ئېدىسون


ئېدىسونئېدىسون

ئامېرىكىدا ئېدىسون دېگەن بىر ئالىم ۋە كەشپىياتچى ئۆتكەن. ئۇ ئېلېكتىر چىرىقى، پاتىفون، كىنو ۋە ئاككۇمىلاتور قاتارلىق مىڭ خىلدىن ئارتۇق نەرسىنى كەشپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى «كەشپىيات ماھىرى» دەپ ئاتاشقان. ئېدىسون 1847-يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوخىئو شتاتى مىلان شەھىرىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ بالىلىق دەۋىرىدىلا ھەر قانداق ئىشنىڭ تېگى-تەكتىگە يېتىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ ئانىسىغا: «بۇ بالىغا ھېچ ئىلاجىمىز قالمىدى، ئۆزى تىرىشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوقىلاڭ سوئاللارنى قويۇپ تەرتىپنى بۇزىدۇ، تۈنۈگۈن ئەيمەنمەستىن، نېمە ئۈچۈن ئىككىگە ئىككىنى قوشساق تۆت بولىدۇ دېگەن سوئالنى قويۇۋاتىدۇ. بۇ بالىڭىزنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كەتسىڭىز، ئۇنىڭ مەكتەپتە بولغىنىنىڭمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق» دەيدۇ. ئانىسى شۇ ئاچچىقىدا راستىنلا ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
ئېدىسون پۈتۈن ھاياتىدا ئارانلا ئۈچ ئاي مەكتەپ تۇرمۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئانىسى ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئانىسى ئۇنىڭغا رىم ئىمپىرىيسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشىنى، ئەنگلىيىنىڭ تەرەققىياتىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭغا ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، فىزىكا ۋە خىمىيىدىن دەرس بېرىدۇ. ئۇ «ئوت» نىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ ئىچىدە ئوت يېقىشقا باشلايدۇ. غازنىڭ تۇخۇمدىن چۈجە چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران بولىدۇ، ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە، غازنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ، غاز تۇخۇمىنىڭ ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چۈجە چىقارماقچى بولىدۇ. ئانا ئوغلىنىڭ ئىنتىلىشچانلىقىنىڭ كۈچكۈللىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا «پارك ئىلىم-پەن ئوقۇش كىتابى» نى ئېلىپ بېرىدۇ. پىكىرى ئۆتكۈر، قولى ئەپچىل بولغان ئېدىسون، كىتابتا قويۇلغان مەسىلىلەر بويىچە، بىر-بىرلەپ تەجرىبە قىلىدۇ. ئۇ ئېغىر ناترىي ھىدروكاربونات قايناپ، تارقاپ سۇغا چۈشكەندىن كېيىن گازغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ شارنىڭ ئېگىزگە كۆتۈرلۈش قائىدىسىنى-ئۇنىڭ ئىچى ھاۋا بىلەن تولغانلىقتىن ئېگىزگە كۆتۈرىلىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئادەممۇ قايناپ چىققان ھورنى يېسە قورسىقى يەلگە توشۇپ، كۆتىرىلەلمەسمۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خوشنىسىنىڭ بالىسىنى ئالداپ ئازىراق ئىچكۈزۈپ كۆرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش بۇياقتا تۇرسۇن، ئۆلۈپ قالغىلى تاس قالىدۇ.
ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبى بىلەن، 12 ياشلىق ئېدىسون پويىزدا گېزىت ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 2-3 يىلدىن كېيىن ئېدىسون پويىزدا «ئاۋانگارت ھەپتىلىك گېزىتى» نى چىقىرىدۇ. ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» مۇ ئۇنىڭدىكى خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ باسىدۇ. بوش ۋاقىتلىرىدا خىمىيە تەجرىبىلىرىنى قىلىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇ پويىز باشلىقىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ، ئۆيىدىكى بىر قىسىم ئەسۋاب ۋە دورىلىرىنى پويىزنىڭ يۈك-تاق ۋاگونىغا ئېلىپ كېلىپ، كىچىك تەجرىبىخانا قۇرىۋالىدۇ. 1862-يىلى، ئېدىسون 15 لەرگە كىرگەن چاغ، بىر كۈنى پويىز قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەنلىكتىن، جازىدىكى ئاق فوسفور يەرگە چۈشۈپ چېچىلىپ كېتىدۇ-دە، ھاۋا بىلەن توقۇنۇشۇپ، تېزلا ئوت كېتىدۇ. ئېدىسون ئالمان-تالمان كىيىمىنى يېشىپ ئوتنىڭ ئۈستىگە ياپقان بولسىمۇ، ئوت ئۆچمەيدۇ. ئوت تېزلا يۈك-تاققا تۇتاشقىلى باشلايدۇ. بەختكە يارىشا پويىز خادىملىرى كېلىپ قېلىپ، ئوتنى ئاران ئۆچۈرىۋالىدۇ. پويىز باشلىقىنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ ئەسۋاپ ۋە دورىلىرىنىڭ ھەممىسىنى پويىزدىن سىرتقا تاشلىۋېتىدۇ ھەم ئۇنى قاتتىق ئۈچ كاچات ئۇرىدۇ. مۇشۇ ئۈچ كاچات بىلەن ئېدىسون گاس بولۇپ قالىدۇ.
