كيۇرى خانىم

كيۇرى خانىمنىڭ ئەسلى ئىسمى ماريى سكلودوۋسكا بولۇپ، 1867-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى روسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پولشىنىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا تۇغۇلغان. دادىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان، ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، شۇڭا ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا نامراتلىقتا ياشىغان.
مارىيا بالىلىق چېغىدىلا ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى، ئىنتىلىشچانلىقى ۋە تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، 16 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. لېكىن، ئۇ چاغدا پولشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمايتتى، ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن، چەتئەلگە بېرىشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا مارىيا ئاۋال يېزىغا بېرىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ پۇل يىغىپ كېيىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ.
1891-يىلى، مارىيا فرانسىيەگە بېرىپ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ، ئۇ كۈندۈزى دەرس ئاڭلىغاندىن تاشقىرى، تەجرىبىخانىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ تەجرىبىخانىغا ھەممىدىن بۇرۇن كىرىپ ھەممىدىن كېيىن چىقىدۇ. كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بولىدۇ. كۈتۈپخانىدىن ئىشىك تاقىلىدىغان چاغدا ئاندىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ چىرىقى ھەمىشە يېرىم كېچە سائەت 1-2 گىچە يورۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەتىسى ئۇ يەنە بالدۇر تۇرىدۇ. ئۇ يەر بۇ يەرگە قاتراپ يۈرمەيدۇ. ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئويۇن-تاماشا قىلمىغانلىقىدىن نارازى بولۇشىدۇ. ھەتتا ئۇنى "دەرۋىش راھىپ"، " غەلىتە ئادەم " دېيىشكەندە مارىيا ئۇنىڭغا كۈلۈپلا تۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، ھەر ئايدا دادىسى ئەۋەتكەن يۈز فرانىكچە پۇلدىن، ئوقۇش پۇلى تاپشۇراتتى. مال باھاسىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى. ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى تۇرمۇشنى قامداشتىمۇ قىينىلاتتى. بىر قېتىم ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋېتىپ بىردىنلا بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ، كېيىن ئۇقسا بىر كۈن ھېچ نەرسە يېمەي ئاچ قورساق يۈرگەن ئىكەن، بەزى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ياتىقىغا بېرىپ قارىسا بىر بولاق چايدىن باشقا يېگۈدەك ھېچ نەرسە يوق ئىكەن. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھەمىشە ئاچلىق ئىچىدا تىرىشىپ ئوقۇپ ھەممە دەرستە ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدۇ. ئۇ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئىككى يىلدىلا فىزىكا ماگىستىر ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدۇ.
مارىيا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا تەتقىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا، فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى فىزىكا-خىمىيە مەكتىپىنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى ياش فىزىك پيېر كيۇرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئىرادىدىكى بىرلىك، مىجەزدىكى ئوخشاشلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتتە بىر-بىرىگە ياردەملىشىش، تۇرمۇشتىكى بىر -بىرىگە بولغان غەمخورلۇق ۋە ئورتاق غايە ئۇلارنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. ئاخىرى 1895-يىل يازدا، 28 ياشلىق مارىيا 36 ياشلىق كيۇرى بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تويى ئاددىي ساددا، ئەمما مەنىلىك ئۆتكۈزىلىدۇ. توي كۈنى ئۇلار تويلۇق كىيىم كىيمەيدۇ. زىياپەت ئۆتكۈزمەيدۇ، چېركاۋغا بېرىپ دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، بەلكى ئىككىسى بىردىن ۋېلسىپىت مىنىپ خوشال ھالدا ئۆزلىرىنىڭ يېزىدىن ئىجارىگە ئالغان داچىسىغا كېتىدۇ. دېمەك، ساياھەت ئۈستىدە توي قىلىدۇ. بۇ يېڭى ئەر-خوتۇن بىر ئايدىن كېيىن پارىژغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئىلىم-پەننىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقىش يولىدىكى مۇشەققەتلىك سەپەرگە بىرلىكتە ئاتلىنىدۇ. تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش كيۇرى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئۈچۈن تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. ئۇلار كۈندۈزى دەرس بېرىپ، ئاخشىمى تەجرىبە قىلىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇلار بىر قىز بالىلىق بولۇپ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، چۈنكى تەتقىقات ئىشىدىن باشقا، ئۆينىڭ پارچە-پۇرات ئىشلىرىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىپ، رادىيوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ مەنبەسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى باشلايدۇ. بىر نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىسىدا، ئاخىرى 1898-يىلى رادىيوئاكتىپلىق ئېلېمېنتنىڭ سىرىنى ئېچىپ، يېڭى رادىيوئاكتىپلىق ئېلېمېنتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاپىدۇ. كيۇرى خانىم ئۇنىڭغا "پولونىي" دەپ نام قويىدۇ، پولونىينى تېپىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر خىل رادىيوئاكتىپلىق تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان يېڭى ئېلېمېنتىنى تاپىدۇ، كيۇرى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن بۇ نامەلۇم ئېلېمېنتىنى رادىي دەپ ئاتايدۇ.
