ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ


ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ

مەككە ۋە قۇرەيش خەلقى بىر كۈن تىرىشقان، جاپا تارتقان، ئىبادەت قىلغان ۋە ئويۇن-تاماشا بىلەن مەشغۇل بولغاندىن كېيىن خورەك تارتىپ چوڭقۇر ئۇخلاۋاتقاندا پەقەت بىرەيلەن ئاللاھ بىلەن مۇناجاتلىشىشقا ۋەدىلىشىپ قويغان بولغاچقا، بالدۇر يېتىپ ئازغىنە نەچچە سائەت ئارام ئالغاندىن كېيىن چوڭقۇر قىزغىنلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىسىدىكى نامازگاھىغا بېرىپ پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلىۋاتاتتى ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىۋاتاتتى. ئايالى ھەر قېتىم ئۇنىڭ چىن ئىخلاسى بىلەن قىزغىن ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاشلىرىدىن ئويغىنىپ كەتكەندە ئىچى ئاغرىپ ئۇنى ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، تېگىشلىك ۋاقىت ئۇخلاشقا ئۈندەيتتى، بۇ چاغدا ئۇ سۆزلەشتىن بۇرۇن كۆز ياشلىرى ئاققان ھالدا: «ئى خەدىچە، ئەمدى ئۇيقۇنىڭ دەۋىرى ئۆتۈپ كەتتى» دەيتتى..!
ئۇ دەۋىتىنى يېڭىدىن باشلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوشۇرۇن ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا گەرچە قۇرەيشلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى باشلىغان بولسىمۇ ئەمما بىئارام قىلغۇدەك ھالغا كەلمىگەن ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. بۇ يەردە ئۆرۈپ-ئادەت، مۇھىت، ئەنئەنە ۋە ئىككىلىنىشلەرنىڭ بېسىمى تۈگىسىلا، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇشنى كۆڭۈللەرگە پۈكۈپ ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەۋاتقان نۇرغۇن غەيرى مۆمىنلەرمۇ بار ئىدى. ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ، (ئەرەبچىسى:حمزة إبن عبد المطلب) مىلادىيە 568-يىلى مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 625-يىلى مەدىنە ھىجازدا «ئۇھۇد» ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان. ھەمزە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەم ئېمىلداش قېرىندىشى بولۇپ، (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەمزە ئىككىسىنىلا بوۋاق ۋاقتىدا ھەلىمە بىنتى ئەبۇ ھۇۋەيب ئەمگۈزگەنلىكتىن ئېمىلداش قېرىنداش بولۇپ قالغان.) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەمزە بىر جەمەتتىن كېلىپ چىققان، يېشى تەڭتۈش بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىكىدىن بىللە ئويناپ، بىللە تۇغقان بولۇپ، بىر قەدەممۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلماي چوڭ بولغاچقا، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى دەپلا قارىماستىن بەلكى قېرىندىشىم ۋە دوستۇم دەپ قارايتتى. ئۇ چېلىشىش ۋە ئوقيا ئېتىشقا ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىن ئىسلامغا قوشقان بۈيۈك تۆھپىسى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن «شېھىتلەر خوجايىنى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان. ھەمزە قېرىندىشىنىڭ بۇ ئوغلىنىڭ كاتتىلىقى ۋە كامالەتكە يەتكەنلىكىنى چۈشىنەتتى، ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ۋە پەزىلەتلىرىنىڭ ھەممىنى ئوبدان بىلەتتى. گەرچە چوڭ بولۇپ يىگىتلىك دەۋىرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتقان يەنى ھەمزە باشقا تەڭتۈشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھاياتلىق نېمەتلىرىگە ئېرىشىش ۋە مەككە چوڭلىرى بىلەن قۇرەيش كاتتىباشلىرى ئارىسىدا بىر كىشلىك ئورۇن ئىگىلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا ھايات قايناملىرىدىن يىراق بولۇپ، روھىنىڭ ئاللاھنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نۇرى ئاستىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن خىلۋەتتە ئولتۇرغان بولسىمۇ ھەمزىنىڭ قەلبىدىن قېرىندىشىنىڭ ئوغلى شۇنداقلا دوستىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرغان، ئۇنىڭ بۈيۈك كەلگۈسىنى روشەنلەشتۈرۈپ بەرگەن ئاشۇ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە پەزىلەتلىرى بىردەممۇ يىراق بولمىدى.

ئۇھۇد تېغى ۋە ھەمزە (رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ) مەسچىتى سەيدىنائۇھۇد تېغى ۋە ھەمزە (رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ) مەسچىتى، بۇ مەيدان ھەمزە (رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ) شېھىت بولغان جاي

شۇ كۈنى ئەتىگەندە ھەمزە ئادىتى بويىچە سىرتقا چىقتى، كەبىنىڭ يېنىدا قۇرەيش كاتتىباشلىرىدىن بولغان بىر جامائە كىشىلەرنىڭ ئولتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشقا باشلىدى، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا سۆزلەۋاتاتتى. ھەمزە ئۇلارنىڭ جىيەنىنىڭ دەۋىتىدىن جىددىيلەشكەنلىكىنى، سۆزلىرىدە ئاداۋەت ۋە غەزەپ-نەپرەتنىڭ ئاشكارلىنىۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى. بۇندىن ئىلگىرى ئۇلار پەرۋا قىلمايتتى ياكى زورىغا پەرۋا قىلمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالاتتى، ئەمما بۈگۈن ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە جىددىيلىك، غەم-قايغۇ ۋە قولغا كىرگۈزۈش ئىستەكلىرى ئەۋج ئۇرۇۋاتاتتى، ھەمزە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇزۇن كۈلدى ۋە ئۇلارنى زىيادە ئەنسىرەپ كەتتى، ۋەزىيەتنى توغرا پەرەز قىلالمىدى دەپ ئويلىدى، ئەبۇ جەھىل ھەمزىنىڭ ئەيىپلەشلىرىنى ئاڭلاپ سۆھبەتداشلىرىغا ھەمزىنىڭ مۇھەممەدنىڭ دەۋىتىنىڭ ھەيۋىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇ قۇرەيشنى غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتۇرۇپ قويۇپ ئەتتىگەندىلا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن قەستەن سەل قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار كەسكىن غۇلغۇلا قىلىشىۋاتاتتى، بەزىدە تەھدىت سېلىشاتتى، ھەمزە بەزىدە كۈلۈپ، بەزىدە غەزەپلىنىپ قاراپ قوياتتى. ئۇلار تارقىلىشىپ ھەر قايسىسى ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشقاندىن كېيىن ھەمزىنىڭ كاللىسىدا يېڭى ئوي-خىياللار قايناشقا باشلىدى، ئۇ ئەمدى جىيەنىنىڭ ئىشى توغرىسىدا يېڭىدىن ئويلانغىلى تۇردى!
