مەمنۇن ھۈسەيىن


مەمنۇن ھۈسەيىنمەمنۇن ھۈسەيىن
مەمنۇن ھۈسەيىن 1940-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان. پاكىستانلىق توقۇمچىلىق سودىگىرى، سىياسى شەخس، ئۇ 2013-يىلى پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان. ھۈسەيىن 1999-يىلى سىندىھ ئۆلكسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى بولغان، لېكىن تۆت ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن پاكىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇ 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى پاكىستاننىڭ 12-قېتىملىق پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى ھەمدە شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى سابىق پرېزىدېنت ئەسىف ئەلى زەردارىنىڭ ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالدى.
مەمنۇن ھۈسەيىننىڭ شەخسىي تۇرمۇشى
ھۈسەيىن ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ھىندىستاننىڭ ئاگرا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇھاجىر، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئوردۇچە سۆزلەيدۇ. ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر 1949-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان پارچىلانغاندىن كېيىن كاراچىغا كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە 1965-يىلى شۇ يەردىكى سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ھۈسەيىن كاراچىدا توقۇمچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى، كاراچى سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولدى ھەمدە 1999-يىلى سىندىھ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقلىقغا تەيىنلەنگەن، بىراق ئۇ سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبلىك ئارانلا تۆت ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى تولىمۇ قىسقا بولغان.
سىياسىي ھاياتى
2013-يىلى، كاراچى سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەزھەر ھاروننىڭ دېيىشىچە، ھۈسەيىننىڭ 1999-يىلدىن ئىلگىرى سىياسىي ئىشلار بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەن، بىراق ئۇ تولىمۇ قائىدە-يوسۇنلۇق، كەسپى ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ناۋاز شېرىفنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، كېيىن شېرىف سىندىھ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ھۈسەيىنگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. بىراق يەرلىك مېدىيەلەر خەۋەر قىلىشىچە، ھۈسەيىن 1960-يىلىدىن ئىلگىرىلا دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ھەمدە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى باشلانغان. 1967-يىلى شۇ پارتىيىنىڭ بىرلەشمە كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1993-يىلى ئەينى چاغدىكى پرېزىدېنت غۇلام ئىسھاق خان بىلەن شېرىف ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى، لېكىن ھۈسەيىن شۇ يىلدىن باشلاپ پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن بارغانسېرى يېقىنلاشتى. ئەينى چاغدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا، ئۇ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى مەركىزى پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن رەئىسى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ سىندىھ ئۆلكىسىدىكى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باش كاتىپى، مۇۋەققەت رەئىسى ۋە سىندىھ ئۆلكىسىنىڭ سابىق رەئىس مىنىستىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.
دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىلىدىغانلىرى ئاز ئىدى. شىرافقا سادىق ھۈسەيىن 2013-يىلى7-ئايدا مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن پاكىستان پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىقتى. سايلامدا، ھۈسەيىن 432 پارچە سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ ئۇتۇپ چىقتى، لېكىن رەقىبى خەلق پارتىيىسى ۋەكىللىكىدىكى ۋاجىھۇددىن ئەھمەد پەقەت 77 پارچە سايلام بېلىتىگە ئېرىشتى. يەرلىكلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ھۈسەيىننىڭ سىندىھ ئۆلكىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى خەلق پارتىيىسىنىڭ سەپسەتىسىنى تەشۋىق قىلىشىغا رەدىيە بېرەلەيدۇ: خەلق پارتىيسى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پەقەت پەنجاپلىق سىياسى ئەربابنى سىغدۇرالايدۇ دەپ جار سالدى. ئۇ 2013-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى پرېزىدىنت مەھكىمىسىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى؛ مۇراسىمغا قاتناشقان مېھمانلاردا مۇھىم سىياسى ئەربابلار، ئارمىيە رەھبەرلىرى، ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىلىرى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بار ئىدى.
ئائىلە ئەھۋالى
ھۈسەيىننىڭ قېيىنئاتسى كاراچىدىكى داڭلىق قاتلىما نان دۇكىنىنىڭ خوجايىنى؛ ئۇ ئايالى بىلەن 1970-يىلى توي قىلغان، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ سودا ساھەسى، بانكا دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار.

مەنبە: wikipedia دىن تەرجىمە قىلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 8960 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-20