ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (ULY) ھەققىدە

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى-ULY) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم .. قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لايىھىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لايىھە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تىل-يېزىق كومىتېتىگە يوللانغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يىلى باھاردا «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلاردا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەن. UKY نىڭ بىرلىككە كېلىشى مۇشۇ بەتتە ساقىت قىلىنغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە تورداشلارنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق نەتىجە بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر شەخس ياكى تور بېكىتىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس. UKY ئېلىپبەسى نۆۋەتتە نۇرغۇن تور بېكەتلىرى، كۈندىلىك ئالاقە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەم باشقا ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. UKY ئېلىپبەسى جەدۋىلى تۆۋەندىكىچە:

(تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن موشۇ رەسىمنى ئىشلىتىڭ)(تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن موشۇ رەسىمنى ئىشلىتىڭ)

ئەسكەرتىش: 1. ئەگەر «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى http://www.ukij.org/teshwiq/uey%20eou.HTM دا تەپسىلىي كۆرسىتىلدى.
2. [zh] بولسا «ژ» (ژۇرنال) ھەرپىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تولۇقلىما سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ژۇرنال [zhurnal] .

دىققەت: 2005-يىلىنىڭ باشلىرىدا تورداشلارنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) دېگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دەپ ئېلىش مۇۋاپىق كۆرۈلگەن . بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت UKY نىڭ كومپيۇتېر تىلى/يېزىقى بولغان 0 ۋە 1 لەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ كىشىلەردە ئاتالغۇ ياكى ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. UKY ۋە ULY لار بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئارىسىدا قىسقارتىلما ئاتالغۇ شەكلىدە ئىشلىتىلگەندە ماس ھالدا«ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دەپ ئوقىلىدۇ (يەنى قىسقارتىلغان سۆز «ش ئۇ ئا ر» نى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئوقىغاندەك).

ULY  ئىملا قائىدىسى



بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا خەت يازغاندا تۆۋەندىكى قائىدىلەرگە بويسۇنۇش كېرەك:

1. جۈملىنىڭ بىرىنچى سۆزىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

2. ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى، دۆلەت ناملىرى، مىللەتلەرنىڭ ناملىرى ۋە يەر-جاي ئىسىملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Mehmud Qesqeri, Uyghur, Amérika, Ürümchi

3. خاس ئىسىملارنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. چەتتىن كىرگەن خاس ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىغا بويسۇندۇرۇپ يېزىلىدۇ، ئەسلى شۇ تىلدا يېزىلىشىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.

مەسىلەن: Qesqer, Yüsüp Xas Hajip, Nyuyork (New York), Béyjing (Beijing), Arman

4. قىسقارتىلغان ئىسىملار چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: AQSh, BDT, UKY

5. خەلقئارا بىرلىكلەر، قىسقارتىلما سۆزلەر ۋە تاۋار ناملىرى ئۆز پېتى يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: MTV, VCD, DVD, m, cm, volt, Microsoft

6. قىسقارتىلغان سۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىدە قوشما ھەرپ بولسا شۇ ھەرپنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ يېزىلىپ ئىككىنچى ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: A.Q.Sh (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى)، B.D.T. (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ، ShUAR شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

7. مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ ناملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni

8. يۇقىرىكىلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا ھەرپلەر بىردەك كىچىك يېزىلىدۇ.

9. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف (') بىلەن ئايرىپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: sen'et, chet'el, qet'iy, jem'iyet

10. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف بىلەن ئايرىپ يېزىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر گراماتىكىسى بويىچە يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ھەر بىر بوغۇمدا بىر سوزۇق تاۋۇش بولىدۇ، ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشىنىڭ ئۆزىلا بوغۇم ئايرىشنىڭ بېشارىتىدۇر.

مەسىلەن: maarip, muellim, daire, mueyyen, tebiiy, paaliyet

11. پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن s'h, n'gh, n'g, ng'h لار ئارىسىغىمۇ ئاپوستروف قوشۇپ قويىلىدۇ.

مەسىلەن: Is'haq, Özbékistan'gha, Hin'gan, Cheklen'gen, Ganggirap, Bashlan'ghuch.

ULY رەسىملىك ئېلىپبەسى


ULY رەسىملىك ئېلىپبەسىULY رەسىملىك ئېلىپبەسى


«ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى www.ukij.org» دىن ئېلىندى .

--- سەۋىر ---

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 551 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-24