مىقداد ئىبنى ئەمىر


مىقداد ئىبنى ئەمىرمىقداد ئىبنى ئەمىر

ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ۋە دوستلىرى بىزگە ئۇ توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپ: «ئاللاھ يولىدا ئەڭ دەسلەپ ئات چاپتۇرغان كىشى مىقداد ئىبنى ئەسۋەددۇر» دېيىشتى. مىقداد ئىبنى ئەسۋەد بولسا، بىزنىڭ قەھرىمانىمىز مىقداد ئىبنى ئەمىردىن ئىبارەت بولۇپ، جاھىلىيەت دەۋىرىدە «ئەسۋەد ئىبنى ئەبدۇ يەغۇس» بىلەن ئىتىپاق تۈزۈشكەن ۋە مىقدادنى بالا قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن مىقداد ئىبنى ئەسۋەد دەپ چاقىرىلىدىغان بولغان تاكى بالا قىلىۋېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا ئاندىن كېيىن ئۇ ئۆز دادىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بولغان. مىقداد ئىسلامنى بالدۇر قوبۇل قىلغانلارنىڭ بىرى، قۇرەيشنىڭ ئازاپلىشى، ئازار بېرىشلىرىگە، ئىنتىقام ئېلىشلىرىغا ئەرلەرگە خاس باتۇرلۇق، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا خاس خۇشاللىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسىگە كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان يەتتە كىشىنىڭ يەتتىنچىسىدۇر!!
ئۇنىڭ «بەدرى» ئۇرۇشى كۈنىدىكى ئىش-ئىزلىرى ۋە باتۇرلۇقىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم شۇ ئۇلۇغ ئىش-ئىزلىرىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالىدىغان مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئاجايىپ بىر سەھىپە بولۇپ قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دەيدۇ: «مەن مىقداد بىلەن شۇنداق بىر ئۇرۇشقا قاتناشتىمكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇش مەن ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىدۇر». قۇرەيشلەر مەغرۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە قاتتىق ھەيۋە بىلەن بېسىپ كىرگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇندىن بۇرۇن ئىسلام ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ ئاشۇ جاپالىق كۈندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرىۋاتقان بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى ۋە ئۇلارنىڭ پىيادە ۋە ئاتلىق ھالدا ئۆزلىرىگە بېسىپ كىرگەن بۇ ئەسكەرلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىقىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، بۇ ئۇرۇش توغرىسىدا ئۇلاردىن پىكىر ئالدى. ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پىكىر ئالغاندا، بۇنى ھەقىقىي قىلىدىغانلىقىنى، ھەر بىر ئادەمنىڭ قانائەتلىنىشى ۋە كۆز قارىشىنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. مىقداد مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن ئۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىش تەرەپداردا بولىدىغانلار چىقىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرىدى ۋە كەسكىن سۆزلىرى بىلەن ئۇرۇش مارشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاۋال گەپ قىلىشقا تەمشەلدى، لېكىن ئۇ ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن ئەبۇبەكرى سىددىق سۆزلىۋىدى، ئۇ كۆپ خاتىرجەم بولدى. ئەبۇبەكرى ياخشى سۆزلەرنى قىلدى، ئارقىدىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب سۆزلەپ ئۇمۇ ياخشى سۆزلەرنى قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا مىقداد ئالدىغا چىقىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ سىلىگە قانداق كۆرسەتكەن بولسا بىز شۇنىڭغا ئەگىشىمىز، بىز سىلى بىلەن بىرگە بولىمىز، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز سىلىگە ھەرگىزمۇ ئىسرائىل ئەۋلادى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دېگەندەك: سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى دېمەيمىز، بەلكى: سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئۇرۇشىمىز دەيمىز، سىلىنى ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلى بىزنى «بەركۇلغىماز» دېگەن يەرگىچە ئېلىپ بارسىلىمۇ، ئەلۋەتتە شۇ يەرگە بارغۇچە ئەلۋەتتە سىلىدىن ئايرىلماي باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز ئاللاھ سىلىگە ئازاتلىق، غەلبە ئاتا قىلغانغا قەدەر سىلىنىڭ ئوڭ تەرەپلىرىدە، سول تەرەپلىرىدە، ئالدىلىرىدا، كەينىلىرىدە تۇرۇپ جەڭ قىلىمىز» دېدى. بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئېغىزىدىن گويا ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى يورۇپ كەتتى ۋە مۇبارەك تىللىرى بىلەن ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلدى. ئۇنىڭ كۈچلۈكلىكى، قانائەتلەندۈرەرلىكى بىلەن، سۆزلىمەكچى بولغانلارغا قانداق سۆزلەشنى، نېمىلەر دېيىشنى بەلگىلەپ بەرگەن كەسكىن ئىبارىلىرى بۇ سالىھ مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
توغرا، ئۇنىڭ سۆزلىرى مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى،-دە، ئەنسارلارنىڭ داھىيىسى-سەئىد ئىبنى مۇئاز ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، بىز سىلىگە ئىمان كەلتۇردۇق، سىلىگە ئىشەندۇق، سىلى تەلىم بەرگەن دىننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق، بۇ ھەقتە سىلىگە كۆپ ۋەدىلەرنى بەردۇق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، خالىغانلىرى بويىچە قىلسىلا، بىز سىلى بىلەن بىرگىدۇرمىز، سىلىنى ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلى بىزلەرنى مۇشۇ دېڭىز بىلەن ئۆتۈشكە بۇيرۇسلا، سىلى بىلەن بىرگە ئەلۋەتتە ئۆتىمىز، ئارىمىزدىن بىرەرسىمۇ چېكىنىپ قالمايدۇ، دۈشمەنلىرىمىزگە قاچان تېگىش قىلىشقا پەرمان بەرسىلە، شۇ چاغدا تېگىش قىلىمىز، بىز ئۇرۇشقا چوقۇم بەرداشلىق بېرەلەيمىز، چىن-ئىخلاسمەن بولىمىز، ئاللاھنىڭ بىزلەر بىلەن سىلى رازى بولغىدەك نەتىجە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئاللاھنىڭ تەۋپىق-ھىدايىتى بىلەن بىزنىڭ يۈرۈش قىلىشىمىزغا پەرمان بەرسىلە» دېدى. بۇ گەپلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى خۇشاللىققا چۆمدى ۋە ساھابىلىرىغا: «يۈرۈش قىلىڭلار، ئۈمىدۋار بولۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئىككى گۇرۇھ ئۆز-ئارا تۇتۇشتى. شۇ كۈندە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتلىقلىرى: مىقداد ئىبنى ئەمىر، مۇرسىد ئىبنى ئەبى مۇرسىد، زۇبەير ئىبنى ئەۋاملاردىن ئىبارەت ئاران ئۈچ ئادەم ئىدى، قالغان مۇھاجىرلار پىيادە ياكى تۆگىلىك ئىدى. شۈبھىسىزكى، مىقدادنىڭ ھېلى بىز ئاڭلىغان سۆزلىرى ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن بەلكى ئەقىل پاراسىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە تەپەككۇرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق، ھېكمەتلىك، پاراسەتلىك ئىدى، ھېكمىتى ۋە ئەقىل پاراسىتى تەسىرلىك سۆزلەردىن ئىبارەتلا بولماستىن بەلكى ئۆتكۈر پرىنسىپلار ۋە دۇرۇس، ئىزچىل ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئىدى، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سىناقلىرى ھېكمىتىگە ئوزۇق بولاتتى، پاراسەت تەشنالىقىنى قاندۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بىر كۈنى ئەمىرلىككە تەيىنلىگەن ئىدى، قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭدىن: «ئەمىرلىك قانداق ئىكەن؟» دەپ سورىدى، ئۇ چوڭقۇر سادىقلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ: «مېنى كىشىلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرىۋاتقاندەك، باشقىلار ھەممىسى مەندىن تۆۋەندەك ھېس قىلدۇردى. سىلىنى ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، بۈگۈندىن باشلاپ ئىككى ئادەمگىمۇ ئەمىرلىك بولمايمەن» دېدى. مانا مۇشۇ ئىبارىلەر ھېكمەت بولمىسا يەنە نېمە ھېكمەت بولالايدۇ؟ ئۆزىنى ئالدىمايدىغان، ئاجىزلىقىنى يوشۇرمايدىغان مۇشۇنداق ئادەم ھېكمەتلىك بولمىسا يەنە كىم ھېكمەتلىك بولىدۇ؟!
