كېلۋىن


William ThomsonWilliam Thomson
كېلۋىن 1824-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگلىيىدىكى بېلفاست شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى تومسون ناھايىتى تىرىشچان ئادەم بولۇپ، قېرىغىچە ئۈزلۈكسىز ئۆگەنگەن. 1832-يىلى گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن پروفېسسور بولغان. 8 ياشلىق كېلۋىنمۇ دادىسى بىلەن بىللە بېرىپ گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا سىنىپىدا دەرس ئاڭلىغان. كېيىن مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش داۋامىدا بىر نەچچە قېتىم مۇكاپاتلانغان. ئۇ 15 يېشىدا يەر شارىنىڭ كۆرۈنۈشىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر ماقالە يېزىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1840-يىلى، 16 ياشلىق كېلۋىن دادىسى بىلەن بىللە گېرمانىيىگە ساياھەتكە بارغان. سەپەر ئۈستىدە توساتتىنلا فولىئو يازغان «ئىسسىقلىقنىڭ ئۆتۈشى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا، ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كېرلان «ئىسسىقلىق نەزىرىيىسى» دېگەن كىتابنى يېزىپ فولىئونىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى ئاللىقاچان تەنقىد قىلىپ بولغان. ياش كېلۋىن گېرلاننىڭ فولىئو نەزىرىيىسىنى تەنقىد قىلىشتىكى ئاساسىنى خاتا دەپ ھېسابلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماقالە يېزىپ فولىئونىڭ ئورنىدا كېرلانغا رەددىيە بېرىدۇ. پروفېسسور كېرلان ئۇنى ئوقۇپ ئىنتايىن قايىل بولىدۇ.
ئىككىنچى يىلى، كېلۋىن يەنە «بوشلۇقتىكى ئىسسىق شارلارنىڭ سوۋۇشى ۋە ئىسسىقلىق بىلەن ئېلېكتىر مەسىلىسىدىكى قىممەتداش توغرىسىدا» دېگەن ئىككى پارچە ماقالىنى يازىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېلۋىن بەزى ئالىملارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. 1845-يىلى، كېلۋىن مەشھۇر فىزىك فارادېي بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئۇلار بىرلا كۆرۈشۈش بىلەن ئوبدان دوست بولۇپ قالىدۇ، ئىلىم-پەن ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش غايىسى ئۇ ئىككىسىنى چەمبەرچاس باغلايدۇ. ئۇ 22 يېشىدىلا گىلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن لېكتور بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي پروفېسسورلۇققا كۆتۈرىلىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ تاكى 1899-يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتۇش ئىشىنى ئىشلەيدۇ. كېلۋىن فىزىكا جەھەتتە كۆپ تەرەپلىمە تۆھپە كۆرسەتكەن، 1848-يىلى ئۇ مۇتلەق تېمپېراتۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە كارنونىڭ دەۋىرىيلىك ۋەزىپىسىنى دەلىللەيدۇ. ئۇ جۇل بىلەن بىرلىشىپ، مۇزنىڭ ئېرىش ۋە قايناش نۇقتىسىنى بېكىتكەن. 1849-يىلى «چەمبەرسىمان ئىككى توكلۇق ئۆتكۈزگۈچ ئوتتۇرىسىدىكى تارتىش تەسىرى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، كۇلۇن قانۇنىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن. 1851-يىلى ئىسسىقلىق مېخانىكىسىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىنى ئېلان قىلغان. 1853-يىلى گلاسگوۋدا «لېتون بوتۇلكىسىنىڭ تەۋرەنمە زەرەتسىزلىنىشى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا تەۋرىنىش چاستوتىسىنى ھېسابلاپ چىققان. بۇ كەشپىيات كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىمسىز تېلېگىرافنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم نەزىرىيىۋى ئاساس بولغان. 1867-يىلى ئۇ يەنە «ئاتومنىڭ ئايلىنىشى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ئاتومنىڭ ئايلىنىش ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1881-يىلى ئۇ توك دىۋىگاتېلنى ياخشىلىغان. 1887-يىلى گالۋانومېتىرنى كەشپ قىلغان. ئۇنىڭ ئېنېرگىيىسى بىر مىللى ئامپېردىن مىڭ مىللى ئامپېرغىچە بولغان توك ۋە 40 مىڭ ۋولتلىق توك بېسىمىغا تەڭ بولغان. ئۇنىڭ ئىلىم-پەن ئىشىغا ئىجتىھات بىلەن بېرىلگەنلىكى شۇ چاغدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قەدىرلىشىگە ئىگە بولغان. ئۇ 1892-يىلدىن تارتىپ، ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىنىڭ باشلىقىغا سايلىنىپ، تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملىق شۇ ۋازىپىنى ئۆتىگەن.ئۇنىڭدىن باشقا، كېلۋىن ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تېگىگە يۇقىرى بېسملىق توك سىمى ئورنىتىش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. 1855-يىلى، بىرىنچى قېتىملىق سۇ ئاستىغا ئېلېكتىر ئورنىتىش مەغلۇب بولىدۇ. ئەمما ئۇ داۋاملىق تەتقىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە «سۇ ئاستىدىن توك ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى، ئۇ يەنە سۇ ئاستىغا سىم ئورنىتىش ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۇ ئاستى سىمى ئېرلاندىيىدىن گرېلاندىيىگىچە ئورنىتىلىدۇ. ئۇ كۈر مىڭ مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىرى دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ، لېكىن 723 قېتىم تېلېگرامما بېرىلگەندىن كېيىن، يەنە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇ 1860-يىلى يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە سىم ئورنىتىپ، ئاخىرى چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. بۇ خىزمەت ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپە بولىدۇ. كېيىن كېلۋىن يەنە دېڭىز قاتنىشىدا ئىشلىتىدىغان سىگنال ئەسۋابىنى كەشپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدۇ. نەتىجىدە، قىيا تاشقا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ كەڭ تۈردە ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ.ئۇ 1875-يىللىرىلا كەلگۈسىدە شەھەرلەرنىڭ كوچا چىراقلىرىغا ئېلېكتىر ئىشلىتىدىغانلىقى، ئېلېكتىر ھاسىل قىلىشتا بولسا كۆمۈرگە تايىنىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھۆكۈم قىلغان. ئۇ يەنە، كەلگۈسىدە سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىلىدۇ، دېگەن كېلۋىننىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ راستلىغىنى كېيىنكى تارىخ ئىسپاتلىدى. كېلۋىن 1907-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ۋېستمىنست چوڭ چېركاۋغا، نيۇتوننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە ياراتقان ئىككى فىزىك يەر ئاستىدا يانمۇ-يان ياتتى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 541 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 6قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-25