لانگېل


Samuel Pierpont LangleySamuel Pierpont Langley
سېيلېر لانگېل 1834-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ماسساچۇسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدە قۇشلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىنى، ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى قانداق يايىدىغانلىغىنى، قۇيرۇقىنى قانداق توغرىلايدىغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ قانداق ئۇچۇپ، قانداق چۈشىدىغانلىغىنى ھەۋەس بىلەن كۈزەتكەن بولۇپ، ساددا لانگېل قانات چىقىرىپ، ئاسماندا پەرۋاز قىلىشنىمۇ خىيال قىلغان. لانگېلنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئۆتمىگەن. ئۇ بوستوندا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چىكاگوغا بېرىپ ئىش ئىزلەيدۇ، ئۇ يەردە قۇرۇلۇش ئېنژىنېرى بولىدۇ. 7 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ھەۋىسى ئۆزگىرىپ پەن تەتقىقاتىغا كىرىشپ كېتىدۇ. ئۇ 30 يېشىدا، دۇربۇن ئىشلەشنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئاسترونومىيە ئۈستىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقتىن، ھافور رەسەتخانىسىدا ياردەمچى كۈزەتكۈچى بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، لانگېل ئاناپول دېڭىز ئارمىيىسى مەكتىپىگە بېرىپ، رەسەتخانا مۇدىرى، قوشۇمچە ماتېماتىكا پروفېسسورى بولىدۇ، بۇ ئارىدا ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشىدۇ.لانگېلنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقاتى يورۇقلۇقنى ئانالىز قىلىش ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئوبدان ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قارشىلىق ئارقىلىق ئىسسىقلىقنىڭ چېچىلىشىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل نازۇك ئەسۋابنى ئىجاد قىلىپ، بۇ ئارقىلىق يەر يۈزىگە ئىسسىقلىق تارقاتقۇچى قۇياشنىڭ ئسسىقلىق تارقىتىش تۇراقلىق سان قىممىتىنى توغرا ئۆلچەپ بېكىتىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر قۇياشنىڭ نۇر چېچىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى باشلايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەكرار-تەكرار سىناق قىلىش جەريانىدا، ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان نۇرنى، يەنى ئىنفرا قىزىل نۇرنى كەشپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا بويىچە ئىنفرا قىزىل نۇرنى بىرىنچى بولۇپ تاپقۇچى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كىچىكىدىلا قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىغا قىزىقىدىغان لانگېل ئەمدى يەنە ئۇچۇشنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ قۇشلارنىڭ ئۇچالىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان تۈپ قانۇننى تاپماقچى بولىدۇ. 1896-يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، لانگېل ناھايىتى خوشاللىق بىلەن، بىر كىچىك ئايرۇپىلاننى پودوماك دەرياسى ئۈستىدە، سىناق قىلىپ ئۇچۇرىدۇ. بۇ ئايرۇپىلاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 19 ئىنگلىز مىلى، ئومۇم ئېغىرلىقى 20 قاداق بولغان. ئايرۇپىلان تۇنجى قېتىم ئاسمانغا ئۇچقاندا، ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن گەپمۇ قىلالماي چاۋاك چېلىپ كەتكەن. ئەتراپتىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا تەنتەنە قىلغان. شۇ كۈنى ئىككى قېتىم ئۇچۇرغان. ھەر بىر قېتىمدا بىر يېرىم مىنۇتتىن ئۇچقان. ئۇچۇش ئارىلىقى 800 مېتىر بولغان. ۋاقىت شۇنچە قىسقا، ئارىلىق شۇنچە يېقىن بولسىمۇ لېكىن بۇ ھال ئىنسانلارنىڭ يەردىن كۆتۈرلۈپ بىپايان ئاسمانغا كىرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.لانگېلنىڭ ئايرۇپىلاننى سىناق قىلىپ ئۇچۇرغانلىق خەۋىرىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەجرىبە ئۆتكۈزۈش خىراجىتى ئۈچۈن 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاسمانغا ئۇچۇش ئىشەنچى تېخىمۇ ئېشىپ، چوڭراق بىر ئايرۇپىلان ياسىغان، شۇنىڭدەك ئەپچىلرەك بىر توك دىۋىگاتېلى كەشپ قىلىپ، ئۇنى ئايرۇپىلانغا ئورنىتىپ خۇشاللىق بىلەن بۇ ئايرۇپىلاننى سىناق قىلىپ ئۇچۇرغان. كۈتۈلمىگەن يەردىن دىۋىگاتېلدىن چاتاق چىقىپ، ئايرۇپىلان دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن. ئەتىسى ئامېرىكىدىكى بارلىق گېزىتلەر لانگېلنىڭ مەغلۇپ بولغانلىق خەۋىرىنى باسقان، لېكىن لانگېل ھەرگىز نىيىتىدىن يانمىغان، ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن، ئىككىنچى قېتىم ئۇچۇشنى سىناق قىلغاندا، يەنە مەغلۇپ بولۇپ، ئايرۇپىلان يەنە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. قىرغاققا تارتىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن، گېزىتلەر لانگېلنى ساراڭ دەپ مەسخىرە قىلىشقان، بولۇپمۇ پوپلار: «مۇبادا خۇدانىڭ ئادەمنى ئۇچۇرۇش ئويى بولغان بولسا، ئاللىقاچان ئۇنىڭغا قانات ئاتا قىلغان بولاتتى» دېيىشكەن، كونىلىقنى ساقلىغۇچى ئالىملارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ: ««يەرنىڭ تارتىش كۈچىنى يەڭگىلى بولمايدۇ، قۇشلاردا كاۋاك ئۇستىخان ۋە يەڭگىل پەيلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇچالايدۇ» دېيىشكەن. ۋاھالەنكى، لانگېل ئۇلارغا قىلچە پىسەنت قىلماي، مەغلۇبىيەتتىن: «ئايرۇپىلان چوقۇم ئۇچالايدۇ» دېيىشكەن، گەپ ئۇچۇشقا ياردەم بېرىدىغان ماشىنىدا» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئاخىرى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپقان بولسىمۇ، ئەمما سىناپ ئۇچۇرۇش خىراجىتى پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكەچكە، تەجرىبە قىلىشنى ئەپسۇسلۇق بىلەن توختاتقان. لانگېل 1906-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 71 يېشىدا مەسخىرە ۋە زاڭلىق ساداسى ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.لانگېلنىڭ ئايرۇپىلانى ۋاشىنگىتون مۇزىيىدا 10 نەچچە يىل ساقلانغان، 1914-يىل 5-ئايغا كەلگەندە، باشقىلار بۇ ئايرۇپىلانغا يېڭى دىۋىگاتېل ئورنىتىپ يەنە سىناق قىلىپ ئۇچۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئايرۇپىلاننىڭ ئۇزاق ئۇچالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئەپسۇسكى، لانگېل ئۆز ئايرۇپىلانىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئۇچالايدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمىگەن.  
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1143 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26