ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر


ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر 614-يىلى مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنچى خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ ئىسلام دىنى شەرىئەتلىرى ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىشتا مۇنەۋەر باشلامچى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئىچكى ئۇرۇشتا (661-656) بىتەرەپ مەيداندا تۇرغان ئىدى. ئۇ ئۇزۇن ئۆمرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ بىزگە سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئىدىم، تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بەيئەتكە خىلاپلىق قىلمىدىم، ئالماشتۇرۇپ قويمىدىم، مەن ئازغۇن ئادەمگە بەيئەت قىلمىدىم، ئۇخلاۋاتقان بىرەر مۆمىننى چۆچىتىپمۇ قويمىدىم». مانا مۇشۇ سۆزلەر بىلەن ياخشى بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئۇستىلىق بىلەن خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، يېشى 80 دىن ئاشقان، 13 ياش ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېشى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرىۋەتمىگەن بولسا مۇھاجىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن دادىسىغا ئەگىشىپ «بەدرى» غازىتىغا چىقماقچى بولغان ۋاقتىدىلا ئىسلام ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان ئالاقىسى باشلانغان. ئەنە شۇ كۈندىن تارتىپ، بەلكى ئۇ كۈندىن ئىلگىرىلا، دادىسى بىلەن بىرلىكتە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا بالدۇر يېتىلگەن بۇ ئوغۇلچاق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىغان. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ 85 ياشقا كىرىپ پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقات بولغان شۇ يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، بىز ئۇنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىبادەتتە ئىزچىل بولغانلىقىنى، پەرۋەردىگارىغا ھەر دائىم ئىلتىجا قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پرىنسىپىدىن قىلچە تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى، ئۆزى ئەگەشكەن بەيئەتكە، بەرگەن ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، ئۇنىڭ بىلىمى، كىچىك پېئىللىقى، دۇرۇسلۇقى، ساددىلىقى، سېخىيلىقى، تەقۋادارلىقى، ئىبادەتكە بېرىلىشى ۋە ئۈلگىگە چىڭ ئەگىشىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەخلاقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى ۋە سەمىمىي، پاك ھاياتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئاتىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن كۆپ ئىلىم-ھېكمەت ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاتىسى بىلەن بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پۈتۈن ئۇلۇغلۇقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. دادىسىغا ئوخشاشلا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئوبدان ئىمان ئېيتقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئەستايىدىل ئەگىشەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر بىر ئىشىنى ئىنچىكە كۈزىتىپ پۈتۈن دىققەت-ئېتىبارى بىلەن دورايتتى. مەسلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەردە ناماز ئوقۇسا ئۇمۇ شۇ يەردە ناماز ئوقۇيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەردە ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلسا ئۇمۇ شۇ يەردە تۇرۇپ دۇئا قىلاتتى. ئەگەر قەيەردە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلسا ئۇمۇ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلاتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردە كېتىۋېتىپ مەلۇم جايغا كەلگەندە تۆگىسىدىن چۈشۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغان، بۇنى كۆرگەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر كېيىن ناۋادا شۇ يول بىلەن سەپەر قىلىشقا توغرا كەلسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ناماز ئوقۇغان ئورۇنغا كەلگەندە ئۇمۇ تۆگىسىدىن چۈشۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغان. ھەتتا ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم مەككىدىكى شۇ يەرگە كەلگەن ۋاقتىدا تۆگىدىن چۈشۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇماقچى بولغان، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى چۆكۈشتىن بۇرۇن ئىككى ئايلىنىپ ئاندىن چۆككەن، تۆگە ئەلۋەتتە ئۆزىگە چۆكىدىغان ئورۇن تاللاش ئۈچۈن ئىختىيارسىز ھالدا شۇنداق قىلغان ئىدى، لېكىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر بىر كۈنى شۇ يەرگە يېتىپ بارا-بارمايلا تۆگىسىنى ئىككى-ئۈچ ئايلاندۇرىۋېتىپ ئاندىن چۆكتۈرۈپ تۆگىسىدىن چۈشۈپ ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغان، يەنە پۈتۈنلەي ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنىدەكلا قىلغان. ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىيادە ئەگىشىشى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھانى ھەيران قالدۇرغان ۋە مۇنداق دېگەن: «ھېچكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردەك ئەگەشكەن ئەمەس». دېمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئۇزۇن ئۆمرىنى مانا مۇشۇنداق ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئەگىشىپ ئۆتكۈزگەن، ھەتتا مۇسۇلمانلارغا شۇنداق بىر زامانلار كەلگەندە ئۇلارنىڭ ياخشىسى: «ئى ئاللاھ، ئۈلگە قىلىشىم ئۈچۈن، مېنى ھايات قالدۇرساڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىمۇ بىللە ھايات قالدۇرغىن، چۈنكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق يەنە بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن» دەپ دۇئا قىلغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەدەملىرى ۋە سۈننەتلىرىنى ئەنە شۇنداق چىن ئەقىدە بىلەن ئىزدەيدىغان بولغاچقا ھەدىس رىۋايەت قىلسىمۇ پەقەت ئۇ ھەدىسنىڭ ھەر بىر ھەرپلىرىگىچە ئەستە تۇتىۋالغان بولسىلا ئاندىن رىۋايەت قىلاتتى. ئۇنىڭ زامانداشلىرى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئاشۇرىۋېتىش ياكى كېمەيتىۋېتىش، ئېھتىيات قىلىش جەھەتتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن قاتتىقراق يەنە بىر ئادەم يوق» دەپ تەرىپلىشەتتى.
