زەيد ئىبنى ھارىسە


زەيد ئىبنى ھارىسەزەيد ئىبنى ھارىسە

زەيد ئىبنى ھارىسە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى ئىدى. ئۇ قۇرئاندا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بىردىنبىر ساھابە. ئۇ 581-يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك ياخشى كۆرۈپ باقمىغان!! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۇئتە» غازىتىدا رىملىقلارغا تېگىش قىلىش ئۈچۈن بارماقچى بولىۋاتقان ئىسلام ئەسكەرلىرى بىلەن ۋىدالاشقان چېغىدا ئۇلارنىڭ ئۈچ نەپەر قوماندانىنىڭ ناملىرىنى ئېلان قىلىپ :«سىلەرگە زەيىد ئىبنى ھارىسە ئەمىر بولسۇن، ئۇنىڭغا تالاپەت يەتسە جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىپ ئەمىر بولسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ تالاپەت يەتسە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە ئەمىر بولسۇن» دېگەنىدى. ئۇنداقتا «زەيىد ئىبنى ھارىسە» دېگەن بۇ كىشى كىم؟ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم» دېگەن نامغا بىردىنبىر ئېرىشكەن بۇ ئادەم زادى كىم...؟ سىرتقى شەكلىنى دېسەك، خۇددى رىۋايەتچىلەر ۋە تارىخچىلار تەسۋىرلەپ بەرگىنىدەك، بويى پاكار، رەڭگى بۇغداي ئۆڭ، يەنى قارامتۇل، بۇرنى پاناق بىر ئادەم، ئەمما ئۇنىڭ تەرجىمىھالى كىشىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ!! زەيىدنىڭ دادىسى ھارىسە «بەنى مەئىن» قەبىلىسىدىكى ئائىلىسىنى يوقلاپ كەلمەكچى بولغان ئايالى«سۇئدى» نىڭ يۈك-تاقلىرىنى، ئۇلاقلىرىنى تەييارلاپ بەردى ۋە ئۇلارنىڭ كىچىك ئوغلى «زەيىد ئىبنى ھارىسە» نى بىرگە ئېلىپ ماڭغان ئايالى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن چىقتى، ئۇ ھەر قېتىم ئايالىنى كارۋان بىلەن يولغا سېلىپ ئۆيگە يېنىپ كىرمەكچى بولغاندا ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئۇنى ئايالى ۋە بالىسى بىلەن بىرگە مېڭىشقا ئۈندەيتتى. لېكىن نېمە ئامال، يول يىراق،كارۋان ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كەتتى. ئەمدى ئۇ ئانا-بالا ئىككىيلەنگە خوش دېمەي چارىسى يوق. شۇنداق قىلىپ ئۇ كۆز يېشى قىلغان ھالدا خوشلاشتى. ئۇلارنىڭ سىماسى كۆزىدىن يىراق بولغانغا قەدەر ئورنىدىن قوزغالماي قاراپ تۇردى. شۇ تاپتا ئۇ قەلبىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن بىرگە كەتكەندەك ھېس قىلىۋاتاتتى!!!