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى، كۈن ئۆتكەنسېرى قۇرەيشلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى توغرىسىدىكى ۋاتىلداشلىرى كۆپىيەتتى، ئاخىرىدا جېدەل-ماجىراغا ئۆزگىرەتتى، ھەمزە يىراقتىن ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ تۇرىۋاتاتتى. جىيەنىنىڭ قەتئىيلىكى ئۇنى بەكمۇ ئەجەپلەندۈرەتتى، قۇرەيشلەر گەرچە جان كۆيدۈرۈش ۋە قەتئىيلىك بىلەن مەشھۇر بولسىمۇ ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمانى ۋە دەۋىتى يولىدىكى قۇربان بېرىشلىرى پۈتۈن قۇرەيشكە نىسبەتەن تېخى يېڭى ئىش ئىدى. ئەگەر شۇ چاغدا شەكلىنىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىللىقى ۋە پەزىلەتلىرىنىڭ بۈيۈكلۈكىگە ئىشەنگەن بىرەر ئادەمنى ئازدۇرالايدۇ دەپ پەرەز قىلىنسا، شۈبھىسىزكى بۇ شەكلىنىشنىڭ ھەمزىنىڭ دىلىغا سىڭىپ كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھەمزە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ بالدۇر يېتىلگەن بالىلىقىدىن باشلاپ پاك ياشلىقىغىچە ۋە ئىشەنچلىك، ئالىيجاناپ ئەرلىكىگىچە ئەڭ ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ ئۇنى خۇددى ئۆزىنى چۈشەنگەندەك، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىدۇ، ئۇلار ھاياتلىققا بىرلىكتە قەدەم بېسىپ، بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، بىرلىكتە كامالەتكە يەتكەندىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خۇددى قۇياش نۇرىغا ئوخشاش پاك ياشىدى. ھەمزە بۇ ھاياتلىقتىن ئازىراقمۇ گۇمانلانمايدۇ، ئۇ ئۇنىڭ بىرەر قېتىم غەزەپلەنگەنلىكىنى ياكى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، ياكى تەمە قىلغانلىقىنى ياكى نەپىسنىڭ كەينىگە كىرگەنلىكىنى ۋە ياكى تەۋرەنگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ھەمزە كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن ئەقىللىق ۋە ئىرادىلىك ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن راستچىللىق ۋە ئىشەنچلىكلىك مۇجەسسەملەنگەن دەپ تونۇيدىغان بىر ئىنساننىڭ ئىزىغا ئەگىشىشتىن داجىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەنە شۇنداق قىلىپ ئۇ مەلۇم بىر كۈندە ئايان بولىدىغان بىر ئىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
بۇ كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەۋىسى-ئوۋ ئوۋلاش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئۈچۈن ئوقياسىنى بېلىگە قىستۇرۇپ چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئوۋدا پەۋقۇلادە ماھارەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ئوۋدا بىر قانچە كۈن ھايال بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەلدى ۋە ئادىتى بويىچە ئۆيىگە بېرىشتىن ئاۋال تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەبىگە باردى، كەبىگە يېقىن يەردە ئۇنىڭغا ئابدۇللاھ ئىبنى جۇدئاننىڭ خىزمەتكارى ئۇچرىدى، ئۇ ھەمزىنى كۆرگەن ھامان: «ئى ئەبۇ ئۇمارە، ئەبۇ جەھىلنىڭ ھېلى جىيەنىڭ مۇھەممەدنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ كاشكى، ئۇ مۇھەممەدنىڭ بىر يەردە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇدۇل ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئازار بەردى. تىللىدى، ئىشقىلىپ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدى» دېدى ۋە ئەبۇ جەھىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى. ھەمزە ئۇنىڭ سۆزىنى ئوبدان ئاڭلىغاندىن كېيىن بىردەم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇردى ۋە ئوڭ قولى بىلەن قىلىچىنى تۇتۇپ ئۆشنىسىگە ئارتتى-دە، ئەبۇ جەھىلنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن، مەككە تەرەپكە قاراپ تېز، مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كەتتى، ئەگەر ئۇ ئەبۇ جەھىلنى ئۇ يەردە ئۇچرىتالمىسا تاپقانغا قەدەر داۋاملىق ئىزدىمەكچى بولدى. ئۇ كەبىگە يېتىپ بارا-بارمايلا ئەبۇ جەھىلنىڭ قۇرەيشلەرنىڭ بىر مۇنچە كاتتىباشلىرىنى ئەتراپىغا يىغىپ كەبىنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئاجايىپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەبۇ جەھىلغا يېقىنلىشىپ ئوقنى ئاستا سۇغۇرۇپ ئالدى-دە، ئۇنىڭ بېشىنى نىشانلاپ ئاتتى-دە، ئوق ئۇنىڭ بېشىنى يېرىپ قان چىقىرىۋەتتى، ئولتۇرغانلار ھەيرانلىقتىن ئۆزلىرىنى يىغىپ بولغۇچە ھەمزە ئەبۇ جەھىلگە ۋارقىراپ: «سەن مۇھەممەدنى تىللاۋاتامسەن؟ مەن ئۇنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغان تۇرسام؟! ئۇ نېمە دېسە مەنمۇ شۇنى دەيدىغان تۇرسام؟! يۈرىكىڭ بولسا مېنى تىللاپ باقە قېنى؟!» دېدى. شۇ مىنۇتلاردا ئۇلار ھەمزىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھەممەدنىڭ دىنىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ نېمە دېسە ئۆزىنىڭمۇ شۇنى دەيدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇددى ئاسماندىن چۈشكەن چاقماقتەك سۆزلىرىنىڭ دەھشىتىدىن داھىيسى ئەبۇ جەھىلگە كەلگەن ئاھانەت ۋە ئۇنىڭ بېشىدىن قان ئېقىشتەك ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشتى..«ھەمزە مۇسۇلمان بوپتىما؟ قۇرەيش يىگىتلىرىنىڭ ئەڭ يامىنى، ئەڭ غەيرەتلىكىما؟!» شۈبھىسىزكى، بۇ ئەڭ چوڭ ئاپەت بولۇپ، قۇرەيشلەر بۇنىڭغا ھەرگىز چىداپ تۇرالمايدۇ، چۈنكى ھەمزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى نۇرغۇن ئىلغار كىشىلەرنى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا قىزىقتۇرۇشى، بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئۆزىنى قوللايدىغان نۇرغۇن ياردەمچىلەرگە ئېرىشۋېلىشى، نەتىجىدە كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى قۇرەيشلەر بۇتلىرىنى ۋە ئىلاھلىرىنى پاچاقلاۋاتقان بولقىلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن چۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن. توغرا! ھەمزە مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭلىگە پۈككىنىنى ئاخىرى ئوچۇق جاكارلاپ چۆچۈگەن كۆپچىلىكنى ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن ھالدا، ئەبۇ جەھىلنى يارىلانغان بېشىدىن ئاققان قاننى يالىغان ھالىتىدە قويۇپ قويدى، ئاندىن كېيىن ئوڭ قولىنى يەنە بىر قېتىم ئوقىغا سۇندى-دە، ئۆشنىسىگە مۇستەھكەم مۇقىملاشتۇرۇپ غەزىپى ۋە پۇختا قەدەملىرى بىلەن ھويلىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ھەمزىنىڭ ئەقلى ئۆتكۈر، قەلبى دۇرۇس ئىدى. ئۆيىگە بېرىپ بىر كۈنلۈك ھاردۇقى چىققاندىن كېيىن، يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدا ئولتۇرۇپ ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى قايسى ۋاقىتتا، قانداق جاكارلىدى؟ غەزەپلەنگەن، تەسىرلەنگەن، جەمەتىدىن پەخىرلەنگەن ۋاقىتلاردا جاكارلىدى. جىيەنىنىڭ بوزەك ئېتىلىشى، ياردەمچىسىز ھالدا زۇلۇم قىلىنىشى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەن ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ جىيەنى ۋە ھاشىم جەمەتىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن غەزەپلەندى ۋە ئەبۇ جەھىلنىڭ بېشىنى يېرىۋېتىپ ئۇنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن بۇ ئىنساننىڭ ئاتا-بوۋىلىرى زامانلاردىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بىر دىننى تاشلاپ تەلىماتلىرىنى تېخى ئۆگىنىپ باقمىغان، ماھىيىتىنى پەقەت ئازىراقلا بىلىدىغان يەنە بىر دىننى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىمۇ؟ توغرا، ھەمزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقى ۋە غايىسىنىڭ پاكلىقىغا ئىشىنىشىدە قىلچىلىكمۇ شەك يوق، لېكىن بىر ئادەمنىڭ نۇرغۇن تەلىماتلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان يېڭى بىر دىننى ھەمزىگە ئوخشاش غەزەپلەنگەن پەيتتە قوبۇل قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇ جىيەنى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ يېڭى دەۋەتنى ھۆرمەت قىلاتتى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەگەر ئۇنىڭ مۇشۇ دەۋىتىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، ئىمان ئېيتقۇچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرى قاتارىدىن بولۇش پەرىز قىلىنسا ئۇنداقتا بۇ دىنغا كىرىشنىڭ مۇناسىپ پەيتى قانداق ۋاقىت بولۇشى كېرەك؟ غەزەپلەنگەن، جەمەتىدىن پەخىرلەنگەن ۋاقىت بولۇشى كېرەكمۇ ياكى سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلانغان ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزگەن ۋاقىت بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئەنە شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ دۇرۇس قەلبى، سۈزۈك تەپەككۇرى ئۇنى پۈتۈن ئىشنى قايتىدىن ئىنچىكلىك بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئۈندىدى، ئۇ تەپەككۇر قىلىشقا مەسىلىلەرنى ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى، شۇ يوسۇندا ئۇ توختاۋسىز پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن كېچىلىرى كىرپىك قاقماي بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدى. ھەقىقەتنى ساپ ئەقىل بىلەن ئىزدەيمىز دەيدىكەنمىز ئىككىلىنىش بىر خىل تونۇش ۋاستىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، ھەمزە ئەقلىنى ئىسلام توغرىسىدا ئىزدىنىشكە ئىشلىتىپ، ئىلگىرىكى دىنى بىلەن ھازىرقى يېڭى دىننى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ گۇمانلىنىش ئۇنىڭ قەلبىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ دىنىغا ئىرسىي مايىل بولۇش بىلەن ھەر قانداق يېڭى نەرسىدىن ئىرسىي ئېھتىيات قىلىشتەك خاھىشنى پەيدا قىلدى، كەبە، كەبىدىكى ئىلاھلار، بۇتلار ھەم ئويۇلغان بۇ ئىلاھلارنىڭ قۇرەيش خەلقى ۋە پۈتۈن مەككە خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن دىنى ئىمتىيازلار توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەر مېڭىسىدە قايتا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى، بۇ تارىخ ۋە بۇ كونا دىندىن ئۆزىنى ئۇنىڭ كاللىسىدا ئۆتۈش تەس بولغان بىر ھاڭ پەيدا قىلىۋاتاتتى. ھەمزە بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ۋە قەۋمىنىڭ دىنىدىن مۇنداق ئاسان ۋە تېز سۈرئەتتە چېكىنىپ چىقىشىنىڭ قانداق مۇمكىن بولىۋاتقانلىقىدىن تەئەججۈپلەندى ۋە قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلدى، لېكىن ئۇ ئەقلىنى داۋاملىق ئىشقا سېلىپ تۇردى، يالغۇز ئەقلىگىلا تايانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ پۈتۈن ئىخلاس ۋە سادىقلىقى بىلەن غەيىپكە ئىلتىجا قىلدى، ھەقىقەت ۋە توغرا يولغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ دۇنيادىكى كۈچ-قۇدرەت ۋە نۇردىن مەدەت تىلىگەن ھالدا ئىلتىجا قىلدى، مۇناجات قىلدى.