شۇنداقلا مەسىلىگە پەتىۋا بېرىشتىمۇ بەك ئېھتىيات قىلاتتى. بىر كۈنى بىر ئادەم ئۇنىڭدىن پەتىۋا سوراپ كەلدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئابدۇللاھ جاۋاب بېرىپ: «سورىغىنىڭىزنى مەن بىلمەيدىكەنمەن» دېدى. ھېلقى ئادەم قايتىپ كېتىپ ئۇنىڭدىن تېخى بىر قانچە قەدەم نېرى بارا-بارمايلا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر خۇشاللىقىدىن ئالقانلىرىنى بىر-بىرىگە سۈرۈشتۈرۈپ: «ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن سوئال سورىلىۋىدى، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بەردى» دېدى. گەرچە ئۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپمۇ سەۋەنلىك بىلەن خاتا پەتىۋا بېرىپ قويغۇچىغا بىر ئەجىر، توغرا پەتىۋا بەرگۈچىگە ئىككى ئەجىر ئاتا قىلىنىدىغان ئۇلۇغ بىر دىننىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئىزدىنىپمۇ خاتالىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ پەتىۋا بېرىشكە تىرىشىشتىن ئۆزىنى تارتاتتى، چۈنكى پەرھىزكارلىق پەتىۋا بېرىشكە جۈرئەت قىلىشقا يول قويمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ قازىلىق مەنسىپىدىنمۇ نېرى تۇراتتى. ھالبۇكى، قازىلىق مەنسىىپى دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئالىي مەنسەپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچى بايلىق، ئىناۋەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئىگە بولاتتى. لېكىن دۇنياغا كۆز سالمايدىغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە بايلىق، ئىناۋەت ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ نېمە كېرىكى؟ بىر كۈنى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى چاقىرىپ قازىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغاندا ئۆزرە ئېيتىپ رەت قىلغان، ئوسمان قانچە كۈچىگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرغان. ئوسمان ئۇنىڭدىن: «ماڭا ئاسىيلىق قىلماقچىمۇ سىز؟» دەپ سورىغاندا: «ياق، لېكىن مەن قازىنىڭ ئۈچ خىل بولىدىغانلىقىنى، بىرىنىڭ بىلىمسىزلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ كۆڭۈل خاھىشى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، ئۈچىنچىسىنىڭ تىرىشىپ راستنى تاپىدىغانلىقىنى ئەمما گۇناھ بولمايدىغانلىقى ياكى ئەجىرمۇ بېرلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم، شۇڭا مەن سىلىدىن ئاللاھنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى بىلەن مېنى ئەپۇ قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. ئوسمان ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمەسلىك توغرىسىدا ئەھدە ئالغاندىن كېيىن ئەپۇ قىلغان، چۈنكى ئوسمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ كىشىلەر قەلبىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا باشقا تەقۋادارلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قازىلىقتىن ئۆزلىرىنى تارتىشىدىن، بۇنىڭ بىلەن قازى بولۇشقا تەقۋادار ئادەم چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى كۆرگەن چېغىمىزدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر بىزگە خۇددى بىر سەبىي ئادەمدەك بىلىنىدۇ. لېكىن ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ قازىلىق قىلىشقا ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۆزىنى قازىلىقتىن تارتقىنى ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدە قازى بولالىغۇدەك نۇرغۇن تەقۋادار، ياخشى كىشىلەر بار ئىدى، ھەتتا بەزىلىرى قازىلىق ۋە مۇپتىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۇنىڭ ئۆزىنى تارتىشى قازىلىق ۋەزىپىسىگە سەل قارىغانلىق ياكى ئۇنى ئەھلى بولمىغان كىشىلەرگە تاشلاپ قويغانلىق بولمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە بولۇپ، روھىنى تېخىمۇ كۆپ تائەت-ئىبادەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرماقچى ۋە پاكلىماقچى بولغان ئىدى. ئىسلام ھاياتىنىڭ شۇ مەزگىللىرىدە مۇسۇلمانلار زورىيىپ مال-دۇنيا ئېشىپ تۇراتتى، ھەر خىل مەنسەپ-ئەمەللەر كۆپىيىشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن مال-مۈلۈك ۋە ھوقۇق-مەنسەپ بەزى مۆمىنلەرنى قىزىقتۇرۇشقا باشلىدى، شۇ ۋەجىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قىسىم ساھابىلىرى ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۆزلىرىنى تەركى دۇنيالىق، تەقۋادارلىق، چوڭ مەنسەپلەرگە بېرىلمەسلىك ۋە ئۇنىڭ قىزىقتۇرىشىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە تىكلەپ قەتئىي قارشى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر كېچىنىڭ «قېرىندىشى» بولۇپ، ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى، سەھەرنىڭ «دوستى» بولۇپ، گۇناھلىرىدىن مەغپىرەت تىلەش ۋە يىغلاش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇ ياش ۋاقتىدا بىر چۈش كۆرگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ چۈشكە تەبىر بەرگەندىن كېيىن كېچىدە تۇرۇش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇ-ئارمىنى ۋە ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى بولۇپ قالغان. 
ئۇنىڭغا قۇلاق سالايلى، چۈشىنى ئۆزى سۆزلەپ بەرسۇن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتىمەنكى، قولۇمدا بىر پارچە تاۋار-دۇردۇن بار ئىمىش، جەننەتنىڭ قايسى يېرىگە بېرىشنى خالىسام مېنى ئۇچۇرتۇپ ئېلىپ بارامىش. شۇنداق تۇرسام ئىككى ئادەم كېلىپ مېنى دوزاخقا ئېلىپ بارماقچى بولغىدەك، تۇيۇقسىزلا ئۇلار بىر پەرىشتىگە ئۇچراپ قېلىپ ئۇ پەرىشتە: ئۇنى قورقۇتماڭلار، قويۇۋېتىڭلار دېگۈدەكمىش. كېيىن سىڭلىم «ھەفىسە» بۇ خەۋەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بېرىپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر كېچىدە كۆپ ناماز ئوقۇسا بەك ياخشى بولار ئىكەن» دەپتۇ. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ تاكى پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقات بولۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغانغا قەدەر مەيلى ئۆيدە بولسۇن ياكى سەپەردە بولسۇن ئۇ بىرەر قېتىممۇ كېچىدە بالدۇر تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنى تاشلاپ قويمىدى، ناماز ئوقۇيتتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى، قۇرئاندىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئايەتلىرىنى ئاڭلىغان چېغىدا دادىسىغا ئوخشاشلا كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلەتتى. «ئۇبەيد ئىبنى ئۇمەير» مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى مەن ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرگە: «بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە «ئى مۇھەممەد!» سېنى بۇلارغا «يەنى ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا» گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھدىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ» دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ بەرسەم ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يىغلاپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا ساقاللىرى كۆز يېشى بىلەن ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. يەنە بىر كۈنى قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئولتۇرۇپ: «(ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چېغىدا تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چېغىدا كەم بېرىدۇ، ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ، ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ» دېگەن ئايەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ كۆز ياشلىرى گويا يامغۇردەك تۆكۈلگەن، ھەتتا تېنى كۆپ شۈركەنگەنلىكى ۋە كۆپ يىغلىغانلىقى سەۋەبىدىن ھوشىدىن كەتكەن.