سۇئدى قەۋمى ئىچىدە مەلۇم مەزگىل تۇردى. بىر كۈنى «بەنى مەئىن» قەبىلىسى دۈشمەن قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولدى، دۈشمەن ئەسىرلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆسمۈر «زەيىد ئىبنى ھارىسە» نىمۇ بىللە ئېلىپ كەتتى. ئانا يولدىشىنىڭ ئالدىغا ئۆزى يالغۇز قايتىپ كەلدى. ھارىسە خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ چۈشتى، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ھاسىسىنى تايىنىپ جىگەر پارىسى، سۆيۈملۈك ئوغلىنى ئىزدەپ چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ يۇرتمۇ-يۇرت مېڭىشقا باشلىدى، ئۇ ئۇچرىغانلا كارۋانلار ۋە قەبىلىلەردىن ئوغلىنى سورايتتى. ئەينى دەۋردە، قۇللۇق بىر خىل زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي تۈزۈم بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئەركىنلىك، تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ئافېنا، رىم قاتارلىق جايلاردىمۇ ۋەزىيەت شۇنداق ئىدى. قىسقىسى، قەدىمكى زاماندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە قۇللۇق تۈزۈم بار ئىدى. ئەلۋەتتە، ئەرەب ئارىلىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. بەنى مەئىن قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلىپ غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئادەملىرىنى ئەسىر ئېلىپ كەتكەن ھېلىقى قەبىلە كىشىلىرى ئەسىرلىرىنى ئەينى چاغدىكى «ئۇكاز» بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىشقا باشلىدى. كىچىك ئۆسمۈر زەيىد «ھەكىم ئىبنى ھىزام» دېگەن كىشىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئۇ ئۇنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ھاممىسى خەدىچەگە تەقدىم قىلدى، بۇ ئايال شۇ چاغدا تېخى ۋەھىي كەلمىگەن، لېكىن كېيىن پەيغەمبەر قاتارىدىن بولۇش لاياقىتىگە ئىگە قىلىدىغان بارلىق ئۇلۇغ پەزىلەتلەرگە تېگىل بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ ئايالى ئىدى. خەدىچەمۇ خىزمەتكارى زەيىدنى كەلگۈسىدە پەيغەمبەر بولىدىغان يولدىشىغا تەقدىم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن يولدىشى ئۇنى خۇشال ھالدا قوبۇل قىلىپ دەرھال ئازاد قىلدى ۋە بۈيۈك روھىيىتى، ئۇلۇغ قەبىلىدىن ئۇنىڭغا پۈتۈن مېھرىبانلىقى ۋە ئاسرىشىنى تەقدىم ئەتتى.
بىر يىلى ھەج مەزگىلىدە مەككىدىكى ھارىسەنىڭ مەھەللىسىدىن كەلگەن بىر قانچە كىشى زەيىد بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا ئاتا-ئانىسىنىڭ سېغىنغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى، زەيىد بۇلارنى ئاڭلاپ ئاتا-ئانىسىغا ئۇلاردىن قىزغىن سالام يوللىدى ۋە قەۋمدىن كەلگەن بۇ ھاجىلارغا دادىسىغا، ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ئەڭ ئېسىل بىر «دادا» بىلەن بىرگە تۇرىۋاتقانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى. دادىسى بالىسىنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرىنى بىلگەندىن كېيىن قېرىندىشى بىلەن بىرگە دەرھال يولغا چىقتى، مەككىگە كېلىپ «ئىشەنچىلىك مۇھەممەد» دەپ نام ئالغان بۇ كىشىنى كۆپ ئىزدىگەندىن كېيىن ئاخىرى ئۇنى تاپتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى، ئى قەۋمنىڭ خوجايىنىنىڭ ئوغلى، سىلەر ھەرەم خەلقى جاپا چەككەنلەرنى پاناھىڭلارغا ئالىسىلەر، ئەسىرلەرگە تاماق بېرىسىلەر، ئالدىلىرىغا بالىمىزنى سوراپ كەلدۇق، بىزگە بىر قېتىم ياخشىلىق قىلىپ ئۇنى بەدەل تۆلەپ ئېلىپ كېتىشىمىزگە رۇخسەت قىلسىلا»دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيىدنىڭ ئۇنى نەقەدەر كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى، دادىسىنىڭمۇ بالىسىغا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولغاچقا ھارىسقا قاراپ: «زەيىدنى چاقىرىپ ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر ئۇ سىلەرنى ئىختىيار قىلسا ئۇنى سىلەرگە بەدەلسىز بېرىۋىتەي، ناۋادا ئۇ مېنى ئىختىيار قىلىپ قالسا ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ مېنى ئىختىيار قىلغان ئادەمدىن باشقىنى ئىختىيار قىلمايمەن»دېدى. ئۇنى بۇنداق كەڭ قورساقلىق قىلار دەپ ئويلىمىغان ھارىسەنىڭ چىرايى ئېچىلىپ كەتتى-دە، ئۇنىڭغا :«بىزگە ئادىللىق قىلدىلا، بەكمۇ ئادىللىق قىلدىلا»دەپ ماختاپ كەتتى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيىدنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «بۇ ئادەملەرنى تونۇمسىز؟» دېۋىدى ئۇ: «تونۇيمەن، بۇ مېنىڭ دادام، بۇ بولسا مېنىڭ تاغام» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ھارىسقا دېگەن سۆزلەرنى سورىۋىدى، ئۇ تەخىرسىز ھالدا: «مەن سىلىدىن باشقا ھېچكىمنى ئىختىيار قىلمايمەن، داداممۇ سىلى، تاغاممۇ سىلى»دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆزلىرى تەشەككۈر ۋە سۆيۈنۈش ياشلىرى بىلەن نەمدەلدى، ئاندىن كېيىن زەيىدنىڭ قولىنى تۇتۇپ، قۇرەيشلەر توپلاشقان كەبنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ چىقىپ: «گۇۋاھ بولۇڭلار، چوقۇمكى زەيىد مېنىڭ ئوغلۇم، ئۇ ماڭا مىراسخورلۇق قىلىش ۋە مەنمۇ ئۇنىڭغا مىراسخورلۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگىمىز» دېدى. ھارىسە ئوغلى ئازادلىققا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مەككە خەلقى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان بەنى ھاشىم جەمەتىدىن بولغان، قۇرەيش خەلقى ئىچىدە «ئىشەنچىلىك، راستچىل» دەپ نام ئالغان ياخشى بىر ئادەمنىڭ ئوغلى بولغانلىقىدىن چەكسىز خۇشاللاندى. ئۇنىڭ دادىسى بىلەن تاغىسى ئىلگىرى قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بالىسىنى ئەمدىلىكتە مەككىدىكى بىر خوجايىننىڭ ئالدىدا خەتەرسىز ھالدا قويۇپ قويغانلىقىدىن خاتىرجەم بولغان ھالدا يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشتى.
شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيىدنى بالا قىلىۋالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۈتۈن مەككە ئىچىدە «مۇھەممەدنىڭ ئوغلى زەيىد» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى؛ قۇياش ئالتۇن نۇرلىرىنى ئەتراپقا سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتقان بىر كۈنى ۋەھىي مۇھەممەدكە نىدا قىلدى: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر، ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى». كېيىن بۇ نىدا يەنە ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ تۇردى: «ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا كىيىمىگە چۈمكىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر، پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا! «ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن، ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىنلا زەيىد مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنچىسى، بەلكى ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىرىنچىسى بولۇپ قالدى!! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، ئۇمۇ بۇنداق ياخشى كۆرۈشكە لايىق بولۇپ، چەكسىز ۋاپادارلىقى، روھىيىتىنىڭ ئۇلۇغلىقى، قەلبى، تىلى، قولىنىڭ پاكلىقى قاتارلىق پەزىلەتلىرى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى» دېگەن نامنى ئالغان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيىد ئىبنى ھارىسەنى قانداق قوشۇن بىلەن غازاتقا ئەۋەتسە ئۇنى شۇ قوشۇنغا قوماندان قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ھايات قالغان بولسا ئۇنى چوقۇم ئۆزىگە خەلىپە قىلغان بولاتتى.» دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدە زەيىدنىڭ ئورنى شۇنچىلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىدى.
