php ھەققىدە

PHP بولسا نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان Web مۇلازىمىتېر پروگراممىلىرىنىڭ بىرى. PHP نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا گرامماتىكىلىق ئۆگىنىش قولايلىق، ئىقتىدارى يۇقىرى، جانلىق ھەم قوللىنىشچان. بىر قىسىم ھازىرقى زامان ئەڭ ياخشى ئىقتىدارلارنى قوشۇۋەتكەندىن كېيىن، PHP،Apache ۋە MySQL لار Web مۇلازىمتېرىنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇپ قالدى. PHP ئۆگىنىش باسقۇچى بولسا ناھايىتى يىنىك ھەم تېز. PHP نى Web تېخنىكسىنىڭ ماتورى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، يەنە كېلىپ Web تېخنىكىسىغا داۋاملىق يۈزلەنگۈسى.
PHP بولسا بىر قەۋەت ئېنگىلىزچە قىسقارتىلما ئىسىم بولۇپ، ئېنگلىزچىدىكى (PHP: Hypertext Preprocessor) نىڭ قىسقارتىلمىسى، مەنىسى بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى تېكىست بىر تەرەپ قىلىش تىلى. PHP بولسا بىر خىل HTML تىلىدىن تۈزۈلگەن تىل. PHP ۋە مىكروسوفىتنىڭ ASP تىلى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئوخشىشىدۇ، ھەممىسى بىر خىل مۇلازىمىتېردا ئىجرا بولىدىغان HTML  ھۆججەت تىپىدىكى ئورىگىنال تىلى، تىلنىڭ ئۇسلۇب شەكلى C تىلى بىلەن ئوخشىشىدۇ، ھازىر كۆپلىگەن تور پروگرامما قۇرغۇچىلىرى بۇنىڭغا يۈزلىنىۋاتىدۇ. PHP نىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە C ،Java ،Perl قاتارلىق يېڭى گرامماتىكا قائىدىلىرى سىڭدۈرۋېتىلدى. ئۇ CGI ياكى Perl غا قارىغاندا تېخىمۇ تېز بولغان ھەرىكەتچان ھالەتتىكى تور بەتلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.
PHP بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان ھەرىكەتچان ھالەتتىكى پروگرامما بىلەن باشقا تەھرىرلىگۈچ تىللار بىلەن ئوخشاش، PHP ئەڭ دەسلەپتە 1994-يىلى Rasmus Lerdorf دىن تەرپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا باشلىغاندا ئاددىيلا Perl تىلى ئىشلىتىپ، ئۆزنىڭ توربېتىنى ستاتىستىكا قىلغۇچى قىلغان. كېيىن C تىلى بىلەن قايتا زىيارەت قىلىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يېزىپ چىققان. 1995-يىلىدىن كېيىن، Personal Home Page Tools) PHP Tools) سىرتقا قارىتا بىرىنچى نەشرىنى ئېلان قىلدى. Lerdorf بىر قانچە خىل چۈشەندۈرۈش ماقالىسى يېزىپ PHP1.0 نى ئېلان قىلدى.
بۇ ۋاقىتلاردا بۇ خىل نەشىردە پەقەت سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىلا بار ئىدى، كېيىن كۆپلىگەن تور بەتلەر PHP نى ئىشلەتتى ھەمدە نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشتى، مەسىلەن: ئايلانما قۇرۇلمىلىق جۈملە ۋە سانلار گۇرۇپپىسى ئۆزگىرىشچان مىقدار قاتارلىقلار. يېڭى ئەزا قوشۇلغاندىن كېيىن 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدا PHP2.0 نى ئېلان قىلدى. ئىككىنچى نەشرىنىڭ ئىسمىنى (PHP/FI (Form Interpreter دەپ قويۇشىنى قارار قىلدى. PHP/FI بولسا MySQL گە بولغان قوللاشنى قوشىۋېلىپ، PHP نىڭ ھەرىكەتچان تور بەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالدى. 1997-يىلىنىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا PHP/FI تور بېتىنىڭ سانى 5 تۈمەندىن ئېشىپ كەتتى، 1997-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدا يەنە ئۈچىنچى نەشرىنى چىقىرشقا تۇتۇش قىلىپ Zeev Suraski ۋە Andi Gutmans گۇرۇپپىلىرىغا قاتنىشىپ PHP3 نى ئېلان قىلدى.

