ھېرتس


Heinrich HertzHeinrich Hertz
ھېرتس-ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى ئالىمى. ئۇ يورۇقلۇقنىڭ خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەپچىل تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىغان ۋە شۇ سەۋەپ بىلەن كىشىلەرنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئېلېكتىرنى يېڭىۋاشتىن بىلىشىگە ئىلھام بەرگەن ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىمسىز تېلېگرافنىڭ كەشپ قىلىنىشى ئۈچۈن يول ھازىرلاپ بەرگەن. ھېرتس 1857-يىل 2- ئاينىڭ 22-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىچىگىدە، قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى بولۇش ئويىدا بولغان. شۇڭا ھامبۇرگدىكى مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ميۇنخېنغا بېرىپ داۋاملىق ئوقۇغان. 1857-يىلى. ئۇ بېرلىندا ماركوسۋېلنىڭ «ئېلېكتىر ماگنىت تەلىماتى» نى ئوقۇپ، ئۇ تەلىماتنىڭ خېلى ئورۇنلۇق قويۇلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى تەتقىق قىلماقچى بولىدۇ. لېكىن بىلىم جەھەتتىن ئاجىز كەلگەنلىكتىن، ئۇنى ۋاقىتلىق قويۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھېرتس 1880-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن يىلى «ئېلېكتىر ھەرىكىتىنىڭ ئېنېرگىيىسى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېلمھولتوسنىڭ ماختىشىغا ئىگە بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ تاللىنىدۇ. ئۇ 1883-يىلى كىلدا ئېلېكتىر ماگنىت مەسىلىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى رەسمىي باشلايدۇ. ئەپسۇسكى ھېچ نەتىجىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ كارلىسرۇھ ئالىي ھۈنەر-سەنئەت مەكتىپىگە بېرىپ فىزىكا پروفېسسورى بولىدۇ-دە، ماركوسۋېلنىڭ ئېلېكتىرو ماگنىت تەلىماتى ئۈستىدە داۋاملىق تەجرىبە قىلىدۇ.
بىر كۈنى، ھېرتس تەجرىبىخانىدا، سىلىق ئىككى تال مىس شار تاياقچىنىڭ ھەر بىرىنى ئىككى پارچە سېنىك تاختىسىغا بېكىتىپ قويىدۇ. ھەم مىس شار تاياقچىنى ئىندۇكسىيىلىك كاتوشكىنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئۇلاپ قويىدۇ. سېنىك تاختىدىن توك ئۆتكەندە، مۇنداق غەلىتە ھادىسە پەيدا بولىدۇ: ئىككى مىس شار تەبئىي ھالدا بىر-بىرىگە يېقىنلىشىدۇ ۋە ئازىراق ئوت ئۇچقۇنى چىقىدۇ. بۇ ھادىسە ھېرتسنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇ دەرھال دولقۇن تەكشۈرگۈچ ئارقىلىق، بۇ يورۇقلۇقتا ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ. ئۇنىڭ دولقۇن تەكشۈرگۈچ ئەسۋابى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، بىر تاك مىس سىمنى چەمبىرەك قىلىپ ئېگىپ ئۇنىڭ قارمۇ-قارشى ئىككى ئۇچىغا بىردىن مىس شارچە بېكىتىلگەن، مىس شارچىنىڭ ئۈستىگە پىقىرغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىككى شار ئارىلىقىنى ئەركىن ھالدا يېقىنلاشتۇرغان. ھېرتس دولقۇن تەكشۈرگۈچتىن سېنىك تاختىنىڭ نېرىقى ئۇچىدىكى ئوت ئۇچقۇنى چىقىۋاتقان مىس شار تاياقچىغا يېقىن ئاپارغاندا، مىس سىم كاتوشكىسىنىڭ ئىككى ئۇچىدىنمۇ ئوت ئۇچقۇنى چىقىدۇ. ھېرتسنىڭ تەجرىبىسى ماركوسۋېلننىڭ ئېلېكتىر ماگنىت تەلىماتىنىڭ توغرىلىقىنى تولۇق دەلىللەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئۇچقۇنلار مىس شارنىڭ سىلكىنىشى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان ئېلېكتىر دولقۇنىدىن ھاسىل بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ، سىمسىز تېلېگرافنىڭ كەشپ قىلىنىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئېلېكتىر دولقۇنى «ھېرتس دولقۇنى» دەپ ئاتالغان.
12 يىلدىن كېيىن، ھېرتس يەنە ئىنچىكە، پۇختا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىنى كەشپ قىلىدۇ. كېيىن زېھنى قۇۋىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ ئېلېكتىر دولقۇنلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ھەر قېتىمقى تەجرىبىدە ئۇلارنىڭ يولىنى، ئۇزۇنلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ئەكس ئېتىشى ۋە ئەگرى-توقايلىقىنى خاتىرلەپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە بەزى قىزىق ھادىسلەرنى سېزىدۇ: ھېلىقى سىرلىق ئېلېكتىر دولقۇنلىرى ھېچقانداق توسالغۇسىزلا خېلى قېلىن تاملار ياكى ئېگىز تاغلاردىن تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن مېتال پارچىلىرىدىن ئۆتەلمەي قالىدۇ. ھېرتس يەنە ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ ئۇزۇنلۇغىنى ئۆلچەپ بېكىتىدۇ، ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ سۈرئىتىمۇ، يورۇقلۇقنىڭ سۈرئىتى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ.
ئۇ 1889-يىلى بونىن ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكىلىپ فىزىكا پروفېسسورى بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ شالاڭ گاز جىسىملاردىكى زەرەتسىزلىنىش ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. 1894-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يەنى يېڭى يىل كۈنى بەختكە قارشى ۋاپات بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئاران 36 ياشتا ئىدى.  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1174 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26