سۇھەيب ئىبنى سەننان

سۇھەيب ئىبنى سەننانسۇھەيب ئىبنى سەننان

سۇھەيب ئىبنى سەننان 587-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ باياشاتلىق قوينىدا چوڭ بولغان ئىدى. دادىسى پادىشاھ كىسرانىڭ «ئۇبۇللە» دېگەن يەرگە تەيىنلىگەن ھاكىمى ۋە ۋالىيسى ئىدى. ئۇ ئىسلام دىنى كېلىشتىن خېلى بۇرۇن ئىراقتا ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەردىن بولۇپ، ئەرەب ئارىلى بىلەن مۇسەلگە يانداش فۇرات دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان سارىيىدا ياشايتتى. بۇ بالا ئەنە شۇ سارايدا بەختلىك، شات-خۇرام چوڭ بولىۋاتاتتى. بىر كۈنى، دۆلەت رىملىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بېسىپ كىرگۈچىلەر نۇرغۇن ئادەمنى، شۇنداقلا «سۇھەيب ئىبنى سەننان» نى ئەسىر ئالدى. قۇل سودىگەرلىرى ئۇنى قولغا كىرگۈزۈپ ئۇزۇن سەرسانلىقتىن كېيىن، پۈتۈن بالىلىقى ۋە ياشلىقىنىڭ دەسلىپىنى رىم شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزگەن، ھەتتا شۇلارنىڭ تىلى ۋە شېۋىسى بويىچە سۆزلەيدىغان بولغاندىن كېيىن مەككىگە ئېلىپ بېرىپ «ئابدۇللاھ ئىبنى جۇدئان» دېگەن كىشىگە سېتىۋېتىدۇ. ئۇ ھوشيارلىقى، جانلىقلىقى ۋە ساددىلىقى بىلەن خوجايىننى ھەيران قالدۇرغان بولغاچقا، ئۇنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىپ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە سودىگەرچىلىك قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. بىر كۈنى، بولدىلا، بۈگۈنكى ئىشلارنى ئۇنىڭ دوستى ئەممار ئىبنى ياسىر بىزگە سۆزلەپ بەرسۇن:
سۇھەيب ئىبنى سەننان بىلەن ئەرقەم دېگەن كىشىنىڭ ھويلىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھويلىدا بار ئىكەن، مەن ئۇنىڭدىن:
-نېمە ئۈچۈن كەلدىڭىز؟ دەپ سورىسام، ئۇمۇ مەندىن:
-سىز نېمە ئۈچۈن كەلدىڭىز؟ دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭغا:
-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرمەكچىمەن، ئۇنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاڭلايمەن،-دېسەم ئۇ:
-مەنمۇ شۇنداق قىلماقچى،-دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىردۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئىسلامنى تەلىم بەردى، بىز مۇسۇلمان بولدۇق، بىز ئۇ يەردە تا كەچ بولغىچە تۇرۇپ قالدۇق، كەچ بولغاندا يوشۇرۇن قايتىپ كەتتۇق. ئۇنداقتا سۇھەيب «ئەرقەم» نىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ئۆگىنىۋاپتۇ.
ھىدايەت، نۇرنىڭ يولى، شۇنداقلا جاپالىق قۇربانلىق بېرىش ۋە ئۇلۇغۋار پىداكارلىق يولىنى بىلىۋاپتۇ. دېمەك، «ئەرقەم» نىڭ ھويلىسى بىلەن سىرتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ياغاچ دەرۋازىدىن كىرىش پەقەت بىر بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشلا بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇ پۈتۈن بىر دۇنيانىڭ چېگرسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشتۇر! كونا بىر دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى دىن، ئەخلاق-تۈزۈم ۋە ھاياتلىقتىن يېڭى بىر دۇنيا ۋە بۇ دۇنيادىكى دىن، ئەخلاق-تۈزۈم ۋە ھاياتلىققا قەدەم ئېلىش دېمەكتۇر. «ئەرقەم» نىڭ ھويلىسىنىڭ كەڭلىكى بىر قەدەممۇ كەلمەيدىغان بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش، كەڭ، پايانسىز بولغان قورقۇنچ دېڭىزىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش دېمەكتۇر. بۇ داۋاندىن، يەنى ئاشۇ بوسۇغىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئېغىر مەسئۇلىيەتلەر بىلەن تولغان يېڭى بىر دەۋىرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كەمبەغەللەر، مۇساپىرلار ۋە قۇللارغا نىسبەتەن «ئەرقەم» نىڭ ھويلىسىدىن ئىبارەت بۇ داۋاندىن ھالقىپ ئۆتۈش ئىنساننىڭ قۇدرىتى يېتىدىغان ھەر قانداق ئىشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان قۇربان بېرىش دېمەكتۇر.
شۈبھىسىزكى، ھەمراھىمىز سۇھەيب بىر مۇساپىر، ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالغان ئەمما ئىبنى ياسىر بولسا بىر كەمبەغەل، ئۇلار ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن قورقۇنچنى كۈتىۋالىدۇ؟! قورقۇنچقا بەرداشلىق بېرىشكە ئىرادە باغلايدۇ؟! شۈبھىسىزكى، بۇ ئىماننىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر نىداسىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشىلارنىڭ قەلىبلىرىنى ھىدايەت ۋە مۇھەببەتكە توشقۇزغان ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇ جۇلالىق يېڭى نەرسىنىڭ كۈننىڭ چىرىندىسى، گۇمراھلىقى ۋە ئىپلاسلىقىدىن زېرىككەن ئەقىللەرنى ھەيران قالدۇرىۋاتقان بەدىئىيلىكىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن، ئاللاھنىڭ ئۇ خالىغان ئادەم ئېرىشىدىغان رەھمىتى، ئىلتىجا قىلغانلارنى باشلايدىغان ھىدايىتىدۇر. شۇنداق قىلىپ سۇھەيب مۆمىنلەر، ئېزىلگۈچىلەر، ئازابلانغۇچىلار، تىرىشقۇچىلار ۋە پىدا قىلغۇچىلار سېپىدىن كەڭرى، بۈيۈك ئورۇن ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان، ئىسلام بايرىقى ئاستىدا ماڭغان مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى بۈيۈك سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىدىغانلىقىنى ۋە قىلغانلىقىنى بىزگە سەمىمىي سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق ئۇرۇشقا قاتناشسا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدىم، قانداق بەيئەت ئۆتكۈزسە مەن ئۇنىڭغا قاتناشتىم، قانداق قوشۇن ئەۋەتسە مەن ئۇنىڭ بىلەن ھازىر ئىدى. مەيلى ئاۋالقى زاماندىكى ياكى ئاخىرى زاماندا بولسۇن، قانداق بىر غازات ئېلىپ بارسا مەن ئۇنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدە بولاتتىم، قاچانكى، مۇسۇلمانلار ئالدىدىن قورقسا، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا، كەينىدىن قورقسا مەن ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ مۇھاپىزەت قىلاتتىم. مەن تاكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقات بولغانغا قەدەر ئۇنى ھېچقاچان ئۆزۈم بىلەن دۈشمەن ئارىسىدا تۇرغۇزۇپ قويمىدىم!!» مانا بۇ ئۆزگىچە ئىمان ۋە بۈيۈك دوستلۇقنىڭ ئاجايىپ سىماسىدۇر.
سۇھەيب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ جىمى قېرىنداشلىرىدىن رازى بولسۇن) ئاللاھنىڭ نۇرىنى كۈتىۋالغان، ئوڭ قولىنى پەيغەمبىرىنىڭ ئوڭ قولىغا بەرگەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپلا ئەنە شۇنداق ئالىي ئىمانغا لايىق ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭ كىشىلەر بىلەن، دۇنيا بىلەن، بەلكى ئۆزى بىلەن بولغان ئالاقىسى يېڭى تۈس ئالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇ چىدامچان، تەقۋادار، پىداكار بىر روھنى تاۋلاپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھادىسىلەرنى بوي ئەگدۈرۈشكە، خەتەرلەرنى چۆچۈتۈشكە باشلىدى.