قالغان خەۋەرنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلايلى: «شۇندىن كېيىن مەن ئاتا-بوۋىلىرىم ۋە قەۋمىمنىڭ دىنىدىن ئايرىلغانلىقىمغا پۇشايمان قىلدىم، شەكلىنىش پۈتۈن مېڭەمنى ئەسىر قىلىۋالدى، ھەتتا كېچىلىرى ئۇيقۇممۇ كەلمەيتتى، ئاخىرى مەن كەبىگە بېرىپ قەلبىمنى ھەقىقەتكە كۇشادە قىلىپ بېرىش، كۆڭلۈمدىكى شەك-شۈبھىنى كۆتۈرىۋېتىش ئۈچۈن ئاللاھقا زار-تەزەررۇ قىلدىم، ئاللاھ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ قەلبىمنى ئىشەنچكە تولدۇردى، ئەتىسى ئەتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم، ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ قەلبىمنى ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم قىلىشقا ئاللاھقا دۇئا قىلدى». شۇنداق قىلىپ ھەمزە راستىنلا مۇسۇلمان بولدى، ئاللاھ ئىسلامنى ھەمزە بىلەن ئېزىز قىلدى، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن قەد كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بوزەك ئېتىلگەن ساھابىلىرىنى قوغدىدى. ئەبۇ جەھىل ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ سېپى ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چوقۇم ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدى ۋە قۇرەيش خەلقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئەرزىيەت يەتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈپ ئاچچىقىنى چىقىرىش ۋە ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن بىر مەيدان ئىچكى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى. ھەمزە پۈتۈن ئەرزىيەتنى ئۆزى يالغۇز توساپ قالالمىسىمۇ ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى چوڭ قالقان بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەسلەپ ھەمزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ھەم ئۇندىن قالسا ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ھەر قايسى قەبىلىلەرنى ئىسلامغا يېتەكلەشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى، شۇندىن كېيىن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرىشكە باشلىدى!! ھەمزە مۇسۇلمان بولغاندىن باشلاپلا مەيلى ساق بولسۇن ياكى كېسەل بولسۇن پۈتۈن ھاياتىنى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ دىنىغا ئاتىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يولۋىسى» دېگەن كاتتا نامنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنگە تېگىش قىلىش ئۈچۈن چىقارغان دەسلەپكى قوشۇنىنىڭ قوماندانى ھەمزە بولغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىققا كەلتۈرگەن تۇنجى بايراقنىمۇ دەسلەپتە ھەمزىگە بەرگەن ئىدى، «بەدىر» غازىتىدا ئىككى گۇرۇھ ئۆز-ئارا تۇتۇشقاندا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇ يولۋىسى ئۇرۇش مەيدانىدا مۆجىزە خاراكتېرلىك تۆھپىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىدى. قۇرەيش قوشۇنلىرى ئاخىرى مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، ئەبۇ سۇفيان بولسا ئۇرۇش مەيدانىدا ئەبۇ جەھىل، ئۇتبە ئىبنى رەبىيئە، شەيبە ئىبنى رەبىيئە، ئۇمەييە ئىبنى خەلەق، ۋەلىد ئىبنى ئۇتبە، نەزىر ئىبنى ھارىس، ئاس ئىبنى سەيئد، تۇئمە ئىبنى ئەدەبىي قاتارلىقلارغا ئوخشاش قۇرەيشنىڭ كاتتىلىرى ۋە تاللانغان ئەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى قالدۇرۇپ قەلبى ئۆرتەنگەن ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قايتىپ كەتتى. قۇرەيش خەلقى بۇنداق ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتنى ھەرگىزمۇ جىمجىت ئۆتكۈزىۋەتمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى، شەرەپ-ئابرويلىرى ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئادەملىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ پۈتۈن كۈچلىرىنى توپلاپ قايتا تەييارلىق قىلدى. ئۇلار يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قىلماقچى بولدى. شۇنداق قىلىپ «ئۇھۇد» غازىتى بولدى، قۇرەيشلەر بۇ غازاتقا يەنە ئەبۇ سۇفياننى قوماندان قىلىپ باشقا ئىتىپاقداش ئەرەب قەبىلىلىرىنى باشلاپ چىقتى، قۇرەيش كاتتىباشلىرى بۇ قېتىمقى يېڭى ئۇرۇشتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تېگىش قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى. توغرا، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئىلگىرىكى پىلانلىرى ۋە سۇيقەستلىرىنى ئاڭلىغان ئادەم ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالسا، ھەمزىنى چوڭ نىشان ۋە ئۇرۇش مەقسىتى قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. ئۇلار ئۇرۇشقا چىقىشتىن بۇرۇن نەيزە ئېتىشتا يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە بىر قارا تەنلىك قۇلنى تاللاپ ھەمزىنى يوقىتىش ئىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى، ئۇنىڭغا پۈتۈن دىققىتىنى ئۇنى يوقىتىشقا قارىتىپ ياخشى نىشانلاپ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، ئۇرۇشنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر كۈچىنى باشقا ھېچ ئىشقا قاراتماسلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ «ۋەھشىي» ناملىق بىر ئادەم بولۇپ، جۈبەير ئىبنى مۇتئەمنىڭ قۇلى ئىدى، ئەگەر ئۇلار نەتىجە قازىنالىسا ئۇنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت قىممەتلىك مۇكاپات بىلەن تارتۇقلايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشتى. جۈبەيرىنىڭ تاغىسى «بەدرى» ئۇرۇشى كۈنىسى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ جۈبەير ئۇنىڭغا: «يولغا چىققىن، ئەگەر سەن ھەمزىنى ئۆلتۈرەلىسەڭ سېنى ئازاد قىلىۋېتىمەن» دېدى. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى تېخىمۇ قىزىقتۇرۇش ۋە ئۆزلىرى مەقسەت قىلغان نىشانغا تېخىمۇ ئىنتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەبۇ سۇفياننىڭ خوتۇنى، ئۇتبىنىڭ قىزى-ھىندىغا ھاۋالە قىلدى. ھىندى «بەدرى» ئۇرۇشىدا دادىسى، تاغىسى، قېرىندىشى ۋە ئوغلى قاتارلىقلاردىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇلارنىڭ بەزىسىنى ھەمزە ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگەن بولسا بەزىلىرىگە ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان دەپ خەۋەر يەتكۈزۈلگەن ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھەمزىنىڭ بېشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل قانچە كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر قۇرەيشلەرنىڭ بارلىق ئەر-ئاياللىرى ئىچىدە ئۇرۇشقا ئەڭ قاتتىق قىزىقتۇراتتى. ئۇ ئۇرۇشقا چىقىشتىن بۇرۇن ھەممە ئىشىنى تاشلاپ ئۆزىنىڭ ھەمزىگە قانچىلىك ئۆچ ئىكەنلىكىنى، چوقۇم ئىنتىقام ئېلىش كېرەكلىكىنى ۋەھشىيغا بىر قانچە كۈن چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭغا قانداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى ئۆگەتتى. ھەمدە ئەگەر ھەمزىنى ئۆلتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىسا ئۇنىڭغا ئاياللاردا بولىدىغان ئەڭ قىممەتلىك زىبۇ-زىننەتنى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى ۋە ئاداۋاتكە تولغان بارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىدىكى قىممەتلىك گۆھەر مۇنچاقلىرى ۋە بوينى توشۇپ تۇرغان ئالتۇن بۇلاپكىلىرى، مارجانلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزلىرىنى ۋەھشىيگە تىككەن ھالەتتە: «ئەگەر ھەمزىنى ئۆلتۈرسەڭ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولىدۇ» دېدى!! بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ۋەھشىينىڭ كەلگۈسىدە ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغان بۇ ئۇرۇشقا بولغان ئىشتىياقى كۈچىيىپ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ قۇل بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ كاتتىسى، قۇرەيش خەلقىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ ئايالى، خوجايىنىنىڭ قىزىنىڭ بوينىدىكى ئاشۇ زىبۇ-زىننەتلەرگە ئېرىشىدۇ! ئۇنداقتا شۇ بىر نۇقتىنى كەسكىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بۇ يەردىكى سۈيقەست ۋە ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ھەمزىنى مەقسەت قىلغان. ئىككى قوشۇن قاتتىق تۇتۇشتى، ھەمزە بولسا دۇبۇلغىسىنى كىيگەن، ئۇرۇشتا تاقىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن تۆگە قۇشى پېيىنى كۆكرىكىگە قىستۇرغان ھالدا ئۇرۇش مەيدانى، ئوچۇق ئېيتقاندا ئۆلۈم مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئۇيان-بۇيان پىرقىراپ قىلىچ ئۇرىۋاتاتتى، كىمنى نىشان قىلسا ئۇنىڭ بېشىنى نەق ئالاتتى، يۈگۈرگىنىچە مۇشرىكلارغا قىلىچ ئۇراتتى. خۇددى ئۆلۈم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىۋاتقاندەك، كىمگە نەيزە ئاتسا جايىغا نەق تەگكۈزەتتى. مۇسۇلمانلار ئىتىپاقلىشىپ ئۇزۇن ئۇرۇش قىلىش نەتىجىسىدە ئاخىرى مۇقەررەر بولغان غەلبىگە يېقىنلىشىپ قالدى، قۇرەيش قوشۇنلىرى قاچقان، چۆچۈگەن ھالەتتە چېكىنىشكە باشلىدى، تاغ ئۈستىنى ساقلاشقا بەلگىلەنگەن مەرگەنلەر ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىپ مەغلۇپ بولغان دۈشمەننىڭ ئولجىلىرىنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن تاغدىن چۈشۈپ جەڭ مەيدانىغا بارمىغان بولسا، يەنى ئۇلار ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىپ قۇرەيشنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ كىرىشى ئۈچۈن كەڭ يوچۇق ئېچىپ بەرمىگەن بولسا، «ئۇھۇد» غازىتى ئەرلىرى، ئاياللىرى بەلكى ئاتلىرى ۋە تۆگىلىرى بويىچە پۈتۈن قۇرەيشنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلانغان بولاتتى.
قۇرەيشنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى مۇسۇلمانلار دىققەتسىز تۇرىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ كەينى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ ساراڭلارچە قىلىچ ئۇرۇشقا باشلىدى، مۇسۇلمانلار تاسادىپىيلىقنى كۆرۈپ ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن يىغىپ، بەزىلىرى قۇرەيش ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىپ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن تاشلىۋەتكەن قوراللىرىنى قوللىرىغا قايتا ئېلىپ قايتۇرما زەربە بېرىشكە باشلىدى، لېكىن بۇ تاسادىپىي كەلگەن پاجىئەنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرگەن تالاپىتى بەكمۇ ئېغىر بولدى. ھەمزە بۇ ھادىسىنى كۆرگەندىن كېيىن غەيرىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ بىردەم ئوڭغا، بىردەم سول تەرەپكە، بىردەم ئالدى تەرەپكە، يەنە بىردەم ئارقا تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ قىلىچ ئۇرۇشقا باشلىدى، ۋەھشىي بولسا ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇراتتى.
ۋەھشىي بىزگە نەق مەيداننى ئۆز ئېغىزى بىلەن تەسۋىرلەپ بەرسۇن: «مەن قارا تەنلىك ئەر بولۇپ، قارا تەنلىكلەرگە خاس نەيزە ئاتاتتىم، ئاتقان نەيزەم كۆپ ھاللاردا نىشانغا ئۇدۇل تېگەتتى، ئىككى قوشۇن ئۆز-ئارا تۇتۇشۇشقا باشلىغاندىن كېيىن مەن ھەمزىنى كۆزلەپ ئۇرۇش مەيدانىغا باردىم، مەن ئۇنى كىشىلەر ئارىسىدا چاقماقتەك قىلىچ ئۇرىۋاتقانلىقىنى، ئالدىدا ھېچ كىشىنىڭ قورقۇپ تۇرالمايۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن پەم بىلەن ئۇنىڭغا يېقىن قىستاپ بارارمەن ياكى ئۇ ماڭا يېقىنلىشار دېگەن ئۈمىد بىلەن بىر دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ماراپ تۇردۇم، دەل شۇ چاغدا، «سبا ئىبنى ئابدۇ ئۇززا» دېگەن كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى، ھەمزە ئۇنى كۆرگەن ھامان: «كېلە، ئەبلەخ!..» دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭغا بىر قىلىچ ئۇرۇپلا بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلدى! دەل شۇ چاغدا مەن نەيزەمنى تەيىنلەپ ئۇنى نىشانلاپ ئاتتىم، نەيزە ئۇنىڭ چاتىرىقىغا سانجىلدى-دە، بۇ تەرەپتىن سانجىلىپ ئۇ تەرەپتىن چىقىپ كەتتى، ئۇ غەزەپلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ مەن تەرەپكە قاراپ ماڭماقچى بولدىيۇ بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلىپ چۈشتى ۋە ئۆلۈپ قالدى، بۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ نەيزەمنى ئالدىم، ئاندىن كېيىن بازىغا باردىم ۋە پەقەت ئازاد قىلىنىشىم ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ۋەزىپەم بولمىغاچقا ئۇ يەردە ئولتۇردۇم». تايىنلىق ۋەھشىي گەپلىرىنىڭ قالغىنىنىمۇ تولۇق دەۋەتسە ھېچنېمە بولماس: «مەككىگە كېلىۋىدىم، دەرۋەقە ئازاد قىلىندىم، ئاندىن كېيىن ئۇ يەردە تاكى ئازادلىق كۈنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگۈچە تۇرۇپ كېيىن «تائىف» قا قېچىپ كەتتىم، «تائىف» ئۆمىكى مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بارماقچى بولغاندا مېنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇشۇم تەس بولدى ۋە شامغا ياكى يەمەنگە ياكى بولسا باشقا بىر شەھەرگە باراي دەپ ئويلىدىم، مەن شۇ مەقسەتتە تۇرغان ۋاقتىمدا بىر ئادەم ماڭا: «ئىسىت ساڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىنغا كىرگەن ھەر قانداق ئادەمنى ئۆلتۈرمەيدۇ» دېدى، مەن چىقىپ مەدىنىدە تۇرىۋاتقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇ مېنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىمنى كۆرۈپ: «سەن ۋەھشىيمۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ھەئە، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دەپ جاۋاب بەرسەم ئۇ: «ماڭا ھەمزىنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى، مەن ئۇنىڭغا ھەممىنى سۆزلەپ بەردىم، سۆزۈم تۈگىگەندىن كېيىن، «ئىسىت ساڭا، ماڭا ئىككىنچىلەپ يۈزۈڭنى كۆرسەتمىگىن» دېدى، شۇندىن كېيىن مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن ئۈچۈن تاكى ئۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەلدىم. مۇسۇلمانلار يەمامىنىڭ كاتتىبېشى (مۇسەيلەمەتۇل كەززاب) قارشى ئۇرۇشقا چىققاندا ھەمزىنى ئۆلتۈرگەن نەيزەمنى كۆتۈرۈپ مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە چىقتىم، ئىككى گۇرۇھنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشقىلى تۇرغاندا (مۇسەيلەمەتۇل كەززاب) نىڭ قولىدا قىلىچىنى تۇتۇپ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم-دە دەرھال تەييارلىنىپ نەيزەمنى سۇغۇرۇپ ئۇنى تولۇق نىشانغا ئالغاندىن كېيىن كۈچەپ ئاتتىم، نەيزە ئۇنىڭغا دەل تېگىپ يىقىلدى، مەن كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ھەمزىنى ئۆلتۈرگەن مۇشۇ نەيزەم بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ يامىنى مۇسەيلىمەنى ئۆلتۈرگەنلىكىم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مېنىڭ ھەمزىنى ئۆلتۈرگەن گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» ئەنە شۇنداق قىلىپ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يولۋىسى ئۇلۇغ شېھىتلەرچە يىقىلدى! خۇددى ئۇنىڭ ھاياتى داغدۇغىلىق بولغىنىدەك ئۆلۈمىمۇ داغدۇغىلىق بولدى.
ھەمزىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا قانائەت قىلمىدى، ئۇلار پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ تاغىسى ھەمزىنى ۋەيران قىلىشنى كۆزلىگەن ئۇرۇش ئۈچۈن قۇرەيشنىڭ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرى ۋە ئەرلىرىنى ئىشقا سالغان تۇرسا قانداقمۇ قانائەت قىلسۇن! ئەبۇ سۇفياننىڭ ئايالى ھىندى ۋەھشىينى ئۆزىگە ھەمزىنىڭ جىگىرىنى ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرىغان ئىدى، بۇ قارا تەنلىكمۇ بۇ ئوتتەك ئارزۇغا ماقۇل بولغان ئىدى، ئۇ ھەمزىنىڭ جىگىرىنى ھىندىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە ئوڭ قولى بىلەن جىگەرنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ سول قولى بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغاننىڭ مۇكاپاتى بولغان مونچاق، بۇلاپكا ۋە مارجانلارنى ئالغان ئىدى. مۇسۇلمانلار «بەدرى» ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرگەن ئەتەبەنىڭ قىزى، شېرىك ۋە بۇتپەرەسلىك ئەسكىرىنىڭ قوماندانى ئەبۇ سۇفياننىڭ خوتۇنى-ھىندى ھەمزىنىڭ جىگىرىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئاشۇ ھاماقەتلىكى بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتىنى چىقىرىش ئۈمىدىدە ئۇنى ئېغىزىغا ئېلىپ چاينىدى لېكىن چىشى ئۆتمەي چاينىيالمىدى-دە، ئېغىزىدىن چىقىرىپ تاشلىۋەتتى. ئۇرۇش ئاخىرلاشتى، مۇشرىكلار تۆگىلىرىگە مىنىپ ئاتلىرىنى ھەيدەپ مەككىگە قايتىپ كېتىشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شېھىتلەرگە قاراپ بېقىش ئۈچۈن ساھابىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش مەيدانىغا باردى، ئۇ جىلغىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىدا قۇربان قىلىپ ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىغا سەمىمىيلىك، چىن ئىخلاسمەنلىكى بىلەن تەقدىم قىلغان ساھابىلىرىنىڭ چىرايلىرىنى ئىزدەۋاتاتتى. ئۇ تۇيۇقسىز توختاپ كۆزىنى بىر يەرگە تىكتى، ئۇ ئازاپلانغىنىدىن ھېچنېمە دېمەي چىشىنى چىشلەپ كۆزلىرىنى يۇمدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەب خەلقىنىڭ بۇنچىۋالا ياۋۇزلىشىپ ئاللاھنىڭ يولۋىسى، شەھىدلەرنىڭ خوجايىنى، شەھىد بولغان ئۇلۇغ تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ تېنىنى ئۆزى كۆرگەندەك بۇنداق ۋەھشىيلەرچە پارچىلىۋەتكۈدەك دەرىجىدە چۈشكۈنلۈشۈپ كەتكەندۇ دەپ ھەرگىز ئويلىمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرلۇق كۆزلىرىنى ئېچىپ تاغىسىنىڭ جەسىتىگە قاراپ تۇرۇپ: «ساڭا يەتكەن بۇ ئېغىر مۇسبەت سەندىن باشقا ھېچكىمگە يەتكەن ئەمەس، مەنمۇ ھېچقاچان ھازىرقىدەك ئېچىنغان ۋە غەزەپلەنگەن ئەمەس» دېدى، ئاندىن ساھابىلىرىگە قاراپ: «ھەمزىنىڭ قىز بىر تۇغقىنى سەفىيەنىڭ قايغۇرۇشى ۋە مەندىن كېيىن سۈننەتكە ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىگەن بولسام ئۇنى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرى، قۇشلارنىڭ پوكانلىرىدا بولۇش ئۈچۈن مۇشۇ يەردىلا تاشلاپ قويغان بولاتتىم. ئەگەر ئاللاھ مەلۇم بىر يەردە قۇرەيش ئۈستىدە كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغان بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 30 ئەرنىڭ جەسىتىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بولاتتىم!» دېدى. ساھابىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بىزگە ئۇلار ئۈستىدىن پۇرسەت بەرسە چوقۇم بىز ئۇلارنى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان دەرىجىدە پارچە-پارچە قىلىۋېتىمىز» دەپ چۇقان سېلىشتى. لېكىن ئاللاھ ھەمزىنى شېھىتلىك بىلەن شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن بولسا ئۇنىڭ ئۆلۈمنى ئادالەتنى مەڭگۈ قوغداش، ھەتتا ئازاپلاش ۋە قىساس ئېلىشتىمۇ چوقۇم رەھىمدىل بولۇشتەك ئۇلۇغ دەرسنى تەلىم بېرىدىغان پۇرسەت قىلىپ بېرىش بىلەن ئۇنى يەنە بىر قېتىم شەرەپكە ئېرىشتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى تەھدىت سۆزلىرىنى تېخى تۈگەتمەي تۇرۇپلا، ئورنىدىن تېخى قوزغالماي تۇرۇپلا تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىندى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا «يەنى ئىسلام دىنىغا» ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار، «يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار» بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرلەشكىن، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر «ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان-زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، «يەنى ئاشۇرىۋەتمەڭلار»، ئەگەر سەۋىر قىلساڭلار «يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار»، بۇ سەۋىر قىلغۇچىلار «يەنى كەچۈرگۈچىلەر» ئۈچۈن «ئەلۋەتتە» ياخشىدۇر، «ئى مۇھەممەد!» «ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە» سەۋىر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ «ئىمان ئېيتمىغانلىقى» غا قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكىرسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر». بۇ ئايەتلەرنىڭ مۇشۇ يەردە نازىل بولۇشى ئەجرىنى ئاللاھ ئۆزى بېرىدىغان ھەمزە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ شەرەپ بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئەڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرەتتى.
