بېل


Alexander Graham BellAlexander Graham Bell
بېل-ھازىرقى زامان تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ ئىختىراچىسى. ئۇ 1847-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ شوتلاندىيىدىكى ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. بېل كىچىكىدىنلا بەزى ئويۇنچۇقلارنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇشقا ياكى ئۇششاق جان-جانۋارلارنىڭ ئىچ-باغرىنى يېرىپ كۆرۈشكە قىزىقىپ يۈرگەن. بېلنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدا بىر تۈگمەن بولۇپ، تۈگمەندىكى بىر ياش بالا ئەسكەرلىككە كېتىپ قېلىپ، تۈگمەنگە قارايدىغان بىرلا بوۋاي قېلىپ قالىدۇ. تۈگمەننىڭ چاق پېلىكى سۇ ئۇلۇغ كەلگەندە تېز پىقىراپ، سۇ ئازلاپ قالغاندا توختاپ قالىدىغان بولغاچقا، بىر بوۋايغا تۈگمەننىڭ چاق پېلىكىنى ئۆزگەرتىپ بەرمەكچى بولىدۇ. بىر ئايدىن كۆپرەك باش قاتۇرۇش ئارقىسىدا چاق پېلەكنى ياخشىلاش ئىسخېمىسىنى سىزىپ چىقىدۇ، ئۇنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشچىلاردىن پىكىر ئالىدۇ. ئاندىن ئۇنى ياساشقا كىرىشىدۇ. چاق پېلەك ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئىش ئۈنۈمى ئۆسۈپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئاران 17-16 ياشلاردا ئىدى.»
بىر چاق پېلەكنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، «ئۆسمۈرلەرنى ھۈنەر-تېخنىكىغا دەۋەت قىلىش گۇرۇپىسى» نى تەشكىللەيدۇ، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسى ھەر قايسىسى ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم سۆزلەش ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدىن ھاسىل بولغان نەتىجىسىنى سۆزلەيدۇ. بېل بىئولوگىيە بىلەن ئاناتومىيىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تۇرىدىغان كىچىك ئۆينى دەرسخانا ۋە تەجرىبىخانا قىلىدۇ. كېيىن بېل ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىدۇ. ئۇ يەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ ئاۋازشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ مەزگىل ئۇنىڭ ئۈچۈن تېلېفوننى ئىختىرا قىلىشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي بېل كاناداغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئاۋازشۇناسلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىدۇ. 1869-يىلى ئۇ ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولىدۇ. ھەمدە مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئاۋازشۇناسلىق دەرسىنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. بۇ چاغ تېلېگراممىنىڭ يولغا قويۇلىشى ئەمدىلا باشلانغان دەۋىر بولۇپ، بېل: «توك ئېقىمى كامىرتوننى تەۋرىنىش بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن ئادەم ئاۋازى ياكى كامىرتوننىڭ تەۋرىنىشى، توك ئېقىمىنى ئاۋاز دولقۇنىغا ماس بولغان پەرق بىلەن تەمىنلەپ ئاۋاز ۋە سۆزنى تارقىتالمايدۇ؟» دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاشىنگتوندىكى بىر مەشھۇر توك تېخنىكىدىن، توك دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز دولقۇنى يەتكۈزۈش مۇمكىنمۇ دەپ سورىغاندا، ھېلىقى توك تېخنىكى قاتتىق كۈلۈپ كېتىپ، سىز توكچىنىڭ بىلىمىدىن خەۋەرسىز ئىكەنسىز، سىز ئاۋال توكچىلىق ساۋادىنى ئۆگىنىپ كېلىڭ» دېگەن. شۇنداق قىلىپ، بېل توكچىلىق بىلىمىنى ئۆگىنىشنى بەل باغلايدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن توكچىلىق بىلىمىنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە، ئۇ توك دولقۇنىنىڭ ئاۋاز دولقۇنىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مۇمكىنلىكىگە تېخىمۇ ئىشىنىدۇ.
بېل توكچىلىق ۋە ئاۋازشۇناسلىق بىلىملىرىنى ئىگەللەپ، تېلېفوننى ئىجاد قىلىشقا تېخىمۇ بەل باغلايدۇ، لېكىن ماشىنا ئاپپارات ئىشلەش بىلىمى كەملىك قىلىدۇ. ئۇ بىر مېخانىكنى ياردەمچىلىككە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلار تېلېفوننى جەزمەن ئىجاد قىلىشقا، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغىچە تەجرىبىخانىدىن ئايرىلماسلىققا بەل باغلايدۇ ۋە مۇشۇنداق غەيرەت بىلەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئىشلەيدۇ، ئەمما ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.
1875-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچقۇرۇن، ئۇلار قاتتىق تەرگە چۆمگەن ھالدا تېلېفوننى تەجرىبە قىلىش ئىشىنى باشلىدى. سىرتتىكى ئاۋازلارنىڭ ئۆيگە ئاڭلانماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىشىكنى مەھكەم يېپىۋېلىشتى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى ۋوسون باشقا بىر ئۆيدە سۆز قوبۇللىغۇچىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ تۇردى. بېل تەتقىقات بۆلۈمىدە ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلىدى، دەسلەپ بۇ ئاۋاز ناھايىتى بوش ئاڭلاندى، كېيىن ئاستا-ئاستا ئوچۇق ئاڭلاندى. بۇ نەقەدەر ئېسىل ئاۋاز-ھە! ئۇلار مۇشۇ كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيەت ئاساسىدا، 280 كۈن جاپالىق ئىشلەپ، ئاخىرى تۇنجى سۆز يەتكۈزگۈچ ۋە ئاڭلىغۇچنى ياساپ چىقىدۇ. بۇ 1876-يىلدىكى ئىش بولۇپ، بېر ئۇ چاغدا ئاران 29 ياشتا ئىدى. كېيىن يەنە بىر نەچچە يىل تەجرىبە قىلىش ۋە ياخشىلاش ئارقىسىدا، 1915-يىلى تېلېفون ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياسىلىپ چىقىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېلنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 4 مىڭ ئىنگلىز مىلى ئارىلىقىدا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئورنىتىشقا ماقۇل بولىدۇ. 1876-يىلى، ئامېرىكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ مەنپەئەتدارلىق گۇۋاھنامىسىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولىدۇ. بېلنىڭ يەنە بىر تۆھپىسى ئوتوفون ياساپ گاس كىشىلەرنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
بېلنىڭ غايىسى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلۇغ ئىدى. ئېلېكتىر دولقۇنى ۋە ئاۋاز دولقۇنى مۇشۇنداق بىر باشلامچىنىڭ بولغانلىقى بىلەن، بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرىگە يەتتى. بېل 1922-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 75 يېشىدا ۋاپات بولغان.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1202 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26