ماكون


Guglielmo MarconiGuglielmo Marconi
1933-يىلى رادىئو كەشىپ قىلغان بىر ئالىم ئېلىمىزگە كېلىپ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان. بۇ ئالىم ئىتالىيىلىك ماكون ئىدى. قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى شۇ قېتىمقى ئۇنتۇلماس زىيارەتنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ماكون خاتىرە تۈۋرىكىنى ئورنىتىپ بۇ ئالىمنىڭ مەڭگۈلۈك خاتىرسى قىلغان. ماكون رادىئو تارىخىدىكى مۇھىم ئەرباب، شۇنداقلا ئىتالىيىنىڭ مەشھۇر ئېلېكتىر ماشىنلىرى ئىنژېنېرى، ئۇ 1874-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىتالىيىدىكى بولونىيدە تۇغۇلغان. ماكون بالىلىق دەرىدە، يەرلىك باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ چوڭ بولغاندىن كېيىن بولونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرگەن. ئۇ يەردە ھېرتس ئېلېكتىر دولقۇنىنى قىزغىن تەتقىق قىلىۋاتقان لىچ دېگەن پروفېسسورنى ئۇچرىتىدۇ. بۇ ماكوننىڭ قىزىقىدىغىنى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ. ماكون ئۆز ئوقۇتقۇچىسىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، رادىئو ئۈستىدە دادىللىق بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ماكون 20 ياشقا يەتمىگەن چېغىدىلا: ئاۋازنى چوقۇم ئېلېكتىر دولقۇنى ئارقىلىق يەتكۈزۈش كېرەك، دېگەن ئىلمىي ئىختىرا غايىسىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشەققەتلىك ئىلمىي تەجرىبە ئىشىغا كىرىشىپ كېتىدۇ.
1895-يىلى ماكون گلېفونغا بېرىپ رادىئونى داۋاملىق تەجرىبە قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئىتالىيە ھۆكۈمىتى چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ تەجرىبىلىرى قوللاپ-قۇۋەتلەشكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. ئۇ ئەنگلىيىگە بېرىپ تەجرىبە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىلگىرى ئەنگلىيىدىمۇ بىر تېلېگرامما ئىنژېنېرى رادىئو ئۈستىدە تەتقىق قىلغان، لېكىن مەغلۇپ بولغان ئىدى. لېكىن ماكوننىڭ رادىئو ئۈستىدىكى تەجرىبىسى ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇماكون 1897-يىل ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رادىئو شىركىتى تەسس قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئەنگلىيە، فرانسىيىلەردىمۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ماكوننىڭ رادىئو تېخنىكىسىنى قوللىنىدۇ.
1898-يىلى ماكون كىڭىستوندىكى قولۋاق مۇسابىقىسى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تۇنجى قېتىم رادىئو ئارقىلىق بېرىدۇ. كېيىن، ئۇ يەنە ئەنگلىيە خانىشى بىلەن شاھزادىسىنى خېلى يىراق يەردىن بىر-بىرى بىلەن رادىئو ئارقىلىق سۆزلەشتۈرىدۇ. بۇ ھال خانىشنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مەشھۇر نانپولان مۇنارسىفىمۇ رادىئو ئورنىتىلىدۇ. 1899-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى دونگودۋىن ماتورلۇق پاراخوتى بىر كېمىگە ئۇرۇلۇپ كېتىپ، خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا نۇرغۇن جايلار بىرلا ۋاقىتتا بېرىلگەن قۇتقۇزۇش سېگنالىنى ئاڭلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېزلا نۇرغۇن قۇتقۇزۇش پاراخوتىنى ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە ئەۋەتىدۇ. سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزىۋېلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ماكوننىڭ رادىئوسى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.
قىسقا يوللۇق رادىئوگىرامما مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىققاندىن كېيىن، بەزىلەر يەر شارى دۈگلەك بولغاچقا ئۇزۇن يوللۇق سىمسىز تېلېگىراف ئاقمايدۇ دېيىشىدۇ. چۈنكى توك دولقۇنى تۈز سىزىق بويىچە ماڭىدۇ، دولقۇن بوشلۇققا تارقالغاندا يەر شارىدىن چىقىپ كېتىدۇ دېيىشىدۇ. بۇ مۇنداقلا ئاڭلىماققا يوللۇقتەك بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە توك دولقۇنى يەر يۈزىنى بويلاپ تارقىلىدۇ، شۇڭا يەر شارىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تامامەن يېتىپ بارالايدۇ. 1933-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخشىمى ئامېرىكا ئالىملىرى ماكوننى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزگەن زىياپەتتە ماكون ئويۇن كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەلگە بىلەن رادىئوگىرامما بېرىدۇ. بۇ تېلېگرامما دۇنيادىكى 6 چوڭ رادىئو ئىستانىسسى ئارقىلىق ئۆز ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ تېلېگراممىنىڭ دۇنيانى بىر ئايلىنىپ چىقىشىغا ئاران 33 سېكۇنت كېتىدۇ.
ماكون رادىئونىڭ قوللىنىشى جەھەتتىكى كارامەت تۆھپىسى بىلەن 1909-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ماكوننىڭ سىمسىز تېلېگراف كەشىپ قىلىشى بىلەن رادىئو ئىشلىرى راۋاج تاپتى. دۇنيا بويىچە تۇنجى رادىئو خەۋىرى بېرىش 1920-يىلى ئەنگلىيىدە باشلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا ۋە باشقا مەملىكەتلەردىمۇ سىمسىز رادىئو ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. ماكون 1937-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 63 يېشىدا ۋاپات بولدى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 462 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-25