خۇددى بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەمزە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك تاغىسى بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇنىڭ ئېمىلداش قېرىندىشى، بالىلىقىدىكى ھەمراھى، پۈتۈن ھاياتىدىكى دوستى ئىدى. بۇ ۋىدالىشىش مىنۇتلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۇرۇشتا قۇربان بولغان شەھىتلەرنىڭ سانىچە ناماز چۈشۈرۈشتىن ياخشىراق يەنە بىر ۋىدالىشىش ئۇسۇلىنى تاپالمىدى. ھەمزىنىڭ جەسىتى ئۆزى شەھىد بولۇپ، قېنىغا مىلانغان ئۇرۇش مەيدانىدا تەيىنلەنگەن ناماز چۈشۈرىدىغان ئورۇنغا ئېلىپ بېرىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا يەنە بىر شەھىد ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھەمزە بىلەن قوشۇپ نامىزىنى چۈشۈردى، ئاندىن كېيىن ئۇ شەھىد ئېلىپ كېتىلىپ، ھەمزە قالدۇرۇپ قويۇلدى ۋە يەنە بىر شەھىد ئېلىپ كېلىنىپ ھەمزىنىڭ يېنىغا قويۇلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇ شەھىدنىڭ نامىزىنى ھەمزە بىلەن قوشۇپ چۈشۈردى، شۇ يوسۇندا شەھىدمۇ-شەھىد داۋاملىشىپ شۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 70 شەھىدنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى، ھەر قېتىمدا ھەمزىنىڭ نامىزىنىمۇ بىللە قوشۇپ چۈشۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش مەيدانىدىن ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ يولدا ئابدۇل ئەشھەل جەمەتىنىڭ ئاياللىرىنىڭ شەھىدلەرگە يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ-دە، ئۇنىڭغا زىيادە ئىچ ئاغرىغانلىقى ۋە ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن: «لېكىن ھەمزىگە يىغلايدىغانلار يوق» دەيدۇ! سەئىد ئىبنى مۇئاز ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىغا يىغلىسا كۆڭلى خۇش بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ-دە، دەرھال ئابدۇل ئەشھەل جەمەتىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنى ھەمزىگە يىغلاشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلار يىغلايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يىغلىغانلىرىنى ئاڭلاپلا ئالدىغا بېرىپ: «مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بۇ ئەمەس، ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلسۇن، قايتىپ كېتىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق يىغلىماڭلار» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھەمزىنىڭ بۈيۈك پەزىلەتلىرىنى كۈيلەپ بەس-بەستە مەرسىيەلەر ئوقۇشتى. ھالبۇكى، مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ئەڭ ياخشى مەرسىيە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇش شەھىدلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان «ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇنكى، مېنىڭ بىلىشىمچە سەن سىلە-رەھىم قىلاتتىڭ، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلاتتىڭ» دېگەن سۆزلىرىدىن ئىبارەت بولدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلۇغ تاغىسى ھەمزىنىڭ ۋاپاتى بىلەن چوڭقۇر مۇسىبەتكە پاتتى، ئۇنىڭ تەسەللىي تېپىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىدى، ھالبۇكى، قازا ۋە قەدەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەسەللىيسىنى ساقلاپ قويىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇھۇد» ئۇرۇشىدىن ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ دادىسى، يولدىشى، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇرۇشتا شەھىد بولغان بەنى دىنار جەمەتىدىن بولغان بىر ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئۇ ئايال ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇرۇشنىڭ خەۋەرلىرىنى سورىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئۇنىڭ يولدىشى، دادىسى، ئەر بىر تۇغقىنى ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزدى، ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى ئۇ ئالدىراپ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداقراق؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «ئۇ ياخشى تۇردى، ئاللاھقا شۈكرىكى، ئۇ خۇددى سىلى ئارزۇ قىلغاندەك تۇرىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشتى، بۇ چاغدا ئۇ ئايال: «ماڭا كۆرسىتىڭلار، مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرەي» دەيدۇ، ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېتىپ كەلگۈچە ئۇ ئايالنىڭ يېنىدا بىردەم تۇرۇشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى كۆرۈپ ئالدىغا بارىدۇ-دە، ئۇنىڭغا: «سىلىگە ئازار يېتىشتىن باشقا ھەر قانداق مۇسىبەتنىڭ كارايىتى چاغلىق» دەيدۇ!!! توغرا، بۇ سۆزلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئەبەدىي تەسەللى بولدى. ئېھتىمال، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربان بېرىش، دوستلۇق، پىداكارلىق دۇنياسىدا، تەڭداشسىز بولغان بۇ تېپىلغۇسىز نادىر كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن تەبەسسۇم قىلغاندۇ.
ئەنە قاراڭ، ئاجىز، بىچارە بىر ئايال بىرلا ۋاقىت ئىچىدە دادىسى، يولدىشى، ئەر بىر تۇغقىنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ تۇرۇپمۇ يەنە تاغلارنى لەرزىگە سالغۇدەك دەھشەتلىك بولغان بۇ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان خەۋەر يەتكۈزگۈچىدىن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداقراق؟» دەپ سوراۋاتىدۇ!!! شۈبھىسىزكى، بۇ قازا ۋە قەدەر ئاللاھنىڭ يولۋىسى، شەھىدلەرنىڭ خوجايىنى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي قىلىش مەقسىتىدە شەكلى ۋە ۋاقتى بويىچە ئالاھىدە ئىجاد قىلىنغان ئاجايىپ كۆرۈنۈشتۇر.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 653 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-15