ديېسېل

دېزىل ماشىنىسىنى ئىشلىتىش ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ قالغان ئىش. لېكىن ئۇنى ھەممىدىن ئاۋال كىم كەشپ قىلغانلىقىنى ھەممىلا ئادەم بىلىپ كەتمەيدۇ. دېزىل ماشىنىسىنى گېرمانىيىلىك بىر ئادەم كەشپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ديېسېل ئىدى. ديېسېل 1858-يىلى پارىژدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئەسلىدە تېرە بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان بىر ئۇششاق سودىگەر ئىدى. 1870-يىلى بولغان پرۇسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى سېدان جېڭىدىن كېيىن، پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە پارىژدىن قوغلىنىپ، لوندونغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ چاغدا ديېسېل ئاران 12 ياشقا كىرگەن. لوندوندىكى چاغدا، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇزاققىچە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان، كېيىن، ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىينىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئاران 3 يىل كەسپىي مەكتەپتە ۋە 2 يىل سانائەت مەكتىپىدە ئوقۇغان. ديېسېل ئوقۇشتا، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تالانتىنى كۆرسەتكەن. دەرۋەقە، ئۆزىمۇ تىرىشىپ ئوقۇغان. شۇڭا، ھەر قېتىمقى ئىمتىھاندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن. ئۇ 1880-يىلى ئەڭ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن.
ديېسېل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر پروفېسسورغا ياردەمچى بولىدۇ. كېيىن يەنە شىۋېتسارىيىگە بېرىپ بىر زاۋۇتتا پراكتىكا قىلىدۇ. ئاخىرىدا لىندىدىكى مۇزلىتىش ماشىنلىرى شىركىتىنىڭ پارىژ مۇزلىتىش زاۋۇتىغا بېرىپ ئىنژېنېرلىق ئىشىنى ئىشلىگەن. ديېسېل پارىژدا تۇرغان ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى «ئاممىياك گازى دىۋىگاتېلى» ئۈستىتىدىكى تەتقىقاتقا سەرپ قىلىدۇ. بىراق، تۈرلۈك تەجرىبىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئارقىسىدا، ئۇ ئاممىياك گازى دىۋىگاتېلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن زېھنىي كۈچىنى «ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل» ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا قارىتىدۇ. دەسلەپتە ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل كۆمۈر گازى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلەتتى. ئۇ تەخمىنەن 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىلا بارلىققا كەلگەن ئىدى. 1887-يىلى، گېرمانىيىلىك داملېر گازلاندۇرۇش ئەسۋابىنى كەشپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېنزىن بىلەن ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل دۇنياغا كەلدى. ديېسېل مۇشۇ ئاساستا بىر قەدەر ئېغىر، بىر قەدەر ئەرزان باھالىق يېقىلغۇ ماي بىلەن ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنى ئىشلەپچىقىرىشقا بەل باغلىدى. 1890-يىلى ئۇ گېرمانىيىگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇنىڭ قۇۋەت ماشىنىسىنى ئىشلەش نەزىرىيىسى پىشىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۇنىڭ ئىسخېمىسىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىپ، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنى ياساشنىڭ مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ مەزگىلىدە ئۇ «پار ماشىنىسىنىڭ ۋە ھازىرقى ۋاقىتتا ئىشلىتىۋاتقان ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان ئىسسىقلىق ماشىنلىرى نەزىرىيىسى ۋە تۈزۈلۈشى» دېگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرغاندا بۇ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكىلەر ۋە بەزى مەشھۇر پروفېسسورلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. ديېسېل ئۆز نەزىرىيسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنى ئىشلەش ئىشىغا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىرىشىپ كېتىدۇ.
1892-يىلى، دېزىلنى يېقىلغۇ قىلغان ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ چىقىدۇ. 1893-يىلى، ئىككىنچى دېزىل ماشىنسىنى ياساشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. كرۇپ قورال-ياراق زاۋۇتى بىلەن ئاۋگىبۇرگ ماشىنسازلىق زاۋۇتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، بۇ ماشىنا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقىدۇ. ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل 18 ئات كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئىسىقلىق بېرىش ئۈنۈمى 38 پىرسەنت بولىدۇ، ئۇ 1898-يىلى ميۇنخېندا ئاشكارا كۆرگەزمىگە قويۇلغاندا، قاتتىق ئالقىشقا ئىگە بولىدۇ. ديېسېل 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە دېزىل ماشىنسىنى ياخشىلاش ئىشى بىلەن بەنت بولىدۇ. ئۇ 1913-يىلى پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئەنگلىيىگە كېتىۋاتقاندا، پاراخوت ھادىسىگە ئۇچراپ، بەختكە قارشى قازا تاپىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ ئاران 54 ياشتا ئىدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1164 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26