نۇر ئانسامبىلى

نۇر ئانسانبىلىنۇر ئانسامبىلى

نۇر ئانسامبىلى 2000-يىلى قۇرۇلغان، ئەزالىرى رىنات زېرەكوۋ، رىنات قۇربانوۋ، تاھىر كېرىموۋ ۋە ئابدۇمۇتەللىپ جالالوۋلار بار. ئۇلار ھازىرغىچە 3 دانە پىلاستىنكا چىقارغان، پىلاستىنكا ئىسىملىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا: دوستلار، يۇمىلاق ۋە نۇر ناۋاسى (نۇر ناۋاسى ناملىق پىلاستىنكا قارلۇق ئۈن-سىن مەركىزى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان). نۇر ئانسامبىلى قازاقىستاندا چوڭ-كىچىك مەرىكىلەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى. ئۇلار يالغۇز ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپلا قالماستىن ھەر بىرى بىردىن ئۇيغۇر سازلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن سازەندىلىرى. ناخشىلارنىڭ تېكىستى ۋە مۇزىكىسىنى ئاساسلىقى ئۆزى يازىدۇ. ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدۇ. 2010-يىلى جۇمھۇرىيەتلىك سەنئەت سارىيىدا داغدۇغۇلۇق ھالدا ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى، كېچىلىككە ئۇستاز سەنئەتكارلاردىن دەرۋىش ئانسامبىلى، مەخمۇتجان دارايىۋ ۋە مۇھىتجان ھېزىموۋلار، قازاقىستان دىيارىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن ئاداش ئانسامبىلى، راسۇل زايىتوۋ قاتارلىقلار قاتنىشىپ نۇر ئانسامبىلىغا بولغان تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. كېچىلىككە قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق كۈلكە ئارتىسى، مەخمۇتجان دارايىۋنىڭ شاگىرتى شۇنداقلا نۇر ئانسامبىلىنىڭ يېقىن قوللىغۇچىسى شادلىق خۇدايقۇلۇۋ رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە نومۇر ئورۇندىدى. بىز نۇر ئانسامبىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ پارلاق نۇرلارنى تارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

ئوڭدىن سولغا تاھىر كېرىموۋ، رىنات قۇربانوۋ، ئابدۇمۇتەللىپ جالالوۋ، رىنات زېرەكوۋ

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 346 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-10