ئۇنداقتا زەيىد دېگەن بۇ كىشى قانداق ئادەم ئىدى؟ ئۇ بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەسىرگە چۈشۈپ قۇل بازىرىدا باشقىلارغا سېتىۋېتىلگەن، كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئازاد قىلغان ھېلىقى بالا شۇ. بويى پاكار، رەڭگى بۇغداي ئۆڭ، بۇرنى پاناق، ئەمما خاتىرىسى جەم، روھى ئازاد بولغان ھېلىقى ئادەم شۇ. ئەنە شۇنداق پەزىلەتلىرى بولغاچقا ئۇ ئىسلام ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولالىغان، چۈنكى ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى نەسەبىنىڭ كاتتىلىقى، قىياپىتىنىڭ قاملاشقانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئازراقمۇ ئېتىبارغا ئېلىپ قويمايدۇ، ئىسلام قۇرئان كەرىمدىكى: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)» دېگەن ئۇلۇغ ئايەت ئارقىلىق ھاياتلىق قىممەت قاراشلىرىنى توغۇرلاپ ئېسىل، پاك خىسلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا كەڭ ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولغاچقا، پەقەت مۇشۇنداق ئۇلۇغ دىن قوينىدىلا بىلال، سۇھەيب، ئەممار، خەبباب، ئۇسامە ۋە زەيىدكە ئوخشاش ئۆزى ئاددىي ئەمما قەلبى بۈيۈك بولغان كىشىلەرمۇ جۇلالىنىپ نۇر چاچالايدۇ، سالىھ بەندىلەر ۋە پېشۋالار قاتارىدا كۆزگە كۆرۈنەلەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيىدكە ھاممىسىنىڭ قىزى-زەينەبنى نىكاھلاپ قويدى. ئېھتىمال زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشتىن ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىنكار قىلىشتىن ھايا قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلىدى. تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن داۋاملىق بىرگە ئۆتۈش مۇمكىن بولماي زەيىد زەينەبدىن ئاجرىشىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپ ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان، ئەمما ئاجرىشىش بىلەن ئاخىرلاشقان نىكاھقا نىسبەتەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ ھاممىسىنىڭ بۇ قىزىنى ئۆزى نىكاھىغا ئېلىپ خوتۇنلۇققا تاللىدى، زەيىدكە بولسا ئۇقبەنىڭ قىزى ئۇممى گۈلسۈمنى يېڭى خوتۇنلۇققا تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەدىنىدىكى ئىغۋاچىلار: مۇھەممەد ئوغلى زەيىدنىڭ قويۇپ بەرگەن ئايالىنى قانداق نىكاھىغا ئالىدۇ؟ دەپ گەپ تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ بۇ سۇئالىغا ئاتاق بالا بىلەن ئۆز بالىسى يەنى يات بالىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى بىلەن ئۆز بالىسىنى بېقىش ئوتتۇرىسىدا ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىپ يات بالىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئادىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى قارار قىلغان ھالدا: «مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)» دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن زەيىد ئۆز دادىسىنىڭ نامى بىلەن «ھارىسەنىڭ ئوغلى زەيىد» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. خۇددى بىز ئىلگىرى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قانداق قوشۇن بىلەن بىرگە ئەۋەتسە ئۇنى شۇ قوشۇننىڭ ئەمىرى قىلاتتى» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۆتكىنىمىزدەك، قارايدىغان بولسىڭىز ئۇنىڭ «جۇمۇھ» «تەرەف» «ئىيىس» «ھېسما» قاتارلىق غازاتلارنىڭ ھەممىسىدە ئەسكەر باشلىقى بولغانلىقىنى كۆرىسىز. ھالسىرىغان رىم ئىمپىرىيىسى ئىسلامدىن ئەنسىز ھېس قىلىشقا باشلىدى. بەلكى ئۇلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ ئۇلار مۇستەملىكە قىلىۋالغان، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان بۇ يېڭى دىننىڭ شەھەرلىرى بىلەن چېگرىداش بولغان شام شەھەرلىرىگە نىسبەتەن چوڭ خەتەر دەپ قارايتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار شامنى ئەرەب ئارىلى ۋە ئىسلام ئەللىرىگە سەكرەپ كىرىدىغان مەركەز قىلماقچى بولۇشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىسلام ھەيۋىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن پەيدا قىلىنغان كىچىك توقۇنۇشلىرىنىڭ مەقسىتىنى تونۇپ يەتتى-دە، ئۇلارغا ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇنداق قىلىپ «مۇئىتە» غازىتى پارتلىدى.