ئەنە قاراڭ، ئۇ ئەمىرلىكنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن تەكەببۇرلۇق قىلىش، بىلەرمەنلىك، مەمەدانلىققا ئوخشاش يامان ئىللەتلەرنىڭ ئۆزىدە ئاشكارلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ بۇ ئاچچىق ساۋاقتىن كېيىن ئىككىنچىلەپ ئەمىر بولمايدىغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ! تېخى شۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن مەڭگۈ ئەمىر بولمايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچىۋاتىدۇ. ئۇ ھەر دائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىۋالغان «بەختلىك ئادەم ئازغۇنلۇقتىن ساقلانغان ئادەمدۇر» دېگەن ھەدىسنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئەمىر بولۇپ، مەغرۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق خاھىشلىرى بىلەن ئېزىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، ئۇنداقتا ئەمىر بولماسلىق بەخت سائادەتتۇر. ئۇنىڭ ھېكمەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى شۇكى، ئۇ كىشىلەرگە باھا بېرىشتە ئالدىراقسانلىق قىلمايتتى. ئۇ بۇنىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگەنگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئادەم بالىسىنىڭ قەلبى قازاندىكى قايناۋاتقان سۇدىنمۇ ئۆزگىرىشچان» دەپ ئۆگەتكەن ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئۆلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ياكى ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزگىرىپ قېلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارغا بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئۇلار سەكراتقا چۈشكەن مىنۇتلارغىچە كېچىكتۈرەتتى.
ئۇنىڭ ساھابىلىرى ۋە سۆھبەتداشلىرى بىزگە سۆزلەپ بەرگەن تۆۋەندىكى سۆزلىشىشتىن ئۇنىڭ نەقەدەر ھەكىم ئىكەنلىكى روشەن ئايان بولىدۇ: «بىز بىر كۈنى مىقداد بىلەن ئولتۇراتتۇق، ئۇنىڭ يېنىدىن بىر ئادەم ئۆتۈپ قالدى ۋە مىقدادقا خىتاپ قىلىپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن بۇ بىر جۈپ كۆزگە مۇبارەك بولسۇن، بىزمۇ سىزگە ئوخشاش كۆرەلىسەك، سىلى قاتناشقان ئۇرۇشلارغا بىزمۇ قاتنىشالىساق دەپ ئارزۇ قىلىمىز، دېدى. مىقداد ئۇنىڭغا قاراپ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھ كۆرۈشنى غايىپ قىلغان ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىشقا نېمە سەۋەب بولغاندۇ؟ ئۇ ئەگەر شۇ ئۇرۇشقا قاتناشسا ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزى بىلمەيدۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، نۇرغۇن قەۋملەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر زاماندا ياشىدى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى جەھەننەمگە يۈزلىرىچە تاشلىدى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئاشۇنداق سىناقتىن يىراق قىلغانلىقىغا، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا، پەيغەمبىرىڭلارغا ئىمان ئېيتقان ھالدا ياشاۋاتقانلىقىغا ھەمدۇ-سانا ئېيتمامسىلەر...؟! دېدى» پاھ، ھېكمەت، نېمە دېگەن ھېكمەت ھە؟! سىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن ھەر قانداق ئادەمنى ئۇچراتسىڭىز ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان كۈنلەردە ياشاشنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز، لېكىن مىقدادنىڭ تەجرىبە ۋە ئىلىم-ھېكمەت بىلەن سۇغۇرۇلغان قەلب كۆزى بۇ ئارزۇنىڭ كەينىدىكى يوشۇرۇن ئېھتىماللىقنى كۆرەلىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان شۇ كۈنلەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلغان بۇ ئادەمنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارغۇ؟ ئۇنىڭ كاپىرلار بىلەن بىرلىكتە كاپىر بولۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارغۇ؟..ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ تەييار ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام تىنچ تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋىرلەردە ياشاش پۇرسىتى بەرگەنلىكىگە شۈكرى-سانا ئېيتىشى ياخشى ئەمەسمۇ؟! مىقداد ئىسلامنى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرلىكتە ئاڭلىق، ھېكمەتلىك ئىدى. چوڭقۇر ياخشى كۆرۈش بىلەن ھەكىملىك بىرگە كەلسە بۇنداق خىسلەت چوقۇمكى، ئادەمنى ياخشى كۆرۈشنى قەلبىدىلا ساقلىماستىن بەلكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش بىلەن خۇشاللىنىدىغان بىر بۈيۈك ئىنسانغا ئايلاندۇرىدۇ. مىقداد ئەنە شۇنداقلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەبببىتى قەلبىنى ئەسىر قىلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتكەن بولغاچقا مەدىنىدە پاتپاراقچىلىق بولسىلا ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا قىلىچىنى ئېسىپ ئېتىغا منىگەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولاتتى. ئۇنىڭ ئىسلامغا بولغان مۇھەببىتى قەلبى ئىسلامنى دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلە-مىكرىدىنلا ئەمەس، بەلكى دوستلارنىڭ خاتالىقىدىن قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى.
بىر كۈنى ئۇ قوشۇن بىلەن چىققان چاغدا دۈشمەن ئۇلارنى مۇھاسىرگە ئېلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن قوماندان ھېچكىمنىڭ ئېتىنى ئوتلىتىشىغا رۇخسەت يوق ئىكەنلىكى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرى ئىشقا سەل قاراپ بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىپ قومانداننىڭ تېگىشلىك جازادىن ئارتۇقراق، بەلكى مۇتلەق ئارتۇق بولغان جازالىشىغا ئۇچرىغان ئىدى، مىقداد ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نېمە ئۈچۈن يىغلايدىغانلىقىنى سورىۋىدى ئۇ ئادەم سەۋەبىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ چاغدا مىقداد ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى تۇتقىنىچە قومانداننىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى ۋە قوماندان بىلەن مۇنازىرلىشىپ قومانداننىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ۋە قوماندانغا: «ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىلىدىن قىساس ئېلىشىغا رۇخسەت قىلسىلا، ئۇ سىلىدىن قىساس ئېلىۋالسۇن» دېدى. قوماندان بۇنىڭغا قوشۇلدى! لېكىن ھېلىقى ئەسكەر ئەپۇ قىلىۋەتتى، مىقداد بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ئۆزلىرىگە شەرەپ ئېلىپ كەلگەن بۇ دىننىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى، بۈگۈنكى ئېسىل ئەخلاقنىڭ كەم ئۇچرايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ خۇشاللىققا چۆمدى-دە، خۇددى كۈي ئوقۇۋاتقاندەك: «چوقۇم ئىسلام ئېزىز ھالەتتە ۋاپات بولىمەن» دەپ نىدا قىلدى. توغرا، ئىسلام ئېزىز ھالەتتە ۋاپات بولۇش ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىدى، ئەنە شۇ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مېنى سېنى ياخشى كۆرۈشۈمگە بۇيرىدى، ھەم ئۆزىنىڭمۇ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى» دېگىنىگە لايىق، كۈرەش قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق كۈرەش قىلدى. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ئىسلامغا ئاتىدى ۋە 90 يېشىدا ۋاپات بولدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 558 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 8قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-16