ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ


ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ

ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ (653-566) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا تەرەپ تاغىسى ھەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ كاتتا ساھابىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جىيەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن نەچچە ياشلا چوڭ ئىدى. ئۇ ئىنتايىن باي سودىگەر بولۇپ، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا مەككىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداپلا قالماستىن بەلكى «بەدرى» ئۇرۇشىدىن كېيىنلا 624-يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلغان. «رەمادە» يىلى ئەلدە قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ كىشىلەر ئاچلىق ئازابى تارتقاندا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە سۇ تىلەش نامىزى ئوقۇپ، رەھىمدىل ئاللاھتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشنى تىلەش ئۈچۈن كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقتى ۋە ئوڭ قولى بىلەن ئابباسنىڭ ئوڭ قولىنى تۇتۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ، بىز ئىلگىرى پەيغەمبىرىڭ ئارىمىزدا بار ۋاقتىدا ئۇ ئارقىلىق ئارقىلىق سەندىن سۇ تىلەيتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە بولسا پەيغەمبىرىڭنىڭ تاغىسى ئارقىلىق سۇ تىلەۋاتىمىز، بىزنى سۇغارغىن..» دەپ دۇئا قىلدى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار تېخى ئورۇنلىرىدىن قوزغالماي تۇرۇپلا بۇلۇتلار كېلىپ يامغۇر تۆكۈلۈشكە باشلىدى، پۈتۈن يەر-جاھان سۇ ئىچىپ ھاياتلىق خۇشاللىققا چۆمدى. بۇ چاغدا ساھابىلەر ئابباسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھەرەمنى سۇغارغۇچى، سىلىگە مۇبارەك بولسۇن!» دېگەنلىرىچە ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىشتى ۋە ئۇنىڭدىن بەرىكەت ئىزدەشتى. ئۇنداقتا بۇ «ھەرەمنى سۇغارغۇچى» زادى كىم..؟ ئاللاھ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پۈتۈن مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە تەقۋادارلىق ۋە يۇقىرى پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ۋاستە قىلىشىغا يارىغان بۇ كىشى كىم؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى-ئابباستىن ئىبارەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاشلا، ئۇنى ناھايىتى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيتتى. ئۇنى ماختاپ، پەزىلەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: «ئۇ مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئورنىدا» دەيتتى. ئۇ قۇرەيش خەلقى ئىچىدە ئەڭ سېخىي ۋە ئەڭ مېھماندوست ئىدى. خۇددى «ھەمزە» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەم ئۇنىڭ تەڭدىشى بولغىنىدەك، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئۇنىڭ تاغىسى ھەم تەڭدىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ يېشىدا ئىككى-ئۈچ يىللا پەرق بولۇپ، ئابباسىنىڭ يېشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېشىدىن ئەنە شۇنچە ياش چوڭ ئىدى. مۇھەممەد بىلەن ئابباس كىچىكىدە تەڭداش بالا بولغىنىدەك، چوڭ بولغاندا تەڭداش يىگىتلەر ئىدى. يېقىن تۇغقانلىق رىشتىسىلا ئۇلارنى دوستلاشتۇرۇپ قالماستىن بەلكى ياشلىرىنىڭ تەڭلىكى بىلەن ھاياتىنىڭ سادىقلىقىمۇ ئۇلارنى باغلىغان رىشتىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئابباسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قايىل قىلغان ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ گۈزەل-ئەخلاق پەزىلەتلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇ خۇددى سېخيىلىق ئۈچۈن يارىتىلغىنىدەك زىيادە سېخىي ئىدى. ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە ئائىلە، بالا-چاقىلىرىغا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلاردىن تىرىشچانلىق، ھوقۇق-مەنسەپ ياكى پۇل-مال قاتارلىقلارنى ھەرگىز ئايىمايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ مەككارلىق دەرىجىسىگە يەتكۈدەك زېرەك بولۇپ، ئاشۇ زېرەكلىگى بىلەن قۇرەيش خەلقى ئارىسىدا يۇقىرى-ئىناۋەت ۋە ئابرويغا ئىگە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشكارا دەۋەت ئېلىپ بارغاندا ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئەرزىيەت ۋە يامان غەرەزلەرنى توسۇپ قالغان. بىز ئىلگىرىكى ھەمزە توغرىسىدىكى بايانلىرىمىزدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەمزە قۇرەيشلەردىكى زومىگەرلىك ۋە ئەبۇ جەھىلدىكى مەغرۇرلۇقنى قانلىق قىلچى بىلەن توسقان بولسا، ئابباس سەزگۈرلۈكى ۋە دانالىقى بىلەن توسۇپ ئىسلامنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قىلىچلارغا ئوخشاش ئىسلامغا كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزگەن ۋە تۆھپە قوشقان ئىدى. ئابباس ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى پەقەت مەككە ئازاد بولغان يىلى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قاراپ، تارىخچىلار ئۇنى كېيىن مۇسۇلمان بولغانلار قاتارىدىن ھېسابلايدۇ، ئەمەلىيەتتە باشقا تارىخى مەنبەلەرگە قارىساق، گەرچە ئۇ بۇرۇنلا مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى مەلۇم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتكارى-ئەبۇرافى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئابباس ئىبنى مۇتەللىپنىڭ خىزمەتكارى ئىدىم، بىزنىڭ ئائىلىمىزگە ئىسلام دىنى كىرگەندىن كېيىن دەسلەپ ئابباس مۇسۇلمان بولغان، ئارقىدىن ئۇممۇل فەزلى دېگەن ئايالى مۇسۇلمان بولغان ئىدى، مەن بولسام ئەڭ ئاخىرىدا مۇسۇلمان بولغان ئىدىم، ئابباس بولسا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يوشۇراتتى». ئەبۇرافنىڭ بۇ رىۋايىتى بىزگە ئابباسنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ «بەدرى» غازىتىدىن ئىلگىرىلا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئابباس خېلى بۇرۇنلا مۇسۇلمان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مەككىدە قېلىشى تارىختا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. گەرچە قۇرەيش خەلقى ئابباسنىڭ ئەقىدىسىدىن گۇمانلىنىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىشكە ئامال قىلالمىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇ سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئۇلار رازى بولىدىغان يول ۋە دىن ئۈستىدە كېتىۋاتقاندەك قىلغاچقا، بۇنداق شارائىتتا ئۇلار ئابباس بىلەن تېخىمۇ يۈزلىشەلمەيتتى. «بەدرى» غازىتى بولغاندا قۇرەيش خەلقى بۇنى ئابباسنىڭ ئەقىدىسى ۋە نىيىتىنىڭ قانداقلىقىنى سىنايدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ قارىدى. لېكىن ئابباس ئۇلارنىڭ سۈيقەستلىك ھىيلە-مىكرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. ئۇ قۇرەيش ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىنىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى مەدىنىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسا، قۇرەيش خەلقىمۇ ئۇنى ئۆزى ئىشەنمەيدىغان ۋە خالىمايدىغان ئۇرۇشقا ئىتتىرىش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتلىق مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا قۇرەيشلەرگە زىيان ۋە ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى گۇرۇھ «بەدرى» غازىتىدا ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ. قىلىچلار ھەربىر گۇرۇھنىڭ تەقدىردىن بېشارەت بەرگەن ھالدا دەھشەتلىك سوقىشىدۇ، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى چاقىرىپ: «چوقۇمكى، بەنى ھاشىم جەمەتىدىن ۋە باشقا جەمەتلەردىن بولغان، بىز بىلەن ئۇرۇشنى خالىمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇشقا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلدى، ئاراڭلاردىن كىم ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە ئۇچراپ قالسا ئۇنى ئۆلتۈرمىسۇن كىمكى، ئەبۇ بۇختەرىينى ئۇچرىتىپ قالسا ئۇنى ئۆلتۈرمىسۇن، كىمكى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنى ئۇچرىتىپ قالسا ئۇنىمۇ ئۆلتۈرمىسۇن چۈنكى ئۇ ئۇرۇشقا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان» دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسىدىكى بىرەر ئارتۇقچىلىقنى دەپ ئۇنى ئۆلتۈرمەسلىككە بۇيرىغان ئەمەس چۈنكى، بۇنداق ۋەزىيەتتە ئىماندىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق كار قىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسىنىڭ مۇشرىكلارنىڭ قاتاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەقىقەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا قېرىنداشلىرىنىڭ باشلىرىنىڭ يەرگە تۆكۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ دۈشمەن قوشۇنى ئىچىدە تۇرىۋاتقان