لاپلاس


لاپلاسلاپلاس
گېرمانىيە پەيلاسوپى «ئالەمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە ئومۇمى مۇلاھىزە» نى ئېلان قىلغانلىقى سەۋەپلىك ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ۋە زەربىسىگە ئۇچرىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇنىڭ بۇ كىتابىمۇ رەھىمسىز تۈردە دەپنە قىلىنغان، لېكىن يېرىم ئەسىردىن كېيىن، «ئالەمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە ئومۇمى مۇلاھىزە» گە قايتىدىن جان كىرگەن. ئۇنىڭغا قايتىدىن جان كىرگۈزگەن كىم ئىدى؟ ئۇ-فرانسىيە ماتېماتىگى، ئاسترونومى لاپلاس ئىدى. 
لاپلاس 1749-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى فرانسىيىنىڭ غەربى شىمالىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۇرمۇشتىكى يوقسۇللۇق تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا ئوقۇشقا كىرەلمەيدۇ، كېيىن خولۇم-خوشنىلارنىڭ ياردىمى بىلەن پارىژغا بېرىپ ئوقۇيدۇ. لاپلاسنىڭ ھاياتى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يۈكسەك مۇۋەپپەقىيىتى ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسىنى تەتقىق قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدى.
لاپلاس ئۆز ئۆمرىدە: «ئالەم سىستېمىسى» ۋە «ئاسمان جىسملىرى مېخانىكىسى» دېگەن ئىككى ئەسەر ئېلان قىلغان. لاپلاس ئۆز ئەسىرىدە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن، ئۇنىڭ ناھايىتى زور نەتىجىسى ئەنە شۇ ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق قىياس قىلغان: قۇياش سىستېمىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئىپتىدائىي تۇمانلىق گىرادۇسى ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما ئايلىنىش ناھايىتى ئاستا بولغان شالاڭ ماددا. تۇمانلىق ئىچىدىكى ماددى نۇقىتلارنىڭ بىر-بىرىگە تارتىلىپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ شارسىمان ھالەتتە شەكىللىنىشىگە ۋە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزگە توپلىنىشىغا سەۋەپ بولغان. تۇمانلىق ئاستا-ئاستا سوۋۇشى بىلەن تارىيىپ بارغان ھەمدە رادىئوسىنىڭ كىچىكلىشىگە ئەگىشىپ ئايلىنىشى بارغانسېرى تېزلەشكەن، ئۇنىڭ مەركەزدىن قېچىش كۈچى چوڭايغان، بۇنىڭ بىلەن تۇمانلىق ئاستا-ئاستا ياپىلاق يۇمۇلاق تەخسە ھالىتىگە كېلىپ قالغان، ئىپتىدائىي قۇياش مانا شۇ ئىدى.
1796-يىلى لاپلاس «ئالەم سىستېمىسى» نى ئېلان قىلىپ، كانتنىڭ تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياسىنى دادىللىق بىلەن تولۇقلىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان. كانت تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياسىنى پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويغان. لاپلاس بولسا تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياسىنى ماتېماتىكا، مېخانىكا نۇقتىسىدىن تولۇقلىغان. بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئورتاق چۈشەنچىسى قوشۇلۇپ، كانت-لاپلاس تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياسى دەپ ئاتالغان.

لاپلاسنىڭ تۇرالغۇسىلاپلاسنىڭ تۇرالغۇسى

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لاپلاس ئۆزىنىڭ «ئالەم سىستېمىسى» دېگەن كىتابىنى ناپالىئونغا سۇنغان بولۇپ، بەزىلەر بۇ كىتاپتا خۇدا پەقەت تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى ناپالىئونغا ئالدىن ئېيتىپ قويغان. شۇڭا ناپالىئون لاپلاسقا: «سەن مۇشۇنداق كاتتا ئەسەرنى يېزىپسەنۇ، ئەمما دۇنيا سىستېمىسىنى ياراتقۇچىنى تىلغا ئالماپسەن» دېگەن. لاپلاس شۇ زامان مەردانىلىق بىلەن «مەن ئۈچۈن ئۇنداق قىياسنىڭ كېرىگى يوق» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
تۇمانلىق توغرىسىدىكى كانت-تەلىماتىنىڭ ئۆزى دۇنيانى دۇنيانىڭ ئۆزىدىن چۈشەندۈرىدىغان ئىلمى كۆز قاراشتا چىڭ تۇرغانلىق بولۇپ ئىنسانىيەت تارىخىدا، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈش جەھەتتە بۇ ئىككى باشلامچى پېشۋالار دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ پەقەت قۇياش سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇش توغرىسىدىكى بىر خىل قىياستىنلا ئىبارەت. قۇياش سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇش توغرىسىدىكى باشقا قىياسلارغا ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ قىياسىنىڭمۇ توغرا ئىكەنلىگى تا ھازىرغىچە دەلىللەنگىنى يوق، لېكىن كانت بىلەن لاپلاسنىڭ ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلغانلىقى نەتىجىسىدە، ئىنسانلار ئۈچۈن ئاسمان جىسملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى نەزىرىيىنى تەتقىق قىلىشىغا ئىشىك ئېچىلىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاسترونومىيە پالۋانلىرى ئۇنىڭغا ئاتلاندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سىرى ئېچىلدى.
لاپلاس 1827-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 284 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-15