فارادېي

قەھرىۋانىڭ سۈركىلىشىدىن توك ھاسىل بولىدىغانلىقى، ماگنىت رۇدىسىنىڭ مېتالىنى تارتىدىغانلىقى كىشىلەرگە بۇرۇنلا مەلۇم بولغان ئىككى خىل ھادىسە. ئۇنداق بولسا، كېيىن كىم «توك» بىلەن «ماگنىت» نى بىر -بىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئەڭ يېقىن ھەمراھ قىلىپ قويدى؟ ئۇ بولسىمۇ مەشھۇر «ئېلېكتىر ئىلمى پېشۋاسى» فارادېيدۇر.
فارادېي 1791-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەنگلىيىدىكى لوندوندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى تۆمۈرچى بولۇپ، كىرىمى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى تەسلىكتە قامدايتتى. فارادېينىڭ ئوقۇشقا شارائىتى يوق بولۇپ، «ھۈنەرۋەننىڭ ئوغلى ئاز-تولا ھۈنەر ئۆگۈنۈپ كەلگۈسىدە قوسىغىنى باقالىسىلا بولدى» -مانا بۇ فارادېينىڭ دادىسىنىڭ دائىم ئويلايدىغان ئويى ئىدى.
شۇڭا فارادېي 12 يېشىدىلا بىر كىتاپخانىغا شاگىرتلىققا كىرىدۇ. ئۇ دەسلەپ خوجايىنغا گېزىت توشۇپ بېرىدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن تۈپلەش ئىشىنى ئۆگىنىشكە ئۆتىدۇ.
فارادېي مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا كىرىپ باقمىغان كەمبەغەل بالا ئىدى. ئۇ كىتاپخانىغا كىرگەندىن كېيىن ، گويا بىلىم دېڭىزىغا كىرىپ قالغاندەك بولىدۇ، ئۇ ھەممىلا كىتاپنى دېگۈدەك ياخشى كۆرىدۇ، ھەممىلا كىتابنى ئوقۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزلىكىدىن بېرىلىپ ئۆگىنىپ، ئاستا-ئاستا بەزى ئاددىيراق كىتاپلارنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ. بىر قېتىم ، قامۇسنى تۈپلەۋاتقاندا، ئۇنىڭدىكى ئېلېكتىرشۇناسلىققا ئائىت بىر ماقالىنى كۆرۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭدا نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىنى ئۇ پەقەت ئۇقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر خىل قىزىقىش ئۇنى ئېلېكتىرشۇناسلىقنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئېلېكتىرشۇناسلىققا قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇ ئېلېكتىرشۇناسلىققا ئائىت نۇرغۇن كىتاپلارنى تۈپلەپ، دادىللىق بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. خوجايىن ئۇنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ دۇكاندىكى كىتاپلارنى خالىغانچە كۆرىشىگە ماقۇل بولىدۇ.
بىر كۈنى فارادېي  كىتاپخانىدىن "تەجرىبە خېمىيىسى"دېگەن كىتاپنى تېپىۋالىدۇ. باشتا ئۇنى پەرۋاسىزلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، لېكىن بۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئۇنى تېزلا ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. ئىككىنچى كۈنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەتتە تېجەپ قالغان ئازغىنە پۇلىغا بىر نەچچە تەجرىبە ئەسۋابى سېتىۋېلىپ، كىتاپتا ئېيتىلغىنى بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەجرىبە قىلىدۇ،  ئىشلىگەنسېرى قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ.