ئۇنىڭ سېخىيلىقى، تەركى دۇنيالىقى، تەقۋادارلىقى، ئۆز-ئارا مۇجەسسەملىشىپ بۇ ئۇلۇغ ئىنساندىكى ئەڭ ئاجايىپ ئەخلاقى-پەزىلەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى، ئۇ سېخىي بولغاچقا كۆپ بېرىدۇ، تەقۋادار بولغاچقا ھالال، ياخشىنى بېرىدۇ، تەركى دۇنيا بولغاچقا سېخىيلىقنىڭ ئاقىۋەت كەمبەغەل قىلىپ قويۇشىغا پەرۋا قىلمايدۇ! ئۇ يېرىم ئۆمرىنى تىجارەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئوبدان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولغاچقا ئىقتىسادىي كىرىمى كۆپ كىشىلەردىن ھېسابلىناتتى، لېكىن ئۇ بۇ مال-مۈلۈكنى ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۈچۈن توپلىمايتتى، بەلكى كەمبەغەللەر، مىسكىنلەر ۋە تىلەمچىلەرگە سېخىيلىقى بىلەن ئەۋەتىپ بېرەتتى. «ئەييۇب ئىبنى ۋائىل راسىب» نىڭ ئۇنىڭ سېخىيلىق ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشىچە بىر كۈنى ئۇنىڭغا تۆت مىڭ دىرھەم (تەڭگە) بىلەن بىر دانە خورجۇن بېرىلگەن. ئىككىنچى كۈنىسى ئەييۇب ئىبنى ۋائىل ئۇنىڭ بازاردا ئۇلاقخانىسىغا يەم-خەشەك سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆيىدىكىلەردىن: «تۈنۈگۈن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە تۆت مىڭ دىرھەم بىلەن بىر خورجۇن بېرىلمىدىمۇ؟» دەپ سورىغان، ئۇلار: «شۇنداق، بېرىلدى» دەپ جاۋاب بېرىشكەن، بۇ چاغدا ئۇ: «مەن بۈگۈن ئۇنىڭ بازاردا ئۇلاقخانىسىغا يەم-خەشەك سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، يەنى يېنىدا پەقەت پۇل يوقلىقىنى كۆردۈمغۇ؟» دېگەندە، ئۇلار: «ئۇ ئۇ پۇللارنى ئەتىسى ئەتتىگەندىلا ھەممىنى تارقىتىۋەتتى، ئاندىن كېيىن خورجۇننى ئۆشنىسىگە ئارتىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى، كەلگەندە خورجۇنمۇ يوق قايتىپ كەپتۇ، ئۇنىڭدىن خورجۇننى سورىساق بىر كەمبەغەلگە بېرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى» دەپ جاۋاب بېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەييۇب ئىبنى ۋائىل چاۋاك چالغان پېتى بازارغا كېلىپ ئېگىز بىر يەرگە چىقىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئى سودىگەرلەر جامائەسى، سىلەر دۇنيانى يىغىپ نېمىمۇ قىلارسىلەر؟ مانا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە نەچچە مىڭ دىرھەم كېلىۋىدى، ھەممىنى باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىۋېتىپ ئەتىسى نامراتلىقىدىن ئۇلۇقىغا قەرزگە يەم-خەشەك ئالدى ئەمەسمۇ؟!!» دەپ نىدا قىلدى. شۇنداق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇستازى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب دادىسى بولغان بىر كىشى ئەلۋەتتە بۈيۈك ۋە ھەر قانداق بۈيۈككە تەڭداش بولىدۇ-دە..! شۈبھىسىزكى، تەركى دۇنيالىق تەقۋادارلىق ۋە سېخىيلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل خىسلەت ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە ھەقىقىي ئۈلگە يارىتىش، ياراملىق پەرزەنت تەربىيلەش شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىسىنى توختاتقان يەردە تۆگىسىنى توختاتقۇدەك دەرىجىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چوڭقۇر ئەگىشىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانلار، پەرزەنتلەر ئەمەس، ھەتتا، دۈشمەنلەرمۇ ھۆرمەتلەشكە مەجبۇر بولىدىغان ئاتىغا ۋاپادار بولغان، ھۆرمەتلەيدىغان ۋە سۆيۈنىدىغان بىر ئادەمنىڭ يەنى مۇشۇنداق پەيغەمبەر ۋە مۇشۇنداق ئاتىنىڭ تەربىيىسىدىكى بىر ئادەمنىڭ مال-دۇنياغا قۇل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مال-دۇنيا ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن كۆپلەپ كېلىپ تۇراتتى، ئەمما ئۇ قاراپمۇ قويمايتتى. ئۇ كەڭ قوللۇقى بىلەن مەغرۇرلانمايتتى، ياخشى نامغا ئېرىشىشنىمۇ كۆزلىمەيتتى، شۇنداق بولغاچقا مال-مۈلۈكنى مەخسۇس موھتاجلار ۋە كەمبەغەللەرگە بېرەتتى، ناھايىتى ئاز ۋاقىت ئۆزى يالغۇز غىزالىناتتى، چوقۇم يېتىم-يېسىرلار ياكى كەمبەغەللەر بىلەن بىللە تاماقلىناتتى، ئۇ زىياپەت بەرگەندە بايلارنى چاقىرىپ كەمبەغەللەرنى تاشلاپ قويىدىغان بەزى ئوغۇللىرىغا ئەزەلدىن كايىپ «توقلارنى چاقىرىپ ئاچلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟» دەيتتى. كەمبەغەللەر ئۇنىڭ مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ خەيرى-ئېھساننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنى كۆرۈپ ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلىشى ئۈچۈن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئۆتەر يولىدا ئولتۇراتتى، ئۇلار ئۇنى خۇددى ھەسەل-ھەرىلىرى شىرنىسىنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن گۈللەرنى ئورىۋالغاندەك ئورىۋالاتتى! ئۇنىڭ ئالدىدىكى مال-دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىن ئەمەس، بەلكى خىزمەتكارى ئىدى، مال-مۈلۈكنى ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن سەرپ ئېتەتتى. ئۇنىڭ مال-مۈلكىدە چوقۇم كەمبەغەللەرنىڭ مەلۇم نېسىۋىسى، بەلكى ئۆزى بىلەن تەڭداش نېسىۋىسى بولاتتى، ئۆزى ھەرگىز ئۇلاردىن ئالاھىدە بولىۋالمايتتى. ئۇنىڭ بۇنداق كەڭ قورساق، سېخىيلىقىغا ئۇنىڭ زاھىدلىقى سەۋەب بولغان ئىدى، ئۇ ھەرگىز دۇنيا ئۈچۈن جېنىنى تىكمەيتتى، بەلكى تېنىنى يۆگىگۈدەك كىيىم، جېنىنى ساقلىغۇدەك يېمەكلىك بولسىلا قانائەت قىلاتتى.
خۇراساندىن كەلگەن قېرىنداشلاردىن بىرى ئۇنىڭغا يۇمشاق، ئېسىل بىر تون سوۋغا قىلىپ: «بۇ كىيىمنى مەن سىلىگە خۇراساندىن ئېلىپ كەلدىم، ئۈستىلىرىدىكى مۇنۇ كونا كىيىمنى سېلىۋېتىپ بۇ يېڭى كىيىمنى كىيىۋالسىلا كۆڭلۈم ئارام تاپاتتى» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا: «ئەمىسە ماڭا كۆرسەتسىلە» دېگەن ۋە سىيپاپ كۆرۈپ: «بۇ يىپەكتىن تىكىلگەنمۇ؟» دەپ سورىغان، ھەمراھى: «ياق... پاختىدىن تىكىلگەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن تەڭلەپ: «ياق..مەن ئۆزۈمدىن ئەنسىرەيمەن، يەنى مېنى مۇتەكەببىر، ماختانچاق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئاللاھ ھەر قانداق مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن. بىر كۈنى بىر دوستى ئۇنىڭغا بىر نەرسە قاچىلانغان قاچىنى بەرگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭدىن نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا ئۇ دوستى: «بۇ مۇھىم دورا بولۇپ سىلى ئۈچۈن ئىراقتىن ئېلىپ كەلدىم» دەيدۇ، بۇ چاغدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: «قانداق قىلىدىغان دورا بۇ؟» دەپ سورىسا دوستى: «تاماق سىڭدۈرىدىغان دورا» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر كۈلۈمسىرەپ دوستىغا: «تاماق سىڭدۈرىدىغان؟ مەن 40 يىلدىن بۇيان تويۇپ تاماق يەپ باقمىدىم» دەيدۇ. 40 يىلدىن بۇيان تويۇپ تاماق يەپ باقمىغان بۇ ئادەم يوقسۇللۇقتىن ئەمەس بەلكى زاھىدلىق، تەقۋادارلىق قىلغانلىقتىن ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە دادىسىنى ئۈلگە قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان، ئۇ قىيامەت كۈنىدە «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتى دۇنيادا بەھرىمان بولۇپ تۈگەتتىڭلار» دېيىلىشتىن قورقاتتى، ئۆزىنى بۇ دۇنيادا پەقەت بىر مېھمان ۋە بىر يولۇچى دەپ ھېسابلايتتى، ئۇ ئۆزى توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن بۇيان خىشنى خىش ئۈستىگە قويۇپ باقمىدىم، ياكى بىرەر تۈپ خورما تىكىپ باقمىدىم». مەيمۇن ئىبنى مەھران مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭ ئۆيىدىكى يوتقان-كۆرپە قاتارلىق ھەممە نەرسىگە باھا قويۇپ باقسام 100 دىرھەمگىمۇ يارىمىدى..!!» بۇنداق بولۇشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ كەمبەغەللىكىدىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ باي ئىدى، ياكى بېخىللىقىدىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ ناھايىتى سېخىي ئىدى، بەلكى ئۇنىڭ تەقۋادارلىقى، ئاددىي-ساددىلىقى ۋە ساپدىللىقىدىن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيانى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكتىن تاشلىمىغانلىقىنى ئېيتاتتى ۋە قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ئىلتىجا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ، ئۆزلىرى بىلىلا، ئەگەر مەن سىلىدىن قورقمىغان بولسام قۇرەيش بىلەن بەستلىشىپ دۇنيانى تالىشىپ قولغا كەلتۈرگەن بولاتتىم». ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ پۇل-مېلى ۋە تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغان، باياشاتلىق ھەممە ئۆيگە، بەلكى ھەممە ئايۋان-سارايلارغا كىرگەن «ئۈمەۋى» دەۋىرىدە ياشىدى، شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئۇلۇغ شەخىس تەقۋادارلىق ۋە زاھىدلىق يولىدىن ئازىراقمۇ تايماي ھەيۋەتلىك تاغدەك مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇردى.