رادىيغا يۈرۈش قىلىش باشلىنىدۇ. ئۇلار ئاستى تاختايلىق بولمىغان، ئۆگزىسىدىن يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەسكى ياغاچ ئۆينى تەجرىبىخانا قىلىپ شۇ يەردىن ئۆزلىرى يېڭى ئېلېمېنىت دەپ ھۆكۈم قىلغان رادىينى نەچچە توننىلىغان قاراماي، ئوران كان داشقاللىرى ئىچىدىن تېپىپ چىقماقچى بولىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىش ئىدى. 4 يىل مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىش ئارقىسىدا، ئاخىرى 1902-يىلى 0.1 گىرام ساپ رادىي تۇزىنى غەلبىلىك ئاجرىتىپ چىقىدۇ. كيۇرى خانىم مۇشۇ دەۋىر بۆلگۈچ ئۇلۇغ كەشپىياتى بىلەن، 1903-يىلى فىزىكا ساھەسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئىگە بولىدۇ. كيۇرى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن رادىينى تاپقانلىقى بىلەن دۇنياغا تونۇلىۋاتقاندا، بىر پاجىئە يۈز بېرىدۇ. 1906-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچقۇرۇن، كيۇرى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت ئات ھارۋىسى بېسىۋېلىپ، شۇ يەردىلا جان ئۈزۈپ كېتىدۇ. ئېرىنىڭ ۋاپات بولۇشى كيۇرى خانىم ئۈچۈن قاتتىق زەربە بولىدۇ، ئەمما بۇ ھال ئۇنىڭ ئىلىم-پەن يولىدا تىرىشىپ كۆرەش قىلىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. كيۇرى خانىم داۋاملىق بېرىلىپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئېرىنىڭ تۈگىتەلمىگەن ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئۇ قايتا-قايتا ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ ۋە تەجرىبە قىلىپ، رادىينىڭ ئاتوم مىقدارىنى ۋە رادوننىڭ ھەم باشقا نۇرغۇن ئېلېمېنتلارنىڭ يېرىم يىمىرلىش دەۋرىنى يەنە بىر قېتىم توغرا ئۆلچەپ بېكىتىدۇ ھەم مۇشۇ ئاساستا، رادىيوئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى سىستېما مۇناسىۋىتىنى رەتلەپ، رادىيوئاكتىپلىق ئېلېمېنتىنى ئاجرىتىش ۋە ئۇلارنىڭ رادىيوئاكتىپلىقىنى ئۆلچەپ بېكىتىش جەھەتتە غايەت زور تۆھپە يارىتىدۇ. كيۇرى خانىم مۇشۇ بىر قاتار زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن، 1911-يىل يەنە خىمىيە ساھەسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئىگە بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئىككى نۆۋەت نوبىل مۇكاپاتىغا ئىگە بولۇشى تارىختا تۇنجى قېتىم ئىدى.
كيۇرى خانىم شەخسىي پايدا-زىيان بىلەن پەقەت ھېسابلاشماي، ھەمىشە پەن ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشنىلا ئويلايتتى. كيۇرى خانىم نۇرغۇن قېتىم: «مەن رادىينى تاپتىم، لېكىن ئۇنى ئىجات قىلمىدىم. شۇڭا ئۇ ماڭا مەنسۇپ ئەمەس، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقى» دېگەن ئىدى. كيۇرى خانىم كېيىن ئىككى نەپەر تاشقى كېسەللەر دوختۇى بىلەن بىرلىشىپ، رادىينى تىببىي ئىلىمدا قوللىنىشىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ، ئۇنى راكنى داۋالاشتىكى"دورا" لارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. رادىي تېپىلغاندىن كېيىن ۋە ئۇنىڭ تىببىي ئىلىم جەھەتتىكى رولى قارارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كاپىتالستلار كيۇرى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەنگە خەت يېزىپ، رادىي ئىشلەپچىقىرىش مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىنى ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كيۇرى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئۇنى قەتئىي رەت قىلغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىنى، جۈملىدىن رادىينى ئاجرىتىش جەريانىنى ھېچقانداق قالدۇرماي تولۇق ئېلان قىلىش قارارىغا كەلگەن، كيۇرى خانىم مۇنداق دەپ ياخشى ئېيتقان: «رادىي ھېچقانداق كىشىنىڭ باي بولۇشىغا ئىمكانىيەت بەرمەسلىكى كېرەك. رادىي خىمىيۋى ئېلېمېنت، ئۇ ھەممىگە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك".
ئۇاق مۇددەت جىددىي ئىشلەش ۋە ياش چوڭىيىش ئارقىسىدا، كيۇرى خانىمنىڭ تەن-قۇۋۋىتى بارغانسېرى ئاجىزلاشقان، لېكىن ئۇ ھامان كۈچلۈك ئىرادە ۋە غايەت زور سەۋىرچانلىق بىلەن كېسەل ئازابىنى يېڭىپ ، خىزمەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. ئۇ رادىي ئۈستىدە تەجرىبە قىلىشنىڭ زىيىنىنى ھېچقاچان نەزەرگە ئالمىغان. دەل مۇشۇنداق ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت كيۇرى خانىمنىڭ تېنىنى ئاجىزلاشتۇرغان. كيۇرى خانىم 1934-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىلىم-پەن ئىشى يولىدا قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.
كيۇرى خانىم جەمئىي 70 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە ئەسەر قالدۇرغان. بۇ  ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك ئىلمىي مىراسى، ئۇنىڭدىن كىيۇرى خانىمنىڭ نامىغا ئوخشاش مەڭگۈ شانلىق نۇر چاقناپ تۇرىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 295 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-17