روبېرت گوددارد


Robert H. GoddardRobert H. Goddard

دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم سۇيۇق يېقىلغۇ ئىشلىتىدىغان راكىتانى ياساپ چىققان ۋە قويۇپ بەرگەن ئادەم-ئامېرىكىلىق ئالىم روبېرت گوددارد. 1926-يىل 3-ئاينىڭ بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، كىلاك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گوددارد ماسساچۇسېت شتاتىدىكى يېڭى لانگى دېھقانچىلىق مەيدانىدا راكىتا قويۇپ بېرىش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ سۇيۇلدۇرۇلغان ئوكسىگېن بىلەن بېنزىننى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاددى ئەسۋاپلارنى جايلاشتۇرىدۇ. گودداردنىڭ راكىتا قويۇپ بېرىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق خەۋىرى دەسلەپ ۋاشىنگتوندىكى سىمسون تەتقىقات يۇرتىنى قىزىقتۇرمايدۇ.ھەتتا بەزى گېزىتلەر گودداردنى: «ئەمدى بۇنىڭ بىلەن ئايغا چىقامدىكىن؟» دەپ مەسخىرە قىلىدۇ، يەنە بىر گېزىت: «بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورىنىڭ راكىتا بىلەن ئوينىشى تازا گۆدەكلىك» دەپ زاڭلىق قىلىدۇ. گوددارد بۇنداق مەسخىرلەرگە پىسەنت قىلمايدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭغا ئايغا چىقىش توغرىسىدا سوئال سورىسا، ئۇ: «مەن راكىتانى سىناق قىلىشتا ئۇنى يەر شارىدىن چىقىرىشنى مەقسەت قىلدىم، بۇ ئارزۇ كىچىكىمدىن تارتىپلا بار ئىدى» دەپ كېسىپ جاۋاپ بېرىدۇ.
گوددارد 1882-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋىرىدىلا بوشلۇقىنىڭ سىرى ئۈستىدە دادىل تەسەۋۋۇر قىلغان. ئۇ نۇرغۇن پەن-تېخنىكا كىتاپلىرىنى ۋە ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرىنى، مەسىلەن، ۋىرىس يازغان «دۇنيا ئۇرۇشى»، فېرنا يازغان «يەر شارىدىن ئايغا چىقىش» نى ئوقۇغان. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋىرىدە يازغان كۈندىلىك خاتىرلىرى ۋە قوليازمىلىرىدىنمۇ ئۇنىڭ بوشلۇقتا سەيلە قىلىش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گوددارد چوڭ بولغاندا ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. راكىتا سىنىقىنى ئېلىپ بېرىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتەك بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ئۇ راكىتانى تەجرىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىيلىك بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا، جاپا-مۇشەققەتتە بارلىق چىقىملارنى تېجەپ، كىرىمنىڭ كۆپ قىسمىنى راكىتا سىنىقىغا ئىشلىتىدۇ. 1919-يىلى ئۇ «ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىككە يېتىش ئۇسۇلى» دېگەن دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قاتتىق جىسمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ راكىتا ياساپ، ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزمەكچى بولىدۇ. كېيىن گوددارد ئىككى باينىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلاردىن تېگىشلىك مەبلەغ ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆزىنىڭ راكىتا سىنىقىنى قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ مۇۋاپىق شارائىت تېپىش ئۈچۈن قاتتىق قۇرغاق ئىسسىق بولىدىغان يېڭى مېكسىكا شتاتىنىڭ يىراق چېگرا رايونىغا كۆچۈپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ يەر ئۆزى ئۈچۈن سىناق مەيدانى ۋە راكىتا قويۇپ بېرىش مۇنارىسى قۇرۇشقا تازا لايىق ئىدى. ئۇ بۇ يەردە ھاياتلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ئاجايىپ مۇشەققەتلىك سىناقلارنى ئېلىپ بارىدۇ. بىر نەچچە يىل تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا، باشقۇرۇلىدىغان ۋە مۇقىم ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە راكىتانى تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، راكىتانىڭ كۆتۈرۈلۈش نەزىرىيىسى ۋە ئەمىلىيىتى ئۈستىدىمۇ نۇرغۇن ماتېرىيال ۋە تەجرىبىلەرنى توپلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇپ گروسكوپنى ئىشلەتكەن ئادەم بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا راكىتا دىۋىگاتېلدىكى ھاۋا ئېقىمىدا بىرىنچى بولۇپ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان راكىتا قويۇپ بەرگەن ئادەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇ راكىتانى ئايغا چىقىرىش مەقسىتىدە، كۆپ ئۈگىلىك راكىتادىن پايدىلىنىش نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
1939-يىلى، ئۇ دىۋىگاتېلنىڭ ئېغىرلىقىنى قانداق قىلىپ يېنىكلىتىشنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلايدۇ. ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بىلەن راكىتا ئۈستىدىكى تەتقىقات ئىشىنى توختىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلارغا كۆچىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ قورقۇنچلۇق ۋە بەختسىزلىك ئەھۋالغا، يەنى يېڭى چوڭ دۈشمەن-راكقا دۇچ كېلىدۇ. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 62 يېشىدا گوددارد ۋاپات بولىدۇ.
ئەگەر يەنە 17 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسا، ئۆزى لايىھىلىگەن راكىتانىڭ ئاخىرى ئايغا چىققانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولاتتى. 1962-يىل 2-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ئوربىتىنى بويلاپ ئۇچقۇچى، ئادەم ئېلىپ ماڭغۇچى تۇنجى ئالەم كېمىسى فلورىدا شتاتىدىكى كاناۋېرال تۇمشۇغىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. 7 يىلدىن كېيىن 3 ئامېرىكا پۇقراسى بىرىنچى تۈركۈم ئايغا چىققۇچىلار بولۇپ قالدى. ئالەم بوشلۇغى ئىلمىنىڭ بۇ ئۇلۇغ سەركەردىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭغا بېغىشلاپ بىر ياغاچ تاختا ئورناتقان، ئۇنىڭغا گودداردنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بىر جۈملە مەشھۇر سۆزى يېزىلغان: «نېمىنىڭ ئورۇنلىغىلى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىش تەس، چۈنكى تۈنۈگۈنكى خام خىيال بۈگۈنكى ئۈمىتكە ئايلىنىشى ۋە ئۇ ئەتىكى رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن».

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 523 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26