ۋېستمىنس


George WestinghouseGeorge Westinghouse
يەل تورمۇزنى كەشىپ قىلغۇچى ۋېستمىنس ئامېرىكىلىق بولۇپ، 1846-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى نيۇ-يوركنىڭ بىر يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياسايدىغان كىچىك ھۈنەرۋەن بولۇپ، ۋېستمىنس 15 ياشقا كىرگەندە، ئامېرىكىدا جەنۇب-شىمال ئۇرشى پارتلاپ، ئۇ دېڭىز ئارمىيىسى قىسىملىرىدا ئەسكەر بولىدۇ. ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئۇنىۋېرسىتېتكە كىرىدۇ. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تىل ۋە ماتېماتىكىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ، پەقەت ئىشچى بولۇپ، بەزى ماشىنلارنى ئىشلەپ ،ئىنسانلار ئۈچۈن بەخت يارىتىپ بېرىشنىلا ئويلايدۇ. بىر قېتىم ئۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ بوستونغا ماڭىدۇ. پويىز كېتىۋاتقاندا، ئالدى تەرەپتە يېقىنلا يەردە بىر ئات ھارۋىسىنىڭ پويىز يولىدا كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، شوپۇر ئۇنى سەزگەن بولسىمۇ، لېكىن پويىزنى توختىتىشقا ئۈلگۈرەلمەي ئېغىر پاجىئە يۈز بېرىدۇ. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پاجىئە ۋېستمىنسقا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىرەر ئەپلىك تورمۇز قىلىش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشقا بەل باغلايدۇ.
ئۇ چاغدىكى پويىز پار بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بولغاچقا، ۋېستمىنس دەسلەپ پويىزنى پار بىلەن تورمۇزلىماقچى بولىدۇ. نۇرغۇن كۈنلەر تەجرىبە قىلىش ئارقىسىدا، تورمۇز قىلىش ئەسۋابىنى ياساپ چىقىدۇ. بىرىنچى قېتىم سىناق قىلغاندا، بۇ پار بىلەن تورمۇز قىلىش ئەسۋابىنىڭ كۈچى بەك ئاجىز بولۇپ چىقىدۇ، سىلىندىرنى كەڭلىتىپ پارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشمۇ زادى مۇمكىن بولماي بۇ تەجرىبىدىن ۋاز كېچىدۇ. مەغلۇبىيەت غالبىيەتنىڭ ئانىسى بولغاچقا، ۋېستمىنس باشقا يول تېپىش قارارىغا كېلىدۇ. 1868-يىل ئەتىيازدا، ئۇ بىر ژۇرنالنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا: شىۋېتسارىيىدىكى ئالپىس تۆمۈر يولىدىكى چوڭ تونىللارنى ئېچىشتا قىسىلغان ھاۋا كۈچىدىن پايدىلىنىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بېسىلغان ئىدى. ۋېستمىنس بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، نېمىشقا ھاۋانى قىسىش قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ پويىزنى تورمۇزلىغىلى بولمايدىكەن؟ دەپ ئويلايدۇ-دە، يۈز كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ كۆرەش قىلىش ئارقىسىدا، يەل تورمۇزنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ كىچىككىنە ئەسۋابنىڭ ئۆزىدىن نەچچە يۈز ھەسسە چوڭ بولغان پويىزنى تورمۇزلىيالايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. لېكىن دادىسى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دەرھال تەجرىبە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.
ئوت يۈرەك ۋېستمىنس بۇنى سىرتقا تەشۋىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئاخىرى باشقىلارنىڭ قوللىشى بىلەن سىناق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. 1868-يىل 10-ئايدا ۋېستمىنس ھەر قايسى تۆمۈر يول شىركەتلىرىدىكى تېخنىكلار ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ يەل تورمۇزنى بىرلىكتە سىناق قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئۇ پويىزنى ئۆزى ھەيدەيدۇ. تورمۇز بېرىشنى سىناق قىلىدىغان بېكەتنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئالدى تەرەپتىن 8-9 مېتىر يىراقلىقتا بىر دېھقاننىڭ ئاشلىق بېسىلغان بىر ھارۋىنى رېلىس ئۈستىدە ئىتتىرىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ، بۇ كۈتۈلمىگەن ئىشتىن پويىزدىكى يولۇچىلار بەك ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. يەنە بىر پاجىئە يۈز بېرىدىغان بولدى! ۋېستمىنس ناھايىتى ھودۇقۇش بىلەن مۇبادا تورمۇز كارغا كەلمەي قالسا قانداق قىلىش كېرەك دەپ ئويلايدىيۇ، لېكىن ئۇ بىراقلا تورمۇز بېرىدۇ، پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن كېتىۋاتقان پويىز شۇ زامات توختايدۇ. يولۇچىلار ئالمان-تالمان سىرتقا قارىسا، پويىز ھېلىقى دېھقاننىڭ ھارۋىسىدىن 2-3 مېتىر بېرىسىدە ئامان-ئېسەن تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئاران 22 ياشتا ئىدى. 1871-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە پويىزلارغا يەل تورمۇز ئورنىتىش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ۋېستمىنس ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن قانائەتلىنىپ قالماي، ئۇنى ياخشىلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1888-يىلىغا كەلگەندە، يەنە بىر تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان يەل تورمۇز دۇنياغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە پويىزلارنىڭ ھەممىسىدە يەل تورمۇز ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. ۋېستمىنس 1914-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 67 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 536 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26