رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىن

بۈيۈك تاتار ئالىمى، ئاتاقلىق پىداگوك، ژۇرنالىست رىزائىددىن ئىبنى پەخرىددىن 1858-يىلى 28-دېكابىردا روسىيىنىڭ سامارا گوبىرنىيىسىدىكى كىچىچات يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىك چاغلىرىدا قارىيخانا ۋە مەدرىسەدە ئوقۇغان، ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر زېھنىي قابىلىيىتى ۋە تۇغما تالانتى بىلەن ئەرەب، پارس، روس تىللىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى، پەلسەپە ۋە تارىخ جەھەتلەردە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دۇنياۋى ئىلىمنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كامالەتكە يەتكەن. رىزائىددىن ئىبنى پەخرىددىن ياشلىق دەۋرىدە ئىمام بولغان، كېيىن ئۇفادا قازىلىق ۋەزىپىسىىنى ئۆتىگەن، 1906-يىلى قازىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئورېنبورگقا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇ پۈتكۈل زېھنىي كۈچىنى ئىجادىيەت ۋە ئىلىم-مەرىپەتكە بېغىشلاش بىلەن بىرگە (ۋاقىت گېزىتى) نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن، (شورا) ناملىق ئىلمىي، ئاممىۋى ژۇرنالنى چىقىرىشقا بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ گېزىت-ژۇرنالنىڭ تىلىنى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ئاممىباب تىلدا نەشىر قىلىش جەھەتتە زور ئەجىر سىڭدۈرگەن. رىزائىددىن ئىبنى پەخرىددىن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت، مائارىپ ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىش ۋە خەۋەر-ئۇچۇر مەنبەسىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق-قىرغىز دالىلىرىغا، قىرىم، كاپكاز، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا ئاخبارات خادىملىرىنى ئەۋەتكەن. ئۇلاردىن بورھان شەھىدوللىن 1913-1915 يىلغىچە شىمالىي شىنجاڭغا كېلىپ، جەمئىي 11 پارچە خەۋەر-ماقالە يېزىپ، (ۋاقىت گېزىتى) ۋە (شۇرا) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان. نوشىرۋان يائۇشۇپ 1915-1917 يىلغىچە جەنۇنىي شىنجاڭنىڭ كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلىرىنى تەكرار ئايلىنىپ زىيارەت قىلىپ، 90 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر-ماقالە يېزىپ، يۇقىرىقى گېزىت-ژۇرنالدا ئېلان قىلغان. (ۋاقىت گېزىتى) ۋە (شورا) ژۇرنىلى 1908-1917 يىل ئاخىرىغا قەدەر نەشىر قىلىنىپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نەشىر ئەپكارىغا ئايلىنىپ، زور شۆھرەت قازانغان. رىزائىددىن ئىبنى پەخرىددىن 1917-يىلى موسكۋادا چاقىرىلغان پۈتكۈل روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە باش مۇپتىلىققا سايلانغان، لېكىن مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلمىغان. 1918-يىلدىكى پۈتكۈل روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللەتلەر مەجلىسىدە ئۇ باش قازىلىققا سايلانغان. رىزائىددىن ئىبنى پەخرىددىن مائارىپ ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەن، كەمتەر ۋە ئىرادىلىك قەلەم ئىگىسى بولۇپ، ھېچقانداق شەخسىي غەرەزگە يول قويماي، ھەقىقەتنىلا ئىزدەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا زىيالىيلىرى ئارىسىدا زور ئابرويغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ (ئىلمىي ئەخلاق) ناملىق كىتابى ئەينى دەۋردە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدىكى ئائىلە تەربىيىسىدە ۋە يېڭىچە مەكتەپلەردە دەرسلىك قوللانمىسى بولغان. ئۇ يېڭىچە مەكتەپلەرنى تەشكىللەش، دەرسلىك تۈزۈش ئىشلىرىغا بىۋاستە قول سېلىپ، تىل دەرسلىكى ئۈچۈن جاۋامىل كەلىم (شەرھي ئىلىم)، ئىلمىي ھېسابنى تۈزۈپ، تاتار زىيالىلىرىنى يېڭىچە دەرسلىك تۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلغان. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مۇپەسسەل تەبىئەت جەدىيە (جۇغراپىيە)، ئىلمىي ھەندىسە (گېئومېتىرىيە)، ئۇسۇلى ئىنشا (يېزىقچىلىق قائىدىسى)، پەننىي تەجۋىد (لوگىكا) قاتارلىق يېڭىچە دەرسلىكلەر تۈزۈلگەن. قىرىم باغچە سارايلىق ئوسمان نۇرى بىننى ھۈسەنىل ئاقچوغراقى تۈزگەن (ئارىفمېتىكا دەرسلىكى) تاكى 30-يىللارنىڭ ئاخىرىگىچە، يەنى سوۋىت ئىتتىپاقى ماتېماتىكى بىرىزانىسكايا تۈزگەن (ئارىفمېتىكا دەرسلىكى) تارقىتىلغانغا قەدەر باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى يىللىق سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك قىلىنغان. رىزائىددىن ئىبنى پەخرىددىن شەرق تارىخى، مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن ئىلمىي ۋە تەربىيىۋى ئەسەرلەرنى يازغان. (ئىلمىي ئەخلاق) ناملىق بۇ ئەسەردە ئائىلە مەسىلىلىرى، ئاتا-ئانىنىڭ ۋەزىپىسى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ بۇرچى، ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى خېلى كەڭ تۈردە يورۇتۇپ بېرىلگەن. شۇڭا، بۇ ئەسەر ئەينى چاغدا بىر نەچچە قېتىم قايتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. (مىراس) ژۇرنىلى بۇ ئەسەرنى 2004-يىلدىن باشلاپ جامائەتكە تونوشتۇردى. رىزائىددىن ھەزرەتنىڭ يەنە مۇتالىئە (ئوقۇش كىتابى)، ئالىملارنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر (ئاسار)، قىزى زەينەپنىڭ ھۆرمىتىگە ئاتاپ يازغان (ئائىلە)، دۇنيا مىقياسىدا 360 نەچچە نەپەر مۆھتەرەمە ئەنىيلەرنى تونۇشتۇرغان (مەشھۇر ئاياللار) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ 1937-يىلى ۋاپات بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 282 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-10