لاۋاسيې


Antoine LavoisierAntoine Lavoisier
لاۋا سيې فرانسىيە خىمىيگى. 1743-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى پارىژدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىدا خىمىيىگە قوشقان تۆھپىسى ئاساسەن نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تەجرىبە نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مۇكەممەل ھەم سىستېملىق تەلىماتقا ئايلاندۇرغانلىقىدىن ئىبارەت. لاۋا سيېنىڭ دادىسى ناھايىتى باي ئادوۋكات بولۇپ، بۇ ھال ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشى ئۈچۈن بىر قەدەر ئوبدان شارائىت يارىتىپ بەرگەن. لاۋا سيې شۇ چاغدىكى مەشھۇر خىمىك لوئېرغا يېقىنلاشقان ھەم ئۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان. دادىسى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن، مەكتەپ سىرتىدا تەكرار قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە خىمىيە ئۆگەتكۈزگەن. لاۋا سيې ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەممە بىلىمنى ئىگەللىۋېلىش ئىرادىسى بار ئىدى. شۇڭا لاۋا سيې ياشلىق دەۋىرىدىلا ناھايىتى كۆپ بىلىم ئىگەللىگەن.
ئۇ 23 يېشىدا بىر ماقالە يېزىپ، چوڭ شەھەرلەردە چىراق يورۇتۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. ئۇنىڭ بىلەن ئالتۇن مۇكاپاتقا ئىگە بولغان. ئۇ 31 ياشقا كىرگەندە، خىمىيە ساھەسىدە ناھايىتى مەشھۇرلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. لاۋا سيېنىڭ خىمىيە جەھەتتىكى تۇنجى زور تۆھپىسى»، «سۇنىڭ قايناپ تۈگىگەندىن كېيىن توپىغا ئايلانمايدىغانلىقى» توغرىسىدا تەجرىبە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ماددىلارنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىدىن ئىبارەت. شۇ چاغلاردا نۇرغۇن خىمكلار سۇ قايناپ تۈگىگەندىن كېيىن قالغان دۇغىنىڭ ئۆزى توپا دەپ ھېساپلاپ كەلگەن ۋە بۇ ھېچكىم شەك كەلتۈرەلمەيدىغان ئۆزگەرمەس قانۇن بولۇپ قالغان. لاۋا سيې سۇنىڭ توپىغا ئايلىنالمايدىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئىنچىكە تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇ دالىدىكى قۇملۇقلاردىن تەركىبىدە دۇغ كۆپرەك بولغان سۇلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنى ئۆلچىۋېلىپ، ئاندىن كېيىن دىستىرلەش ئۇسۇلى بىلەن، سۇ بىلەن دۇغنى ئايرىپ چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن دىستىرلەنگەن سۇنىڭ ئېغىرلىقى ئەسلىدىكى سۇنىڭ ئېغىرلىقىدىن كۆپ يەڭگىللەپ كەتكەن. قالدۇق دۇغقا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يەڭگىل چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «سۇنىڭ تەركىبىدىكى توپا ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى سۇدا پارچىلىنىپ كېتىدۇ؛ يەنە بىرى سۇدا پارچىلانمايدۇ» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. قايسى خىلدىكى توپىنىڭ سۇدا ئېرىپ پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقى، قايسى خىلدىكى توپىنىڭ سۇدا پارچىلانمايدىغانلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن، ئۇ سۇنى ھىم ئېتىكلىك ئەينەك شېشىنىڭ ئىچىگە قۇيۇپ، ئۇزاققىچە ئوت بىلەن قىزىتقان. ئەگەر ئوتنىڭ تەپتى ئەينەك شىشىدىن ئۆتسە ۋە سۇ توپىغا ئايلانسا، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى جەزمەن ئاشىدۇ. مۇبادا ئېغىرلىقى ئاشمىغان بولسا ئوتنىڭ تەپتى ئەينەك شىشىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھېلىقى توپا بولسا جەزمەن سۇ ياكى ئەينەك شىشدىن قوشۇلغان بولىدۇ. سۇ ۋە ئەينەك شىشىنىڭ ئېغىرلىقىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق، ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى قالدۇقنىڭ ئېغىرلىقى جەزمەن باشقا ماددىنىڭ يوقاتقان ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ.
