رۇنفورد


رۇنفوردرۇنفورد

1753-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكىدىكى ماسسا چۇسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. ئائىلىسى كەمبەغەل بولغانلىقتىن كۆپ ئوقۇيالمىغان. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1776-يىلدىن كېيىن، ئۇ ياۋروپاغا بارغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيەلەردە تۇرغان. ئۇ ئەنگلىيىدە سېرسېكۋىر بىلەن تونۇشۇپ، بۇ سېرنىڭ ياردىمى بىلەن، ئىلمىي تەتقىقات ئىشىغا كىرىشكەن.
رۇنفورد ئالدى بىلەن سۇيۇقلۇقنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان. «كونۋېكسىيە» دېگەن ئاتالغۇنى ئەنە شۇ رۇنفورد ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ گېرمانىيىدىكى باۋارىيىدە چوڭ زەمبىرەك ياساشقا نازارەتچىلىك قىلغاندا، ئىككى ئات بىلەن بۇرغىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ زەمبىرەكنىڭ كانىيىنى بۇرغۇلاۋېتىپ، 12.07 كىلوگىرام سۇنىڭ ئىككى سائەتتە نۆل گىرادۇستىن قايناش نۇقتىسىغا يەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇ مۇشۇ ھادىسىگە ئاساسەن، سۈركىلىشتىن ئىسىقلىق ھاسىل بولۇش نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ چاغدىكى «ئىسىقلىق ماددىسى» تەلىماتىغا قارشى چىقىدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن قېتىم تەجرىبە قىلىپ، ئاخىرى مۇنداق يەكۈننى چىقىرىدۇ. «بۇنداق سۈركىلىشتىن ھاسىل بولغان ئىسىقلىق، بۇرغۇلاشنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىغى ياكى چوڭ-كىچىكلىگى بىلەن مۇتلەق تاناسىپ بولالمايدۇ، لېكىن سەرپ بولغان مېخانىك ئىش مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ ياكى ئوڭ تاناسىپقا يېقىن تاناسىپ بولىدۇ.» مۇشۇ ئاساستا، ئۇ بۇ كەشپىيات توغرىسىدا ماقالە يېزىپ ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ياندۇرقى يىلى، خېمىك دېۋىدىمۇ ئۇنىڭكىدىن ئانچە پەرق قىلمايدىغان بىر تەجرىبىنى قىلىدۇ. دېۋىد قاتتىق توڭلاپ كەتكەن ئىككى پارچە مۇزنى بىر-بىرىگە سۈركەيدۇ، بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن، مۇز ئېرىيدۇ. دېۋىد بۇ تەجرىبىدىن: «مۇزنىڭ ئېرىشى سۈركىلىش ھەرىكىتىنىڭ مۇز مالىكۇلىلىرىغا ئۆتكەنلىگىدىن بولغان» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. بۇ ئىلمىي يەكۈن لۇنفورد يەكۈنىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەپ بېرىدۇ.
كېيىن رۇنفورد يەنە ئوپتىكا جەھەتتىكى تەجرىبىنى ئىشلەيدۇ. ئۇ ئىككى يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ زىچلىقىنى سېلىشتۇرۇپ، ئىككى چىراقنىڭ يورۇغىنى تامغا چۈشۈرىدۇ، ئىككى يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ئالدىغا بىر تال تاياقنى تىكلەپ قويىدۇ. بۇ چاغدا تامغا ئىككى تاياقنىڭ كۆلەڭگۈسى چۈشىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ئىككى بولغانلىقى ئىدى. رۇنفورد يەنە ئىككى چىراقنىڭ ئارىلىقىنى تەڭشەيدۇ، ئىككى چىراقنىڭ يورۇقلۇغىنى ئوخشاش قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ تام بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ئىككى ئارىلىقنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئىككى يورۇقلۇق كۈچىنىڭ سېلىشتۇرمىسى بولىدۇ. بۇنداق قۇرۇلما رۇنفورد فوتومېتىر دەپ ئاتىلىدۇ، فوتومېتىرنىڭ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشى رۇنفوردنىڭ ناھايىتى زور شان-شەرىپى. رۇنفورد 1814-يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 61 يېشىدا پارىژدا ۋاپات بولغان.   

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 211 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-23