1862-يىل 8-ئايدا، بىر كۈنى ئەتتىگەنلىكى ئېدىسون ۋاگوندا گېزىت سېتىپ يۈرگىنىدە، بىر كىچىك بالىنىڭ تۆمۈر يول ئۈستىدە ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. دەل شۇ چاغدا، بىر يۈك پويىزى يېقىنلاپ كېلىپ قالىدۇ، ئېدىسون پويىزدىن سەكرەپ چۈشۈپ بالىنى يول ئۈستىدىن بېرىگە تارتىۋېلىشى بىلەنلا پويىز يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىستانسا باشلىقى مېكنسكىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئىستانسا باشلىقى ئېدىسونغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭغا تېلېگرامما تېخنىكىسىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي، تېلېگرامما ئېلىش-بېرىش ماھارىتىنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىر تۆمۈر يول شىركىتىگە رادىسلىققا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئېدىسون 16 ياشتا ئىدى. ئۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە، كۈندۈزى بىر مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ زايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كەچتە ئىلاجىسىز ئۇخلاپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇ ھەمىشە پويىزنىڭ بېكەتكە كىرىش ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. تېلېگرامما بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نەچچە قېتىم ئۇنى ئەيىپلىمەكچى بولىدۇ-يۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاجىز، زەئىپ ھالىتىگە قاراپ ئىچى ئاغرىپ قالىدۇ. كېيىن ئۇ بىر ياخشى يول تاپىدۇ. يەنى ئېدىسونغا ئۆزىنىڭ ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۆلۈم باشلىقىغا تېلېگراممىدا «6» رەقەمىنى ھەر سائەتتە بىر قېتىم بېرىپ تۇرۇشىنى تاپشۇرىدۇ. دەسلەپكى كۈنلەردە ئېدىسون مىنۇت-سېكۇنتنى نېرى-بېرى قىلماي، بۆلۈم باشلىقىغا تېلېگراممىدا «6» رەقىمىنى ھەر سائەتتە بىر قېتىم بېرىپ تۇرىدۇ. كېيىن، زېرەك ئېدىسون ئەپچىل بىر چارە تېپىپ چىقىدۇ، يەنى سائەت بىلەن تېلېگرامما ئاپپاراتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئەسۋاب ئورنىتىپ قويىدۇ. سائەت بىر سائەت ماڭغاندا، ھېلىقى ئەسۋابتىكى تاياقچە ئۆزلۈكىدىن «6» رەقەمگە تېگىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىش ئوبدان ئەپلىشىدۇ-دە، ئېدىسون خاتىرجەم يېتىپ، بولۇشىغا ئۇخلاۋېرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ مەخپىيەتلىك ئاشكارا بولۇپ قالىدۇ، «6» رەقىمى ۋاقتىدا بېرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن پويىزنىڭ بېكەتكە كىرىش ۋاقتىنى ھېچكىم مەلۇم قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېدىسون خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ.
