كېپلېر


كېپلېركېپلېر

ئاسترونوم كېپلېر 1571-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. كىچىك چېغىدا تېنىنىڭ ناھايىتى ئاجىزلىقىغا قارىماي، قالتىس تىرىشىپ ئوقۇغان. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسى كىچىك ساراي ئاچقان بولۇپ، كېپلېرمۇ بۇ كىچىك سارايدا قارا خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇ 16 يېشىدا مولبىلۇنغا بېرىپ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن گرازغا بېرىپ ئاسترونومىيە لېكتورى بولغان.
كېپلېر ئاسترونومىيە لېكتورى بولغاندىن كېيىن، ئاسترونومىيىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ نۇرغۇن قىياسلارنى قىلىدۇ. ئۇ 12 ياقلىق جىسىمنى ئايلاندۇرۇپ بىر شار يۈزىنى سىزىپ، مارىسنىڭ ئوربىتىسى ئەنە شار يۈزىنىڭ ئۈستىدە دەپ قارايدۇ. بۇ شار يۈزىنىڭ ئۈستىگە يەنە 4 ياقلىقنى سىزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە يەر شارى يۈزىنى سىزىدۇ، ئۇ بۇنى يوپتېرنىڭ ئوربىتىسى دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ قىياسلار ئۈستىدە نۇرغۇن باش قاتۇرۇپ، 1596-يىلى «ئالەمنىڭ سىرى» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ قۇياش بىلەن سەييارىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدىمۇ مۈجمەل چۈشەنچە بېرىپ: «ئېھتىمال بىر خىل ئاڭلىق باشلامچى مەركەز بولۇپ تۇرسا كېرەك، ئۇ ھەر قايسى سەييارىلەرنى ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن مەركەزگە يېقىنلىرى تېزرەك، يىراقلىرى ئاستىراق ماڭغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا باشلامچىنىڭ جاۋاپكارلىقى ئاجىزلاپ بارسا كېرەك» دېگەن. ئۇ، قۇياش سەييارىلەرنى ھەم ئۆزىگە تارتالايدىكەن ھەم ئۇلارنى ئىتتىرىۋېتەلەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ، بۇ قۇياش بىلەن سەييارىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى ئەڭ ئىپتىدائى چۈشەنچە ئىدى.