ئۇ خۇددى مۇندىن بۇرۇن سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قەيسەرلىك بىلەن ئۈستىگە ئالدى، بىرەر ئۇرۇش ياكى خەتەردىن چېكىنىپ باقمىدى. ئۆزىگە يۈزلەنگەن زىيان-زەخمەتتىن ھېچ قورقۇپ قالمىدى، ھەر دائىم خەتەرنى ۋە ئۆلۈمنى ياخشى كۆرۈپ، ھاياتلىق نازۇ-نېمەتلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ، بۈيۈك كۆرەش ۋە ئۇلۇغ دوستلۇق كۈنلىرىنى ئۇ ھىجرەت قىلغان ئاشۇ كۈنى باشلىدى، بۇ كۈندە، ئۇ مەككىدە ئۆتكۈزگەن بىر قانچە يىللار جەريانىدا شۇغۇللانغان تىجارىتىدىن كەلگەن بارلىق ئالتۇن ۋە بايلىقلاردىن ۋاز كېچىپ، بىر سېكۇنت ئىچىدىلا، ھېچقانداق ئىككىلىنىش ۋە ياكى چېكىنىش بۈيۈكلۈكىنى بۇلغاپ قويمىغان، ئۇنىڭ بارلىقى ھېسابلىنىدىغان بىر نەرسىگە ئېرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلماقچى بولغاندا سۇھەيب بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. ئۇ چوقۇم ھىجرەت قىلغان ئۈچ ئادەم، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇبەكرىلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولاتتى. لېكىن قۇرەيشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلىشىنى توسىماقچى بولۇپ، سۈيقەست پىلانلىغان بولغاچقا، سۇھەيب ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قېلىپ ئۇنىڭ ھىجرەت قىلىشىغا مەلۇم ۋاقىت توسالغۇلۇق قىلدى، بۇ جەرياندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھى ئاللاھنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشقان ئىدى.
سۇھەيب ئۇزۇن سۆھبەتلىشىش ۋە مادارا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئەيب قويغۇچىلارنىڭ قولىدىن ئاخىرى قۇتۇلدى ۋە تۆگىسىگە مىنىپ قۇملۇق ئارا يۈرۈپ كەتتى. لېكىن قۇرەيشلەر دەرھال ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ئاخىرى ئۇنى تېپىۋالدى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېقىن كېلىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرۈپ ۋارقىراپ مۇنداق دېدى:
-ئى قۇرەيش جامائەسى، سىلەر مېنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەڭ ماھىر مەرگەن ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا يېقىنلىشىدىغان بولساڭلار، سادىقىمدىكى ھەممە ئوقنى ئىشقا سالىمەن، تاكى قولۇمدىكى قىلىچىم ئۇچۇپ تۈگىگىچە سىلەر بىلەن ئۇرۇشىمەن. خالىساڭلار يېقىنلىشىڭلار ياكى مال-مۈلۈكۈمنىڭ بار يېرىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىش بەدىلىگە مېنى قويۇۋېتىڭلار!
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇلار بىردەم سالا قىلشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ مال-مۈلۈكىنى ئېلىشقا قوشۇلۇشتى ۋە:
-سەن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا نامرات، يالاڭتۆش ھالدا كەلگەن ئىدىڭ، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز بىلەن بىرگە تۇرۇپ مال-مۈلۈكۈڭ كۆپىيىپ ھازىرقى سەۋىيەگە يەتتىڭ، ئەمدى سەن شۇ ماللىرىڭنى بىزگە بېرىۋەتمەكچىما؟!!-دېيىشتى. سۇھەيب ئۇلارغا مال-مۈلۈكنى يوشۇرۇپ قويغان ئورۇننى دەپ بېرىۋىدى ئۇنى قويىۋېتىپ شۇ زامان مەككىگە قايتىپ كېتىشتى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىگە ئەنسىرىمەستىن شەكسىز ئىشىنەتتى، گېپىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە دەلىل-پاكىتمۇ تەلەپ قىلمىدى، قەسەممۇ ئىچۈرمىدى!! بۇ سۇھەيبنىڭ راستچىل، ئىشەنچىلىك دېگەن نامغا ھەقلىق بۈيۈك شەخس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سۇھەيب ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، بەختكە چۆمگەن ھالدا يالغۇز ھىجرەت قىلىپ ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «قۇبا» دا تاپتى. سۇھەيب كەلگەن چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرىۋاتاتتى. ئۇ سۇھەيبنى كۆرۈپلا:
-ئى يەھيانىڭ ئاتىسى، سودىدا پايدا ئاپسەن!! ئى يەھيانىڭ ئاتىسى، سودىدا پايدا ئاپسەن،-دەپ نىدا قىلدى. ئەنە شۇ چاغدا:
«بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمىلى بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەيدۇ) ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر» دېگەن ئايەت نازىل بولدى.
