كاۋېندىش


Henry CavendishHenry Cavendish
كاۋېندىش-ئەنگلىيە ئالىمى. ئۇ 1731-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ غەلىتە مىجەزلىك ئادەم بولۇپ، يەككە-يېگانە ياشاپ ئۆتكەن، لېكىن ئىلىم-پەنگە بەك قىزىققان. ئۇ ئەسلىدە ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر نەچچە ئەۋلادتىن بېرى چوڭ ئەمەلدار بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئۇ كىچىكىدىلا، چوڭ بولغاندا ھەرگىز ئەمەلدار بولمايدىغانلىقىنى، جەزمەن ئالىم بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ 2 ياش ۋاقتىدا ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، 18 يېشىدا، كامېرىد ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرگەن. 1753-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرمەيلا، كامېرىددىن لوندونغا بېرىپ، تەبئىي پەن ئۈستىدىكى تەتقىقات ئىشىغا كىرىشىپ كەتكەن. كاۋېندىش ئىلمىي تەتقىقات ئىشىنى ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىشلىگەن. ئۇ ئۆينىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى مېھمانخانىنى تەجرىبىخانا، ئىككىنچى قەۋىتىنى رەسەتخانا قىلغان. ئۇ زاۋۇتلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە يەر تۈزۈلۈشىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ساياھەت قىلغاندىن باشقا، ھەر كۈنى تەجرىبىخانىدىن چىقماي ئىشلىگەن، يەكشەنبە ۋە بايرام كۈنلىرىمۇ شۇنداق قىلغان. ئۇ زېھنىي قۇۋىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەتتا ئۆمۈرۋايەت ئۆيلەنمىگەن. ئۇ پۇتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا مەپتۇن بولۇپ كەتكەنلىكتىن، نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلار كۆرۈلگەن. ئۇ ھەقتە نۇرغۇن قىزىق ھېكايىلەر تارقالغان.
بىر قېتىم ئۇ تۆت ئاغىينىسىنى تاماققا تەكلىپ قىلغان ئىكەن. خىزمەتچىسى ئۇنىڭدىن نېمە سەي قىلىپ بېرىمەن دەپ سورىغاندا، ئۇ: «قوينىڭ بىر تال پاقالچىقى بولا!» دەپتۇ. خىزمەتچىسى بىر تال پاقالچاقنىڭ بەك ئازلىقىنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا يەنە بىر نېمە قوشايمۇ؟ دەپ سورىسا، ئۇ: «ئەمىسە ئىككى تال پاقالچاققۇ يېتەر؟» دەپتۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەنلا بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەقەت بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە مۇنداق بىر ھېكايىمۇ بار. كاۋېندىشنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن بىر مىليون فۇنت ستېرلىڭدىن ئارتۇق مىراس قاپتۇ. لېكىن بۇ مىليونېر پۇلنى قانداق خەجلەشنى زادى بىلمەيدىكەن. بىر كۈنى بىر ئاغىينىسى يولۇقۇپ قاپتۇ، بۇ ئاغىينىسى كاۋېندىشنىڭ شەخسىي كۈتۈپخانىسىنى باشقۇرۇپ بەرگەن بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ: «ئۇ كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن، ئۇنىڭغا بىر ئاز ياردەم بەرسىڭىز» دەپتۇ. كاۋېندىش دەرھال ماقۇل بولۇپ، ئون مىڭ فۇنت ستېرلىڭلىق چەكتىن بىرنى كېسىپ بېرىپ: «ئون مىڭ فۇنت ستېرلىڭ چەك يېتەرمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ئاغىينىسى چۆچۈپ كېتىپ: «بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، بەك كۆپ بولۇپ كەتتى» دەپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ كاۋېندىش چەكنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ.
كاۋېندىش ئۆز ھاياتىدا خىمىيە ئۈستىدىكى تەتقىقاتتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇنداق: بىرىنچى، ھىدروگېن گازىنىڭ خۇسۇسىيىتى؛ ئىككىنچى، كاربونات كىسلاتاسى بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتى؛ ئۈچىنچى، سۇنىڭ تەركىبى؛ تۆتىنچى، ئازوت كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى؛ بەشىنچى، ھاۋادا ئېنېرت گازلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى ناھايىتى نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولغاچقا، ئالدىراپ ئېلان قىلمىغان. 70 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئارقا-ئارقىسىدىن ئېلان قىلغان. بەزى مۇھىم ماقالىلىرى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن تېپىلغان. ئۇ 1766-يىلى پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىدە تۇراقلىق ھاۋا توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ بىردىنلا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. بۇ ماقالە ئۇنى«ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى غوللۇق ئەرباپ» دېگەن شانلىق نامغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇ چاغدا، ئالىملار گازلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن ئوخشاش، بەزىلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى گاز پەيدا قىلىدىغان كىسلاتانىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بولىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن. ئومۇمەن ئادەتتىكى ھاۋادىن بۆلەك، يەنە باشقا خىلدىكى گازلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئالىملار كاۋېندىشتىن كېيىن بىلگەن. كاۋېندىش تۇراقلىق ھاۋا (كاربون Ⅳ ئوكسىدى) نىڭ ھاۋادىن بىر يېرىم ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇدا ئېرىيدىغانلىقىنى، ناۋادا سۇ قاينىتىلغان بولسا، بۇنداق گازنىڭ تېشىپ چىقىدىغانلىقىنى، بۇنداق گازنى يىغىشقا توغرا كەلسە، سۇنىڭ ئورنىدا سىماپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، يىغقىلى بولىدىغانلىقىنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن. كېيىنكى چاغلاردىكى سىماپ بىلەن گاز يىغىش ئۇسۇلى ئەنە شۇ كاۋېندىشتىن باشلانغان.
