سولكوۋىسكى


Konstantin TsiolkovskyKonstantin Tsiolkovsky
سولكوۋىسكى-مەشھۇر رۇس ئالىمى. ئۇ ئاددى خەلقتىن كېلىپ چىققان. 1857-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى روسىيىنىڭ ريازان ئۆلكىسىدىكى ئىسسىۋىسكى كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئورمان كۆزەتچىسى ئىدى. سولكوۋىسكى 9 يېشىدا ئىسكارلاتىنا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئاڭلاشتىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك قالغان، بىر بەخىتسىز گاس بالا ئۈچۈن ئوقۇش نېسىپ بولمىغان. لېكىن بۇ پاجىئەلىك رېئاللىق ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش ئىشەنچىسىنى يوقىتالمايدۇ. ئۇ 14 يېشىدىن تارتىپ، دادىسىدىكى بىر نەچچە پارچە تەبئىي پەن ۋە ماتېماتىكىغا ئائىت كىتابلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. سولكوۋىسكىنىڭ كۈنى ئىنتايىن ئېغىرچىلىقتا ئۆتىدۇ. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى بولمىغانلىقتىن، بىرەر قىيىن مەسىلە ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن باش قاتۇرىدۇ. بىر كۈنى، بۇ گاس بالا كوچىدا كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا خۇددى ساراڭدەك سەكرەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆيىگە قاراپ چاپىدۇ. ئەسلى ئۇ باش قاتۇرىۋاتقان بىر ماتېماتىكا مەسىلىسىنى يول ئۈستىدە يەشكەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇ قانداقمۇ خۇشال بولماي تۇرالىسۇن؟
سولكوۋىسكى بالىلىق دەۋىرىدە، جۇل ۋېرنېنىڭ ئىلمىي فانتازىيىلىك رومانلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. ئىلمىي فانتازىيە ئۇنىڭ ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىگە سەييارىلار ئارىسىدا ئۇچىدىغان قانات بېكىتىدۇ. شۇ چاغدا، ئۇ ئانىسى تەرىپىدىن ھىدروگېن گازى قاچىلانغان بىر شار ئويۇنچۇققا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر كۈنى كەچتە چۈشىدە مۇشۇ شارغا ئولتۇرۇپ سەييارىلەر ئارا ساياھەت قىلىدۇ. سولكوۋىسكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ فىزىكىسى بىلەن ماتېماتىكىسىنى ئۆگىنىپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇ 23 يېشىدا بېروۋودىكى ھۆكۈمەت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ فىزىكا ۋە گېئومېتىرىيە ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. سولكوۋىسكى ئۆز ھاياتىدا 40 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن مۈشكۈلچىلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە: «شۇ چاغدا، مېنىڭدە سوغاق سۇ بىلەن قارا بولكىدىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى» دەپ يازغان، لېكىن ئىلمىي تەجرىبىگە قىزغىن بېرىلگەن. ئۇ بىر تەرەپتىن، ئوقۇتۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر تەرەپتىن، قالغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىدە ھاۋا قاتناش ئىلمىي توغرىسىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن، پۈتۈنلەي مېتالدىن ياسىلىدىغان ھاۋا كېمىسى ۋە سەييارىلەر ئارا ئۇچىدىغان راكىتا قاتارلىقلارنى لايىھىلەش ئىشىنى ناھايىتى تېزلا پۈتتۈرگەن. شۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنى خىيالپەرەست، ساراڭ دەپ تىللاشقان. سولكوۋىسكى بولسا ئۆز ئىچىدە ئۇلارغا: ساراڭلارچە خىيال بولمىسا ئاسمانغا ئۇچقىلى بولمايدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ سەييارىلەر ئارا ئۇچۇشنى تەتقىق قىلىۋاتقان چاغدا، دۇنيادا تېخى بىرەر ھەقىقىي ئايروپىلان ئاسمانغا چىقىپ باقمىغان ئىدى. سولكوۋىسكى 1895-يىلى، سەييارىلەر ماكانىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ كونكىرىت تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سۈننىي ھەمرانىڭ ئىسخېمىسىنى ئېلان قىلىدۇ، سۈننىي ھەمرانى سەييارىلەر ئارا ئۇچۇشتا يول ئۈستىدىكى «بازا» قىلىش ۋە مۇشۇ «بازا» دىن ئايغا باشقا پىلانتلارغا راكىتا ئېتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تەشەببۇسقا نۇرغۇن ئالىملار قايىل بولۇپ ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بۇ دادىل خام خىيالچى ئەمىلىيەت ئارقىلىق يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىنسانلارنى ئالەمنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇشقا بەل باغلايدۇ.
