ئىسمائىل ھاجىنىڭ ھايات پائالىيتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئىسمائىل ھاجىنىڭ ھايات پائالىيتى 
 

   ئىسمائىل ھاجى 1867- يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيسى قوشتاغ يېزسىغا قاراشلىق ئىسىم سىلاھ كەنتىدە دۆلەتمەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ دادىسى ئىسكەندەر موللام ئۆمىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش، مۇددەرىسلىك قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن شاپائەتلىك ئادەم ئىدى .
   بىر شائىرنىڭ قانچلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ يېىتىلىشى ئائىلىنىڭ مەدەنىيەت تەربىيسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىسمائىل ھاجى ئىسكەندەر موللامنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ ، ئىزگۈ ئارزۇ - تىلەكلەر ، ياخشى قائىدە- يوسۇنلار بىلەن تەربىيلەنگەن . ئۇ ئائىلىسىدىكى تەربىينى تۈگەتكەندىن كېيىن ، ئاۋۋال كەنجى قازىدا ئوقۇيدۇ ، ئاندىن سانجۇدا ئىكرامىدىن داموللا ھاجىمنىڭ تەربىيسىنى ئېلىپ ، تۈرلۈك ئىلىملەر بويىچە كامالەت ھاسىل قىلغان . ئىسمائىل ھاجى قاغىلىق مەدرسىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقاندا ، تەجەللى داموللام بىلەن تونۇشىدۇ. ئىسمائىل ھاجى ئەخلاقىي پەزىلەت جەھەتتىمۇ ئۆزىدە ياخشى سۈپەتلەرنى يىتىلدۈرگەن كەمتەر ، خۇش پېئىل ، مۇرۇۋۋەتلىك ، يۈكسەك غايىلىك كىشى ئىدى . ئىسمائىل ھاجىنىڭ شائىرلىققا بولغان ئەقىدىسى كۈچلۈك ئىدى . شېئىرىيەت قائىدىلىرىنى چۈشەنگەن ، شئېرىنىڭ تېگى- تەكـتىگە يېتەلەيدىغان كىشلەرگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى . ئىسمائىل ھاجى تىرىشچان ھەم غورۇرلۇق ئىدى ". غورۇرلۇق ئىنساندىن غايىلىك پىكىر تۇغۇلىدۇ . " ئۇ " شائىرلىقى بىلەن روھىيەتنى ، تېۋىپلىقى بىلەن جىسمانىيەتنى ئەملەيدىغان ئۆلىما " تەجەللى داموللامدەك كىشلەر بىلەن ئارىلىشىپ ، خەلىق ئارسىدا نوپۇز تىكلەپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىسمائىل ھاجى نەزمە شەكلىدە يازغان بىر پارچە سالامنامىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ، بىر دوستى ئۇنىڭغا جاۋابەن نەزمە يازىدۇ . ئەنە شۇ نەزمىدە ئىسمايىل ھاجىنىڭ دوستانلىق پەزىلىتى مۇنداق بايان قىلىنغان :

شەرافەت چىھرەسىدىن خەلقنى ئاسرا يۈرەك باغرى ،
جەلالەتدە زۇھەلنى تىترەتۈر ئىملايى دۇسايىن .

كەمالى لۇتفىدىن ئۆز سايەسىدە ئەلنى ساقلايدۇر،
مال ئىلە جان سەلامەت قالسا دەپ سەۋدايى دۇسايىن .