كېيىن ئېدىسون يەنە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، بىر قانچە تۆمۈر يول تارماق ئىدارىسىدە، تېلېگراف ئىدارىسىدە رادىسلىق قىلىدۇ. بىر كۈنى، نيۇيوركتىكى ۋول-سترىتتا بىر توپ ئادەم غۇلغۇلا قىلىشىپ تۇرغىدەك، ئەسلىدە ئالتۇننىڭ باھاسىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان ئورۇننىڭ خەۋەر بېرىش ئاپپاراتى بۇزۇلۇپ قالغان ئىكەن، ئۇ ئورۇننىڭ باشلىقى بولغان دوكتور روسىس ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر نەچچە تېخنىك جىلى بولۇشۇپ ئولتۇرالماي قېلىشقان ئىكەن. ئېدىسون بۇ ئورۇننىڭ باشلىقىغا: «مەن رېمونت قىلىپ باقاي» دەيدۇ. ئېدىسون خەۋەر بېرىش ئاپپاراتى بىلەن كۆپ ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ كونا ئۇستىسى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاپپاراتنى پۈتۈنلەي خەۋەر بېرەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئېدىسون تەكلىپ بىلەن، ئالتۇننىڭ باھاسىنى ئېلان قىلىپ تۇرغۇچى ئورۇننىڭ تېلېگرامما مۇدىرى بولىدۇ. ئېدىسوننىڭ خەۋەر بېرىش ئاپپاراتىنى تۈزگەنلىك خەۋىرى تېزدىن پۈتۈن شەھەرگە تارقىلىدۇ. نۇرغۇن شىركەتلەر كېلىپ سۆزلىشىپ، ئۇنى تېخنىكلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. كېيىن ئۇ غەرب بىرلەشمە تېلېگرامما شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەيدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ «ئېدىسون تېلېگرامما ئاپپاراتى» نى كەشپ قىلىدۇ. بۇ تېلېگرامما ئاپپاراتى تېز خەۋەر بېرىدىغان ھەم ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدىغان ئاپپارات بولۇپ چىقىدۇ. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى لېفس ئەپەندى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، «ئېدىسون تېلېگرامما ئاپپاراتى» نى سېتىۋالىدۇ، ئېدىسون بۇنچىۋالا نۇرغۇن پۇلغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، تېلېگرامما مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، نيۇيوركتا بىر زاۋۇت ۋە تەجرىبىخانا قۇرىدۇ.
1868-يىلى، ئېدىسون ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەندە، «قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئاپپاراتى» نى كەشپ قىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى يېڭى شەكىلدىكى «باھانى مەلۇم قىلىش ئاپپاراتى» نى كەشپ قىلىدۇ. رادىسلىق قىلىپ يۈرگەن چېغىدا، يەنە «42 تېلېگرامما ئاپپاراتى» نى، يەنى بىر لىنىيىسىدە، بىرلا ۋاقىتتا تۆت تېلېگراممىنى ئالىدىغان ۋە بېرىدىغان بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاپتوماتىك تېلېگرامما ئاپپاراتىنى كەشپ قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىگە تەئەللۇق تەجرىبىخانا ۋە زاۋۇتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن جان تىكىپ ئىشلەشكە باشلايدۇ. 1871-يىلى يېڭى يىل بايرىمىدا ئۇ توي قىلىدۇ. شۇ مەزگىلدە ئۇ  ئاپتوماتىك تېلېگرامما ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىدى. توي داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇ ئۇشتۇمتۇت يوقاپ كېتىدۇ. تاماق يەيدىغان ۋاقتىدا يىگىت ھېچيەردىن تېپىلمايدۇ، يېرىم كېچە بولغاندا، بىر ئىشچى ئۇنى زاۋۇتتا كۆرۈپ قالىدۇ-دە، چاقىرىدۇ، ئۇ چۆچۈپ كېتىپ: «سائەت 12 بولۇپ كەتتىمۇ؟ سەت بولدى، مەن كەچكى تاماقتا مېھمانلار بىلەن بىللە بولۇشۇم كېرەك ئىدى» دەيدۇ.
ئېدىسوننىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ئېلېكتىر چىرىقىنى كەشپ قىلغىنى بولدى. دۇنيادا ئېلېكتىر چىرىقى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر چاقماق چېقىلغان چاغدىكى «چاقماق چىراق» نىلا كۆرگەن. يوپيورۇق چاقماق نۇرىغا قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ زوقى كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ يورۇقىنى ئۆزىگە چۈشۈرىۋالالمىغان. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانكلىن لەگلەك ئۇچۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن توك ئۇچقۇنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىنسانلار توكتىن يورۇقلۇق چىقىدىغانلىقىنى بىلگەن. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيىلىك دېۋىد بىر مۇنچە باتارىيە ۋە ئىككى تال كۆمۈر تاياقچە بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى يايسىمان چىراقنى ياساپ چىققان، لېكىن ئۇ چىراق يورۇقى بەك كۈچلۈك، چىقىمى بەك كۆپ، تولىمۇ ناباپ بولۇپ قالغان. بۇ چاغدا، ھەر قايسى ئەللەر ئالىملىرى توكتىن يورۇقلۇق ئېلىش مەسىلىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم باشلىغان ئىدى. ئېدىسون يايسىمان نۇرلۇق چىراقنى، ئاق چوغ چىراق ۋە ئېلېكتىر شام چىراق قاتارلىق چىراقلارغا ئائىت ھەممە ماتېرىياللارنى تەپسىلىي تەھلىل قىلغان. يايسىمان نۇرلۇق چىراق بىلەن ئېلېكتىر شام چىراقنىڭ يورۇقى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن تەننەرخى بەك قىممەتكە چۈشكەن. ئاق چوغ چىراقنىڭ يورۇقى ئاجىزراق بولسىمۇ، لېكىن تېجەشلىك بولغان. يەنە ئىسسىققا چىداملىق بىر پارچە ماتېرىيالنى ئەينەك لامپىنىڭ ئىچىگە ئورنىتىپ، توك بىلەن ئۇنى كۆيدۈرۈپ، ئاپپاق چوغقا ئايلاندۇرسىلا، ئۇنىڭدىن يورۇق چىقاتتى. بۇنى كۆڭۈلدىكىدەك ياسالغان ئېلېكتىر چىرىقى دېيىش مۇمكىن ئىدى. ئەينەك لامپا ئىچىدىكى ئىسسىققا چىداملىق ماتېرىيال نېمىدىن ياسالغان؟ كۆمۈر، سۈرمە تاش، پىلاتىنا بىلەن ئىرىدىي قېتىشمىسى قاتارلىق ئىسسىققا چىداملىق ماتېرىياللارنى باشقىلار بۇرۇنلا سىناق قىلىپ بولغان. ئېدىسون بۇنىڭدىن باشقا يەنە پاختا يىپ، قەغەز، ياغاچ ماتېرىيال، قومۇشقا ئوخشاش نەرسىلەرگە قارىماي سۈركەپ ئوچاققا قويۇپ كۆيدۈرۈپ باققان. نەتىجىدە ھەممىسى يېرىلىپ كەتكەن. ئىسسىققا چىداملىق ماتېرىيال تېپىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە كۆمۈر گازى بىلەن يانىدىغان چىراقنىڭ ھەممە تارىخىنى تەتقىق قىلىدۇ. كۆمۈر گازىغا ئائىت سانسىزلىغان كىتاپ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىدۇ. يالغۇز خاتىرىنى ئالساق، 40 مىڭ بەتتىن ئارتۇق خاتىرە يازىدۇ. تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، يەنىلا كۆمۈردىن چىقىش يولى ئىزلەش كېرەك دېگەن يەرگە كېلىدۇ، لېكىن يەنە نەچچە ئون قېتىم مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇ يەنىلا پىلاتىنا قىلىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق بۇرما شەكىلگە كەلتۈرىدۇ، ئەينەك لامپا ئىچىدىكى ھاۋانى بىر ئاز چىقىرىۋېتىپ، ئوتتۇرىغا توك ئۆتىدىغان كىچىك توغرا تاياقچە ئورنىتىدۇ، ئاندىن