لاۋا سيې بۇ نەزىرىيىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا، دەلىلەش ئۈچۈن، ھەجىمى ناھايىتى يوغان بىر دىستىرلەش شىشىسىدىن چىققان پارنى سوۋۇتۇپ دىستىرلەنگەن سۇغا ئايلاندۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن شىشىنىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئوتقا قويۇپ قىزىتىدۇ. قىزدۇرۇشنى جەمئىي يۈز كۈن داۋاملاشتۇرىدۇ. يىگىرمە بەشىنچى كۈنىگە بارغاندا، سۇ يەنىلا سۈپسۈزۈك تۇرىۋېرىدۇ. يەنە ئىككى كۈن قىزدۇرغاندىن كېيىن سۇدا بەزى قاتتىق دانچىلار پەيدا بولىدۇ. يەنە 5-6 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، دۇغ پەيدا بولىدۇ. يۈز كۈن بولغاندا، لاۋا سيېې دىستىرلەش شىشىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى يېڭىۋاشتىن ئۆلچىگەندە، ئېغىرلىقى ئەسلىدىكى ئېغىرلىق بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۇنى تۆكۈپ، سۇ بىلەن قاتتىق دانچىلارنى ئاجرىتىۋېلىپ، شىشىنى پاكىز سۈرتۈپ، قۇرۇق شىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىسە، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 17.4 گىرام كېمىيىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇدىكى قاتتىق دانچىلار سۇنىڭ ئەينەكنى يالىشىدىن ھاسىل بولغانلىقى بايقىلىدۇ. ئاندىن قاتتىق دانچىلارنى قۇرۇتۇپ ئۆلچىسە ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 4.9 گىرام چىقىدۇ. لاۋا سيې ئاندىن سۇنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ قارىسا سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى بۇرۇنقىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئاندىن بۇ سۇنى تۈگىگىچە قايناتقاندا، يەنە 15.5 گىرام قاتتىق ھالەتتىكى قالدۇق قالىدۇ. بۇ ساننى ئالدىنقىسى بىلەن قوشقاندا شىشنىڭ يوقاتقان ئېغىرلىقىدىن كۆپ بولۇپ چىقىدۇ، ئۇ بۇ پەرقنى شىشىنىڭ سۇدا ئېرىپ كەتكەن قىسمى دەپ قارايدۇ.
لاۋا سيېنىڭ بۇ تەجرىبىسى كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالغان خىمىكلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. ئۇ ئاخىرى ماددىلار بىر-بىرىگە ئايلىنالمايدۇ دېگەن تەلىماتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ماددا يوقالماسلىق قانۇنىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەپ بېرىدۇ. لاۋا سيېنىڭ ئىككىنچى ئۇلۇغ تۆھپىسى، «كۆيگۈچى ئامىل» تەلىماتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىدىن ئىبارەت. «كۆيگۈچى ئامىل» توغرىسىدىكى خاتا تەلىماتنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن خىمىيە تېز ئالغا ئىلگىرلىيەلمىگەن ئىدى. «كۆيگۈچى ئامىل» غەيرىي نەزىرىيەنىڭ تەشەببۇسچىسى-بېكور مۇنداق دېگەن ئىدى: «كۆيىدىغانلىكى ماددىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق خاراكتېرگە ئىگە، كۆيگەن چېغىدا، بۇنداق كۆيگۈچى ئامىل سىرتقا يامرايدۇ، ئۇنىڭ شەكلى ئوت يالقۇنىغا تازا ئوخشاپ كېتىدۇ، قالغىنى كۈل دەپ ئاتىلىدۇ.» ئەمىلىيەت بولسا، ماددا كۆيگەندىن كېيىن، مۇرەككەپ بىرىكمىگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، كۆمۈر كۆيگەندىن كېيىن ئۇگلى كىسلى گازغا ئايلىنىدۇ. قەلەي كۆيگەندىن كېيىن، قەلەي (Ⅳ) ئوكسىدىغا ياكى قەلەي ئوكسىدىغا ئايلىنىدۇ. لېكىن «كۆيگۈچى ئامىل» تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بولسا، ماددىلار كۆيۈش نەتىجىسىدە مۇرەككەپلىكتىن ئاددىيلىشىدۇ. كۆمۈر كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ، قەلەيمۇ كۆيگەندىن كېيىن كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈلى ئەسلىدىكى ماددىدىن يېنىك بولىدۇ. دېمەك كۆيگەندە بىر خىل ماددا ئۇچۇپ كېتىدۇ، دەپ تونۇپ، كۆيگەن ماددىدا ناگروزكا بولىدۇ، دېگەن تەلىماتنى يارىتىشقان ئىدى. بۇ تەلىماتنىڭ ھەقىقىي نەزىرىيىۋى ئاساسى بولمىسىمۇ، لېكىن شۇ چاغدىكى خىمىيە ئالىملىرىدىن ھېچكىم بۇ تەلىماتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالمىغان ئىدى. لاۋا سيې بۇ تەلىماتقا خېلى بۇرۇندىنلا ئىشەنمەي كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ مەسىلىنى ھامان ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر كۆيگۈچى ئامىل بار دېيىلىدىغان بولسا، بىز ئۇنى تەھلىل قىلىپ كۆرۈپ باقايلى، يەنە كېلىپ، بىزنىڭ تارازىمىزمۇ ئۇنى جەزمەن بايقىيالايدۇ.
