ئابلىكىم ئابدۇرېشىت


ئابلىكىم ئابدۇرېشىتئابلىكىم ئابدۇرېشىت

ئابلىكىم ئابدۇرېشىت 1958–يىل 11–ئاينىڭ 7–كۈنى ئاتۇشنىڭ كاتتايلاق يېزىسىدا تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدىلا، ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ، باشلانغۇچ –ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ئۇ تەنتەربىيەگە قىزىققاچقا، ئالىي مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە كەسپىگە ئىمتىھان بەرگەن. 1983–يىلى شىئەن تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ يېنىك ئاتلىتكا كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. 1994–يىلى تەنتەربىيە ئىدارىسى تارمىقىدا بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە بۇ مەركەز قۇرۇلغاندا بۇ مەركەزنىڭ ترېنېرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2002 –يىلى 10–ئايدىن باشلاپ مۇدىرى بولغان. ئۇ كەسىپكە پىششىق، باشقۇرۇشقا ماھىر بولغانلىقتىن، بوكس كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ سەۋىيەسى تېز ئۆسۈپ، كوماندا جۇڭگودىكى داڭدار كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 2000–يىلى ئابدۇراھمان ئابلىكىم ئاسىيا چېمپىيونىلىق سالاھىيىتى بىلەن سىدنېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئۇدا تۆت قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگودىن ئون بوكس ماھىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىنلا ئۈچ تەنھەرىكەتچى تاللانغان. ھازىرغىچە شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن 20 ماھىر دۆلەت بوكس كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان. بۇ مەركەزنىڭ بوكسچىلىرى دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى بىر قاتار مۇھىم مۇسابىقىلەردە 60 تىن ئارتۇق ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن. ئابلىكىم ئابدۇرېشىت 1998–يىلى دۆلەت كادىرلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سېپىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 2000–يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس بولۇپ بېكىتىلگەن. 2006–يىلى جۇڭگو بوكسچىلار جەمئىيىتى ئۇنىڭغا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى بەرگەن. 2008–يىلى گوۋۇيۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە «بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە زور تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى»، ئابلىكىم ئابدۇرېشىتقا«بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان شەخس مۇكاپاتى» بەرگەن. شۇ يىلى ئۇ يەنە «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 2009–يىلى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2010–يىلى مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولغان. 2012–يىلى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇڭگو بوكسچىلىقىغا ئالاھىدە زور تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى» بېرىلگەن. 2012-يىلى، ئابدۇراخمان، قانات ئىسلام، مەمەتتۇرسۇن چوڭ، نىجات قاتارلىق كۆپلىگەن ئولېمپىك ماھىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئابلىكىم ئابدۇرېشىت كېسەل سەۋەبىدىن 54 يېشىدا ئۈرۈمچىدە قازا قىلدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 849 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-05