توغرا، پەرۋەدىگارىدىن قورقمىغان بولسا دۇنيانى ئەلۋەتتە يۇلۇپ ئېلىپ زەپەر قازانغۇچىلاردىن بولغان بولاتتى. بەلكى دۇنيا نازۇ-نېمەتلىرى ۋە تۈرلۈك گۈزەللىكلىرى بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ يۈرىۋاتقان تۇرسا ئۇنىڭ يۇلۇپ ئېلىشى ئۈچۈن ئاۋارە بولۇشنىڭمۇ كېرىكى يوق. بۇ چاغدا خەلىپىلىك مەنسىپىدىنمۇ گۈزەل، ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان يەنە بىر ئىش بارمۇ؟ گەرچە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە خەلىپە بولۇش تەلىپىنى بىر قانچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان، ھەتتا قوبۇل قىلمىسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان بولسىمۇ قەتئىي قوبۇل قىلمىغان، بەلكى تېخىمۇ رەت قىلىپ تۇرىۋالغان. ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئوسمان ئىبنى ئەففان قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلەر ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە: سىلى كىشىلەرنىڭ پىشۋاسى ھەم كىشىلەرنىڭ پىشۋاسىنىڭ ئوغلى، بۇياققا چىقسىلا، كىشىلەرنى سىلىگە بەيئەت قىلغۇزايلى دېدى. ئەمما ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق قىلسام مېنىڭ سەۋەبىم بىلەن بىر قوشۇق قانمۇ تۆكۈلمەيدۇ دەپ باھانە كۆرسەتتى، بۇ چاغدا ئۇلار تەھدىت سېلىپ: ياكى بۇياققا چىقسىلا، ياكى بىز سىلىنى جايىلىرىدىلا ئۆلتۈرىۋېتىمىز دېيىشتى، ئۇلار بۇ گەپنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى، ئۇنى قىزىقتۇرۇپمۇ باقتى، قورقۇتۇپمۇ باقتى، ئەمما ئۇ پەقەت قوبۇل قىلمىدى»!! كېيىن مەلۇم زامانلار ئۆتۈپ جاھاندا پىتنە-پاسات كۆپىيىشكە باشلىغاندىمۇ كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى ھەر دائىم ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردە ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن خەلىپىلىك مەنسىپىنى قوبۇل قىلىشىنى تەكرار-تەكرار تەلەپ قىلىشاتتى. بەزىدە توپلىشىپ بەيئەت قىلىش ئۈچۈن ئالدىلىرىغا كېلەتتى، لېكىن ئۇ داۋاملىق ئۇنىمايتتى. بۇنداق ئىزچىل رەت قىلىش ئۇنىڭغا بەزىدە تاپا-تەنە شەكىللەندۈرەتتى، لېكىن ئۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭ مەنتىقىسى ۋە داۋلىسى بار ئىدى: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئىشلار يامانلىشىپ كەتتى، ھەتتا زورىيىپ خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر گەرچە خەلىپىلىك مەنسىپىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ خەلىپىلىكنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ خەتەرلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى، لېكىن ھەممە مۇسۇلمانلار خەلىپە بولۇشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىشى كېرەك، يەنى ھەممە ئادەم ئورتاق كۈچ چىقىرىشى، پەقەت بىر ئادەمگىلا مەجبۇرىي ئارتىپ قويۇش توغرا ئەمەس دەپ قارايتتى.