پىلاتىنادىن ئىككى كىچىك تاياقچە ياساپ، ئۇنى تەڭشىگۈچ قىلىدۇ، پۇختا قۇراشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىناق قىلغاندا، ئاران سەككىز مىنۇت يانىدۇ. بۇ نېمە دېگەن قىممەتلىك سەككىز مىنۇت-ھە! بىر مىڭ 600 خىلدىن ئارتۇق ئىسسىقلىققا چىداملىق ماتېرىيالنى سىناق قىلىپمۇ ھېچقايسىسى پىلاتىناغا يەتمىگەنلىكىنى ئېدىسون خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. بۇ بەش ئالتە ئايلىق جاپالىق ئەمگەكنىڭ يەكۈنى ئىدى. سېرىق ئالتۇن قىممەتلىك نەرسە، پىلاتىنا ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت، بۇنداقتا قانداقمۇ پىلاتىنا ئىشلەتكىلى بولسۇن؟
بىر كۈنى، ئېدىسون ئۆزىچىلا بىر تال پاختا يىپنى ئوچاققا قاقلاپ چۇچۇلا قىلىپ، ئەينەك لامپىنىڭ ئىچىگە قويىدۇ. ئاندىن كېيىن ھاۋانى تارتىپ چىقىرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ھېلقى چۇچۇلا قىلى پارقىراپ كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ  ئىختىياسىز ھالدا: « كۆمۈر بولىدىكەن! كۆمۈر ئىشلىتىش لازىمكەن! پىلاتىنادىن كۆمۈر ياخشىكەن!» دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. كېيىنكى تەجرىبىلەردە، لامپۇچكىنىڭ يېنىش ۋاقتى بىر سائەتتىن 45 سائەتكە يېتىدۇ. ياردەمچىلەر بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە تەنتەنە قىلىشىدۇ، لېكىن ئېدىسون: «بۇ تېخى كۆپ ناچار، مېنىڭ ئۈمىدىم 400 سائەتتىن بىر مىڭ 600 سائەتكىچە يانىدىغان قىلىپ، كۈنىگە 4 سائەت ياققاندا بىر يىل ياققىلى بولىدىغان قىلىش ئىدى» دەيدۇ. ئېدىسون ئۆسۈملۈكلەر تالاسىدىن ئىسسىققا چىداملىق ماتېرىيال ئورنىدا پايدىلىنىش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، قارىغاي، شەمشاد، دەپنە دەرىخى، كەندىر... ئىشقىلىپ بوتانىكىدا بارلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىناق قىلىپ باقىدۇ. ئۇنىڭ سىناق قىلغان نەرسىلىرى 6 مىڭ خىلغا يېتىدۇ، ھەتتا ئاتنىڭ قىلى، ئادەمنىڭ چېچىنىمۇ سىناق قىلىپ باقىدۇ. بىر قېتىم ئېدىسون ئۆزىچىلا قەغەز يەلپۈگۈچنى يىرتىپ ئۇنىڭ بىر تال نېپىز بامبۇك چوكىسىنى ئېلىپ مىكروسكوپنىڭ ئاستىغا قويۇپ قارايدۇ. ئۇ بامبۇك تالالىرىنىڭ تۈزۈلۈشى زىچ ھەم تالا-تالا، رەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپ ئۆتمەي، كۆمۈرگە ئايلاندۇرۇلغان بامبۇل قىللىق چىراقنى قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ. نەتىجىدە ئۇ بىر مىڭ 200 سائەت يورۇيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ ياخشى بامبۇك تېپىپ كېلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا نۇرغۇن ئادەم ئەۋەتىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئېلېكتىر ئىستانىسسى قۇرۇپ، توك سىملىرىنى تارتىدۇ. بامبۇك قىللىق ئېلېكتىر چىرىقى قاراڭغۇ كېچىگە يورۇقلۇق ئېلىپ كىرىدۇ. بۇنداق بامبۇك قىللىق چىراق نۇرغۇن يىللارغىچە ئىشلىتىلىدۇ، كېيىن يەنە خىمىيۋى تالا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ۋولفرام قىللىق چىراق كەشپ قىلىنىدۇ. ۋولفرام قىللىق لامپۇچكىنىڭ يورۇقى بامبۇك قىللىق لامپۇچكىنىڭ يورۇغىدىن 3 ھەسسە ئارتۇق بولۇپ چىقىدۇ. پاتىفوننىمۇ ئېدىسون كەشپ قىلغان.
