مورىس


مورىسمورىس

مورىس ئەسلىدە ئامېرىكىلىق بىر كەمبەغەل رەسسام بولۇپ، توك ئىلمى جەھەتتە تامامەن كەسپ ئەھلى ئەمەس ئىدى؛ لېكىن ئۇ كېيىن تېلېگرامما ئاپپاراتىنى كەشپ قىلغۇچى بولۇپ قالدى. مورىس 1791-يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكىدىكى ماسىنچلېستاندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ماسساچۇسېت شتاتىدىكى بىر پوپ بولۇپ، ئائىلە تۇرمۇشى ئانچە ئەمەس ئىدى. ئۇ 14 يېشىدا يېرو ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ رەسساملىقنى ئۆگەنگەن. 19 يېشىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شۇنىڭدىن باشلاپ رەسىم سىزىپ سېتىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان، كۆپ ئۆتمەي داڭلىق رەسسام بولۇپ قالغان. رەسساملىق جەھەتتە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، 1814-يىلى ئەنگلىيىدىكى لوندونغا بېرىپ ئوقۇغان، ئۇ ئەنگلىيىدە پۈتۈن زېھنى بىلەن 4 يىل رەسساملىق قىلىپ، ناھايىتى زور ئابروي قازىنىدۇ، لېكىن يەنىلا نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇ 1815-يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1826-يىلدىن 1842-يىلىغىچە مەملىكەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولىدۇ. 1829-يىلى ئۇ ياۋروپا ئەللىرىنى ساياھەت قىلىشنى باشلايدۇ، 3 يىلدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە ئېلېكتىرشۇناس دوكتۇر جاكسۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. بۇ ئالىم پارىژدىن بىر پارچە ئېلېكتىر ماگنىتنى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن، ئۇ مورىسقا فرانسىيە ئېلېكتىرشۇناس ئامپېرنىڭ ئېلېكتىرو ماگنىت ئۈستىدە قىلغان تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ ھال مورىسنى ناھايىتى قاتتىق قىزىقتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋىرىدە مەكتەپتە فىزىكا ئۆگەنگەن چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەيدۇ، ئۇ: «توك كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆتۈپ بولىدىكەن، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن توكنى خەۋەرلىشىشكە خىزمەت قىلدۇرغىلى بولمايدۇ؟ ئەگەر بىرەر تېلېگرامما ئاپپاراتى ياساپ كۈر مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى كىشىلەرنىڭ پىكىرى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىر-بىرىگە يەتكۈزۈلىسە، بۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى ئۈچۈن جەزمەن ناھايىتى زور تۆھپە بولغان بولاتتى، دەپ ئويلايدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، مورىس رەسساملىق قىلمايدۇ، ئۇنىڭ خاتىرە دەپتەرلىرىگە ئەمدى قانداقتۇر رەسساملىق توغرىسىدىكى خاتىرلەر ۋە تەسىراتلار ئەمەس، بەلكى تېلېگراف ئاپپاراتىنىڭ زاپچاسلىرى سىزىلىدىغان بولىدۇ. مورىس رەسساملىقنى تاشلاپ، مەخسۇس تېلېگرامما ئاپپاراتىنى ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانسا قىيىنچىلىق ناھايىتى كۆپ بولاتتى. ئەگەر رەسىم سىزمىسا، ئۇنىڭغا كىرىممۇ يوق ئىدى. كىممۇ ئاچ قورساق يۈرۈپ كەشپىيات-ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالىسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭدا پەننىي بىلىم كەم ئىدى، ماشىنا ئىشلەش تېخنىكىسىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى، ئەمما ئۇ بۇ توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە بەل باغلايدۇ، قوساق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسساملىق پروفېسسورى بولىدۇ؛ ئېلېكتىرشۇناسلىق بىلىمى بولمىغاچقا، ئۇنى بېرىلىپ ئۆگىنىدۇ. ئۇ كاتتا ئېلېكتىرشۇناس ھېنرىنى ئۇستاز قىلىپ، دەرسنىڭ سىرتىدىكى پۈتۈن ۋاقتىنى ئېلېكتىرشۇناسلىق ئىلمىنى ئۆگىنىشكە قارىتىدۇ. ئۇ ناھايىتى تېزلا بىر ئېلېكتىر ماگنىتنى ياساپ چىقىپ بىر خىل رەلەنى كەشپ قىلىدۇ. بۇ نەرسە يىراقتىن كەلگەن توكنىڭ ئاجىزلىقىنى كۈچەيتىپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا، كاپتالىستىك سودا-سانائەتنىڭ تەرەققىياتى بىر خىل تېز ھەم ئىشەنچلىك خەۋەرلىشىش ئۇسۇلىغا موھتاج ئىدى. 1837-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى مالىيە مىنىستىرلىگى مەملىكەت ئىچىدە تېلېگرامما تورىنى ئورنىتىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى تاپشۇرىدۇ. بۇ خەۋەر مورىسقا ناھايىتى زور ئىلھام بولىدۇ، ئۇ دەرھاللا، مېخانىزىم جەھەتتە تالانتى بولغان ۋانرى دېگەن بىر ياش بالىنى تېپىپ، تېلېگرامما تورىنى ئورنىتىش مەسىلىسىنى ۋە ئۈسكۈنلەرنى ياخشىلاش ئىشىنى بىرلىكتە مۇزاكىرلىشىدۇ. 