1810-يىلى ئەتىيازدا، فارادېي  كوچىدا مۇنداق بىر ئېلاننى كۆرۈپ قالىدۇ: «دوساي كوچىسى» 53-قورودا، ھەر كۈنى كەچ سائەت 6 دە، ئالىم تاتلىن ئەپەندى تەبئىي پەندىن دەرىس بېرىدۇ. ئاڭلىغۇچىلار بولسا، ھەر كۈنى كەچتە بىر شىللىڭ (ئەنگىلىيە قەغەز پۇلى) ھەق تاپشۇرىدۇ». بىر كىتاپ تۈپلىگۈچىنىڭ پۇل تۆلەپ دەرس ئاڭلىشى مۇمكىنمۇ؟ فارادېي  ئۆزىنىڭ ئويىنى دادىللىق بىلەن خوجايىن لىپوغا ئېيتىدۇ. لىپو: «ھالىڭغا باقماي ئىش قىلىدىكەنسەن» دەيدۇ . شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ماقۇل بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ يەنە ئاكىسىنىڭمۇ  ياردىمىگە ئىگە بولىدۇ-دە، دەرس ئاڭلاش بېلىتىدىن بىر نەچچىنى سېتىۋالىدۇ.
ئۇ ھەر كۈنى كەچتە ئاڭلىغان بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ خاتىرلىۋېلىپ ، ئۆيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن قايتىدىن رەتلەپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا، ئۇ يەنە فرانسىيىلىك رەسسام ماسكىلنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، تەكشى كۆرۈنۈش ۋە كۆلەڭگە كۆرۈنۈشلەرنى سىزىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
فارادېي 22 يېشىدا، بىر كىتاپ ئالغۇچىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن، پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە بېرىپ مەشھۇر ئالىم دېۋىد ئەپەندىنىڭ خىمىيىدىن بەرگەن لېكسىيىسىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ. دەل شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنى ئىلىم-پەن يولىغا ئاتاش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇ داۋاملىق ئىلگىرلەش ئۈچۈن، دادىللىق بىلەن دېۋىد ئەپەندىگە خەت يازىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاڭلىغان لېكسىيىسىدىن يازغان خاتىرىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، ئۇ ئۆز خېتىدە ئىلىم -پەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ۋە پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىدە بىر كىشلىك خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنى ، مەن ئەمدىلا كىتاپخانىدىكى شاگىرتلىقتىن چىققان ئادەم، دېۋىد ئەپەندى جاۋاپ خەت يازماسلىقى مۇمكىن، دەپ ئويلايدۇ، ئەمما، 1812-يىلى 10-ئايدا دېۋىد ئەپەندى ئۇنىڭغا جاۋاپ خەت يازىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. فارادېي ھاياجان ئىچىدە دېۋىد ئەپەندىنى زىيارەت قىلىدۇ1813-يىلى 3-ئايدا، فارادېي پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەجرىبىخانىسىغا ياردەمچى بولۇپ كىرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، فارادېي يەتتە يىللىق كىتاپ تۈپلەش ھاياتىنى تاماملاپ، ئىلىم -پەن تەتقىقاتىنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويىدۇ.
فارادېي دېۋىدنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شۇ يىلى 10-ئايدا، دېۋىد ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىپ لېكسىيە ئوقۇشى ۋە ساياھەت قىلىشىغا ھەمراھ بولىدۇ، ئۇلار بىر يېرىم يىل داۋامىدا فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنى ئارىلاپ چىقىدۇ. فارادېينىڭ دېۋىدگە ھەمراھ بولۇپ چەتئەلگە چىقىشى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى سەرگۈزەشتە بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىلىمى ئېشىپ، نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ ئىلىم-پەن جەھەتتىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى بىر چېنىقىش ۋە ئۆسۈش بولىدۇ. دېۋىد لېكسىيە ئوقۇش داۋامىدا نۇرغۇن قېتىم دوكلاتلار بېرىدۇ، فارادېي بۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. فارادېي يەنە نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەرنى ئىشلىشىپ بېرىپ مول ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولىدۇ.