بىر قېتىم، تېلېفوننى تەجرىبە قىلىۋاتقاندا، ئاۋاز يەتكۈزگۈچنىڭ ئىچىدىكى ئاۋاز پەردىسىنىڭ ئاۋاز بىلەن تەڭ تىتىرىگەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇ بىر تال يىڭنىنى ئاۋاز پەردىسىنىڭ ئۈستىگە تىك قويۇپ، قولى بىلەن ئاستا بېسىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئاۋاز پەردىسىگە قاراپ گەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاۋاز قانچە يۇقىرى چىقسا، تىتىرەشمۇ شۇنچە تېز بولىدىغانلىقى، ئاۋاز پەس چىقسا، تىتىرەشمۇ شۇنچە ئاستا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. ئۇ رادىسلىق قىلىپ يۈرگەن ۋاقتىدىلا، قانداق قىلىپ ئاۋازنى ساقلاپ قالىدىغاندۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، بۇ ئەھۋالنىڭ سېزىلىشى ئۇنىڭ ئۆز ئويىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئېدىسون دەسلەپكى لايىھىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەم دەرھال ياردەمچىلىرى بىلەن بىللە ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. پاتىفوننىڭ ئاساسىي بۆلۈگى، بىر مېتال كانەيچە بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسىگە چۆگىلىمەچ سىزىقلار ئويۇلغان، ئۇ بىر تال ئۇزۇن ئوققا ئورنىتىلغان، ئوقنىڭ بىر بېشىغا ئەگرى دەستە ئورنىتىلغان. ئەگرى دەستە ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەن بىللە، كانەيچىمۇ بىللە ئايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىككى تال مېتال نەيچە بولۇپ، نەيچىنىڭ بىر ئۇچىغا ئوتتۇرىدا ئۆتمەس يىڭنىسى بار ئاۋاز پەردىسى ئورنىتىلغان. مانا مۇشۇنداق سان-ساناقسىز ئۆزگەرتىشلەر ئارقىسىدا، سۆز قىلالايدىغان ماشىنا بارلىققا كەلگەن. بۇ خەۋەر گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر بىردەك ماختىشىپ ئۇنى 19-ئەسىردىكى ئاجايىپ مۆجىزە دېيىشكەن. ئېدىسون شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنى كىنونى كەشپ قىلغان. شۇ چاغلاردا، يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، پاتىفون، فوتو ئاپپارات، ۋە سۈرەت لېنتىسى كەينى-كەينىدىن دۇنياغا كېلىشكە باشلىغان، بەزىلەر ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ، ئۇنى ئايلانما تەخسىگە چاپلاپ چۆگىلەتكەندە، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولغان. ئېدىسون مانا مۇشۇ ئاساستا، جانلىق كىنونى كەشپ قىلغان.
1887-يىلىنىڭ بىر كۈنى، ئېدىسون بالىسىغا ئايلانما تەخسىلىك رەسىم كانىيىدىن بىرنى ئېلىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزىق تۇيۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاۋازنىلا ئەمەس، سۈرىتىنىمۇ ئالغىلى بولىدىغان ئاپپارات ئىجاد قىلماقچى بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ، بەشىنچى تەجرىبىخانىنى قۇرىدۇ. ئۇ ياردەمچى دىكسون بىلەن، ئىككى يىل قاتتىق باش قاتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ۋە لايىھىلەپ، ئەڭ دەسلەپكى كىنو ئاپپاراتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىدۇ. ئەپسۇسكى كىنو ئاۋازسىز كىنو بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى كۆزەينەك بىلەن كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئېدىسون 1896-يىلىغا كەلگەندە، ئىشتىن سىرتقى فوتو سۈرەتچى-ئارماتنىڭ ياردىمى بىلەن، ئاندىن كىنو قويۇش ئاپپاراتىنى ياساپ چىقىدۇ. بۇ ئاپپارات سۈرەتنى ئېكراندا كۆرسىتىدۇ. 1914-يىلى ئاۋازلىق كىنومۇ مەيدانغا كېلىدۇ. «ئېدىسون باتارىيىسى» مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن، باتارىيە ئاليۇمىن بىلەن گۇگگۈرت كىسلاتاسىدىن ياسىلاتتى. بۇنداق باتارىيىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى سەل ئۇزىراپ كەتسىلا ئاليۇمىننىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ بۇزۇلۇپ قالاتتى. شۇڭا ئېدىسون ئۇنى «ئۆمرى قىسقا» دېگەن ئىدى. ئەمدى ئۇنى قانداق قىلىپ «ئۇزۇن ئۆمۈر» لۈك قىلىش كېرەك؟ ئېدىسون خىمىيۋى ئېلېمېنىتلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە نەچچە مىڭ خىل ماددىنى تەجرىبە قىلىدۇ. 40 مىڭ قېتىم تەجرىبە ئۆتكۈزىدۇ. بىر مىڭ 460 كۈن كېچە-كۈندۈز جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىسىدا، ئاخىرى يېڭى تىپتىكى «نىكېل-تۆمۈر ئىشقارلىق باتارىيە» نى ياساپ چىقىدۇ. بۇنداق باتارىيە 1910-يىلدىن تارتىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلايدۇ. تاكى نەچچە ئون يىلغىچە بۇ باتارىيە داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، بۇ «ئېدىسون باتارىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