2000-يىلى، PHP4.0 يەنە ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلار بىلەن دۇنياغا كەلدى.
PHP نىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
1. ئېچىۋېتىلگەن ئەسلى كود: بارلىق PHP ئېچىۋېتىلگەن ئەسلى كود بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلغىلى بولىدۇ؛
2. PHP بولسا ھەقسىز؛
3. PHP نىڭ تېزلىكى: PHP ناھايىتى تېز؛
4. مۇلازىمىتېر قىسمى بىلەن بولغان ئالاقىسى: PHP بولسا مۇلازىمىتېردا ئىجرا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن UNIX ،LINUX ،WINDOWS قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ؛
5. HTML غا سىڭىپ كىرگەن: PHP گە HTML قىستۇرۇلغاچقا ئۆگىنىش خېلى ئاسان؛
6. ئاددىي بولغان تىل: PHP ئورگىنال تىلىنى باش قىلىدۇ ھەمدە Java ھەم C++ بىلەن ئوخشىمايدۇ؛
7. ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى: PHP باراۋەر دەرىجىدە سىستېما مەنبەسىنى خورىتىدۇ؛
8. سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش: PHP بىلەن ھەرىكەتچان بولغان سۈرەت قۇرغىلى بولىدۇ؛
ئوبىكتىغا يۈزلىنىش: php4 ,php5 دە ئوبىكىتقا يۈزلىنىش (OOP تېخنىكىسى) جەھەتتە ئاز بولمىغان ئۆزگەرتىپ تۈزىتشلەر ئېلىپ بېرىلدى، ھازىر php دا مۇكەممەل بولغان زور تىپتىكى سودا پروگراممىسى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ.
2000-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، رەسمىي يېڭى نەشرىنى ئېچىۋەتكەنلىكىگە 18 ئاي بولغانلىقىنى جاكارلاپ، PHP 4.0 نى ئېلان قىلدى. كۆپلىگەن كىشىلەر PHP 4 نى ئاچقانلىق بولسا كارخانا دەرىجىلىك ئېچىۋېتىش مۇھىتى دەپ رەسمىي پوزىتسىيە بىلدۈردى، بۇ خىل قاراش بولسا يەنە PHP نىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئېلان قىلىپ پەقەت بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا Netcraft(http://www.netcraft.com/)تەخمىنەن 360 مىڭ توربەت PHP نى قاچىلاپ ئىشلەتتى.
1. مەنبە بىر تەرەپ قىلىش ئۆزگەرتىلدى. كېڭىيىشچانلىق بولسا 3.x نەشىرىدىكى ئاساسلىق كەمچىلىكنىڭ بىرى، بۇ ئاساسلىقى لايىھىلىگۈچى بۇ خىل تىلنى تۆۋەن قاراپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ كۆپلىگەن كەڭ مىقداردىكى كۆلەمنى ئىگىلەيدىغان قوللىنىشچان پروگرامما ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ يەتمىگەن. ئەڭ دەسلەپتە بۇ خىل تىلنىڭ كارخانا دەرىجىلىك تىل ئورنىدا ئىشلىتىلىپ قېلىشىنى ئويلاشمىغان، بىراق كېيىن بۇ ئەمەلىيەت بولۇپ قالغان.
2. ئوبىكىتقا يۈزلىنىشنى قوللىشى: ئوبىكىتقا يۈزلىنىش ئىقتىدارى، ئادەتتە قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم 4-نەشىرىدە قوشۇۋېتىلگەن. بىراق، ئەنئەنىۋى پروگرامما OOP لايىھىلىگۈچى ئابونىتقا نىسبەتەن، بۇ يېڭى تىپتىكى ئىقتىدار بۇ ئابونېنتچىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ بولغان ئىشلىتىشچانلىق قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. ئوبىكىتىنى قايتا يۈكلەشتىن سىرىت ئۇچۇرلارنى ئىجرا قىلغاندا، PHP يەنە ئۆلچەملىك ۋە ئوبىكىت ئېچىۋېتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى قوللايدۇ.
3. ئىچكى قىسىمدىكى دىئالوگ بىر تەرەپ قىلىشنى قوللاش: 3.x نەشىرى ئۈچىنچى بولاق (PHPLIB (http://phplib.sourceforge.net s دىئالوگ بىر تەرەپ قىلىش قوللاشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ 4-نەشىرىدە HTTP دىئالوگ بىر تەرەپ قىلىش بولسا ئىچكى قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىقتىدار. بۇ خىل ئالاھىدىلىك بولسا پروگراممىرنىڭ ئەركىنلىك تەڭ دەرىجىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئابونېنتلارنىڭ پائالىيىتى ۋە تەھرىرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
4. (Mcrypt (http://mcrypt.sourceforge.net ئامبىرى ئەسلىدىكى ئېچىۋېتىش بولىقىدىكى، ئابونېنتلار ئۈچۈن مۇكەممەل شىفىرلاشتۇرۇش ۋە شىفىرسىزلاندۇرۇشنى تەمىنلىگەن.

5. ISAPI قوللاش: ISAPI گە نىسبەتەن PHP ۋە مىكروسوفىتنىڭ IIS Web مۇلازىمىتېرىنى يېتەرلىك بولغان قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

6. ئىچكى قىسىمدىكى COM/DCOM قوللاش: Windows ئابونېنتلىرىغا نىسبەتەن، يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى PHP 4 نى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ ۋە ئەمەلىي مىساللاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئىقتىدارلار Windows قوللىنىشچان پروگراممىسىنىڭ ئۆز-ئارا مەشغۇلاتچانلىقى ئۈچۈن كېڭەيتىلگەن.