فارادېي 1815-يىلى 4-ئايدا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال جىددىي ئىلمىي تەتقىقات ئىشىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. 1819-يىلى دانىيە كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ئېستېد توكنىڭ كومپاسقا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايقايدۇ1820-يىلى پروفېسسور دېۋىد يەنە پولات بىلەن تۆمۈر توك ئۆتكۈزۈلگەن سىم بىلەن ئورالغاندا ماگنىتقا ئايلىنىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ؛ ئىككىنچى يىلى فارادېي تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئېلېكتىر سىمى ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانىدا تۇرغان چاغدا ماگنىت مەيدانى ياكى توكنىڭ بىر-بىرىگە ئالمىشىشى ئارقىسىدا، ئايلىنىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ، كېيىن پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتى كۈچلۈك ماگنىت رۇدىسى بىلەن تەجرىبە قىلغاندىمۇ يۇقىرىدىكى ئەھۋال دەلىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىندۇكسىيىلىك توكنىڭ تېپىلغانلىقى دەللىلىنىدۇ . بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى سانسىزلىغان كىشىلەر قالتىس ماختايدۇ، فارادېينىڭ كەشپىياتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆچمەس تۆھپە بولۇپ قالىدۇ. 1822-يىلى، فارادېي ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە «ماگنىتنى توكقا ئايلاندۇرۇش» دېگەن سۆزنى يازىدۇ. ئۆزىگە مۇنداق بىر مەسىلىنى قويىدۇ: توك ئۆتكۈزۈش بىلەن ماگنىت ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەنۇ، نېمە ئۈچۈن ئېلېكتىر ماگنىت بىلەن توك ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ؟ ماگنىت بىر خىل پۈتمەس-تۈگمەس نەرسە، ماگنىت توكقا ئايلاندۇرۇلسا، نېمىدىگەن زور تۆھپە بولاتتى ھە! ئۇ چاغدا، توك ئالىملارنىڭ تەجرىبىخانىدىلا ئىشلىتىدىغان نەرسە بولاتتى، ئۇنىڭ ئادەملەرنىڭ  تۇرمۇشى بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بولىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم ئىدى. ۋاھالەنكى، فارادېي كىشىلەر مېڭىپ باقمىغان يولدا ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. ئۇ دادىللىق بىلەن ماگنىت ۋە توكنىڭ سىرىنى ئېچىشقا تىرىشىدۇ.
فارادېي توك بىلەن ماگنىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ ماگنىت تاياقچىسىنى بىر ئورام مىس سىمنىڭ ئىچىگە ئورنىتىدۇ. ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە چىقمايدۇ، ئۇ يەنە توك ئۆتكۈزۈلگەن بىر تال تۆمۈر سىمنى توك ئۆتكۈزۈلمىگەن تۆمۈر سىمنىڭ يېنىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئاندىن يوغان بىر تال ماگنىت تاياقنى ئېلىپ سىم بىلەن ماگنىتنىڭ ئۇچرىشىش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە سىمدا يەنىلا توك ھاسىل بولمايدۇ. سان-ساناقسىز تەجرىبىلەر مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ماگنىت بىلەن توك ئوتتۇرىسىدىكى مۇئەييەن مۇناسىۋەتنى چۈشىنىدۇ: «توك بار چاغدا، تۆمۈر سىم ماگنىتقا ئايلىنىدۇ؛ توك توختىغاندا ، ماگنىتنىڭ كۈچى تۈگەيدۇ». ئۇ بۇ ھادىسە ئۈستىدە قاتتىق باش قاتۇرۇپ، گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمەي قالىدۇ.