توغرا، سۇھەيب پۈتۈن ياشلىقىنى قۇربان قىلىپ توپلىغان بايلىقىنى مۆمىن روھىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەرپ ئەتتى، ئۇ ئۆزىنى قىلچىمۇ زىيان تارتقاندەك ھېس قىلمىدى. ئىمانى ساقلىنىپ قالسىلا، قەلبى ئەركىن بولسا، ئاقىۋىتىنى ئۆزى بەلگىلىيەلىسە بۇلارنىڭ ئالدىدا مال-دۇنيا، ئالتۇن-كۆمۈش، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ نېمە قىممىتى بولماقچى ئىدى.؟! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئۇ تەقۋادار، پەرھىزكار بولۇشى بىلەن بىرلىكتە چىقىشقاق، چاقچاقچى ئىدى.
ئۇنىڭ بىر كۆزى ئاغرىپ قالغان بولۇپ، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا:
-بىر كۆزۈڭ ئاغرىق تۇرسا، يەنە خورما يەۋاتامسەن؟-دەپ سورىغاندا ئۇ:
-ھېچ ۋەقەسى يوق، مەن ئۇنى يەنە بىر كۆزۈم بىلەن يەۋاتىمەن،-دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
ئۇ ناھايىتى سېخى، كەڭ قول ئادەم بولۇپ، زاكات خەزىنىسىدىن ئاللاھ يولىدا كۆپ مال نەپىقە قىلاتتى، موھتاجلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەيتتى. ئۆزىنىڭ يېگۈسى بولسىمۇ نەپىسىنى يىغىپ مىسكىنلەر، يېتىملەر ۋە ئەسىرلەرگە تائام بېرەتتى. ھەتتا ئۇنىڭ زىيادە سېخىيلىقى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ ئۇنىڭغا:
-مېنىڭچە سەن ئىسراپ قىلىنغاندەك ھالەتتە كۆپ تائام بېرىدىكەنسەن،-دېگەنىدى. بۇ چاغدا سۇھەيب ئۆمەرگە:
-مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار تائام بەرگەنلەردۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى،-دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. سۇھەيبنىڭ ھاياتى تۈرلۈك پەزىلەتلەر ۋە بۈيۈكلۈكلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان بولسا، ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئۇنى نامازدا مۇسۇلمانلارغا ئىمام بولۇپ بېرىشكە تاللىشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھاياتىغا تېخىمۇ كۆپ جۇلا ۋە ئۇلۇغلۇق ئاتا قىلىدۇ.
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە ئۇ مۇسۇلمانلارغا بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بېرىۋاتقان مەزگىلىدە تاجاۋۇز قىلىنىشى، ئۆزىنىڭمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ساھابىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاخىرقى ۋەسىيەتلىرىنى قىلىپ:
-قەۋمگە سۇھەيب ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسۇن،-دېگەنىدى. ئۆمەر شۇ كۈنى ساھابىلەردىن ئالتە كىشىنى تاللاپ ئۇلارغا يېڭى خەلىپە سايلاش ئىشىنى تاپشۇرغان. مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى نامازلىرىدا ئۇلارغا ئىمام بولۇپ بېرىشى كېرەك. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ ۋاپات بولۇشى يېڭى خەلىپە تاللاش بىلەن پاتپاراق بولۇۋاتقان شۇ كۈنلەردە، مۇسۇلمانلارغا كىم ئىمام بولۇپ بېرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئۆمەر، بولۇپمۇ پاك روھى ئاللاھ تەرەپكە يول ئېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە، ۋاقىتلىق ئىمام تاللاشتا ئەستايىدىل بولدى، بۇنىڭغا تاللانغان ئادەم كاتتا شەرەپكە نائىل بولاتتى. ئۆمەر سۇھەيبنى خەلىپىلىككە تاللىدى. ئۇنى يېڭى خەلىپە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ بولغىچە مۇسۇلمانلارغا نامازدا ئىمام بولۇپ بېرىشكە تەيىنلىدى. گەرچە ئۆمەر ئۇنىڭ غەيرى تىلىنى ئارىلاش سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ شۇنداق قىلدى، شۇنداق قىلىپ بۇ تاللاش ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىسى سۇھەيب ئىبنى سەننانغا ئاتا قىلغان مۇكەممەل نېمىتى بولۇپ قالدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 281 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-09