جۇل


James Prescott JouleJames Prescott Joule
فىزىكىدا ئېنىرگىيە بىرلىگىنىڭ جۇل دەپ ئاتىلدىغانلىقىنى بىر خىل ئاددىي ساۋات دىيىشى مۇمكىن، لېكىن نېمە ئۈچۈن جۇل دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىنى ھەممە كىشىنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن. جۇل-ئەنگلىيىنىڭ مانچېستىر شەھرىدىكى بىر ھاراق زاۋۇتى باشلىقىنىڭ ئوغلى، ئۇ 1818-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا فىزىكىغا ھەۋەس قىلغان. ئۇنىڭ ئۇستازى ئاتاقلىق خېمىك-دالتون ئىدى. جۇل ياشلىق دەۋرىدە، دادىسىنىڭ ھاراق زاۋۇتىنىڭ ئىشىغا قاتناشقاندىن باشقا، قالغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى فىزىكا تەتقىقاتىغا سەرپ قىلغان. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىمۇ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىمۇ ئوقۇشتا ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلىكى، غەيرىتىنىڭ زورلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۇ ئۆز ئۇستازى دالتۇننىڭ ھەر بىر تەجرىبىسىنى ۋە ھەر بىر تەلىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغان. تەتقىق قىلىنىدىغان ھەر بىر فىزىكىلىق ھادىسىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ سىرىنى ئاچمىغىچە ھەرگىز توختىماسلىقتەك ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارغان. شۇڭا ئۇ ياش تۇرۇپلا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەربابلاردىن بولۇپ قالغان.
جۇل ئېنىرگىيە يوقالمايدۇ دېگەن تەلىماتىنى دەلىللەپ  بەرگەن. كېيىن يەنە ئىسىقلىقنىڭ ئېشىش ئېكۋىۋالېنتىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئېنىق بەلگىلىگەن. بۇ- فىزىكىدىكى ناھايىتى مۇھىم بولغان تۇراقلىق سانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق تەجرىبە قىلىدۇ: بىر پالاقنى ئېلىپ ، ئۇنى سۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ  ئايلاندۇرىدۇ، بىر پەس ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، سۇ ئىسىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن توغرا ئۇسۇل بىلەن، سۇنىڭ ئىسىشىغا كەتكەن ۋاقىتنى ھېسابلاپ چىقىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سۇدا پەيدا بولغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. نۇرغۇن قېتىم قايتا-قايتا سىناق قىلىش ۋە ھېسابلاش ئارقىسىدا مۇئەييەن مىقداردىكى  ئىشتىن ھاسىل بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. مانا بۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردىن بېرى ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئىسسىقلىقنىڭ ئىش ئېكۋىۋالېنتى ۋە ساقلىنىش قانۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جۇل مۇشۇنداق مۇھىم فورمىلىنى تاپقانلىقى ئۈچۈن، ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان1852-يىلى ئالتۇن نۇر چاقناپ تۇرغان مېدالغا ئىگە بولغان. بۇنداق شان-شۆھرەتنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، ئۇ تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلىم-پەن داغدام يولىغا قەدەم تاشلىغان.
1840-1843-يىللىرى، ئۇ ئىنتايىن نازۇك تەجرىبىلەر ئارقىلىق توك ئېقىمىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ جىسمىدىن ئۆتۈپ ھاسىل قىلغان ئىسىقلىقى بىلەن توك ئېقىمىنىڭ كۋادىراتى، ئۆتكۈزگۈچ جىسىمنىڭ قارشىلىق كۈچى بىلەن توكنىڭ ئۆتۈش ۋاقتى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، دېگەن قانۇنىيەتنى تاپقان. بۇ تېئورمىنىڭ مەيدانغا كېلىشى توك ئىلمىنى يەنە زور بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەتتى. كىشىلەر ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئېنېرگىيىنىڭ بىرلىگىنى جۇل دەپ ئاتايدىغان بولدى.
بۇ ئۇلۇغ فىزىك 1889-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 70يېشىدا ۋاپات بولدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 673 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-26