پاراسېلسۇس


ParacelsusParacelsus
پاراسېلسۇس-ئىلىم-پەن جەڭ مەيدانىدىكى بىر باتۇر جەڭچى. ئۇ مەبۇتقا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا، نوپۇزنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا، يېڭى يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا ئىنتىلگەن. پاراسېلسۇس 1493-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى شۋېتسارىيىدىكى باسېل شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئۇقۇمۇشلۇق دوختۇر، ئانىسى سېستىرا ئىدى. ئۇ دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كىچىكىدىن تارتىپلا دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن. 16 يېشىدا باسېل ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرگەن. ئۇ زېرەك بولغاچقا، مەكتەپنىڭ دەرسلىرىگە قانائەت قىلماي، مەخسۇس خىمىيىنى ئۆگىنىش ئويىغا كەلگەن. لېكىن خىمىيە ئىلمىدا، شۇ چاغدا دورىگەرلىكتىن باشقا مەزمۇن يوق ئىدى. تەجرىبىخانىدىمۇ مېتال ۋە تاشقا ئوخشاش نەرسىلەرنىلا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى. پاراسېلسۇس خىمىيە ساھەسىدىكى بەزى كىشىلەرگە: «خىمىيىنىڭ ھەقىقىي رولى مېتال تاۋلاشتا ئەمەس، دورىگەرلىكتە» دېگەن ئىدى. بۇ سۆز گويا بىر پارچە ئوت بولۇپ، خىمىيە ساھەسىنى يالقۇنجىتىۋېتىدۇ.
ئۇ چاغدا كىشىلەر ئارىستوتېل بىلەن گرىمگە چوقۇناتتى. پاراسېلسۇس ئۇلارغا ئىشەنمەيتتى، ئۇ تەبىئەتنى ئېچىپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ قانداق ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى بىلگۈسى كېلەتتى. شۇڭا ئۇ باتۇرلۇق بىلەن كانلارغا يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇ كانلاردا كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىشلەپ ھالىدىن كەتكەنلىكىنى، قورسىقى تويمىغاننىڭ ئۈستىگە، تاياق يەيدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. كان ئىشچىلىرىنىڭ ئاچ-يالىڭاچلىق ھەم كېسەللىك ئازابىدا ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تۇرمۇش ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. پاراسېلسۇس دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىپ، جاپاكەش كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق تېخنىكىسى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇزۇن يوللۇق سەپەرنى باشلايدۇ. ئۇ ھىندىستان ۋە سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە دوختۇر بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ 36 ياشتا ئىدى. پاراسېلسۇسنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى، ئۇ خىمىيىنى مېتالچىلىقتىن ئازاد قىلىدۇ، ئۇ تىببىي خىمكلار ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى، شۇنداقلا غەربتە مېنىرالنى دورىلارنى ھەممىدىن بۇرۇن ئىشلەتكەن دوختۇر. ئۇ زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ ئەڭ زەھەرلىك نەرسە ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ ھېسابلايدۇ. سىماپ سۇرمىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ قالماي، ھەتتا چويۇن، ئاليۇمىن، ئەپيۇن، كۆكتاش قاتارلىقلار بىلەنمۇ كېسەلنى داۋالاپ، كۆپ ھاللاردا ئاجايىپ ئۈنۈم قازانغان. ئۇ نوپۇزغا ئىشەنمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەلنى داۋالاشتا ئاجايىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى شەيتان ۋە سېھرىگەرمىكىن دەپ ئويلاشقان.
لېكىن ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن خۇراپاتقا قارشى كۈرەشنى بوشاشتۇرۇپ قويمىغان. بىر كۈنى باسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىر دۆۋە ئوتنى چۆگىلەپ ئۇسۇل ئويناپ، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، پاراسېلسۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئۇ قولىغا ئىككى كىتاپنى ئېلىپ ئېگىز كۆتۈرىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ بىرى گرىمنىڭ ئەسىرى، يەنە بىرى باشقا بىرسىنىڭ شۇ مەزمۇندىكى ئەسىرى ئىدى. پاراسېلسۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «قاراڭلار، كونىسى ئۆلۈپ، يېڭىسى مەيدانغا كەلسۇن» دەپ توۋلاپ، ئىككى كىتاپنى ئوتقا تاشلايدۇ. ئاندىن ئۇ: «ئۇلارنىڭ خاتالىقى ۋە يالغان سۆزىنىڭ شورى قۇرىسۇن! ھەقىقەت مەڭگۈ يوقالمايدۇ» دەپ ۋارقىرايدۇ. پاراسېلسۇسنىڭ «ئىسىيانكارلىق» ھەرىكىتى پىراۋوسلاۋىيە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرىدۇ، لەنەت ياغدۇرىدۇ، ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولىدۇ.
شۇ چاغدا، مەرتىۋىلىك راھىپ كونىلوس ئېغىر كېسەل بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىنى پاراسېلسۇسلا ساقايتالايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن پارسېلسۇسنى «خائىن» دەپ قارىغاچقا، ئۇنى تەكلىپ قىلمايدۇ، لېكىن كونىلوس كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا، پاراسېلسۇسنى تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. تەكلىپ قىلىنغۇچى قەستەن نۇرغۇن پۇل تەلەپ قىلىدۇ، كېسەلنىڭ ساقايماس كېسىلى شىپالىق تاپىدۇ. كونىلوس ئۇششۇقلۇق قىلىپ دەۋا قىلىدۇ. سوراقچى پارسېلسۇسنى ھەممىنى بۇلغايدىغان بىر نېمە، دەپ ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەكچى بولىدۇ.
پاراسېلسۇس بىر كېچىدە قېچىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ سەرسانلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. پاراسېلسۇس مەبۇتقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. شۇ چاغدا ئىسپانىيىدە سېرۋېنوس دېگەن بىر ئاناتومىك بار ئىدى، ئۇ ئادەم ئاناتومىيىسىنى تەتقىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەھكىمە شەرئى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن. پاراسېلسۇس 39 يېشىدا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، سىرتتا ئون نەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىيدۇ. ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرىدۇ، بۇ دۇنيادىكى خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ھەممىسىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. لېكىن زەربە ۋە يوقسۇللۇق پاراسېلسۇسنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ. ئۇ يەنىلا قاتتىق مۇراجىئەت قىلىدۇ ھەم ھەقىقەتنى ئاممىغا ئېيتىپ بېرىدۇ. 1541-يىلى، سالزبۇرگدىكى باش روھانىي ئۇنى توساتتىن چاقىرتىپ كېلىدۇ. پاراسېلسۇس ئۆزىنىڭ غايىسىنى يازىدىغان، تەرغىپ قىلىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئاجايىپ ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ بەختكە قارشى شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئاران 47 ياشتا ئىدى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 443 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26