تاغىسىنى تىلىۋالىدىغان كىشى ئەمەس، ھەتتا ئۇ ئىسلام ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان ۋە قۇربانلارنى بەرگەن تاغىسى ئەبۇتالىپ ئۈچۈن ھەتتا مەغپىرەت تىلەشتىنمۇ چەكلەنگەن تۇرسا، ئەمدى بولسا، «بەدرى» غازىتىغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ۋە قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرىۋاتقانلارغا «تاغامنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار» دېيىشى مەنتىقىگە ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟! لېكىن، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسىنىڭ ئىسلام ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلغانلىرىنى، ئاخىرىدا تېخى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشقىمۇ مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى بىلگىنىدەك، ئۇنىڭ قەلىب سىرىنى ۋە يوشۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلسە ئەنە شۇ چاغدا ئۇ تاغىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. ھەتتا يوشۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلىقى مەلۇم بولمىغان، ئابباسقا ئوخشاش ئىسلامنى يوشۇرۇن قوللىمىغان، پەقەت قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشلىرىگە قاتناشمىغان، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا رازى بولمىغان، «بەدرى» ئۇرۇشىغىمۇ مەجبۇرىي قاتناشقان ئەبۇ بۇختەرىيمۇ شۇنچىلىك تۆھپە بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىشى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشىغا ئېرىشكەن يەردە، ئابباستەك مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يوشۇرۇپ ئىسلامنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى قىلغان بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇنداق شاپائىتىگە ئېرىششى ھەقلىق ئەمەسمۇ؟! ئەلۋەتتە ھەقلىق.. دېمەك ئابباس ئەسلىدىلا مۇسۇلمان ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنى ئۇچراتسا ئۇنى ئۆلتۈرمىسۇن» دېگەندىن ئىبارەت شاپائىتىگە مۇيەسسەر بولغان. ئەمدى بىز كەينىمىزگە يەنە ئازىراق يېنىپ ئۇنىڭ يەنە بىر تۈركۈم ئىش-ئىزلىرى ۋە تۆھپىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى..
ئىككىنچى «ئەقەبە» بەيئىتىدە ھەج مەۋسۈمدە 73 نەپەر ئەر ۋە ئىككى ئايالدىن تەشكىللەنگەن ئەنسارلار ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بەيئەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە مەككىگە يېتىپ كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرى ۋە نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى تاغىسى ئابباسقا يەتكۈزدى. چۈنكى ئۇ تاغىسىنىڭ پىكىرىگە بەك ئىشىنەتتى. يوشۇرۇن تۈزۈلگەن ئۇچرىشىش ۋاقتى توشقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئابباس بىلەن بىللە ئەنسارلار ساقلاپ تۇرغان يەرگە بېرىشتى. بۇ چاغدا ئابباس خەلقكە ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ ئۇلاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ۋەدە ئېلىۋالماقچى بولدى. بولغان ئىشلارنى بىزگە شۇ ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ بىرى-كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىنى ئەينەن سۆزلەپ بەرسۇن: «بىز يولدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇق، بىر چاغدا ئۇ تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ بىلەن يېتىپ كەلدى، بۇ چاغدا ئابباس سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئى خەزەرەج جامائەسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىمىزدا قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر، بىز ئۇنى بىزنىڭ قەۋمىمىز بىلەن ئارلىششتىن توسقان ئىدۇق، مانا ھازىر ئۇ ساھابىلىرى ۋە قەۋم-قېرىنداشلىرى ئىچىدە ئىززەت-ئىكرام تاپماقتا. ئۇ سىلەر تەرەپكە بېرىپ سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالايدىكەن، ئەگەر سىلەر ئۇنى چاقىرتىپ ئەكەلگەن ئاشۇ ئىشلارغا ۋاپا قىلالىساڭلار، ئۇنى ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلاردىن قوغداپ قالالىساڭلار، ئۇنداقتا ئۈستۈڭلارغا ئالغىنىڭلار بويىچە بولسۇن، ناۋادا، ئۇنى يۇرتىڭلارغا ئېلىپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى تاشلىۋېتىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمايدىغان ئىشىڭلار بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى ھازىردىن