىكلارنىڭ نەچچە ئون قىلىچلىرى ئۇنىڭغا يوپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنىڭ تېنىنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىدۇ!! ئەنە شۇ چاغدا چىرايلىق زىننەتلەنگەن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ ئىززەتلىك بىر يىگىتنى كۈتىۋالىدۇ..!! بەرا قېرىنداشلىرىنىڭ يېتىپ كېلىپ ئۆزىنى كۆتۈرۈپ باغقا تاشلىشىنى كۈتۈپ تۇرمايلا ئۆزى تامغا يامىشىپ چىقىپ باغنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى ئاتتى ۋە باغنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، بۇ چاغدا ئىسلام قوشۇنى باغنىڭ ئىچىگە يوپۇرلۇپ كىردى، لېكىن بەرانىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي مۇشرىكلارنىڭ قىلىچلىرىنىڭ ۋەھشىيلەرچە زەربىسى ئاستىدىمۇ يەنە ھايات قالدى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «شەھىد بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭ ساڭا ھاياتلىق ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان ئىكەن.
شۇ كۈنى مۇشرىكلار قىلىچلىرى بىلەن ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىدە نەچچە يەردە جاراھەت پەيدا قىلغىنى، ئۇرۇشتىن كېيىن خالىد ئىبنى ۋەلىد ئۆزى مەخسۇس ئۇنى بىر ئايغىچە باققانلىقى راست بولسىمۇ لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى ئەمەس. ئەمما بەرا يەنىلا ئۈمۈدسىزلەنمەيدۇ، چۈنكى كەلگۈسىدە يەنە غازات، جىھاد بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن، شۇنداق بولغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىدىن شېھىتلىكنى رىزىق قىلىپ بېرىشنى داۋاملىق تىلىسە، لېكىن ئالدىراپ قالمىسا بولىدۇ، چۈنكى ھەر قانداق ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى بار. بەرانىڭ «يەمامە» ئۇرۇشىدىكى يارىلىرى ساقايغاندىن كېيىن زالىم كۈچلەردىن ئىبارەت بولغان، زومىگەر قوشۇنلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەپ، بەندىلىرىنى قۇل قىلىۋاتقان مۇستەبىت رىم ۋە پارس ئىمپېرىيىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلغان ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە جىھادقا ئاتلىنىدۇ. ئۇ ئۇرۇش مەيدانىدا جەۋلان قىلىپ توختاۋسىز قىلىچ ئۇرۇپ ھەربىر ئۇرۇشى بىلەن ئىسلام بايرىقى ئاستىدا خۇددى يورۇق كۈندۈزگە ئوخشاش تېز سۈرئەتتە يارقىن تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى دۇنيانىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئېگىز تام ھاسىل قىلىدۇ. ئىراق ئۇرۇشلىرىنىڭ بىرىدە پارسلار قوللىرىدىن كېلىدىغان ۋەھشىي، رەزىل ئۇسۇللارنىڭ ھەممىنى قوللاندى. ئۇلار تۆمۈر زەنجىرلەرنىڭ ئۇچىغا زور دەرىجىدە چوڭ بولغان قارماقلارنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوت بىلەن قىپقىزىل ھالغا كەلگەنگە قەدەر قىزىتىپ قورغاننىڭ ئۈستىدە يوشۇرۇن تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۇسۇلمان مۇجاھىدلىرىغا تاشلاپ ئۇلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ كۆتۈرۈپ چىقاتتى.