بىھەمدۇللا ئىنايەت زۇلمەنەن قىلدى بىزە رەھبەر،
ئوچۇق يۈزلۈك بەلەند قەدقامەت بەرنايى دۇسايىن .
ئىسمائىل ھاجى گۇما مەدرسىسدە بىر مەزگىل مۇددەرسىلىك قىلىپ ، يېڭى قاراشقا ئىگە بىر تۈركۈم تالىپلارنى تەربىيلىگەن . ئەنە شۇ مەزگىللەردە ، ھەر خىل ئىشلار بىلەن ئەتراپتىكى ناھىيە ، شەھەر ، يېزىلارغا بارغىنىدا ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنى ئەتراپلىق كۆزەتكەن . خىلمۇ خىل مىجەز ، رەڭگارەڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ ، مول تەسىراتلارغا ئىگە بولغان .
    ئىسمائىل ھاجى ھەرەمگە بېرىپ تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ھەج سەپىرىگە ئاتىلىنىشنى نىيەت قىلدى . سەپەر جەريانىدا ھەر قايسى ئەللەردە سەيلە - سايەھەتتە بولدى . ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ چوڭقۇر تەسراتلارغا ئىگە بولدى . كۈچلۈك ھاياجان ئىچىدە شئېرلار يازدى . بۇ شېئىرىلارنىڭ مۇشۇ تېمىدا يېزىلغان باشقا شئېرىلاردىن ئۆزگىچىلىكى شۇ يەردىكى : شائىر قەلەمنى ئەۋلىيا - ئەنبىيالارنىڭ سۈننىتى ، قەرز - ۋاجىپلىرىنى شەرھلەش ، مەدھىيلەشكە قاراتماي ، بەلكى كىشلەرنىڭ ئىرادىسى ، جۈرئىتى ، تەسۋىرلەشكە قاراتقان . ئىرادىلىك، جۈرئەتلىك كىشلەرنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىپ ، كۆڭۈللۈك ، باياشاد تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقىنى ، بوشاڭ ، ھورۇن ، لەقۋا ئادەملەرنىڭ خورلۇق ۋە خارلىقتا ئۆتدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن . ھەممە يەرنى خۇراپاتلىق تۇمانلىرى قاپلىۋالغان ئاشۇ زاماندا ، بۇ تولىمۇ قىممەتلىك روھ ئىدى . شائىر ھەرەمگە بېرىپ تاۋاپ قىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەچ ھاجىلارغا مۇنداق بىر مەسلىنى ، يەنى ھەج - تاۋاپ قىلىپ كەلگەندىن كېيىن ، بارغانلا يېرىدە ئۆزلىرىنى ماختاپ كۆرەڭلەپ يۈرمەسلىكىنى ، بۇنداق كۆرەڭلىكنىڭ ھەج - تاۋاب قائىدىسىگە مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى ، ئىناقلىق ، ئىتىپاقلىقنىڭ ساۋابلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
   ئىسمائىل ھاجى " مال - دۇنيالىرى ھېسابسىز ، زەردار ئائىلە " مۇھىتىدە ياشىغان بولسىمۇ، ئۆمىرىنىڭ ئاخرىغا كەلگەندە ھالى خارابلىشىپ ، كېسەلچان بولۇپ قالىدۇ. بارىمەن دېگەن يېرىگە بارالمايدۇ . كۆرۈشىمەن دېگەن ئادەملىرى بىلەن كۆرۈشەلمەي قالىدۇ. ھەتتا، كىيىنكى كۈنلەردە ئۆيىدە يەيدىغان ئوزۇقىمۇ تۈگەپ ، ئاشلىق سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. تەبئىەتنىڭ قانۇنىيتىدىن ئېيتقاندا ، دۇنيادا ئۆلمەيدىغان ھېچنەرسە يوق . بەزىلەرنىڭ ھاياتى راھەت - پاراغەتتە ئۆتسە ، بەزىلەرنىڭ ھاياتى ئەمگەك بىلەن شوغۇللىنىپ ، جاپا - مۇشەققەت ، يوقىسىزلىقتا ئۆتىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ ھاياتى ئىجادىيەت، ئىختىرا بىلەن - ئىنسانىيەت دۇنياسغا بايلىق يارىتىش، تۆھپە قوشۇش بىلەن ئۆتىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشلەرنىڭ جىسمى يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ ، روھىي ئىنسانلار ئارسىدا ، گوياكى ئاي ، يۇلتۇزلاردەك پارلاپ ، نۇرلىنىپ تۇرىدۇ. مەنسەپنى ، بايلقنى ئىلىم ۋە بىلىمدىن يۇقىرى بىلدىغان ئاشۇ ئادالەتسزلىك قاپلاپ كەتكەن جەمئىيەتتە ، شائىر ئىسمائىل ھاجى بايلىق ۋە ئەمەلنى دوست تۇتماي ، ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمرانلارغا خۇشامەت قىلىپ ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەي ، پاك - دىيانەتلىك بولۇپ ، ساپ ۋىجدان بىلەن ياشىدى . ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللاندى. ئۇ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشكە قانچىلىك ماھىر بولسا، ئەرەپ ، پارس، ئوردۇ ، تۈرك تىللىرىغىمۇ شۇنچىلىك مۇكەممەل ئىدى . ئۇنىڭ ئانا تىلدا يازغان ئەسەرلىرى قانچە كۆپ بولسا، پارس ، ئەرب، تۈرك تىللىرىدا يازغان ئەسەرلىرىمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر بەدىئي تەپەككۇرى ، قالتىس ماھارەت، ئىقتىدارى ، زور شىجائىتى بىلەن تىرىشىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇپ ، 1950- يىلى كۈز پەسلىدە ئانا يۇرتىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 297 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01