1831-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، فارادېي 8.5 سۇڭ ئۇزۇنلۇقتىكى ، 4.3 سۇڭ قېلىنلىقتىكى بىر دۈگلەك ماگنىت تۇلۇقچىنى تەييارلايدۇ، 220 چى ئۇزۇنلۇقتىكى مىس سىمنى ئىچى كاۋاك بىر غالتەككە ئوراپ، مىس سىمنىڭ بىر ئۇچىنى  گالۋانومېتىرغا ئۇلاپ قويىدۇ، بۇ چاغدا مىس سىمغا توك ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ئۇ يەنە ماگنىت تۇلۇقچىنىڭ بىر ئۇچىنى مىس سىمغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. گالۋانومېتىرنىڭ ئىستىرىلكىسى مىدىرلىمايدۇ، لېكىن ئۇ ماگنىت تۇلۇقچىنى پۈتۈنلەي مىس سىمنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتكەندە، گالۋانومېتىرنىڭ ئىستىرىلكىسى بىردىنلا مىدىرلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەررۇ ماگنىت تۇلۇقچىنى چىقىرۋالغاندا، گالۋانومېتىرنىڭ ئىستىرىلكىسى پۇلاڭلاپ كېتىدۇ.
«توك ئىندۇكسىيىلىك ئۇسۇل بىلەن مەيدانغا كەلدى». بۇ تەجرىبىنىڭ ئىلگىرىكىلەردىن نېمە پەرقى بار ئىدى؟ ئەمدىلىكتە ماگنىت تۇلۇقچە بىلەن مىس سىم ئوتتۇرىسىدا ھەرىكەتلىنىش بولدى، ئىلگىرى ھەرىكەتلىنىش بولمىغان ئىدى. ئۇ: «ئىندۇكسىيىلىك توك ھاسىل قىلىنىشتا ھەرىكەت زۆرۈرى شەرتتۇر» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. بۇ تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، ئۇ 40 ياشقا كىرگەن ئادەم بولسىمۇ، لېكىن تەجرىبىخانىدا بالىلاردەك سەكرەپ كېتىدۇ. كۆپ ئۆتمەي، ئۇ يەنە ھەرىكەتنىڭ نېمە ئۈچۈن زۆرۆرى شەرت بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ: «ماگنىت كۈچ سىزىقلىرى، مېتالنى كېسىپ ئۆتكەندە ئاندىن ئىندۇكسىيىلىك توك ھاسىل بولىدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىدۇ. فارادېينىڭ بۇ تارىخىي كەشپىياتى- بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئېلېكتىر -ماگنىتشۇناسلىق ئىلمىمىزنىڭ ئاساسى، بۈگۈنكى بارلىق گېنېراتور، موتور ۋە بارلىق ئېلېكتىر ئىستانسسىنىڭ ئاساسى. كېيىن ئۇ يەنە توك ئۆتكۈزۈلگەن ۋە توك ئۆتكۈزۈلمىگەن تۆمۈر سىم بىلەن تەجرىبە قىلىدۇ. باتارىيىدىكى ۋە ئۆتكۈزگۈچ سىمدىكى توك كۈچىنى ئاشۇرۇپ ناھايىتى ئىنچىكە تۆمۈر تاياقچىنى ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا تۇتاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توك ئۆتكۈزۈلگەن چاغدا، تۆمۈر تاياقچە بىلەن ئۆتكۈزگۈچ سىم تۇتاشقان جايدىن ئازغىنە ئوت ئۇچقىنى چىقىدۇ، بۇ ئازغىنە ئوت ئۇچقۇنى ئېلېكتىر چىرىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تۆرەلمىسى ئىدى. دەرۋەقە، بۇ ئازغىنە ئۇچقۇن فارادېينىڭ نەزىرىدە ئەمدىلا كۆتىرىلگەن قۇياش ئىدى، چۈنكى فارادېي ئۆتكۈزگۈچ سىمدا ھاسىل بولغىنى ھەقىقي توك ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى! فارادېي ھەقىقىي توكنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، بىر يېڭى گېنېراتور ئىشلەش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ بىر مىس دېسكىنى تۇراقلىق ماگنىتنىڭ ئىككى قۇتۇبىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، مىس دېسكىنىڭ چۆرىسگە نۇرغۇن مىس چىۋىق ۋە قوغۇشۇن چىۋىقلارنى چاپلاپ قويىدۇ، ئاندىن كېيىن گالۋانومېتىرنى مىس دېسكىغا ئۇلاپ قويىدۇ، مىس دېسكا ئايلانغاندىن كېيىن، گالۋانومېتىرنىڭ ئىستىرىلكىسى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردا توك ھاسىل بولىدۇ. مانا بۇ ئەڭ دەسلەپكى گېنېراتور ئىدى.