ئەمما شۇ چاغلاردا ئۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، گەرچە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئىقتىدارى بولسىمۇ، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۇنى ياخشى كۆرسىمۇ ۋە ھۆرمەتلىسىمۇ، شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تۈرلۈك ئىختىلاپلار كۆپ بولغاچقا، ئۇلار تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئۆز-ئارا قىلىچ كۆتۈرىشىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان، شۇ ۋەجىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر شەرت قىلغان بۇنداق بىرلىشىشكە شارائىت تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ئىدى. بىر كۈنى بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئىچىدە سىلى ياخشى ئىش قىلمىدىلە» دېدى، بۇ چاغدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: «نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيلا؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكمىدىم، ئۇلارنىڭ جامائەسى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالمىدىم» دېدى. بۇ چاغدا ھېلقى ئادەم: «ئەگەر سىلى خەلىپىلىكنى ئىختىيار قىلغان بولسىلا ھېچكىم نارازى بولمايتتى» دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: «خەلىپە بولۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى. ھەتتا كۆپ ھادىسلەردىن كېيىن خەلىپىلىك ئورنى مۇئاۋىيەگە، ئاندىن ئوغلىغا يۈكلەنگەندىن كېيىن، ئوغلىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تەرك ئەتكەندىن كېيىنمۇ، ھەتتا شۇ كۈنگە قەدەرمۇ گەرچە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ياشىنىپ قالغان بوۋاي بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ خەلىپە بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى. مەرۋان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «قوللىرىنى چىقارسىلا، سىلىگە بەيئەت قىلايلى. چۈنكى سىلى ئەرەبلەرنىڭ پىشۋاسى، ھەم پىشۋاسىنىڭ ئوغلى» دېگەندە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا: «مەشرىق خەلقنى قانداق گەپكە كىرگۈزىمىز» دېۋىدى، مەرۋان: «بەيئەت قىلغانغا قەدەر ئۇرۇپ مەجبۇرلايمىز» دېدى، بۇ چاغدا ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى 70 ياشقا كىرىپ قالغان بۇ ھالىتىمدە مېنىڭ سەۋەبىم بىلەن بىر ئادەمنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن» دەپ رەت قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر «كىمكى نامازغا چاقىرسا بارىمەن، نىجادلىققا چاقىرسا بارىمەن، لېكىن مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە، ماك-مۈلۈكىنى تارتىۋېلىشقا چاقىرسا ياق دەيمەن» دېگەن سۆزلەرنى تۇرمۇش پروگراممىسى ۋە شوئارى قىلىپ مۇئاۋىيە جامائەسى بىلەن ئەلى جامائەسى ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق پىتنە-پاساتتىن ئۆزىنى تارتقان.
گەرچە شۇنچە كۈچلۈك ۋە جۈرئەتلىك بولسىمۇ تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ قوراللىق پىتنە-پاساتقا قاتناشمىغان، ھېچ تەرەپكە يان باسمىغان ئىدى. «ئەبۇل ئالىيەتۇل بەررا» مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر كۈنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ كەينىدە كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە «قىلىچلىرىنى بويۇنلىرىغا ئېسىۋېلىپ بىر-بىرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكەن ھالدا: ئى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، قوللىرىنى چىقارسىلا، بەيئەت قىلىمىز دېيىشكەن» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم». ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنىڭ بىر-بىرىنىڭ قوللىرى بىلەن ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چېغىدا ئازابتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتەتتى!! ئۇ، خۇددى بىز سۆزلىرىمىزنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك «ئۇخلاۋاتقان بىرەر مۆمىننى چۆچۈتۈپمۇ قويمىغان» ئادەم ئىدى، قولىدىن كەلسە ئۇرۇش قىلىشنى توسۇپ قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولسا ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتى، لېكىن ۋەزىيەت كۈچلۈك كېلىپ قالغاچقا ئۆزىنى بىر چەتكە ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ قەلبى، بەلكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ئىشەنچىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە ئىدى، ھەتتا ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە: «مەن دۇنيادا ئەلى بىلەن بىرلىكتە ھەددىدىن ئاشقان جامائە بىلەن ئۇرۇش قىلمىغاندىن باشقا، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ھېچ ئىشقا ئۆكۈنمەيمەن» دېگەن. ئۇنىڭ ھەقىقەت ئۇ تەرەپتە بولغان ئىمام ئەلى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلىشى قاچقانلىقتىن ياكى ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىختىلاپ، پىتنە-پاساتنى يوقىتىش، مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلار بىر-بىرىگە ئورا كولايدىغان ئۇرۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.«نافى» ئۇنىڭدىن «ئى ئابدۇراھماننىڭ ئاتىسى، ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلى، سىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى، سىلى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ زات، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئەلىگە ياردەم بېرىپ بىرلىكتە ئۇرۇش قىلمايدىلا؟» دەپ سورىغاندا ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى ئىدىيىسىنى ئېنىق ئاشكارلاپ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ئاللاھنىڭ مۇسۇلماننىڭ قېنىنى مۇسۇلمانغا ھارام قىلىشى مېنى توسۇپ قويدى، چۈنكى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار». مانا بىز شۇنداق قىلدۇق، ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇشتۇق. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە نېمە دەپ ئۇرۇشىمىز؟! ئىلگىرى كەبىنى بۇ تۈۋرۈكتىن تاكى ئۇ تۈۋرۈككىچە بۇتلار قاپلاپ كەتكەندە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشتۇم، ئاخىرى ئاللاھ تائالا بۇ بۇتلارنى ئەرەب زېمىنىدىن يوقاتتى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ بەرھەق يوق» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەر بىلەن ئۇرۇشىمەنمۇ؟!»