بۇ سىرنى ئېچىش ئۈچۈن، لاۋا سيې ھاۋانىڭ تەركىبىنى يېڭىۋاشتىن تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ بىر پارچە فوسفورنى ئاغزى ھىم يېپىقلىق بوتۇلكىغا سېلىپ كۆيدۈرىدۇ. كۆپ ئۆتمەي، ئوت ئۆچۈپ قالىدۇ. بۇ ھال ھاۋانىڭ تەركىبىدە كۆيۈشكە ياردەم بېرىدىغان بىر خىل ھاۋا بارلىقىنى، بىراق ئۇ ھاۋانىڭ بىر قىسمىنىلا تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان فوسفورنى ئەينەك بوتۇلكىغا سېلىپ، ئۇنى سۇغا سېلىپ كۆمۈرۈپ قويۇپ كۆيدۈرىدۇ. نەتىجىدە فوسفور بىردەم كۆيگەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا ئۆچىدۇ. بوتۇلكىنىڭ ئاستىدىكى سۇ ئاستا-ئاستا يۇقىرىغا كۆتۈرىلىدۇ. ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈپ قالىدۇ. سۇ بوتۇلكىنىڭ ھەجىمىنىڭ 5 تىن بىر قىسمىغىچە كۆتۈرىلىپلا ئۆرلىمەي توختاپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن لاۋاسيې ھاۋانىڭ بىر خىل ئارىلاشما ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ئارىلاشمىدىن 5 تىن بىر قىسمىلا كۆيۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، قالغىنىغا ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ چاغدا كۆيۈشكە ياردەم بەرگەن نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەي، «ساپ ھاۋا» دەپلا ئاتاشقان ئىدى. شۇ يىلى 8-ئايدا (1774-يىلى) پرىستلېي ئوكسىگېن ئېلېمېنتىنى تاپتى. يەنە بىرەيلەن، ئوكسىگېننىڭ يېنىشى ئۇنىڭ ئۆزىدە ئوت ئالىدىغان خۇسۇسىيەتنىڭ بولغانلىقىدا، لېكىن ئوكسىگېننىڭ ئۆزىدە كۆيگۈچى ماددا يوق، دەپ ھېسابلىغان، شۇڭا، ئوكسىگېنغا كۆيۈشتىن خالىي گاز دەپ نام بەرگەن. لاۋاسيې بۇ تەلىماتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزى ئېلىپ بارغان تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ھاۋادا بىر خىل ئاددى ماددىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ باشقا ماددىلار بىلەن قوشۇلۇپ، خىمىيىۋى بىرىكمىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، بۇ بىرىكمە كۆيۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، بۇنداق ماددا كىسلاتالاردا ئەڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىپ، ئۇنىڭغا «ئوكسىگېن» دەپ نام بېرىدۇ.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئاتالمىش «كۆيگۈچى ئامىل» نەزىرىيىسى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ خىمىيە ئىلمى ئازات بولغان ھەمدە تۈرلۈك خىمىيۋى بىرىكمىلەرگە نام بېرىلگەن. بۇ ناملارنىڭ بەزىلىرى تا ھازىرغىچە قوللىنىپ كەلمەكتە. لاۋاسيې يەنە نۇرغۇن قېتىم تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ھاۋانىڭ تەركىبىنى بارغانسېرى ئېنىقلىغان. ئۆتكەن نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىنسانلار نەپەس ئېلىشنىلا بىلىپ، ئۇنىڭ نېمىلىكىنى، ئۆپكىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلمەي كەلگەن ئىدى. لاۋاسيې ئۇنىڭغا: «ھاۋا ئىنسانلارنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ ھاياتىغا ئوزۇق بولالايدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھاۋانىڭ بىر قىسمى بولغان ئوكسىگېندۇر، نەپەس ئېلىش بىر خىل يېنىش تەسىرىدىن ئىبارەت. ھاۋادا بىر خىل ئوكسىگېن تۈگەپ قالغان ھالەتتىمۇ ئازوت يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. ئەمما ئۇگلى كىسلى گاز كۆپىيىدۇ» دەپ ئېنىق جاۋاب بەرگەن. لاۋاسيې 1782-يىلدىن تارتىپ، خىمىيىۋى تەركىبلەرگە ئاساسەن خىمىيىۋى ئاتالغۇلارنى تۈزۈشكە كىرىشىدۇ ھەمدە خىمىيىۋى رېئاكسىيە جەريانى بىلەن ئۇلارنىڭ مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى دەسلەپكى قەدەمدىكى خىمىيىۋى تەڭلىمە ئارقىلىق ئىزاھلاشقا كىرىشىدۇ. 1789-يىلى فرانسىيە زور ئىنقىلابى باشلىنىدۇ. زور ئىنقىلاپ مەزگىلىدە، لاۋا سيې تۆھمەت بىلەن قاماققا ئېلىنىدۇ، 1794-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆلتۈرىلىدۇ. فرانسىيە خەلقى لاۋا سيېنىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن قاتتىق ئېچىنىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ناھەق ئەنزىسىنى ئاقلاپ، تەنتەنىلىك ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 466 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-24