ۋات

ۋات توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار: ئۇ كىچىك چېغىدا مەش ئۈستىدە سۇ قاينىتىپتۇ، سۇ قاينىغاندا ئۇنىڭدىن چىققان ھور چۆگۈننىڭ ئاغزىنى كۆتۈرىۋېتىپتۇ، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭغا ناھايىتى زور ئىلھام بولۇپتۇ. ئۇ، ئەگەر چۆگۈندىكى سۇ نەچچە مىڭ ھەسسە، نەچچە يۈز مىڭ ھەسسە ئاشۇرۇلسا، ئۇنىڭ كۈچى ئىنتايىن زور بولىدىكەن، دەپ ئويلاپتۇ. مانا مۇشۇ ئوي ئۇنىڭ پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىشقا كىرىشىشىگە زور ئىلھام بولۇپتۇ.
ۋات 1736-يىلى شوتلاندىيىنىڭ غەربىدىكى گرىنىك بازىرىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ياغاچچى بولۇپ، ئائىلىسى ناھايىتى كەمبەغەل ئۆتكەن. شۇڭا، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان. لېكىن ئۇ ئوقۇشقا بەكمۇ قىزىقىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوئال سوراشقىمۇ ئامراق ئىدى. ۋاتنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋىرى ئۆز يۇرتىدا، ئاساسەن دادىسىغا ياغاچ ھەرىلەش، رەندىلەشكە ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىش بىلەن ئۆتكەن.
ۋات 18 يېشىدا گلاسكوۋ شەھىرىگە بېرىپ، شاگىرت ئىشچى بولىدۇ، ئۇ يەردە ئىلمىي ئەسۋابلارنى ياساشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، لوندونغا بېرىپ بىر سائەتچىدىن سائەت رېمونت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئاخىرى يەنە گلاسكوۋغا قايتىپ كېلىپ، گلاسكوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش ئىشچىسى بولىدۇ. بۇ چاغدا ۋات 20 ياشقا كىرگەن ئىدى. بىر قېتىم، ئۇ پار بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ماشىنىنىڭ ئاللىقاچان بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ دىققەت بىلەن ماتېرىيال توپلايدۇ ھەمدە چەتئەللەرنىڭ پار ماشىنىسىنى تەتقىق قىلماقچى بولۇپ، ئىتالىيانچىنى ۋە نېمىسچىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.
بۇ چاغدا ئىشلىتىۋاتقىنى بىر خىل ئىپتىدائىي پار ماشىنىسى بولۇپ، بۇنداق پار ماشىنىسىدا سىلىندىر پار بىلەن توشقۇزىلاتتى. ئاندىن كېيىن سىلىندىرغا سوغاق سۇ قۇيۇلۇپ، پار سوۋۇتۇلۇش بىلەن ۋاكوئۇم ھاسىل قىلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن پورشىننىڭ يەنە بىر تەرىپىنى بېسىپ تۇرغان چوڭ ھاۋا بېسىمى پورشىننى ھەرىكەتكە كەلتۈرەتتى. بۇ ئىش ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولغان بىر خىل پار ماشىنىسى ئىدى.
1763-يىلى، مەكتەپتىكى نيۇكمەن پار ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قېلىپ، ۋاتنىڭ رېمونت قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ، غەنىيمەت ئوبدان پۇرسەت ئىدى، ۋات ماشىنىنى چۇۋۇپ زاپچاسلىرىنى بىر-بىرلەپ تەتقىق قىلىدۇ ھەم رېمونت قىلىدۇ. ئاخىرىدا يەنە پۈتۈنلەي قۇراشتۇرۇپ قويىدۇ. سىناق قىلغان چاغدا گەرچە ئوڭلانغان بولىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كالا ئەسكى ھارىۋىنى سۆرىگەندەك بەك ئاستا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ۋات «بۇنى تېزلەتكىلى بولارمۇ؟ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت پەيدا قىلغىلى بولارمۇ؟» دەپ قاتتىق باش قاتۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ نيۇكمەن پار ماشىنىسىلا پورشىننىڭ ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز بولماسلىق، پار ئىسراپچىلىقى بەك كۆپ بولۇشتەك ئىككى چوڭ كەمچىلىكنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋات يەنە بۇ ماشىنىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ پار سىلىندىرنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى 3 قاپقاننىڭ ئېچىلىپ-يېپىلىشى ئاپتوماتىك بولماستىن، پۈتۈنلەي قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا، پورشىن بىر قېتىم ئېچىلىپ-يېپىلغاندا، سىلىندىرمۇ بىر قېتىم سوۋۇتۇپ تۇرىدىغانلىغىنى، ھەر قېتىم جەزمەن نۇرغۇن پار بىكاردىن-بىكار سىلىندىردا ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ۋات ھېسابلاپ كۆرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىۋاتقان پار ئاران 4 تىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
ۋات ماشىنىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئېنىق بايقىۋالغاندىن كېيىن، ماشىنىنى ياخشىلاش نىشانىسىنى مۇنداق بەلگىلەيدۇ: (1). پار ماشىنىسى پورشىننى ئۈزلۈكسىز ھەم تېز ھەرىكەتلىنىدىغان قىلىش كېرەك؛ (2). پارنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن، سىلىندىرنى سوۋۇتماسلىق كېرەك؛ (3). سىلىندىرنىڭ قاپقىغىنى ئاپتوماتىك ھالدا ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان قىلىش كېرەك. مۇشۇ ئۈچ قىيىن مەسىلە ئۈستىدە ئۇ كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ، تاماقنىمۇ تۈزۈك يىيەلمەيدۇ، ئۇيقۇنىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمايدۇ. كۈندە بولكا، بامبۇك نەيچە بىلەن تەجرىبە قىلىدۇ، بىلمىگەنلىرىنى باشقىلاردىن سورايدۇ، ئۇنىڭ ئۇيقۇنىمۇ، تاماقنىمۇ ئۇنتۇغان تۇرقىغا قاراپ، بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇنى نېرۋىسى بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ.