باشلاپ قالدۇرۇپ قويۇڭلار». ئابباس ئەنە شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا كۆزىنى خۇددى بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك ئەنسارلارنىڭ يۈزلىرىگە تىكىپ گەپلىرىگە ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىكى ئىپادىلەرنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلاتتى. ئابباسنىڭ بۈيۈك ھوشيارلىقى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان، ھەقىقەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشلىرىغىچە تېخنىكىلىق ھېسابلىشىدىغان ھوشيارلىق بولغاچقا ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلەنمىدى. بەلكى، ئەنسارلارغا: «ماڭا ئۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، دۈشمىنىڭلار بىلەن قانداق ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىڭلارنى ئېيتىپ بېرىڭلار؟» دېگەندىن ئىبارەت زىل سوئالنى قويۇپ يېڭىدىن گەپ باشلىدى. شۈبھىسىزكى، ئابباس ئۆزىنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە قۇرەيش بىلەن بولغان تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، قۇرەيش خەلقى دىنى، ئۇلۇغلۇق ۋە بويۇنتاۋلىقتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئىسلام بىلەن شېرىك ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش چوقۇم داۋام قىلىدۇ دەپ تونۇيتتى. ئۇنداقتا، ئۇرۇش بولغان چاغدا، مەدىنە ئاھالىسى بىلەن ئەنسارلار بۇ ئۇرۇشتا چىڭ تۇرالامدۇ؟! ئۇلار ئۇرۇش تېخنىكىسى جەھەتتە ھەربىي يۈرۈش ۋە ئۇرۇش سەنئىتىنى پىششىق بىلىدىغان قۇرەيش خەلقىگە تەڭ كېلەلەمدۇ؟ ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ئابباس ئەنسارلارغا يۇقىرىقى سوئالنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.
ئابباسنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىۋاتقان ئەنسارلار تاغدەك قەددى-قامەتلىك كىشىلەر ئىدى. ئۇ سۆزىنى، بولۇپمۇ يۇقىرىقى مەنىلىك سوئالنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنلا ئەنسارلار سۆزلەشكە باشلىدى. دەسلەپتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ:« بىز ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇرۇش بىلەن يۇغۇرۇلغان خەلقتۇرمىز، بىز ئۇرۇش بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان، ئۇرۇش بىلەن چېنىقتۇرۇلغان، ئۇرۇشنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مىراس ئالغانمىز، ئوقنى تۈگىگىچە ئاتىمىز، نەيزىنى سۇنۇپ كەتكىچە سانجىيمىز، ئاندىن كېيىن چاققانلىرىمىز تاكى دۈشمەنلىرىمىز ئۆلگىچە قىلىچۋازلىق قىلىمىز..» دېدى!! بۇ چاغدا ئابباس خۇشال بولۇپ: «سىلەر ئۇنداقتا ئۇرۇش بىلەن يۇغۇرۇلغان كىشىلەر ئىكەنسىلەر، تۆمۈر كىيىمىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «بار، پۈتۈن بەدىنىمىزنى تولۇق يۆگەيدىغان تۆمۈر كىيىملىرىمىز بار» دېيىشتى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەنسارلار ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ پاراڭلار بولدى، ئاللاھ خالىسا بۇنى بىز كېيىنكى بەتلىرىمىزدە سۆزلەيمىز، مانا بۇ ئابباسنىڭ «ئەقەبە» بەيئىتىدىكى ئىش-ئىزلىرى. ئۇ مەيلى يوشۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ياكى تېخىچە مۇسۇلمان بولۇشنى ئويلاۋاتقان بولسۇن، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئاجايىپ پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى قاراڭغۇ كۈچلەر بىلەن كەلگۈسىدىكى نۇرلۇق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى تۇتقان ئورنىنى بىزگە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەرلىكى ۋە كامالىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ھۈنەين» غازىتىدا بۇ تىنچ، مۇلايىم پىدائىي تىنچ كۈنلەردە ئىچىگە چىڭ يوشۇرۇپ قويىدىغان، ئەمما زۆرۈر، ھالقىلىق پەيتلەردە زامان ۋە ماكاننى چىپ ئالىدىغان ئاشۇ ئاجايىپ قەھرىمانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. ئاللاھ مەككىنى ئازاد قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھىجرىيەنىڭ سەككىزىنچى يىلىدا ئەرەب ئارىلىدىكى ھۇۋازەن، سەقىف، نەسىرى، جۇشەم قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەرەب ئارىلىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمران قەبىلىلەر بۇ يېڭى دىننىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە غەلبە قازىنىپ كېتىشىگە چىدىماي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلىشىدۇ.