فارادېيىنىڭ ئېلېكتىر ھەققىدە قوشقان تۆھپىسى كۆپ تەرەپلىمە ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا بىر مۇنچە ئالىملار ئېلېكتىرنىڭ تۈرىنى بەس-بەس بىلەن مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۆزى تەجرىبە قىلىپ باقمىغان، فارادېي ھاردىم-تالدىم دېمەي، مەنبەلىرى ھەر-خىل بولغان ئېلېكتىرنى تەجرىبە قىلىپ، ئاخىرى: «ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ خاراكتېرى ھامان ئوخشاش بولىدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىدۇ. ئۇ يەنە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، «سۇدا ئېرىيدىغان قاتتىق جىسىملار سۇيۇق ھالەتتە تۇرغىنىدا ئۆتكۈزگۈچ ماددا بولىدۇ، قاتتىق ھالەتتە تۇرغىنىدا غەيرى ئۆتكۈزگۈچ ماددا بولىدۇ» دېگەن قانۇننى يەكۈنلەپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە ئېلېكتىرنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ۋە ۋولت مېتىرنى كەشىپ قىلىدۇ.

فارادېينىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەر قايسى ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئىگە بولىدۇ، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇنىڭغا ئىلمىي ئۇنۋان ۋە مۇكاپات تەقدىم قىلىدۇ، لېكىن فارادېي ھەرگىز خىزمەت كۆرسەتتىم دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. ئۇ پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەشنى ئىككى قېتىم رەھمەت ئېيتىپ رەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزىگە بېرىلگەن ئۇنۋاننىمۇ رەت قىلىدۇ. ئۇ مەڭگۈ تىرىشىپ ئىشلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىدىغان ئادەم بولۇپ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشلا ئۇنى خوشال قىلاتتى ۋە مەمنۇن قىلاتتى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە، ئۇ ئېسىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويغۇدەك ھالەتكە يەتكەندە، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن كىتاپلىرىدىن مۇھىم نۇقتىلارنى ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن، يېزىپ تامغا چاپلاپ قويغان. 1867-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇ كۈتۈپخانىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىۋېتىپ، جىملا نەپەستىن توختاپ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىدۇ.
فارادېي ھايات ۋاقتىدا مۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى: «ئالىم ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ماھىر بولۇشى، ئەمما ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك. ئالىم كۆرۈنۈشتىكى ھادىسىلەرگە قاراپلا بىر تەرەپلىمە مەيداندا تۇرۇپ قالماسلىقى لازىم. ئۇ دەسلەپكى كۆز قاراشقا ئېسىلۋېلىپ قىياس قىلماسلىقى، ھېچقانداق ئىلمىي ئېقىمغا مەنسۇپ بولماسلىقى، ھەر قانداق نوپۇزغا چوقۇنماسلىقى لازىم. ئۇ شەخسكە چوقۇنغۇچىلاردىن بولماسلىقى، بەلكى شەيئىگە چوقۇنغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزلىنىش ئۇنىڭ بىردىن-بىر نىشانى بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ پەزىلەتنىڭ ئۈستىگە جاپاغا چىداپ تىرىشىش روھى قوشۇلسا، ئۇ تەبىئەت دۇنياسى سارىيىنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ قىلغان ئارزۇسىغا يېتەلىشى مۇمكىن». بۇ سۆزلەر دەل فارادېينىڭ ھاياتىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى، بۇ بىز ئۈچۈنمۇ ئاجايىپ ئىلھام ئەمەسمۇ ؟

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 495 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 8قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-07