ئۇ ئەنە شۇنداق قارايتتى، ئەنە شۇنداق چۈشىنەتتى. ئۇنداقتا ئۇ قاچقانلىقتىن ياكى سەلبىي پوزىتسىيىدە بولغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلىپ قويۇشنى رەت قىلىنغانلىقتىن، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا قىلىچ كۆتۈرۈشتىن ساقلانغانلىقتىن، ئۇرۇش قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشمىغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ دۇنيانىڭ ئىشىكلىرى مۇسۇلمانلارغا ئېچىلغان، مال-مۈلۈكلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان، تۈرلۈك مەنسەپ-خىزمەتلەر كۆپىيىپ ئارزۇ-ئارمانلار چوڭايغان كۈنلەردىمۇ ياشىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئاجايىپ روھى ئىقتىدارى بىلەن زاماننى ئۆزگەرتىپ ئارزۇ-ئارمانلار كۆپ بولغان، مال-مۈلۈككە بېرىلىدىغان، پىتنە-پاسات كۆپەيگەن ئاشۇنداق بىر دەۋىرنى تەقۋادارلىق، پەرھىزكارلىق ۋە تىنچلىق دەۋىرىگە ئايلاندۇردى، پۈتۈن ئىشەنچىسى، ئالىيجانابلىقى، تەقۋادارلىقى بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ ياشىدى، ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپلا ئىسلام دىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە تەربىيلىگەن خاراكتېرىدە نام-شۆھرەتكە بېرىلىشى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمىدى، باياشاتلىق، گۈزەللىك، خۇشاللىق، بايلىق دەۋىرىنىڭ تۈرلۈك كۈشكۈرتۈش، ئېزىقتۇرۇش، قىزىقتۇرۇش قايناملىرى ئىچىدىمۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر پەرۋاسىز ھالدا، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ روھىنى تەربىيلەش بىلەن مەشغۇل ئىدى. دەرۋەقە، ئۇ ئۆزى ئۈمىد قىلىدىغان بىر قىسىم ئۇلۇغ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ھەتتا ئۇنىڭ زامانداشلىرى ئۇنى تەرىپلەپ: «ئۆمەرنىڭ ئوغلى ۋاپات بولدى، ئۇ پەزىلەت جەھەتتە ئۆمەرگە ئوخشاش ئىدى» دېيىشەتتى، ئۇلار يەنە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىدىن ھەيران قالغان چاغلىرىدا ئۇنى بۈيۈك دادىسى ئۆمەرگە سېلىشتۇرۇپ: «ئۆمەرنىڭ ئۇ زامانىسىدا تەڭداشلىرى بار ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ تەڭدىشى يوق» دېيىشەتتى!! گەرچە بۇنداق ماختاش مۇبالىغە قىلغانلىق بولسىمۇ ئۇ بۇنىڭغا ھەقلىق، لېكىن ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى ھېچكىمگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ، ھەر قانداق بىر دەۋىردە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرسىنىڭ مەيدنغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ھىجرىينىڭ 73-يىلى (يەنى 693-يىلى) قۇياش غەرب تەرەپكە مايىللاشتى، ئەبەدىيلىك كېمىلىرىنىڭ بىرى يەلكەنلىرىنى ئېچىپ، مەككە بىلەن مەدىنىنىڭ ۋەھىي دەۋىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ تېنىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئاللاھ دەرگاھىغا قاراپ يول ئالدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 20

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 609 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-09