رېنتگېن


Wilhelm RöntgenWilhelm Röntgen
«رېنتگېن» نۇرى، يەنى x «نۇر» ھازىرقى زامان تىببى ئىلمىدا ئادەم بەدىنىنى كۆرۈشكە ياكى بەدەننى رەسىمگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇستىخان ياكى ئىچكى ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېنىق كۆرۈپ، غەيرىي ئەھۋاللارنى بايقاپ، داۋالاشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇشتا قوللىنىلىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئاشۇرۇش، ئۆمرىنى ئۇزارتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنداق قىممەتلىك نۇرنى كىم كەشپ قىلغان؟ گېرمانىيىلىك ئالىم ۋىلگېلىم رېنتگېن 1895-يىلى بىر كۈنى، رېنتگېن كانود نۇرى لامپىسى بىلەن تەجرىبە قىلىۋېتىپ، لامپىنىڭ يېنىغا قارا قەغەز بىلەن مەھكەم پېچەتلەنگەن، يورۇق تەگمىگەن بىر بولاق فوتو رەسىم دىبىنىنى قۇرۇپ، كېيىن دىبەننى يۇيىدىغان چاغدا قارىسا، يورۇق تېگىپ ئۇچۇپ كەتكەن. ئەگەر بىپەرۋا ئادەم بولىدىغان بولسا: «يورۇق تېگىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ، ئەمدى يىراقراق قويسام بولغىدەك» دەپلە قويۇشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن رېنتگېن ئۇنداق قىلماستىن، ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولۇپ، بۇ يىپ ئۇچىنى قويۇپ بەرمەي داۋاملىق تەجرىبە قىلىدۇ. ئۇ پېچەتلەنگەن رەسىم دىبىنىنى قاتتىق كارتون قەغەز بىلەن توساپ قويغان بولسىمۇ، يەنىلا يورۇقلۇقنىڭ تەسىر بولغانلىقىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كانود نۇرلۇق ئېلېكتىر لامپىنىڭ كارتون قەغەزگە ئوخشاش نەرسىدىنمۇ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان مەلۇم بىر خىل كۈچلۈك نۇر چىقىرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، كېيىن ئۇ يەنە قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىپ، ئاخىرىدا بۇنداق ئالاھىدە نۇرنىڭ ئادەمنىڭ كىيىمى، ئېتى، ئۇستىخىنىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقىنى بايقاپ، بۇنداق نۇرنى «xنۇر»، يەنى نامەلۇم نۇر دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق نۇرنىڭ خاراكتېرى يورۇقلۇق دولقۇنىغا ئوخشاش بولۇپ، كېيىن، كىشىلەر ۋىلگېلىم رېنتگېننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، «xنۇر» نى «رېنتگېن نۇرى» دەپ ئاتايدىغان بولدى.«رېنتگېن نۇرى» تېپىلماستا، دوختۇرلار كېسەلنى ھامان سوراپ بېقىش، ئاڭلاپ بېقىش، كۆرۈپ بېقىش، تۇتۇپ بېقىش يوللىرى بىلەن داۋالايتتى. لېكىن نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ سەۋەبى ئىچكى ئەزالاردا بولغاچقا، ئۇنى تۇتۇپمۇ، كۆرۈپمۇ بىلگىلى بولمايتتى. كېسەلنى دەل توغرا داۋالاش تېخىمۇ تەسكە چۈشەتتى. «رېنتگېن نۇرى» تېپىلغاندىن كېيىن، دوختۇرلارغا يەنە بىر جۈپ كۆز قوشۇلغاندەك بولدى. ئۇلار «رېنتگېن نۇرى» ئارقىلىق ھەممىنى كۆرەلەيدىغان بولدى. بۇ ھەقىقەتەن تىببى ئىلىمدىكى كارامەت بىر سەكرەش بولدى.ۋىلگېلىم رېنتگېن 1845-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى گوللاندىيىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە گوللاندىيىدە ئوقۇغان. كېيىن گېرمانىيە زولىنگىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئوقۇغان. 1868-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە فۇسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسسىنېت، پروفېسسور بولغان. ئۇ يەنە 1885-يىلى چۆگىلەيدىغان تۈز دىيەنرۇڭچىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ماگنىت مەيدانى ھاسىل بولىدىغانلىقىنى كەشپ قىلىپ يەنە بىر زور تۆھپە ياراتقان.1901-يىلى، ۋىلگېلىم رېنتگېن «نوبىل» مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئۇ 1923-يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 77 يېشىدا ميۇنخېندا ۋاپات بولدى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1281 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26