بىز قەبىلىلەر دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ھاياتىدا ئېلىپ بارغان ئاشۇ ئۇرۇشلار پەقەت قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تار دائىرلىك تىركىشىشلەردىن ئىبارەت ئوخشايدۇ دەپ خاتالاشماسلىقىمىز لازىم. ئەمەلىيەتتە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئاشۇ ئۇرۇشلاردىنمۇ كەسكىنرەك، شىددەتلىكرەك باشقا بىر خىل ئۇرۇش بولمىسا كېرەك. ئەنە شۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن ۋاقتىمىزدا ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى كۆرسەتكەن ئادەتتىن تاشقىرى تىرىشچانلىقلارنى توغرا مۆلچەرلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە، ئىسلام دىنى ۋە مۆمىنلەر قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ غەلبىنىڭ قىممىتىنى توغرا بىلەلەيمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئاشۇ غەلبىدە گەۋدىلەنگەن مەدىتىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.بۇ قەبىلىلەر كۈچلۈك جەڭچىلەردىن تەشكىل تاپقان كۆز يەتكۈسىز سەپ بولۇپ توپلاندى. مۇسۇلمانلارمۇ 12 مىڭ كىشلىك زور قوشۇن بىلەن ئۇرۇشقا تەقلەندى، بۇ زور قوشۇن تېخى تېخى تۈنۈگۈنلا مەككىنى ئازاد قىلىپ شېرىك ۋە بۇتپەرەسلىكنى چوڭقۇر ھاڭغا كۆمىۋېتىپ پۈتۈن ئۇپۇقنى ئىسلام بايرىقىغا پۈركىگەن مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن ئىدى. 12 مىڭ دېگەن بۇ سان كىشىنى ھەقىقەتەن مەغرۇرلاندۇرىدۇ. مۇسۇلمانلارمۇ ئاخىرقى ھېسابتا بەرىبىر ئادەم بولغاچقا سانىنىڭ كۆپلۈكى، ئىنتىزامنىڭ چىڭلىقى ۋە مەككىدە بۈيۈك غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكتىن كەلگەن مەغرۇرلىقى ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قالدى ۋە: «بۈگۈن بىزدە سانىمىزنىڭ ئازلىقى بىلەن مەغلۇب بولىدىغان ئىش يۈز بەرمەيدۇ» دېيىشتى. ئەرش ئۇلارنى نوقۇل ئۇرۇش قىلىشنىلا كۆزلەشتىن تېخىمۇ بۈيۈك بولغان بىر غايىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەيىنلىگەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ پەقەت ئەسكىرى كۈچىگىلا تايىنىپ ھەربىي غالىبىيىتى بىلەن مەغرۇرلىنىشى خاتا خاھىش ھېچبولمىغاندا بىر قېتىملىق ئۈنۈملۈك زەربە يېيىش بىلەن بولسىمۇ ئۇنداق خاھىشتىن تېزلا خالاس بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى. بۇ ئۈنۈملۈك زەربە ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا كېلىپ چىققان ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچىگە ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە تايانغاندىلا ئاندىن كېيىن مەغلۇبىيەت غەلبىگە ئۆزگىرەتتى. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنە جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى، ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇب بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈگى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى، (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى، ئاندىن (مەغلۇب بولۇپ، رەسۇلىلاھنى ئازغىنە مۆمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار، ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە (مەرھەمەتلىك قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنە سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلبە قىلدىڭلار)، ئاللاھ كاپىرلارنى (ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كاپىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ». شۇ كۈندە ئابباسىنىڭ يۇقىرى ئاۋازى ۋە ئۇنىڭ سۇباتلىقى، خاتىرجەملىك ۋە باتۇرلۇقنىڭ ئەڭ يارقىن كۆرۈنۈشلىرىدىن ئىدى. مۇسۇلمانلار «تىھامە» جىلغىلىرىنىڭ بىرىدە توپلىشىپ دۈشمەنلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندا، مۇشرىكلار ئۇلاردىن بۇرۇن جىلغىغا بېرىپ قوراللىرىنى بىلەپ ئىتتىكلىتىپ ھەر قايسى يوللاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشقان ئىدى. مۇسۇلمانلار دىققەتسىز ھالەتتە تۇرۇشقاندا ئۇلارغا تۇيۇقسىز بىرلا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى چۆچىتىۋەتتى ۋە بىر-بىرىگە قارىماي قېچىشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرلىرىنى كۆرۈپ دەرھال ئاق قېچىرىغا مىنىپ: «ئى خالايىق، مەن تەرەپكە كېلىڭلار، مەن بولسام ھەقىقەتەن پەيغەمبەردۇرمەن، يالغان ئېيتمايمەن، مەن بولسام ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلىدۇرمەن» دەپ خىتاب قىلدى. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى فەزلى ئىبنى ئابباس، جەئفەر ئىبنى ھارىس، رەبىيئە ئىبنى ھارىس، ئۇسامە ئىبنى زەيىد، ئەيمەن ئىبنى ئۇبەيد ۋە باشقا بىر قىسىم ساھابىلەرلا بار ئىدى. ئۇ يەردە يەنە ئەرلەر ۋە قەھرىمانلارنىڭ قاتارىدىن يۇقىرى ئورۇن تۇتقان بىر ئايالمۇ بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ مىلھاننىڭ قىزى ئۇممى سۇلەيمدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاقزادە بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ يولدىشى ئەبۇتەلھەنىڭ تۆگىسىگە مىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەپكە ئالدىراپ ماڭدى. ھامىلدار بولۇپ، قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ پىنجىسىنى سېلىپ قورسىقىغا چىڭ تېڭىۋالدى، يالىڭاچ خەنجەر تۇتقان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىۋىدى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈمسىرەپ:
ئۇممى سۇلەيممۇ؟-دەپ سورىدى. ئۇ:
-ھەئە... ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاتا-ئانام سىلى ئۈچۈن پىدا بولسۇنكى، سىلىنى قويۇپ چېكىنىپ قاچقان ئاشۇ كىشىلەرنى خۇددى سىلىگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلارنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈرسىلە، ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنىڭغا لايىق-دېدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايىدىكى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى ۋە:
-ئاللاھ ئۆزى بىر يولدا قويار، ئى ئۇممۇ سۇلەيم-، دېدى.
ئەنە شۇ چاغدا ئابباس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا، بەلكى ئۇنىڭ قەدەملىرى ئارىسىدا ئۆلۈم ۋە خەتەرگە تەييار بولغان ھالدا ئۇنىڭ قېچىرىنىڭ نوقتىسىنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئابباس گەۋدىلىك، ئاۋازى يۇقىرى بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كىشىلەرگە نىدا قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ: «ئى ئەنسارلار جامائەسى...ئى بەيئەت قىلغانلار...» دەپ خىتاب قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى قازا ۋە قەدەرنىڭ ئاۋازى ۋە ئۇنىڭ ئاگاھچىسىدەك تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن چۆچۈپ جىلغا يوللىرىغا تاراپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكەن ھامان ئاتلىرىغا مىنىشىپ قىلىچلىرىنى، ئوقيالىرىنى ۋە تۆمۈر كىيىملىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئابباسنىڭ ئاۋازى چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىشتى ۋە ھەممەيلەن ئوخشاش ئاۋاز بىلەن: «خوش، نېمە دەيلىكىن؟» دېيىشتى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم كەسكىن ئۇرۇش بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش مەيدانىغا قاراپ: «شىددەتلىك ئۇرۇش بولدى» دېدى. ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن شىددەتلىك ئۇرۇش بولغان ئىدى. كەسكىن ئۇرۇش نەتىجىسىدە، ھۇۋازەن ۋە سەقىف قەبىلىلىرىنىڭ ئادەملىرى ئارقا-ئارقىدىن يىقىلىشقا باشلىدى، ئاللاھنىڭ ئاتلىرى لاتنىڭ ئاتلىرىنى مەغلۇب قىلدى، ئاللاھ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى..!! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئابباسنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى، ھەتتا ئۇ «بەدرى» غازىتى ئاخىرلىشىپ تاغىسى كېچىنى ئەسىرلىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەندە كېچىچە ئۇخلىمىغان ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا غەلبە ئاتا قىلسىمۇ يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇخلىمايدىغانلىقى سورالغاندا ئۇنىڭغا بولغان مېھرىنى يوشۇرماي: «مەن باغلاقتىكى ئابباسنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلاپ قالدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان بەزى مۇسۇلمانلار ئەسىرلەر سولانغان ئورۇنغا تېز بېرىپ ئابباسنىڭ باغلانچىسىنى يېشىۋەتكەن، ئاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن ئابباسنىڭ باغلانچىسىنى ئازىراق بوشىتىپ قويدۇم» دەپ خەۋەر بەرگەن. لېكىن نېمە ئۈچۈن پەقەت ئابباسنىڭلا باغلانچىسىنى بوشىتىدۇ؟
ئەنە شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىسىغا: «بارغىن، ھەممە ئەسىرلەرنى شۇنداق قىلغىن» دەپ بۇيرۇيدۇ.
توغرا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسىغا بەرگەن بۇ مۇھەببىتىنى ئوخشاش شارائىتتىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ ئايىمايدۇ.
ئەسىرلەردىن تۆلەم ئېلىش قارار قىلىنغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسىغا: «ئى ئابباس، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋە قېرىندىشىڭىزنىڭ ئوغلى ئۇقەبىل ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئۈچۈن، نەۋفەل ئىبنى ھارىس ئۈچۈن، سىزنىڭ ئىتىپاقدىشىڭىز ھارىس ئىبنى فەھىرنىڭ بالىلىرىنىڭ قېرىندىشى ئۇتبە ئىبنى ئەمىر ئۈچۈن تۆلەم بېرىڭ، چۈنكى سىزنىڭ مال-مۈلۈكىڭىز بار» دەيدۇ. گەرچە ئابباس: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن مۇسۇلمان بولغان ئىدى، لېكىن قەۋمىم مېنى ئۇرۇشقا چىقىشقا زورلىغان» دېيىش ئارقىلىق تۆلەم تۆلەشتىن ئۆزىنى تارتقان بولسىمۇ لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆلەم ئېلىشتا چىڭ تۇرىۋالغان ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولغان: «ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيەدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر». ئەنە شۇنداق قىلىپ ئابباس ئۆزى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن تۆلەم بېرىپ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇپ، مەككىگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قۇرەيش ئۇنى ئەقلى ۋە ھىدايىتىدىن ئازدۇرالمايدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن مال-مۈلۈكى ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ «خەيبەر» دە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ مۇسۇلمانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ۋە ھۆرمەتلەپ: «ئابباس دادامنىڭ ئورنىدا، كىم ئۇنىڭغا ئازار بەرسە، ماڭا ئازار بەرگەنگە ئوخشاش» دېگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
ئابباسنىڭ مۇبارەك پەرزەنتلىرى بولغان، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كاتتا ئۆلىماسى-ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئەنە شۇ مۇبارەك پەرزەنتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ھىجىرىينىڭ 32-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 14-كۈنى يەنى جۈمە كۈنىدە مەدىنە ئېگىزلىكلىرىدە ياشايدىغان خەلقلەر بىرسىنىڭ: «ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ نامىزىغا ھازىرلىق قىلغانلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ» دەپ نىدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. مەدىنىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان سان-ساناقسىز جامائەت ئۇنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ مەزگىلدىكى خەلىپىسى-ئوسمان رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ مېيىت نامىزىنى ئوقۇيدۇ. ئابباسنىڭ تېنى مەدىنە تۇپرىقىنىڭ ئاستىدا تىنىچلىنىپ ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ياخشى بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا خاتىرجەم ئۇخلايدۇ.

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 448 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-27