كاۋېندىش يەنە ئىسسىقلىقنى تەتقىق قىلغان. ئۇ تەڭ مىقداردىكى ئىسسىق سۇ بىلەن سوغاق سۇنى ئارىلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى دەل ئەسلىدىكى ئىسسىق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن سوغاق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئوتتۇرىچە سانىغا تەڭ ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان. ئۇ يەنە گۈڭگۈرت، كۆمۈر، ئەينەك قاتارلىقلارنىمۇ تەجرىبە قىلىپ كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولماي چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ھەر خىل ماددىلارنى ئىسىتىپ مەلۇم تېمپېراتۇرىغا كەلتۈرۈشتە، ھەر قايسىسىغا سەرپ بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. كېيىنچە بۇ خۇلاسە سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق قانۇنىنى كەشپ قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان.
كېيىن ئۇ يەنە ھىدروگېننى تەتقىق قىلغان. ھىدروگېندىن ئىبارەت بۇ گازنىڭ مېتالغا كىسلاتانىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولىدىغانلىقى مېتال تاۋلاش دەۋىرىدىن بۇيانقى مېتال تاۋلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، لېكىن ھىدروگېننىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى تېخى ھېچكىم ئېنىقلىيالمىغان. كاۋېندىشنىڭ تەتقىق قىلىشى ۋە تەجرىبە قىلىشى ئارقىسىدا، بۇنداق گازنىڭ كۆيىدىغانلىقى دەلىللەنگەن. مۇبادا ئىككى ھەسسە ھەجىمدىكى ھاۋا ئۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئوتنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇلىدىغان بولسا، ئۇ شۇ زامات پارتلايدۇ. كاۋېندىشنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى سۇنىڭ ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن ئىبارەت. ئىلگىرى بېلسىل دېگەن بىر ئالىم ھىدروگېن بىلەن ھاۋانىڭ ئارىلاشمىسىنى ئېلېكتىر ئۇچقۇنى بىلەن پارتلاتقاندا، قاچا-قۇچىلارنىڭ ئىچىدە قانداقتۇر نۇرغۇن ئۇششاق سۇ تامچىلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان، ئۇ بۇ ئەھۋالنى قاچا-قۇچىلار ئوبدان سۈرتۈلمىگەنلىكتىن بولغان بولسا كېرەك دەپ تەتقىق قىلمىغان. لېكى كاۋېندىش ئەستايىدىل باش قاتۇرۇپ، قايتا-قايتا تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، سۇنىڭ ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننىڭ قوشۇلمىسى ئىكەنلىكىنى، يەنى ھىدروگېن ئىككى، ئوكسىگېن بولىدىغانلىقىنى دەلىلەپ بەرگەن. بۇ كەشپىيات خىمىيە تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچقان. سۇنىڭ ئىشلىتىلىدىغان دائىرسى ناھايىتى كەڭ، ئومۇمەن خىمىيۋىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچقايسسى سۇنىڭ ياردىمىسىز ئىشقا ئاشمايدۇ. خىمىيە ساھەسىدىكىلەر سۇنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ باشقا ماددىلار بىلەن بىرىكىش داۋلىسىنى بىلگەن. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كاۋېندىش سۇنىڭ مالىكۇلا فورمۇلىسىنى 1781-يىلى تاپقان. لېكىن ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، باشقىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئەمىلىيەتتە فرانسىيە خىمىيگى لاۋوسيېدىن بۇرۇن تاپقان.
كاۋېندىش چوڭ بيۇروكرات ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، مۇشەققەتلىك بولغان ئىلمىي تەتقىقات يولىغا ماڭغان. ئۇ ھارماي-تالماي تەتقىق قىلىپ، ئاخىرى غەلبىلىك مۇۋەپپەقىيەت يارىتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن كۆپتىن-كۆپ ئىززەت ھۆرمەتكە لايىق. كاۋېندىش 1810-يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 78 يېشىدا ۋاپات بولغان.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 456 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26