ھىجىرىيەنىڭ 8-يىلى 5-ئايدا ئىسلام قوشۇنلىرى شامنىڭ «بەلقا» دېگەن يېرىگە بېرىپ، رىم پادىشاھى «ھىرەقلى» نىڭ رىملىقلار ۋە چېگرىدا ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەشكەن قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقان قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى. رىم قوشۇنى «مەشارىن» دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە ئورۇنلاشتى، ئىسلام قوشۇنى بولسا، بۇ قېتىملىق غازات ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان «مۇئىتە» دېگەن شەھەر ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ غازاتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ئاللاھ يولىدا شەھىد بولۇشتىن باشقا ئارزۇسى بولمىغان، جانلىرىنى ئاللاھقا ئاتىغان، كۈندۈزى ئۇرۇش قىلسا كېچىلىكى كۆپ ۋاقتىدا ئىبادەت قىلىدىغان ئۈچ كىشىنى بۇ غازاتقا ئەمىر قىلىپ تاللىدى، ئۇلار ئەمىرلىكنى ئۈستىگە ئېلىش تەرتىپى بويىچە: زەيىد ئىبنى ھارىسە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇتالىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە قاتارلىق كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام قوشۇنىنى يولغا سالغاندا ۋىدالىشىپ: «سىلەرگە زەيىد ئىبنى ھارىسە ئەمىر بولسۇن، ئۇنىڭغا مۇسىبەت يەتسە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە ئەمىر بولسۇن» دەپ جېكىلىگەن. گەرچە جەئفەر ئىبنى ئەبۇتالىپ نەۋرە تۇغقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىگە ئەڭ يېقىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باتۇر، جاسارەتلىك، ئابرويلۇق نەسەبتىن بولسىمۇ ئەڭ دەسلەپ زەيىد ئىبنى ھارىسەنى ئەمىر قىلغان، جەئفەر ئىبنى ئەبۇتالىپنى بولسا كېيىنكى ئەمىرلىككە تەمىنلىگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەردائىم ئىسلامنىڭ قۇرۇق ئىمتىيازلار ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بۇزۇق ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان يېڭىچە توغرا مۇناسىۋەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن يېڭى دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوشۇننىڭ قوماندانلىرىنى يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە تىزغان ۋاقتىدا خۇددى ئۇرۇشنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىنى بىلگەندەك، ئۇلار يەنە شۇ تەرتىپ بويىچە شەھىد بولۇشتى. مۇسۇلمانلار تەخمىنەن 200 مىڭ ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلغان زور كۆلەمدىكى رىم قوشۇنىنىڭ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چاغلىرىدا، ئويلاپمۇ باقمىغان بۇ زور سان ئۇلارنى چۆچۈتۈۋەتتى. لېكىن ئىسلام قوشۇنى سانى قاچان كۆپ بولۇپ باققان؟ ئەمما ئۇلار پەرۋا قىلماستىن دۈشمەنگە قارشى ھۇجۇم قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا قوماندانى زەيىد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا دۈشمەنلەرنىڭ نەيزىلىرى، ئوقلىرى ۋە قىلىچلىرى قاينىمىغا بۆسۈپ كىردى. ئۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشنى ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ مۆمىنلەر بىلەن ئېلىپ بارغان جانغا جەننەتنى تېگىشىشتەك سودىسىدا پايدا تېپىشنى ئويلايتتى. ئۆز ئەتراپىدا «بەلقا» قۇملۇقلىرىنى، رىم ئەسكەرلىرىنى ئەمەس، بەلكى جەننەتنىڭ دۆۋىلىرىنى، ئۇنىڭ يايلاقلىرىنى كۆرگەندەك، كۆز ئالدىدا لەپىلدەۋاتقىنى ئىسلام بايرىقى ئەمەس بەلكى توي كۈنىسىدىكى تەبرىك شەلپىرىدەك ھېس قىلىۋاتاتتى! ئۇنىڭ قىلىچ ئۇرۇشلىرى، نەيزە ئېتىشلىرى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىشلىرى خۇددى ئاللاھ بىلەن مۇلاقات بولۇپ مەڭگۈلۈك جەننەتكە، تىنچلىق يۇرتىغا بېرىش يولىدا تورۇۋاتقان توسالغۇلارنى يوقىتىۋاتقان، جەننەتنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنى ئېچىۋاتقان ھالىتىگە بەكمۇ ئوخشايتتى.
زەيىد ئاخىرى شەھىد بولۇپ يىقىلدى. ئۇنىڭ جەننەتكە كېتىۋاتقان روھى ئۆزى تۇرغان تەننىڭ يۇمشاق يىپەك رەختكە ئورالغان ھالەتتە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ يولىدا ئاققان پاك قېنىغا مىلەنگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ سۆيۈنگەن ھالدا كۈلۈمسىرىدى. ئۇ ئەمىرلەرنىڭ ئىككىنچىسى جەئفەرنىڭ بايراقنىڭ يەرگە چۈشۈشىدىن ئىلگىرى ئۇنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن ئوقتەك ئېتىلىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بەختكە تولغان سۆيۈنۈش ئىچىدىكى بۇ كۈلۈمسىرىشى تېخىمۇ ۋايىغا يەتتى. بۇ ئۇلۇغ شەرەپ ئىگىسى 629-يىلى 55 يېشىدا «مۇئتە» غازىتىدا شېھىت بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 373 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 7قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-16