دالتون


John DaltonJohn Dalton

«ئاتوم» دېگەن سۆز بۈگۈنكى كۈندە ھەممىسىگە مەلۇم بولۇپ كەتتى، لېكىن ئۇ 18-ئەسىرگىچە سىرلىق قاپاقتا ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. كېيىن دالتون بۇ سىرلىق قاپاقنى ئېچىپ، ئاتوم تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دالتون ئىنگلىز بولۇپ، 1766-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ كۇنبولان شەھىرىدىكى بىر كىچىك كەنتتە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى دېھقان ھەم توقۇمچىلىق ئىشچىسى ئىدى. دالتون كىچىكىدە ئۆز كەنتىدە تۇغۇلغان، 1781-يىلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، نەۋرە ئاكىسى ئاچقان مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1793-يىلى ئەتىيازدا مانچېستېردىكى بىر ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ماتېماتىكا، تەبئىي پەن ۋە خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇ بىلىمگە پۈتۈنلەي ئۈزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىگە بولغان. جاپاغا چىداپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش جەريانىدا، كىتابتىن، تەبىئەتتىنلا ئۆگىنىپ قالماي، بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆگەنگەن، ئۇ بىر قارغۇ ئالىمنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ماتېماتىكا ۋە تەبئىي پەننى، گىرىكچىنى، لاتىنچىنى ۋە فرانسۇزچىنى ئۆگەنگەن.
جەمئىيەت تەرەققىياتى داۋامىدا، ئاتوم تەلىماتى تېخى ئوتتۇرىغا قويۇلماستىن ئاۋال، كىشىلەردە ئاتومنىڭ مەۋجۇدلۇقى توغرىسىدا پەقەت بىر خىل قىياسلا بولۇپ كەلگەن. 2000 يىلنىڭ ئالدىدا، يۇنانلىق بىر پەيلاسوپ: تۈرلۈك ماددىلار ھېچقاچان بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولمايدۇ، بەلكى يەككە ئاتوملاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، دېگەن ئىكەن. بۇ گەپ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا بىلىپ بولمايدىغان ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بەزى ئالىملار تەبىئەت ھادىسلىرىنى كۈزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاتومنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى پەيدىن-پەي قارارلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئاتومنىڭ خۇسۇسىيىتىنى، ئېغىرلىقىنى ۋە چوڭ –كىچىكلىكىنى تەخمىن قىلالايدىغان بولغان، لېكىن بۇ ئاتومنى بىلىشنىڭ باشلىنىشىدىنلا ئىبارەت ئىدى. دالتون 1787-يىلدىن باشلاپ ھاۋا رايىنى كۈزىتىپ، خاتىرىلەپ ماڭغان. ئۇ ئاتموسفىرانىڭ تەركىبى ۋە خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلغان، ئاتموسفىرا ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى يەنە فىزىكا ئىلمى ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا يۆتكىگەن. ئۇ گازنىڭ بېسىم كۈچى، ھەجمى، كېڭىيىشى ۋە ئېرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغان. كېيىن يەنە ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشى، ماددىلارنىڭ خىمىيىۋى تەركىبى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. مۇشۇنىڭ بىلەن بارا-بارا ئۆزىنىڭ «ئاتوم تەلىماتى» نى ياراتقان. ئۇ 1793-يىلى «ھاۋارايىنى كۈزىتىشكە ئائىت ماقالىلەر توپلىمى» نى نەشىر قىلدۇرغان. 1808-يىلى ئاتوم تەلىماتى توغرىسىدىكى ماقالىسىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. ئاتوم تەلىماتى ئۈستىدىكى ئىشى ئۇنىڭ ھاياتىدا 15 يىل ۋاقتىنى ئىگەللىگەن.
دالتون ئاتوم تەتقىقاتى جەھەتتە، بۇرۇنقىلارنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا، شۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور نەتىجە قازىنالىغانكى، مۇھىمى ئۇ پۈتمەس-تۈگىمەس تەسەۋۇر قىلىش ئىقتىدارىغا، ئىلىم-پەننى چەكسىز قىزغىن سۆيۈش ۋە ئېگىلمەس-پۈكۈلمەس روھقا ئىگە بولغانلىقىدا ئىدى. ئاتوم دېگەن نېمىنى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇنى تەتقىق قىلىپ، ئوخشاش بىر ئېلېمېنت چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ماسسىلىرىنىڭمۇ تۈرلۈكچە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ يەنە گويا ئاتوملارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك، تۈرلۈك ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوملىرى قانداق قىلىپ بەلگىلىك نىسبەتتە بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ خىمىيىۋى بىرىكمىلەرنىڭ مۇرەككەپ ئاتومنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى رەسىمى بىلەن سىزىپ تەسۋىرلەپ بەرگەن.
دالتون ئوخشاش بولمىغان ئاتوملارنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى توغرىسىدىكى ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماي، بەلكى 14 ئېلېمېنت بويىچە تۇنجى ئاتوم مىقدارى جەدۋىلىنى ئىشلەپ چىققان، مۇشۇ ئاتوم مىقدارى جەدۋىلى بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن روسىيىنىڭ مەشھۇر خىمىگى مېندېلېيېۋ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بۈيۈك قانۇنلىرىدىن بىرى بولغان ئېلېمېنتلار دەۋىرى قانۇنىنى ئېلان قىلغان. دالتون تىرىشچانلىق بىلەن ئۈزلۈكىدىن ئۆگىنىش، تەبىئەت دۇنياسى ئۈستىدە ئىزلىنىش قىزغىنلىقى ۋە غەيرىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 1789-يىلدىن تارتىپ، ھەر كۈنكى ھاۋا رايىنى دادىل كۈزىتىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋايى توغرىسىدا ئۈزمەي كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ تۇرغان. ئۇ بۇ ئاددى خىزمەتنى 57 يىل داۋاملاشتۇرغان، ھاۋا رايىنى كۈزىتىشى 20 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇنى تا 1844-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە داۋاملاشتۇرغان، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈزىتىش خاتىرىسىنى كېسەل كارۋىتىدا تىتىرەپ تۇرغان ئاجىز قوللىرى بىلەن يازغان. ئەتىسى ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 494 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-24