دەرۋەقە، بۇنچىۋالا نۇرغۇن كەشپىياتلار يالغۇز بىرلا ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئەمەس، ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىدا بىر مۇنچە ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ خىزمىتىگە بىۋاستە ياردەملەشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن كەڭ تۈردە پايدىلانغان، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا ھەر قايسى ئەللەردە بارلىققا كەلگەن ئىجادىيەت-كەشپىياتلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى توپلىغان، بۇرۇنقىلارنىڭ ۋە زامانداشلىرىنىڭ بىر مۇنچە تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلغان. لېكىن، بىز ئېدىسوننىڭ بۇ ئىجادىيەت-كەشپىياتلاردىكى رولىنى ئىنكار قىلالمايمىز. ئېدىسوننىڭ بۇنچىۋالا كۆپ ئىجادىيەت-كەشپىياتلارنى يارىتالىشى، ئاساسەن ئۇنىڭ تۇغما تالانتقا ئىگە بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىدىن بولغان. ئېدىسون ھېچقاچان بىكار تۇرمىغان. ئۇ دەم ئالماي ئۇدا 45 سائەت ئىشلەش رىكورتىنى ياراتقان. ئېدىسون: «كەشپ قىلىش-بىر پىرسەنت ئىلھام ئۈستىگە 99 پىرسەنت قان-تەرنى قوشۇش دېمەكتۇر.» دېگەن ئىدى. ئېدىسون ھەر قېتىم بىرەر يېڭى نەرسىنى كۆرگەندە، ھامان ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىرەر نەرسىنى ئىجاد قىلىشنى ئويلايتتى. ئۇ ھەمىشە يانچۇقىغا بىر خاتىرە دەپتەرنى سېلىپ يۈرەتتى، مەيلى قاچان قەيەردە بولسۇن، تاماق ئۈستىدە ياكى ئۇخلىغان ۋاقتىدا بولسۇن، كاللىسىغا بىرەر يېڭى پىكىر كېلىپ قالسا، ئۇنى دەرھال دەپتىرىگە خاتىرلەپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى ئىسخېما ياكى ھېسابلاش فورمۇلىلىرىنى سىزىپ قوياتتى. ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە بىر كۈندە 20 يېڭى پىكىر، يېڭى لايىھە خاتىرلەنگەن كۈنلەرمۇ بولغان ئىدى. ئېدىسون ئەزەلدىن تۇغما تالانتقا ئىشەنمەيتتى، بەزىلەر ئۇنى تۇغما تالانتلىق كەشپىياتچى دېگەندە، ئۇ: «مېنىڭ كەشپىياتلىرىم پۈتۈنلەي تەجرىبىدىن كەلگەن، ھەرگىز تۇغما تالانتتىن كەلگەن ئەمەس. بىر ئادەم تىرىشىدىغانلا بولسا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدىغان ئىش يوق» دېگەن ئىدى.
ئېدىسون 75 ياشقا كىرگەندىنمۇ، تەجرىبىخانىغا ۋاقتى قارايدا بېرىپ تۇرىدۇ. بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «ئېدىسون ئەپەندى، سىز قاچان پېنسىيىگە چىقماقچىسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە چىرايىنى ئۆزگەرتىپ: «ئەستەغپۇرۇللا، مەن ئۆمرۈمدە ھازىرغىچە بۇ مەسىلىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېگەن. 1929-يىل 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئېدىسوننىڭ چوغ چىراقنى كەشپ قىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرلەنگەن. 82 ياشلىق ئېدىسون ھاياجانلىق بىلەن، مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلغان. بىراق شۇ يىغىندىن كېيىن، ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ئاجىزلاپ كەتكەن. كېيىن ئۇ ئاغرىپ يېتىپ قالغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىمۇ ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن دوختۇرغا ھەمكارلىشىپ، داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشكەن. 1931-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، سەھەردە سائەت 3 تىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، 84 ياشلىق ئالىم ئېدىسون ئالەمدىن ئۆتتى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 344 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-13