بەرا بىلەن ئۇنىڭ قەدىردان تۇغقىنى ئەنەسكە باشقا مۇسۇلمانلار جامائەسى بىلەن بىرلىكتە ئاشۇ قورغان ئەتراپىدا جەڭ قىلىش ئىشى تاپشۇرۇلغان ئىدى. توساتتىن بىر دانە غايەت زور قارماق ئەنەسنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئۇنى ئىلىۋالدى. قارماق ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرغان بولغاچقا كۆيۈك ئازابىدىن ئۇنى قول بىلەن ئۇنى تۇتۇپ ئاجرىتىشقا ئامال قىلالمىدى. بۇ چاغدا ئەتراپتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان بەرا چوغدەك قىزىتىلغان قارماقنىڭ سۆيۈملۈك قېرىندىشىنى قويۇق ئىس-تۈتەك ئىچىدە كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى-دە، قوللىرى بىلەن قارماقنى تۇتۇپ چەكسىز كۆيۈك ئازابى ئىچىدە ئاجرىتىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قوللىرى خۇددى ئوت ئۈستىگە تاشلانغان كۆشتەك ۋىژىلداپ كۆيۈپ قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى، ئۇ مىڭ بىر جاپالاردىن كېيىن قېرىندىشى ئەنەسنى قۇتقۇزۇۋالدى، ئەمما ئۇ ۋە ئەتراپتىكى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ كۆيۈپ كۆسەيدەك قارىداپ كەتكەنلىكىنى، گۆشلىرى ئېرىپ تۆكۈلۈپ پەقەت قارىداپ كەتكەن بىر پارچە ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردى...!! شۇنداق قىلىپ بۇ قەھرىمان يەنە ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىق ئازابى تارتىشقا باشلىدى. بۇ شېھىتلىك ئاشىقنىڭ ئارزۇسىغا يېتىدىغان ۋاقتى بولمىدىمۇ؟ ھەئە.. بولدى! ئەنە بەرا ئۈچۈن كاتتا ھېيت بولۇش ئۈچۈن پارس قوشۇنلىرى بىلەن مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئۆز-ئارا تۇتۇشماقچى بولۇۋاتىدۇ. «ئەھۋاز» خەلقى بىلەن پارسلار بىرلىشىپ مۇسۇلمانلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن زور قوشۇن بولۇپ تەشكىللەندى. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب كۇفىدىكى سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاسقا «ئەھۋاز» غا قوشۇن ئەۋەتىش ھەققىدە مەكتۇپ يوللىدى ۋە «سۇھەيىل ئىبنى ئەدى بىلەن بەرا ئىبنى مالىكنى قوشۇنغا قوماندان قىلىڭ» دەپ تەۋسىيە قىلدى. كەسكىن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق «ئەھۋاز» قوشۇنى بىلەن پارس قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۇفەدىن كەلگەن مۇجاھىدلار بىلەن بەسرەدىن كەلگەن مۇجاھىدلار بىرلىشىپ بىرلەشمە قوشۇن ھاسىل قىلدى. ئەنەس ئىبنى مالىك بىلەن بەرا ئىبنى مالىكتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىككى قېرىنداشمۇ مۇسۇلمان مۇجاھىدلىرى ئارىسىدا بار ئىدى.
ئۇرۇش ئۆز-ئارا كۈچ سىنىشىش بىلەن باشلاندى. بەرا ئۆزى يالغۇز پارسلاردىن 100 ئادەمنى يەرگە يىقىتتى. ئاندىن كېيىن ئىككى قوشۇن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى، نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان شۇ پەيتتە بەزى ساھابىلەر ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ: «ئى بەرا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدە «كىشىلەر كۆزىگە ئىلمايدىغان، نامرات، يالاڭتۆش، چاچلىرى پاخپايغان، يۈزلىرىنى توپا-چاڭ باسقان نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئەگەر ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسا قەسىمىنى ئاللاھ ئىجرا قىلىپ بېرىدۇ. بەرا ئىبنى ئىبنى مالىك ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر» دېگەنلىكى يادىڭدىمۇ؟ ئى بەرا، بىزگە مەدەت بېرىپ ئۇلارنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىپ دۇئا قىلغىن» دېدى، بۇ چاغدا ئۇ قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ، بىزگە ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى كۆرسەتكىن، ئى ئاللاھ، ئۇلارنى مەغلۇب قىلغىن، بىزلەرگە ياردەم بەرگىن، بۈگۈن مېنى سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بىلەن مۇلاقات بولۇشقا نېسىپ قىلغىن» دەپ ئىلتىجا قىلدى، ئاندىن كېيىن ئۆزىگە يېقىن جايدا جەڭ قىلىۋاتقان قېرىندىشى ئەنەسكە خۇددى ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىۋاتقاندەك ئۇزۇن قاراپ تۇردى. مۇسۇلمانلار تەڭداشسىز جەڭگىۋارلىق بىلەن جىھاد قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ بۈيۈك غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ غازاتتا قۇربان بولغان شېھىتلار ئارىسىدا خۇددى تاڭ نۇرىدەك يېقىملىق كۈلۈمسىرىگىنىچە جان ئۈزگەن بەرامۇ ئوڭ قولىدا پاك قېنى بىلەن بويالغان بىر ئۇچۇم توپىنى سىقىمدىغان ھالەتتە تىنچ ياتاتتى، قىلىچ بولسا ساپساق ھالدا يەرگە سانجىقلىق تۇراتتى. دېمەك، بۇ مۇساپىر شەھىد قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك ھاياتلىق سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن ۋە ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 8

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 8783 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-21