1838-يىل 1-ئايغىچە، بىر يىل ئىچىدىلا لايىھىلەپ بولىدۇ. ئۇ 40 مىڭ ئۇزۇنلۇقتىكى تېلېگرامما لىنىيىسىنى قۇرۇپ، سىناق قىلىپ بېقىش ئۈچۈن، پارلامېنتتىن 30 مىڭ سوم پۇل ئاجرىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن پارلامېنىت پۇل ئاجرىتىپ بېرىشكە ئۇنىمايدۇ. ھېچ ئىلاج بولمىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كەشپىياتىنى ئاشكارا كۆرگەزمىگە قويۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئاز مەبلەغ توپلىماقچى بولىدۇ. ئەمما نەتىجىدە، بىر تىيىن پۇلغىمۇ ئىگە بولالمايدۇ. شۇنداقلا يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ بىلەن كەشپىيات ھوقۇقىنى تالىشىدۇ. مورىس ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، مېڭىسىگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ، كۆرگەزمىگە پۈتۈن تاماق پۇللىرىنىمۇ ئىشلىتىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ھەمىشە ئاچ قورساق يۈرىيدۇ، ھەتتا ئاچتىن ئۆلگىلى ئاز قالىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ نىيىتىدىن يانمايدۇ. كۆپرەك شاگىرت قوبۇل قىلىپ رەسساملىقنى ئۆگىتىش يولى بىلەن، بىر تەرەپتىن تۇرمۇشنى قامدايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرشۇناسلىق تەتقىقات ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
مورىس مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ئىچىدە 5 يىلنى ئۆتكۈزىدۇ، 1843-يىلغا كەلگەندە پارلامېنت ئاخىرى قارار ماقۇللاپ، پۇل ئاجرىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى تېلېگرامما لىنىيىسى بەرپا قىلىنىدۇ. مورىسنىڭ نامرات ئاغىينىلىرى تېلېگرامما لىنىيىسى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىدۇ. يەر ئاستى كابېلنى ئورنىتىش ۋاقتىدا، تەجرىبە كەم بولغانلىقتىن، توك سىمىنى دېڭىزدا پاراخوت ئۈزىۋېتىپ، مەغلۇپ بولىدۇ. ئاندىن ئۇ ياردەمچىلىرى بىلەن ئېگىز ئاسمان بوشلۇغىغا توك سىم تارقىتىش ئىشىنى ئېلىپ بارىدۇ. بىر يىل ئەمگەك قىلىش ئارقىسىدا، 1814-يىلىغا كەلگەندە، ئۇزۇن يوللۇق تېلېگرامما ئارقىلىق خەۋەرلىشىش سىنىقى ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. مورىس تېلېگرامما ئاپپاراتىنى كەشپ قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش ئۈستىدە، جەمئىي 12 يىل جاپالىق كۈرەش قىلىدۇ. تېلېگرامما ئاپپاراتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىلىپ چىققاندا، ئۇ 50 ياشقا كىرگەن ئىدى.
تېلېگراممىنى كەشپ قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا بەزىلەر ئىنگلىزچە ھەرپنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن 26 كابېل ئىشلىتىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى، بۇنداقتا تەننەرقى يۇقىرى بولۇش بىلەنلا قالماي، ئىشلىتىشتىمۇ بەك ئاۋارىگەرچىلىك تۇغۇلاتتى. مورىس قايتا-قايتا تەتقىق قىلىپ، بىر خىل يېڭى ئۇسۇلنى لايىھىلەپ چىقىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا بىرلا كابېل ئىشلىتىلىدۇ، خەۋەر بىر خىل دىيەنما بىلەن بېرىلىدۇ. مورىس ئىككى خىل ئېچىش بەلگىسى: بىر قىسقا ۋە بىر ئۇزۇن ئىمپۇلىسنى قوللىنىپ، ئۇنى”.“ ۋە ”-“ قىلىپ يازىدۇ. ئوتتۇرىنى ئېتىش بەلگىسى بىلەن ئايرىيدۇ. مورىس مۇشۇ توچكا ۋە سىزىقلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈزۈلۈشلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىنگلىزچە ھەرپلەرنىڭ دىيەنماسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. كېيىن بۇ دىيەنما خەلقئارا مورىس دىيەنماسى دەپ ئاتىلىدۇ. مورىس 1872-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. رەسساملىق ئىشىنى تاشلاپ تېلېگرامما ئاپپاراتىنى كەشپ قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان بۇ ئادەم ئەبەدىل-ئەبەد خاتىرلىنىدۇ.      

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 300 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28