ھارگرېاۋېس

ھارگرېاۋېس 18-ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ ئاددى ئىشچىسى. ئۇ مەشھۇر «زېننى ئىگىرىش ماشىنىسى» نى كەشپ قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ توقۇمچىلىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. 18-ئەسىردە، ئەنگلىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قول سانائەت تېز راۋاجلانغان ئىدى. بىراق ئۇ چاغدا، يىپ ئىگىرىشكە يەنە قول بىلەن ھەرىكەتلەندۇرۇلىدىغان يىپ ئىگىرىش چاقى ئىشلىتىلىدۇ. كۈنىگە بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قاداق پاختا يىپ ئىگىرەتتى. ھارگرېاۋېس رەخت توقۇش ئىشچىسى بولۇپ، ئاز-تولا ياغاچچىلىقمۇ قىلاتتى. ئۇ يىپ ئىگىرىش ماشىنىسىنى كەشپ قىلىشنى ئويلايدۇ.ئۇ چاغدا ئۇنىڭ قىزى زېننى يىپ ئىگىرىش چاقىنى ئەتىدىن-كەچكىچە توختىماي قول بىلەن چۆرگىلىتەتتى. ھارگرېاۋېس، قولنىڭ ئورنىغا پۇتنى ئىشلىتىشكە بولارمۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ئۇيقۇنىمۇ، تاماقنىمۇ ئۇنتىغان ھالدا باش قاتۇرىدۇ. ھەمدە تاختاي، تاياق، تانىلار بىلەن ئۈزلۈكسىز پىلانلاپ، يىپ ئىگىرىش مودېلىنى تۇرغۇزۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر ئىلھام ئالماقچى بولىدۇ، لېكىن كۈنلەر ئۆتىۋېرىدۇ، ھېچبىر كۆڭۈلدىكىدەك باشلىنىش بولمايدۇ. بىر كۈنى ئۇ يىپ ئىگىرىش چاقىنى ئۆرۈپ قويىدۇ، چاق ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، يىپ چۆرگىلەۋېرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاجايىپ قىمەتلىك ئىلھام بولىدۇ. ئۇ: يىپ تىك ئايلىنالىغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىپ قاتار قويۇلۇپ تەڭ ھەرىكەتلەندۈرۈلسە، بىر نەچچە تال يىپنى تەڭ ئىلگىرلەتكىلى بولمامدۇ؟ دەپ ئويلايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئىگىرىش چاقىنى لايىھىلەش ۋە ياساش ئىشىغا كىرىشىدۇ. كۆپ ئۆتمەي، 1765-يىلى يېڭى شەكىلدىكى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى مەيدانغا كېلىدۇ. ھارگرېاۋېس ئۆزىنىڭ يىپ ئىگىرىش چاقىغا «زېننى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى» دەپ نام بېرىدۇ.
يېڭى شەكىلدىكى يىپ ئىگىرىش چاقى ئاساسەن تۆت ياغاچ پۇتتىن تەركىب تاپقان ئىشكاپ شەكىلىدىكى ماشىنا بولۇپ چىقىدۇ. ماشىنىنىڭ ئاستىدا تاسمىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان بىر ئايلانما ئوق بولۇپ، ماشىنىڭ ئۈستىگە ئىككى دانە پارالىل سېرىلما رېلىس ئورنىتىلغان، يەنە ئىككى تال تاياق بىرلەشتۈرۈلۈپ يىپ قىسقۇچ قىلىنىپ، سېرىلما رېلىسنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان، ئاندىن سانى ئوخشاش بولغان ئىككى قاتار يىپ ئايلانما ئوقنىڭ ئالدى-كەينىگە قويۇلغان، ئاندىن كېيىن ئىگىرىلگەن پاختا يىپ تىك ئۇرچۇققا يۆگەلگەن. بۇ چاغدا، تۇتقۇچ قۇلاقنى چۆرگىلىتىپ، يىپ قىسقۇچنى ھەرىكەتلەندۈرسىلا، ھەممىسى تەڭ ئىگىرىلىدىغان بولغان.
ھارگرېاۋېس ياساپ چىققان يىپ ئىگىرىش چاقىغا دەسلەپ ئاران سەككىز يىپ ئورنىتىلغان، كېيىن كۆپەيتىلىپ 30 غا يەتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى ئارقىسىدا، ئاخىرى 80 گە يەتكۈزۈلگەن. يېڭى يىپ ئىگىرىش چاقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئەنگلىيە پاختا توقۇمچىلىقىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىنى زور دەرىجىدە ئالغا سۈرگەن. ئېنگېلس بۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن، ئۇ بۇنى ئەنگلىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن تۇنجى كەشپىيات دەپ كۆرسەتكەن. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 204 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-24