7. ئىچكى قىسىمدىكى Java قوللاش: بۇمۇ PHP دىكى ئۆز-ئارا قوللىنىشچانلىقتىكى چوڭ بىر قەدەم، 4.0 نەشىرىدە PHP قوللىنىشچان پروگراممىسىنى Java ئوبىكتىغا باغلىغىلى بولىدۇ.
8. Perl ۋە مۇنتىزىم ئىپادە (PCRE) ئامبىرى. Perl تىلىنى بىر ئىزچىل ھەرپ بەلگە تىزمىسى ئانالىز ساھەسىدىكى جاھانگىر ھېساپلاپ ئورۇن ئىگەللەپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولغان. PHP ئاچقۇچىلار شۇنى بىلىدۇكى، ئەگەر PHP كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتلىسە، مۇنتىزىم ئىپادە ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار پەقەت Perl نىڭ ئىقتىدارلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ھەمدە قايتا تارقاتمىغان. ھەمدە PCRE ئامبىرىنى PHP نىڭ ئەسلىدىكى بولىقى قىلىپ تارقاتقان.
بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەردىن سىرىت 4-نەشىرىدە نەچچە يۈزلىگەن ئىقتىدارلار قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى چوڭ تۈرتكىدە كۆتۈردى. بۇ دەرسلىكتە بىز شۇلار ئارىسىدىكى چوڭ بولغان قىسىملارنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
PHP نىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، PHP 4 بىر قېتىملىق چوڭ سەكرەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ يېڭى نەشىر ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئىقتىدارلار، مەيلى يېڭى پروگراممىر ياكى كەسپىي پروگراممىرلارنى بولسۇن ئۇلارنى ناھايىتى ھاياجانغا سالدى. بىراق PHP ئېچىش گۇرۇپپىلىرى بۇ خىل مىۋىنى داۋاملىق ئىشلىتىۋېرىشتىن قانائەت ھاسىل قىلمىدى ھەمدە ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار يەنە بىر خىل نامايەندى خاراكتېرلىك ۋەزىپە ئېچىشقا باشلىدى ۋە Web ساھەسىدە يېتەكچى بولغان ئورگىنالىدىن بىرنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ: PHP-5 .5 نەشرى PHP تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر مۇنار، دەرۋەقە ئاساسلىق ئامبارلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى نەشىرىگە قېتىۋېتىلگەن بولسسىمۇ، بىراق، 5-نەشىرىدە ھازىرقى بولغان ئىقتىدارلار ئۈستىگە نۇرغۇن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە پىشقان پروگرامما تۈزۈش تىلىدا ئەسلىدىنلا بار بولغان ئىقتىدارلار قوشۇۋېتىلدى.
1. ئوبىكىتقا يۈزلىنىش ئىقتىدارى غايەت زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى. PHP نىڭ ئوبىكىتقا يۈزلىنىش PHP نىڭ سخېما ئوبىكىتىغا بولغان ئۆزگەرتىشىتە، 5-نەشىرىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك جىلۋىلەندى، 5- نەشىرىدە، ئەگەر قۇرۇلما فۇنكىسيە ۋە ئانالىز فۇنكىسيەسى كۆرۈنسە، ئوبىكىت كىلونلاش، ئابىستىراكىت، ئۆزگىرشچان قىممەت ۋە ئۇلىنىش ئېغىزى قاتارلىقلار. يەنە بىرى PHP ئوبىكىت باشقۇرۇشتىمۇ چوڭ ئۆزگەرتىش بولۇندى.
2. try/catch غەيرى ئەھۋال بىر تەرەپ قىلىش. بۇنىڭدا ھەجۋىيلەشتۈرۈش پۇرىقى بار بولۇپ، قۇرۇلمىلاشتۇرۇلغان پروگراممىدا لايىھىلەش خاتالىقىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۆزىدە ئاسان خاتالىق چىقىرىش ستراتېگىيىسى
3. Unicode قوللاش: Unicode قوللاش ئىقتىدارى قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن نۇرغۇن تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوللىنىشچان پروگراممىلارنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىشلىتىش ئاسانلاشتى.
4. بىخەتەرلىك ئۆزگەرتىش: ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى، بۇ ئۆزگەرتىشلەر بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ تاراپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىدى. گەپنىڭ راسىتىنى ئېيتقاندا بۇ خىل مەسىلىلەر تىل بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەكسىچە پروگراممىرنىڭ ئىش كۆرمىگەن ۋە ئەپلەپ-سەپلەپ تۈزگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
5. يېڭى تىل ئالاھىدىلىكى ۋە قۇرۇلما: يېڭىدىن نۇرغۇنلىغان گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەت قوشۇلۇپ 64 لىك پۈتۈن سانلىق تىپىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق كۆپ خىل سانلىق مەلۇمات گۇرۇپپىسى foreach ئايلانما قۇرۇلمىنى قۇرۇپ چىقىپ، break نى خەتكۈچ قىلدى.

---سەۋىر---

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 318 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-24