پاراگۋايدىكى دىگۇ بىلەن كېپلېر ئابىدىسى پاراگۋايدىكى دىگۇ بىلەن كېپلېر ئابىدىسى
كېپلېرنىڭ تەن قۇۋىتى ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن ئىرادىسى كۈچلۈك بولغان. ئۇ ئاسماننىڭ سىرىنى تېپىش ئۈچۈن دائىم كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىماي، ئاسمان ھادىسلىرىنى كۈزىتىدۇ. مەغلۇبىيەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ. 1600-يىلى كېپلېر كاتولىك دىنىنىڭ زىيانكەشلىگى تۈپەيلىدىن گرازدىن كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە دانىيە ئاسترونومى دىگۇنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە پراگىغا كېلىدۇ. بۇ ئىككى ئالىمنىڭ بىرى كوپېرنىكنىڭ ئالەم سىستېمىسىنىڭ مۇخالىپى، بىرى بۇ سىستېمىنىڭ سادىق ھىمايىچىسى ئىدى، بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 1601-يىلى دىگۇ ۋاپات بولىدۇ. دىگۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا كېپلېرگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن پۈتۈن ئۆمرۈمدە يۇلتۇزلار ئىسخېمىسىنى كۈزىتىش ئۈستىدە ئىشلىدىم. مەن توغرا، ئېنىق بولغان يۇلتۇزلار ئىسخېمىسىغا ئېرىشمەكچى بولغان ئىدىم. مەن مىڭ يۇلتۇزنى نىشانلىغان ئىدىم. ئەسلىدە بۇ خىزمەتنى تاماملاش نىيىتىدە بولغان بولساممۇ، لېكىن ئۆز ئېلىمنىڭ پادىشاھى ۋە پۇقرالىرى ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، بۇ ئىشىم ئارىدا ئۇزاق ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالدى. ئەمدى مەن سىزنىڭ بۇ ئىشىمنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، مەن ئۆزەمنىڭ ھەممە خاتىرلىرىمنىڭ كوپىيىسىنى سىزگە بېرەي، مېنىڭ كۈزىتىش نەتىجەمنى «لۇتېف ئاسترونومىيە ئىسخېمىسى» دېگەن تېمىدا نەشىر قىلىڭ، ئۈمىدىمنى يەردە قويمىغايسىز».
سۇپېرنوۋا (ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز) نىڭ قالدۇق قىسمى  1604-يىلىسۇپېرنوۋا (ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز) نىڭ قالدۇق قىسمى 1604-يىلى
دىگۇ قالدۇرۇپ كەتكەن يۇلتۇزلار ئىسخېمىسىغا دائىر نۇرغۇن ماتېرىياللار سەييارىلەرنىڭ ئورنى ئۈستىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان كۈزىتىش ماتېرىياللىرى ئىدى. كېپلېر بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، «مارىسنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئوربىتىسى ئېللىپىس شەكىلدە، قۇياش ئېللىپىسنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىدا تۇرىدۇ» دېگەن قىياسنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ قىياس ئاخىرى كۈزىتىش ماتېرىياللىرىغا تازا ئۇيغۇن بولۇپ چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، زامان-زامانلاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ئاسمان جىسىملىرى پەقەت دۇپ-دۇگىلەك چەمبەر شەكلىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دېگەن قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ. مارىس ئوربىتىسىنىڭ ئېللىپىس شەكىلىدە ئىكەنلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى كېپلېر بىرىنچى قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كېپلېر سەييارىلەر ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇياشنىڭ ئارىلىغى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ، ئاخىرىدا، يەنى سەييارىلەر بىلەن قۇياشنىڭ تۇتىشىش سىزىقى (ھەرىكەت دائىرسى) ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئوخشاش دائىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ-دېگەن ئىككىنچى قانۇننى كەشپ قىلىدۇ.        
كېپلېر كەشپ قىلغان سەييارىلەر ھەرىكىتىنىڭ ئۈچىنچى قانۇنى، سەييارىلەرنىڭ دەۋر قىلىپ ئايلىنىشنىڭ كۋادىراتى ئۇنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ كۇپىغا تەڭ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ قانۇننىڭ كەشپ قىلىنىشى كېپلېرنىڭ ھارماي-تالماي قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئەسلىدە دىگۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ماتېرىياللار ۋە ئۇنىڭ كۈزىتىش ماتېرىياللىرى بەك قالايمىقان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللاردا يەر شارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر بىرلىك قىلىنىپ، يەرنىڭ قۇياش ئەتراپىدا دەۋرى قىلىپ ئايلىنىش ۋاقتى بىر يىل ھېساپلانغان. ماتېرىيالدا مۇنداق يېزىلغان: مېركۇرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 0.387 دەۋرى قىلىپ ئايلىنىپ 0.24 يىل؛ ۋېنېراغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارىلىق 0.723 دەۋر قىلىپ ئايلىنىشى 0.615؛ مارىسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارىلىق 1.52، دەۋر قىلىپ ئايلىنىشى 1.88؛ يوپتېرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارىلىق 5.20، دەۋر قىلىپ ئايلىنىشى 11.9...بۇ رەقەملەر ھەم قالايمىقان بولۇپ، باش-ئاخىرىنى بىلگىلى بولمايتتى. كېپلېر قىيىنچىلىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋېرىدۇ، تەبىئەت دۇنياسى قانۇنىيەت بويىچە ئايلىنپ تۇرىدۇ، دېگەن ئىشەنچ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدۇ؛ ئەمما ئۇ رەقەملەر مەستانىسى بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن مەلۇم قانۇنىيەتلەرنى تاپقىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنى چۈشەنگۈچىلەر ۋە قوللىغۇچىلار ناھايىتى ئاز بولغان قىيىن شارائىت ئاستىدا، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدۇ، ئارىدا تالاي قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئاخىرى مۇشۇ 3 قانۇننى تېپىپ چىقىدۇ.
كېيىن ئۇ مۇشۇ جەرياندىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن زېھنى كۈچۈمنىڭ تولىسىنى ئاسترونومىيە جەھەتتىكى ھېساپلاش ئىشىغا سەرپ قىلدىم، ئاخىرى ئۆزۈم كۈتمىگەن يەردىن، يورۇق دۇنياغا چىقىپ قالدىم، ھەقىقىي نەزىرىيىگە ئىگە بولدۇم. 18 ئاينىڭ ئالدىدا بۇنداق يورۇقلۇقنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلغان ئىدىم، 3 ئاينىڭ ئالدىدا تاڭ نۇرىنى كۆرۈشكە باشلىدىم، بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا پۈتكۈل پارلاق نۇرنى كۆردۈم، ھېچقانداق نەرسە مېنى توسىيالمايدۇ...كىتابىمنى يېزىپ بولدۇم، ئۇنى ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر ئوقۇمدۇ ياكى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار ئوقۇمدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق. ئېھتىمال بۇ كىتاپ يۈز يىل كۈتۈپ ياتار، تەبىئەت دۇنياسىمۇ كۈزەتكۈچىلەرنى 6 مىڭ يىل كۈتتىغۇ.»
پاراگۋاي كونا بازاردىكى كارلوۋا (Karlova) كوچىسى، 
كېپلېر مۇشۇ جايدا تۇرغانپاراگۋاي كونا بازاردىكى كارلوۋا (Karlova) كوچىسى، كېپلېر مۇشۇ جايدا تۇرغان
كېپلېر ئۆز ھاياتىدا 3 قانۇننى بەرپا قىلغانلىقى ئۈچۈن «ئالەم بوشلۇقى قانۇنىنى ياراتقۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان. كېپلېرنىڭ ئۆمرىدە ئاخىرقى بىر نەچچە يىللىق تۇرمۇشى ئېچىنىشلىق ئۆتىدۇ. 1630-يىلى ئۇ ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا ئاران 59 يىللا ئۆمۈر كۆرىدۇ. كېپلېر پۈتۈن ئۆمرىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىققا توسالمىغان ئىدى، ئۇ ئىرادىنىڭ كەڭ زېمىنىدا بىر ئېگىز مۇنار ياسىغان، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا يامىشىپ ئىلگىرىلىگەن، ئاخىرى ئالەم بوشلۇقىغا قول يەتكۈزگەن.    


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 586 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-05