راكىتا يەر شارىدىن ئۇچۇپ چىقىش كېتىشتىكى ئەڭ غايىۋى ئىشەنچلىك قورال ئىدى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، سولكوۋىسكى «ھەيدەپ مېڭىشقا بولىدىغان مېتال ھاۋا كېمىسى» دېگەن كىتابىنى نەشر قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ راكىتا ئۇچۇرۇش توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان نەزىرىيىسى ئىدى. ئۇ بۇ كىتابتا مۇنداق بىر كونكىرىت لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھاۋا كېمىسىنىڭ سىرتى پولاتتىن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچى تۇخۇمغا ئوخشاش سوقىچاق بولىدۇ. ئۇنىڭ باش تەرىپىگە يولۇچىلار ئولتۇرىدۇ. ئەسۋابلار ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلەر قويۇلىدۇ. كېمىدىكى بوشلۇقنىڭ كۆپ قىسمى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، سۇيۇق يېقىلغۇ بىلەن ئوكسىدلىغۇچى ئايرىپ-ئايرىم قاچىلىنىدۇ. يېقىلغۇ ئوت ئالغاندىن كېيىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ۋە يۇقىرى بېسىملىق گازغا ئايلىنىپ راكىتانى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىتىدۇ. كېمىنىڭ قۇيرۇقى ئوت پۈركۈيدىغان ئېغىزنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇچۇش يۆنىلىشى باشقۇرىلىدۇ. بۇ گەرچە بىر قىياس بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىشەنچلىك ھالدا: «سەييارىلەر ۋە پىلانتلار ئارا ساياھەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن» دەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى بىر چاغلاردا: «ئالەم پۇقراسى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇ سانسىز كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەش ۋە نەچچە تۈمەن قېتىملاپ ھېسابلاش ئارقىلىق، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، راكىتانىڭ سېكۇنتىغا 11.2 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن ئۇچقاندىلا، ئاندىن پارابولا ئوربىتىسىنى بويلاپ، يەر شارىدىن چىقىپ، بىپايان سەييارىلەر ماكانىغا كىرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن، لېكىن ئۇ چاغدا ئۇنىڭ لايىھىسى راكىتانىڭ سۈرئىتى 2.5 كىلومېتىردىن ئاشمىغان. ئەمما ئۇ: بۈگۈن مۇمكىن بولمىسا ئەتە مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن.
سولكوۋىسكى راكىتا ئۈستىدە داۋاملىق قەيسەرلىك بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. 1929-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ ئاخىرى كۆپ ئۈگىلىك راكىتا بىلەن يۇقىرى سۈرئەت يارىتىپ، راكىتانى يەر شارىدىن چىقىرىش نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سولكوۋىسكى ئۆزى قىياس قىلغان سەييارىلەر ئارا ئۇچۇش بېكىتىنى قىزىقسىنىش بىلەن يەر شارىنىڭ تاشقىرسىدىكى راكىتا پىرىستانى دەپ ئاتايدۇ. سەييارىلەر ئارا ئۇچىدىغان ھاۋا كېمىسى پىرىستانىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە يېقىلغۇ بىلەن يېمەكلىكلەرنى قاچىلاپ، ئاندىن يەنە يىراقتىكى سەييارىلەر ماكانىغا قاراپ ئۇچىدۇ. ئۇنىڭ لايىھىسى نېمە دېگەن گۈزەل-ھە! سۈننىي ھەمرادا چوڭ كوچىلار، ئومۇمىي پەن تەتقىقات پونكىتى، تۇرار جاي، پارنىك، شۇنىڭدەك يېقىلغۇ ئىسكىلاتى ۋە ئالتۇن زاۋۇتى بولىدۇ. ئۇ يەنە: «سۈننىي ھەمرادا، چەكسىز بولغان قۇياش ئېنىرگىيىسىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە پايدىلىنىش ياكى نۇر بىلەن توكنى سۈننىي ھەمرانى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچ مەنبەسى قىلىش ياكى زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ ئوزۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ. بۇ نېمە دېگەن گۈزەل دۇنيا-ھە!
سولكوۋىسكى بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. مەسىلەن، 1883-يىلىدىكى «ئەركىن بوشلۇق»، 1892-يىلىدىكى «باشقۇرۇلىدىغان مېتال شار»، 1903-يىلىدىكى «رېئاكتىپلىق قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ ئالەم بوشلۇقىنى ئۆلچەش» ۋە باشقىلار. لېكىن چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قىزىقمىغان، پەقەت بەزى ئالىملارلا بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا ئەڭ يۇقىرى باھا ۋە ئىلھام بەرگەن. ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، لېنىن سولكوۋىسكىنى غۇربەتچىلىك تۇرمۇشتىن ئازاد قىلدى. ئۇ سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبارىغا ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە بىلىمىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، داتلاشماس پولاتتىن ھاۋا كېمىسىنىڭ مودىلىنى ياساپ چىقتى. بۇ كېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىر، ئەڭ ئۇزۇن دىئامېتىرى 7.2 مېتىر، ھەجىمى 1000 كۇپ مېتىر ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە مەركىزى سۇيۇقلۇق ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى تەتقىقاتى ئورنىدا پۈركۈش يولى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بىر تۈركۈم ماشىنىلارنى ئىشلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «راكىتالىق ئالەم پويىزى»، «ئالەم پولات كېمىسى»، «رېئاكتىپ ئايروپىلان». «سەييارىلەر ئارا ئۇچۇش» دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ 75 ياشقا كىرگەن كۈنى، سوۋىت ئىتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ ھاۋا قاتناش ئىلمى جەھەتتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇلۇغ ئالىم سولكوۋىسكى 1935-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئالىملار ئۇنىڭ سەييارىلەر ئارا ئۇچۇشتەك ئۇلۇغ ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاخىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك رېئاكتىپ ئايروپىلان، قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سۈنئىي ھەمرا، ئالەم كېمىسى... ئىشلەپ چىقتى. ئۇ ئاجايىپ-غارايىپ ئىجادىيەتلەر ئۇ ئالەمدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتقان ئۇلۇغ ئالەم پۇقراسى ئۈچۈن نېمىدىگەن زور تەسىر-ھە!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 6776 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26