جىگەرلىك ئادەملەردىن ھېچ ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ۋات ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى چوڭ تۆھپىسى سىلىندىرنى ئىزولياتسىيىلەش ئارقىلىق ئىسسىقلىق قاچمايدىغان قىلىدۇ، ئۇ يەنە «ئايرىپ سوۋۇتۇش ئەسۋابى ئىجاد قىلىپ، ئۇ ئارقىلىق پارنى سىلىندىرنىڭ سىرتىدا سۇغا ئايلاندۇرۇپ، سىلىندىرنىڭ قىزىقلىقىنى ساقلاپ قېلىپ» نى كەشپ قىلىش بىلەن، ئاخىرى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پار ماشىنىسىنى ئىجاد قىلىش ئىشىنى ئورۇنلايدۇ. 
ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پار ماشىنىسى بىلەن پەقەت سۇ چىقىرىشقىلا بولاتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن سۇ ناسوسىنىڭ پورشىنى بىلەن ماس ھالەتتىكى قايتىلانما ھەرىكەتلا لازىم بولاتتى. ۋات كېيىن «قوش ھەرىكەتلىك» پار ماشىنىسىنى ياساپ چىقىپ، بۇ ماشىنىدا سىلىندىرنىڭ ئىككى بېشىدىن پار نۆۋەت بىلەن سىلىندىرغا سىغدىلىپ كىرىپ تۇرىدىغان، پورشىننىڭ ھەر قېتىمقى ئېتىشىدىن ئېنېرگىيە ھاسىل بولۇپ تۇرىدىغان قىلىدۇ، ھازىرقى «تاق سىلىندىرلىق» پار ماشىنىسى دەپ ئاتالغان ماشىنا مانا مۇشۇ. ۋات دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى قايتىلانما ھەرىكەتلىك پار ماشىنىسىنى ئايلانما ھەرىكەتلىك پار ماشىنىسىغا ئۆزگەرتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پارنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىدىن ماشىنىلار پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پار ماشىنىسى تۈرلۈك سانائەتتە ئىشلىتىدىغان بولغان.
ۋاتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك پار ماشىنىسى دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا پار ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ياساشقا كىرىشكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 120-يىلى، مىسىردا سىرو دېگەن بىر پەيلاسوپ بىر پار ماشىنىسى ياسىغان، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئېتىبارى قوزغىلا-قوزغالماستىنلا ئۇنىڭ ئىزى-تىزى يوقاپ كەتكەن. 1612-يىلى فرانسىيىلىك مېخانىك دىگۇمۇ ئىسسىق پارنىڭ كۈچىنى سىناق قىلىپ باققان. 1698-يىلى ساۋۇرېمۇ بىر ماشىنا ياساپ چىقىپ، ئازگالدىكى سۇنى يۇقىرىغا تارتىپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، دىتسىگولىر، پىپېن، نيۇكامىن قاتارلىق نەچچە ئونلىغان كىشىلەرمۇ پار ماشىنىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەم مەلۇم ئەجرە سەرپ قىلغان. ۋاتنىڭ ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتنى قىزغىن سۆيۈش روھى قىممەتلىك روھ. ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۆككەن يۈرەك قېنىنى يىغىپ، ئاخىرى پار ماشىنىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.
پار ماشىنىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى 18-ئەسىردىكى دەۋىر بۆلگۈچ بىر مۇۋەپپەقىيەت بولدى. ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئارقىسىدا، پويىز، پاراخوت كەشپ قىلىندى، شۇنداقلا يىرىك ماشىنىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك شەرت يارىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى پەن ۋە مەدىنىيەت بويىچىمۇ شانلىق سەھىپە يېزىلدى. ۋات 1819-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، 83 يېشىدا ئەنگليىدە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ مۇشۇ تۆھپىلىرى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى خاتىرلەپ كەلمەكتە. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 233 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-22